kroran0996 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 10:32:54

خەلق تورى پايچىكىنى بازارغا سالىدىكەن[تەرجىمە]

تېڭشۈن پەن - تېخنىكا قانىلى 13 - يانىۋار خەۋىرى : جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، « خەلق تورى پاي چەكلىك شىركىتى » نىڭ پاي چېكىنى تۇنجى تارقىتىش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى . مۇبادا بۇ پاي چېكى بازارغا سېلىنسا ، خەلق تورى دۆلەتنىڭ A پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى نۇقتىلىق ئاخبارات تورى بولۇپ قالىدىكەن ، شىنخۇا تورىمۇ پاي بازىرىغا يۈرۈش قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن .

« خەلق تورى پاي چەكلىك شېركىتى » 2010 - يىلى 6 - ئايدا ئەسلىدىكى « خەلق تورى تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى » دىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ ، ئاساسلىق قۇرغۇچىلار خەلق گېزىتى ، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ، جىڭخۇا ۋاقتى گېزىتى ، ئاپتومۇبىل گېزىتى ، جۇڭگو نەشىرىياتچىلىق گورۇھى ، جۇڭگو كىنوچىلىق گورۇھى ۋە شەرق ئاخبارات تارقىتىش گورۇھىدىن ئىبارەت .  تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ 17 مىليۇن يۈەن .

خەلق تورى شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا تۇنجى قېتىمدا 69 مىليۇن 100 مىڭ A پاينى بازارغا سېلىشنى پلانلىغان بولۇپ ، تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي پاي دەسمايىسىنىڭ %25 ىنى ئېگىلەيدىكەن ، بۇنىڭدىن توپلىنىدىغان كاپىتال ئومۇمىي سوممىسى 527 مىليۇن ئىكەن . جۇڭشىن ئاكسىيىسى بۇ پايچىكىنى تارقىتىشقا ۋە سېتىشقا مەسئول بولىدىكەن .

ئۇقۇشىمىزچە، خەلق تورى ئاساسلىقى ئىنتېرنېت تور ئېلان مۇلازىمىتى ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ، كۆچمە خەۋەرلىشىش قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى ، تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىجارەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم  %61.67 ، %24.34 ، %11.86 ، %2.13 ئىكەن . ئىنتېرنىت تورى ئېلانىدىن قىلغان كىرىمى 130 مىليۇن 236 مىڭ 400 يۈەن بولۇپ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن .

ئۇچۇر مۇلازىمىتى جەھەتتە ، خەلق تورى ئاللىبۇرۇن تېلىگىراف كەسپى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى كەسپىي ئىجازەتنامىسى ، ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئۇچۇر مۇلازىمەت تۈرىدىكى تىجارەت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . قارىمىقىدىكى  121 نەپەر كەسپىي تەھرىر مۇھەررىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاخبارات - نەشىرىيات باش مەھكىمىسى تارقاتقان مۇخبىرلىق كېنىشكىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ ، مۇكەممەل «  ئۇچۇر توپلاش - پىلانلاش - ئۇچۇر تارقىتىش - ئۇچۇر مۇلازىمىتى » دىن ئىبارەت بىر پۈتۈن تىجارەت ھالقىسىنى شەكىللەندۈرگەن .

قوشۇلما قىممەت كەسپى جەھەتتە ، خەلق تورى رايون ھالقىغان قىممەت تولۇقلاش تېلىگراف كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىغا ۋە يان تېلىفوندا پروگرامما مەزمونىنى ئاڭلاش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئۇچۇر تورىدا فىلىم پروگراممىلارنى تارقىتىش ئاڭلاش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق تىجارەت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن .

ئۇندىن باشقا ، خەلق تورى جەمئىيەتتىكى ئابونتلارغا تور بېكەت قۇرۇش، مۇلازىمىتىرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ، تورغا ئۇلاش ، مەھسۇلات ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويغان .



خەلق تورىنىڭ 2011-يىلىغىچە ئومۇمىي كاپىتالى 710 مىليۇن يۈەنگە ، ساپ مەبلىغى 574 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن . 2011 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 210 مىليۇن يۈەن بولۇپ ، باش شىركەتكە تەۋە ساپ پايدا 32 مىليۇن 249 مىڭ يۈەن بولغان . 2010 - يىلىدا بولسا باش شېركەتكە تەۋە ساپ پايدا 81 مىليۇن 648 مىڭ يۈەن بولغانىكەن.



خەلق تورى پاي چېكى بازارغا سېلىنسا ئاساسلىق پاي كونترول ھوقۇقى يەنىلا خەلق گېزىتىدە بولۇپ ، خەلق گېزىتى ئومۇمىي پاينىڭ %66.01 ىنى بىۋاستە ئېگىلەيدىكەن . يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ، جىڭخۇا ۋاقتى گېزىتى ، ئاپتومۇبىل گېزىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %11.89 ، %0.82 ۋە %0.82 پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىدىكەن . شۇنداق بولغاندا خەلق گېزىتىنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئېگىلەيدىغان پاي كۆلىمى %79.54 كە يېتىدىكەن .



كروران تەرجىمىسى

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 11:49:44

مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ تورنىڭ پېيىنى سېتىۋالمىسا ئالدىغانغا جىق ئادەم يوق،پايدا نىسبىتىنى سېلىشتۇرسىلا سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 12:14:13

جۇڭگۇ قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىمۇ پاي چېكىنى بازارغا سالىدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟  {:92:}

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 19:42:46

ئارماننىڭكىنى ئويلۇشۇپ باقارمەن .

xamxad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 13:13:50

ئارماندىن باشقا شىنجاڭدىكى «مەلۇم» بىر شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋېتىپتۇ، ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا 2013-يىلىغىچە تەييارلىق پۈتىمىش. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ خەلق ئاممىسىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يىقىندىن بۇيان جىمجىتلىقتىن ھەرىكەتچان ھالەتكە ئۆتۈپتۇ.

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 22:40:19

مىللى كارخانىدىن ئىككىسنىڭ پېيىنىڭ سېلىنىدىغنى ئېنىق،قوللاش بار،بىرى ئارمان شۇ،يەنە بىرسدىن خەۋېرىم يوق،ئارماننىڭ پېيى ئاكسىيە بازىرغا كىرىشى ئۈچۈن مەلۇم تېخنىكىلىق شەرىتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك،بىلىشىمچە بۇ خىزمەتلەر باشلانغىلى خېلى بولدىغۇ دەيمەن،مىنىڭچە ئارمانغا نىسبەتەنمۇ يەنە گورۇھىنىڭ پايدا نىسبىتى مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە،شۇڭا ئارمان  مەھسۇلاتلىرى ۋە كارخانا قۇرۇلمىسى جەھەتتىن يېڭى ئورالما،يېڭى سۈپەت،يېڭىچە قۇرۇلما ھالەتتە قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ،قۇرۇلۋاتقان زاۋۇتلىرىمۇ ئاز قالدى پۈتكىلى....ئارمان غەيرەت قىل!
بەت: [1]
: خەلق تورى پايچىكىنى بازارغا سالىدىكەن[تەرجىمە]