ئەر ۋە ئايال ئىلمېنت(قىزىقارلىق )[كۆچۈرۈلمە]
ئەر ۋە ئايال ئىلمېنت(قىزىقارلىق )
ئەڭ يېڭى پەن -تېخنىكا نەتىجىسى: ئېلمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىگە يەنە ئىككى ئېلمېنت قوشۇلدى .
ئېلمېنت نامى:ئايال .
ئېلمېنت بەلگىسى:wo
ئاتۇم ئېغىرلىقى:ئۆلچەش قىيىن
فىزىكىق خۇسۇسىيىتى :ئادەتتە سىرتقى شەكلى سەل يۇمۇلاق ،بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا قايناش نوقتىسىغا يېتىپ ،خالىغان ۋاقىتتا قېتىشىدۇ .مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندا بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئېرىتمە ھالىتىنى ساقلايدۇ .بولمىسا تولىمۇ ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ .
خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى:تولىمۇ ھەرىكەتچان ،ئوڭاي ئۆزگىرىدۇ، يۈكسەك دەرىجىدە تۇراقسىز،قىممەتلىك مېتاللاردىن پلاتېنا ،ئالتۇن ،كۈمۈش ھەمدە ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇت ۋە بويۇملار بىلەن ئاسان بىرىكىدۇ .يالغۇز تۇرغاندا ئۇڭاي پارتلايدۇ .ئەلا سۈپەتلىك گىرىم بويۇملىرىنى ئاسان سۈمىرىدۇ .ئۈزىدىنمۇ يالتىراق جىسىم بىلەن تۇرغاندا يېشىل نۇر چىقىرىدۇ .
ئىشلىتىلىشى : كۈچلۈك ھوزۇرلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تۇسالغۇ ئېلمېنت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇيقۇ دۇرىسى ،پۇل ئىزىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ .
دىققەت :مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا ئۇڭاي ئوت ئالىدۇ ،شۇڭا غەيرى كەسىپتىكىلەر چېقىلماڭ.
ئىلمېنت نامى:ئەر .
ئېلمېنت بەلگىسى:ma
ئاتوم ئېغىرلىقى :ئۆلچەش قىيىن
فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى :ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا تاشقى قەۋىتى بىر قەدەر قاتتىق ،كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىغاندا شەكلىنى ئۇڭاي ئۆزگەرتىدۇ .wo بىلەن بىرگە قويغاندا ،باشقىچە تاشقى قىياپەتكە كىرىدۇ توك ئۆتكۇزۈش ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئوزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ بارىدۇ .
خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى :ھەرقانداق توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ wo بىلەن بىرىكەلەيدۇ ،زور مىقداردىكى ma بىلەن بىرگە تۇرغاندا بىرقەدەر كۈچلۇك بىرىكىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالايدۇ، يوقۇرى قويۇقلىقتىكى ئىسپىرتقا چىلىغاندا ،خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقلىق بولىدۇ .
ئىشلىتىلىشى: نامەلۇم، بەلكىم بۇزۇپ چېچىلىدىغان پاتقاق گازىنىڭ خام ئەشياسى بولىشى مۇمكىن .
دىققەت : wo بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئايرىم تۇرغاندا سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ .
مەنبە:پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ئىلمىنىتلار دەۋرى جەدۋىلىدە ھازىر نەچچە ئىلمىنىت بار بولدى بالىلار؟ يىڭىدىن نەچچىسى قوشۇلدى دەۋاتاتتى...
1- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىلمىنىتلار دەۋرى جەدۋىلىدە ھازىر نەچچە ئىلمىنىت بار بولدى بالىلار؟ يىڭىدىن نەچچىسى قوشۇلدى دەۋاتاتتى...
118 دۇ؟ http://www.muhtaj.com/element ئالامەت چىقىپتۇ .قانغۇچە كۈلۈۋاپتىمەن . رەخمەت pistek@ ھا ھا ھا ھا، ماۋۇ قىززىق بولۇپتۇ. ئايال كىشىنى ئۇيقۇ دورىسى، پۇل ئېزىش ماشىنىسى دېگەنلەر بىلەن سۈپەتلەش بەك كەپتۇ {:92:} ما گەپنى بايقىغان ئادەمگە ھەم شۇنداقلا تېما ئىگىسىگە ئاللاھتىن كۆپلەپ ‹نوبېل بالا مۇكاپاتى› تىلەيمەن! ئايال ئېلمېنت بىلەن ئەر ئېلمېنت مۇۋاپىق جايدا ساقلىنىشى كېرەك. ئىككىسى كۈچلۈك نۇر ۋە كۆپ خىل نەزەر ئاستىدا ساقلانمىسا ئاسانلا بېرىكىپ ئۈچۈنچى بىر خىل ئېلمېنت پەيدا بولۇپ قېلىشى مۆمكىن. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ئېلمېنتلاردىن پايدا ئالغانلىق بولىدۇ دەپ قاراپ بۇ ئىككىسىنى قەستەن بىر يەرگە قويۇپ قويماقتا. «ئۈزىدىنمۇ يالتىراق جىسىم بىلەن تۇرغاندا يېشىل نۇر چىقىرىدۇ»------ ماۋۇ يېرى بەك كەپتۇ {:92:}
9- قەۋەتتىكى rakitaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
«ئۈزىدىنمۇ يالتىراق جىسىم بىلەن تۇرغاندا يېشىل نۇر چىقىرىدۇ»------ ماۋۇ يېرى بەك كەپتۇ
بۇ گەپنى مەن چۈشىنەلمىدىم...
10- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى rakitaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
«ئۈزىدىنمۇ يالتىراق جىسىم بىلەن تۇرغاندا يېشىل نۇر چىقىرىدۇ»------ ماۋۇ يېرى بەك كەپتۇ
بۇ گەپنى مەن چۈشىنەلمىدىم...
بۇرۇن يېشىل رەڭنى كۆرەلمەسلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە، بەلكىم شۇ مەنىدە دېيىلگەن گەپ بولسا كېرەك. بىز ئايال خەق سەل كۆڭلىمىز ئىنچىكە كېلىمىز ئەمەسمۇ.
بەت:
[1]