snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 08:07:57

ئىسىم توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىڭلار.

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،كەڭ ئىزدىنىش ئەھلى .

مانا كۈنلەر ئۆتۈپ ئايلار ئۆتۈپ ئوماق ئوغلۇم 11ئايلىق بولۇپ قالدى ،بارلىق قانۇنى تەرتىپلەر ئارقىلىق نوپۇسىمۇ ئوڭۇشلۇق بېجىرىلىپ بولىغىلى خېلى بولدى .

ئوماق ئوغلۇمنىڭ ئىسمى بارلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ -ئادەت ،ۋە قانۇنلۇق دىنىي مۇراسسىم ئارقىلىق يۈكسەل (كەينىگە جان كەلمەيدۇ ) قىلىپ قويۇلغان ،ھەم شۇ ئىسمدا نوپۇسقا ئورنىتىلغان ئىدى .

ئاتام تۇنجى نەۋرىسمۇ بولغاچمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆيۈپ كېتىدۇ بۇ ئوغلۇمغا ،مەقسەتكە كەلسەك ئاتام تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئوغلۇمنى يۈكسەل بەگ دەپ ئەركىلىتپ ئىسمىنى ئاتاپ يۈرۈپ بۇ ئىسىم ھەممىزىنڭ قۇلىقىغا سىڭىپ قاپتۇ ،مەندە توساتتىن ئىسمىنىڭ كەينىگە بەگ سۆزىنى قوشۇپ نوپۇسنى ئۆزگەرتىش خىيالى بولۇپ قالدى ،لېكىن ئايالىم ئۆزگەرتمەيلى دەيدۇ .

سىلەرچە قانداق قىلاي ، دانالار ، پىر كامىللار بىر مەسلىھەت بېرىڭلارچۇ .

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 09:04:03

ئۆزگەرتىپ قۇيۇڭ،،،كىيىنبەگ بوپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس{:92:}

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 09:36:21

ھەرگىز ئۆزگەرتمەڭ.

مانا مەن مۇشۇ ئىسمنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان .

كىملىكتىكى خەنچىسىنى ئاشۇ قىسقارتىپ 3 لا خەت قىلىۋىتەي دېسەم ، يولداشلار ،18 ياشتىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دەيدۇ .

شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق پويىزدەك بىر قاتار خەنزۇچە خەتنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىمەن .

باشقىلار ئىسمىڭ بەك تەسكەن ، بەك ئۇزۇنكەن دېيىشىدۇ ، مەنمۇ ئۇلارغا بۇ مېنىڭ ئىسمىم ئەمەس، بۇ ھۆكىمەت ماڭا بەرگەن ئىسىم ، بۇنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن ، مەن ئۇيغۇر ، خەنزۇ ئەمەس ، شۇڭا مېنىڭ خەنزۇچە ئىسمىم يوق ،ئامال يوق مۇشۇ كىملىكتىكى مۇشۇ خەتنى ئىشلىتىپ يۈرىمەن ...دەپ چۈشەندۈرۈپ كېتىمەن .

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 09:57:06

مىنىڭچىمۇ كىملىكتىكىنى ئۆزگەرتمەي بالىڭىزنى چاقىرغاندا بەگنى قوشۇپ چاقىرىشنى ئادە قىلسىڭىز بولىدۇ.

ما خەنلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىككى ئۈچ خەت بولغاچ بىر قىسىم ئىشلارنى بىجىرگەندە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ بەك ئۇزۇن بوپ كىتىشى ئۆزىمىزگە نىسپەتەن بىر ئاز ئاۋارچىلىك بوپ قالىدىكەن.بەلكىم ئۇيغۇرچە ئۇزۇن ئىسىملارغا قارىتا قوللاش سىياسىتى يوق ئوخشايدۇ.

ئۆتكەن يىلى ئىچكىرىگە كىرىپ بانكىدىن كارتا بىجىرىشكە توغرا كەپ قىلىپ مەلۇم شىركەتتىكى ياردەمچى خەن باشلىق بىلەن بانكىغا باردىم.تالۇن توشقۇزىدىغان ۋاقىتتا دادامنىڭ مىنىڭ ئسىمىم بولۇپ ئون خەتتىن ئىشىپ كىتىپتىكەن،بانكا خادىمى خەن ۋە باشلىق خەن مىنى مەسخىرە قىلغاندەك نىمانچە ئۇزۇن ئىسىم بۇ جى بۇ جۇ دەپ كۈلگىلى تۇردى.ئاچچىقىمدا ئۇلارغا-ھەرقاسىڭ بىلىشمەمسەن دىسەم نىمىنى دەيدۇ؟ مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.ئىسمى ئاران ئىككى،ئۈچ خەت كىلىدىغانلار ئەڭ دۆت كىشىلەر ھىساپلىنىدۇ.ئىشەنمىسەڭ دۇنيادىكى داڭلىق ئالىملارغا،داڭلىق بايلارغا قاراپ باق ،ھەممىسىنىڭ ئىسمى ئۇزۇن.مىنىڭ ئىسمىم ئۇزۇن بولغاچ مەن كىچىك تۇرۇپلا چوڭ سودىگەرگە ئايلىنىپ بولدۇم،سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇزۇن ئىسىم ئىشلەتكەن بولساڭلار خەخكە مائاشقا ئىشلىمەي خوجايىن بولاتتىڭلار.بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىڭلار دىسەم تاسلا قالدى كۆزلىرى چاچراپ چىققىلى.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 10:17:16

بىرقىسىم رەسمىيەتلەردىكى قولايسىزلىقنى دەپ ئۆزگەرتىش نىيىتىڭىزدىن يالتىپ قالماڭ، باشقا سەۋەبلەر بولسا ئۇ باشقا گەپ.

ئىسمىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئۇزۇنلۇقىمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق سۈپىتىمىز، قىسقا ئىسىملىك ئىش بېىجىرگۈچىلەر قولايسىزلىقتىن زېرىككەندە مۇناسىپ قولايلىق ئۇسۇللارنى ئويلاپ چىقىدۇ. بۇ يەردىكى قولايسىزلىق ھەرگىزمۇ بىزدىكى خاتالىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تونۇشىدىكى، مۇلازىمەت شارائىتىدىكى مەسىلە. چەتئەللىكلەرنىڭ ئۈچ خەتلىك ئىسىم-فامىلىلىرىمۇ بارغۇ، شۇلارمۇ ھەممە ئىشىنى جايىدا بىېجىرىپ ياشايدىغۇ؟

راست، ئىچكىرىدىكى بەزى بانكىلارنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى بەزىدە ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. مەنمۇ بىر قېتىم كارتا بېجىرگىلى كىرسەم «سېنىڭ مۇشۇ كىملىكىڭگە كارتا بېجىرگىلى بولامدۇ» دىمەسما، ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم، ئۈستىمدە خىزمەت كىيىمى بار ئىدى. «نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن» دىسەم، «بۇرۇن بۇخىل ئىسىملارنى پەقەت كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن»دەپ، باشلىقىغا تېلفۇن قىلىپ مەسلىھەت سوراشقا ئۈلگۈردى. شۇنداق خورلۇق ھىس قىلدىم...ئۇ ئاداشنىڭ بىرنەچچە خىزمەتداشلىرى كېلىپ ئۇنى «بەك دۆتكەنسەن» دەپ تازا مازاق قىلدى. «شىنجاڭلىق ئۇيغۇر»دىگەن گەپنى ھەممىسى بەس-بەستە دېيشىكى تۇردى، شۇ گەپنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈنلا ئۆزەمنى يەنىلا تۇتىۋالدىم، باشقا مۇئامىلىدارمۇ بويۇنداپ قاراشقىلى تۇردى، ھېلىقى ئاداشقا \"جۇڭگودا ئىسمى خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مىللەتلەر خېلى بار. بۇنىمۇ بىلمەمسەن\" دىسەم، جىم بولدى.ئاخىرى ئۇ كالاكومشا ئاداش ئۆزى سەتلەشتى.

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 11:03:53

   بۇ دۇنيالىقتا ئۆزى چاقىرىشنى ئارزۇ قىلغان ئىسىمنى قويماي ئۆتۈپ كىتەمسىز ؟ھەرگىزمۇ باشقا تىلغا تەرجىمە قىلغاندا ئۇزۇن بۇلۇپ كېتىدۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىماڭ ،سىز خەق ئۈچۈن ئىسىم قويمايسىز ،ئۆزىڭىز ئۈچۈن .ئىنگىزلارغا ،روسلارغا قاراڭ ،ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىزنىڭ ئىسمىمىزدىنمۇ ئۇزۇن ،كىم ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۇزۇن دەپتۇ .

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 11:23:56

باللا، ماۋۇ بەزىللىرىڭلارنىڭ ئىنكاسى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىدىكەن جۇمۇھ. نېمە ئۇ ھۆجەتلەردە ئىسمىم بەك ئۇزۇن بوپ كىتىپ نۇرغۇن قۇلايسىزلارنى تاتىۋاتىمەن دېگەن. مىنىڭ ئىسمىممۇ شۇنداق ئۇزۇن، ئاللاھ خالىسا، بالام بوپ قالسا ئۇنىڭغىمۇ ئۇزۇن ئىسىم قويىمەن دەپ تۇرۇمەن. ئاكامنىڭ ئىسمىمى شۇنداق ئۇزۇن ، باللىرىنىڭ ئىسمى بىرسى بىرسىدىن ئۇزۇن.

ئۆتكەندە ئامېرىكىدىكى بىر يەھۇدى دەپ بىر كىتاب كۆرگەن. مۇشۇ ئىسىم توغۇرلۇق شۇنداق ئۇزۇن توختاپتۇ ئۇ ئادەم. ئۇنىڭ قارىشىچە بىر پۈتۈن قەۋىمنىڭ يوق بوپ كىتىشى مۇشۇ ئىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن...ھۆكىمەتمۇ ئىسىم يازىدىغان يەرلەرنى كېيىن سەل چوڭۇتۇپ قويار، چىداپ ئويلىغان ئىسىمنى قويۇۋېرەيلى...

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 11:46:55

بەگ نى نوپوسقا قوشىمەن دېسىڭىز ئېنگلىسچە، خەنزۇچە يېزىلىشىنىمۇ ئويلاشمىسىڭىز بولمايدۇ.

ئەركىلەتمە ئىسىم ئېغىزدا ئاتالسا ياخشى.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 11:55:02

ھە راست، مۇشۇ ئىسىمنىڭ خەنچە يېزىلىشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگۈلۈك. يېزا تەرەپلەردىكى بەزىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ خەنچە يېزىلىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس، ساقچىخانىدىكى بىرقىسىم چالا ساۋاتلار ئۆزى بىلگەن خەتنى يېزىۋېرىدىغان چېغى. بىر كۈنلەردە قارىسا ئۇنداق ئىسىملارنى خەنزۇ يولداشلار زاڭلىق قىلغان يوسۇندا تەلەپپۇر قىلىۋاتقان، ساۋاقداشلىرى مەسخىرە قىلىۋاتقان. چەتئەللىكىنىڭ ئىسىملىرىنى شۇنداق يارىشىقىدا ئالىدۇ بولمىسا،

艾哈迈迪 内贾德 دىگەندەك. ئىسىملىرىمىزدا 汗,吐,沙مۇشۇنداق گەپلەر بەك تولا.

يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 13:29:14

سىز يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ تەگئاتىنى بالىڭىزغا ئىسىم قىلىۋاپسىز، ئەسلىدە ئۇنداق قىلماسلىقىڭىز ئەبزەلرەك ئىدى. ئەۋلاتلىرىڭىز ئەمدە بۇ ئىسىمنى تەگئات قىلىپ ئىشلىتىپ سالمىغاي.

سىز بەگ دېگەن سۆزنى بالىڭىزغا تەگئات ئورنىدا قوللانماقچى بولسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ، لىكىن بۇ بەگ دېگەن سۆزنى باشقىلار تەگئات قىلىپ ئىشلىتىپ بولغان بولسا، تەگئات قىلسىڭىز قاملاشمايدۇ. تەگئات قىلمىغان بولسا مۇنداق ئۆزگەرتىڭ:

«يۈكسەل+سىزنىڭ ئىسمىڭىز+بەگ»

شەكلىدە بولسۇن، ئەمما بۇلارنى خەنزۇچە يازغاندا چىكىتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھەممىسى 15 خەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن، نوپۇسقا 18 خەتكىچە يول قويۇغلۇقكەن، كىملىككە 15 خەتتىن ئارتىپ كەتسە كىملىك ئىشلەنمەيدىكەن.

18 ياشتىن تۆۋەن بالىغا تەگئات ئورناتماقچى بولسا نىسبەتەن ئاسانراق بولىدىكەن، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىنى تەگئات بىلەن نوپۇسقا ئالدۇرسا بىرئاز قولاي بولۇپ، چوڭ بولغاندا نوپۇس ئۆزگەرتىش قىيىنچىلىقى تارتمايدۇ،چوڭلارنىڭ ئىسمىغا تەگئات قوشۇشتا http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=20494 دىكى تەجرىبىلىرىمدىن پايدىلانسىڭىزلەر بولىدۇ، بىراق بۇ يەردىكى رەسىملەر ھازىر چىقماس بولۇپ قالغانمۇ قانداق،تۇرايىمنىڭ تەگئاتچىلىق سەھسىپىسى http://hi.baidu.com/qutlan/blog/category/teg%60atchiliq دىن كۆرگەيسىز.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 13:55:26

بىرمۇنچە يازغانلىرىم يوللانمايلا يوقاپ كەتتى \"\" يەنە ئاتايەن قايتىدىن يازدىم.

1- گەپ، يۈكسەل ئەپەندىم پۈتۈن ئالەمگە جاكالىغان تەگئاتىنى بالىڭىزغا ئىسىم قىلىۋاپسىز، مەن بۇ ئىشنى ئانچە توغرا تاپمىدىم \"\"

2- گەپ، بالىڭىزغا بەگنى قوشۇپ يەنە بالىڭىزنىڭ ئىسمى قىلماقچى بولسىڭىز، نوپۇسقا قوشۇپ يۈرمەي، ئېغىز تىلىدا شۇنداق ئاتىغاچ تۇرۇڭ، كېيىنچە بىزدىمۇ تەگئات ئومۇملىشىپ قالسا، بالىڭىزنىڭ ئىسمى 4 ئىسىم بىلەن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتكىدەك.

3- گەپ، «بەگ»نى بالىڭىزغا تەگئات قىلماقچى بولسىڭىز، ئىككىلەنمەي، نوپۇسنى ئۆزگەرتىۋىرىڭ، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسمىغا تەگئات قوشۇپ نوپۇسلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئاسان، بالىڭىزغا «بەگ»نى تەگئات قىلغىنىڭىزدا «يۈكسەل+ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى+بەگ» شەكلىدە قوللۇنۇڭ(مەسىلەن: سىزنىڭ ئىسمىڭىز مۇھەممەتتۇرسۇن بولسا،بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندا يۈكسەل مۇھەممەتتۇرسۇن بەگ دەپ ئالدۇرۇڭ)، شۇنداق قىلسىڭىز كېيىنكى باللىرىڭىزغا، نەۋرىلىرىڭىزگە «بەگ» قوشۇلۇپ مېڭىلىۋىرىدۇ، شۇنى ئېنىقلاپ بىقىڭكى «بەگ»نى باشقىلار تەگئات قىلىپ بولغانمۇ يوق؟ باشقىلار تەگئات قىلىپ ئىشلىتىپ بولغان بولسا، سىز يەنە ئۇنى تەگئات قىلسىڭىز ئەخالاققا مۇناسىپ بولمايدۇ.

تتەگئاتنى نوپۇسلاشتۇرۇشتا مېنىڭ http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=22404 دىكى تەجرىبەمدىن پايدىلىنىڭ ياكى تۇرايىمدىكى بىر يۈرۈش تەپسىلى مەلۇماتلار http://hi.baidu.com/qutlan/blog/category/teg%60atchiliq نى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ.

بالىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 14:13:43

«بەگ»بۇ تەگئات ھازىر بار . مەن بىر نەچچەيلەننىڭ شۇ «تەگئات»بىلەن چاقىرىلغىنىنى ئاڭلاپ قالغان.

ئەڭ ياخشىسى قارىم ئەزەن توۋلاپ قويغان ئىسىمنى ئۆزگەرتمىگەن ياخشى.ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئەقىدىگە ئۇيغۇن ھالەتتە ئۆزگەرتسىڭىز بۇلىدۇ .

بۇ بالىڭىزنىڭ ھەققى..........

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 14:27:28

9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرمۇنچە يازغانلىرىم يوللانمايلا يوقاپ كەتتى \"\" يەنە ئاتايەن قايتىدىن يازدىم.

1- گەپ، يۈكسەل ئەپەندىم پۈتۈن ئالەمگە جاكالىغان تەگئاتىنى بالىڭىزغا ئىسىم قىلىۋاپسىز، مەن بۇ ئىشنى ئانچە توغرا تاپمىدىم \"\"

2- گەپ، بالىڭىزغا بەگنى قوشۇپ يەنە بالىڭىزنىڭ ئىسمى قىلماقچى بولسىڭىز، نوپۇسقا قوشۇپ يۈرمەي، ئېغىز تىلىدا شۇنداق ئاتىغاچ تۇرۇڭ، كېيىنچە بىزدىمۇ تەگئات ئومۇملىشىپ قالسا، بالىڭىزنىڭ ئىسمى 4 ئىسىم بىلەن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتكىدەك.

3- گەپ، «بەگ»نى بالىڭىزغا تەگئات قىلماقچى بولسىڭىز، ئىككىلەنمەي، نوپۇسنى ئۆزگەرتىۋىرىڭ، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسمىغا تەگئات قوشۇپ نوپۇسلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئاسان، بالىڭىزغا «بەگ»نى تەگئات قىلغىنىڭىزدا «يۈكسەل+ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى+بەگ» شەكلىدە قوللۇنۇڭ(مەسىلەن: سىزنىڭ ئىسمىڭىز مۇھەممەتتۇرسۇن بولسا،بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندا يۈكسەل مۇھەممەتتۇرسۇن بەگ دەپ ئالدۇرۇڭ)، شۇنداق قىلسىڭىز كېيىنكى باللىرىڭىزغا، نەۋرىلىرىڭىزگە «بەگ» قوشۇلۇپ مېڭىلىۋىرىدۇ، شۇنى ئېنىقلاپ بىقىڭكى «بەگ»نى باشقىلار تەگئات قىلىپ بولغانمۇ يوق؟ باشقىلار تەگئات قىلىپ ئىشلىتىپ بولغان بولسا، سىز يەنە ئۇنى تەگئات قىلسىڭىز ئەخالاققا مۇناسىپ بولمايدۇ.

تتەگئاتنى نوپۇسلاشتۇرۇشتا مېنىڭ http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=22404 دىكى تەجرىبەمدىن پايدىلىنىڭ ياكى تۇرايىمدىكى بىر يۈرۈش تەپسىلى مەلۇماتلار http://hi.baidu.com/qutlan/blog/category/teg%60atchiliq نى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ.

بالىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

تەگئاتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئشلىتىلگەن-ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە بولۇرمۇ؟ شۇنىڭغا مەخسۇس بىر تور بەت قورۇلۇپ، جەملەنگەن بولسا ياخشى بولاركەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 14:35:24

11- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۈتۈن ئالاەمگە جاكالىغان دېگەن گېپىڭىز بەك ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ يۈكسەل ئەپەندىنىڭ پۈتۈن ئالەمگە جاكالىغىنىنى مانا ھازىر سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن.

باشقىلار ئىشلەتكەن تەگئاتنى پاتېنىت ئىدارىسى ئەنگە ئالمىسا قانداق تەكشۈرگۈلۈك ئۇنى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 14:40:52

ئۇنداق بولسا، قانداق قىلغاندا پۈتۈن ئالەمگە جاكارلىغان بولىدۇ؟ بىر ئىشنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرگىلى بولىدىغان بىرەر چارە بارمۇ دۇنيادا؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 14:47:38

13- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنداق بولسا، قانداق قىلغاندا پۈتۈن ئالەمگە جاكارلىغان بولىدۇ؟ بىر ئىشنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرگىلى بولىدىغان بىرەر چارە بارمۇ دۇنيادا؟

1- گەپ، يۈكسەل ئەپەندىم پۈتۈن ئالەمگە جاكالىغان تەگئاتىنى بالىڭىزغا ئىسىم قىلىۋاپسىز، مەن بۇ ئىشنى ئانچە توغرا تاپمىدىم .

ئۇنداقتا سىزنىڭمۇ توغرا تاپمىغىنىڭىز ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس ، باشقىلار \"يۈكسەل\" نىڭ تەگئات قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىغان تۇرسا.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 15:16:59

بىرسى تەگئاتكەن، بىرسى ئىسىمكەن. ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. ھەم بىرسى تەگئات قىلىپ قوللانغان ئاتنى باشقا ئادەم ئىشلەتسە بولمايدۇ دەيدىغان قائىدە يوقتۇ؟

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 16:55:29

9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرمۇنچە يازغانلىرىم يوللانمايلا يوقاپ كەتتى \"\" يەنە ئاتايەن قايتىدىن يازدىم.

1- گەپ، يۈكسەل ئەپەندىم پۈتۈن ئالەمگە جاكالىغان تەگئاتىنى بالىڭىزغا ئىسىم قىلىۋاپسىز، مەن بۇ ئىشنى ئانچە توغرا تاپمىدىم \"\"

2- گەپ، بالىڭىزغا بەگنى قوشۇپ يەنە بالىڭىزنىڭ ئىسمى قىلماقچى بولسىڭىز، نوپۇسقا قوشۇپ يۈرمەي، ئېغىز تىلىدا شۇنداق ئاتىغاچ تۇرۇڭ، كېيىنچە بىزدىمۇ تەگئات ئومۇملىشىپ قالسا، بالىڭىزنىڭ ئىسمى 4 ئىسىم بىلەن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتكىدەك.

3- گەپ، «بەگ»نى بالىڭىزغا تەگئات قىلماقچى بولسىڭىز، ئىككىلەنمەي، نوپۇسنى ئۆزگەرتىۋىرىڭ، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسمىغا تەگئات قوشۇپ نوپۇسلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئاسان، بالىڭىزغا «بەگ»نى تەگئات قىلغىنىڭىزدا «يۈكسەل+ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى+بەگ» شەكلىدە قوللۇنۇڭ(مەسىلەن: سىزنىڭ ئىسمىڭىز مۇھەممەتتۇرسۇن بولسا،بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندا يۈكسەل مۇھەممەتتۇرسۇن بەگ دەپ ئالدۇرۇڭ)، شۇنداق قىلسىڭىز كېيىنكى باللىرىڭىزغا، نەۋرىلىرىڭىزگە «بەگ» قوشۇلۇپ مېڭىلىۋىرىدۇ، شۇنى ئېنىقلاپ بىقىڭكى «بەگ»نى باشقىلار تەگئات قىلىپ بولغانمۇ يوق؟ باشقىلار تەگئات قىلىپ ئىشلىتىپ بولغان بولسا، سىز يەنە ئۇنى تەگئات قىلسىڭىز ئەخالاققا مۇناسىپ بولمايدۇ.

تتەگئاتنى نوپۇسلاشتۇرۇشتا مېنىڭ http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=22404 دىكى تەجرىبەمدىن پايدىلىنىڭ ياكى تۇرايىمدىكى بىر يۈرۈش تەپسىلى مەلۇماتلار http://hi.baidu.com/qutlan/blog/category/teg%60atchiliq نى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ.

بالىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

قىممەتلىك پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن يۈكسەل ئىسمىنى شۇنداق كۆپ جايلاردا ئۇچراتتىم . بەزىرلىرى شىركەت ئىسمى ، بەزىلىرى دۇكان ئىسمى ..

مەن بۇ ئىسىمنى تەگئات قىلىپ قوللىنىلغانلىقتىن خەۋىرىم يوق ئىكەن ،سىزنىڭ قارشىڭىزچە بولغاندا بارلىق ئىسملار خۇددى ماركىدەك ئەنگە ئالدۇرلۇپ باشقا كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قوللىنشقا رۇخسەت قىلنماسلىقى كېرەك ئىكەندە ؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 17:39:46

16- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بۇ ئىسىمنى تەگئات قىلىپ قوللىنىلغانلىقتىن خەۋىرىم يوق ئىكەن ،سىزنىڭ قارشىڭىزچە بولغاندا بارلىق ئىسملار خۇددى ماركىدەك ئەنگە ئالدۇرلۇپ باشقا كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قوللىنشقا رۇخسەت قىلنماسلىقى كېرەك ئىكەندە ؟

سىزتەگئاتىم << يۈكسەل >> توغرىسىدا نىڭ 6- قەۋىتىدىكى مۇنۇئىنكاسنى يازغاندا ، ئەسلى تىمانى ئوقۇمايلا يازغان بولغىيمىتىڭىز ياكى ئۇنى يازغانباشقا بىرسىمىدۇ؟

6- قەۋەتتىكى SNAKEنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺧﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ...ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﺘﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ؟

مېنىڭ قارىشىم بويىچە ئەمەس، بەلكى ئارزۇيۇم بويىچە، ئارمانىم بويىچە، شۇنداق بولالىغاندائاندىن تەگئاتنىڭ ھەقىقىي رولى بولىدۇ. سىز مېنى ئىسىمنىڭ تەكرارلىقىغانارازى دەۋاتقان بولسىڭىز، مەن ئۇنداق دېمىدىم،مەن پەقەت بىرسى تەگئات قىلغان سۆزنى يەنە بىر جەمەت ئىسىم ياكى تەگئات ئورنىدا ئىشلەتمىسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەنكى، ئەپسۇس,\"كېرەك\" دېيەلمەيمەن.

«تەگئات»نى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشتۇرۇشتا، ئۇيغۇرغا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇشقا بىر، ئىككى ئادەم ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياكى ئۇنى بۆشىگىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ھەرقايسىڭىزلەرنىڭ ساپاسى ۋە ئىنساۋىغا باغلىق ئىش، بىرسى تەگئات قىلىپ قوللانغان ئىسىمنى باشقىلار ھۆرمەت قىلىپ، تەگئات ياكى ئىسىم قىلىپ قوللۇنۇلىۋالمىسا، ئۇيغۇرچىدا تەگئات قىلغىلى بولغىدەك نۇرغۇن سۆزلەرنى توردا چىقىرىپ قويدۇق، شۇلاردىن تاللاپ، ياكى ماڭا ئوخشاش بار سۆزلەرگە ئاساسەن يېڭى سۆز ياساپ تەگئات قوللانسا، بىر-بىرىمىزنىڭ تەگئاتىغا ھۆرمەت قىلىپ، تەگئات تەكرارلىقىدىن ساقلىنالىغىنىمىزدا، بىزنىڭ تەگئاتچىلىقىمىز نورمال تەرەققىي قىلالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، بىر سۆزنى بىرقانچە جەمەت ئىشلەتكەندە، تەگئاتنىڭ ھىچقانداق رولى بولمايدۇ، ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا بەلگىلىك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۇنى باشقۇرىدىغان بىرەر ئورۇنغا ئىرىشىشىمىز ئاسان ئەمەس، شۇڭا بىرەر مۇكەممەل قائىدە تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىغىلىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا يېتىم بالىنى بوزەك ئېتىپ ئوينىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەندەك مۇئامىلە قىلساق، كەلگۈسىدەيەنە بىر ناۋايى، مەخمۇت قەشقىرىلەرنىڭ جىدىلىدىن ساقلىنىپ قالىمىز، ئۇنداق قائىدە يوق، بۇنداق قائىدە يوق دېمەي، قائىدە ئىنسانلار ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تۈزىدىغان نەرسە بولغاندىكىن، ئاللا كىملەرنىڭ قائىدە تۈزۈپ بېرىشىگە ئۆزىمىزنى مۇھتاجلىماي، تەگئاتنىڭ بىزدە ئومۇملىشىپ بولغىچە نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن، بىر- بىرىمىز بىلەن ئىسىم تالىشىپ، يۈرمەي، بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇپ قويساق، بىرەر يېرىمىز كىمىيىپ كەتمەس دەيمەن. يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ تەگئاتى ھەققىدە خەۋەرسىزلەر http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=32774 نى كۆرۈپ قويسىڭىزلەر بولىدۇ. ئىزدىنىشتە مەخسۇس مۇشۇ تەگئاتچىلىق ئۈچۈن سەھىپە ئاجرىتىلغان، شۇ سەھىيپىلەردىن نۇرغۇن بىلىملەر سىزنىڭ قوبۇل قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ:

http://bbs.izdinix.com/showForum.aspx?ForumID=95&ForumName تەگئاتشۇناسلىق تەتقىقاتى

http://bbs.izdinix.com/showForum.aspx?ForumID=96&ForumNameمېنىڭ تەگئاتىم

http://hi.baidu.com/qutlan/blog/category/teg%60atchiliq بىزدىكى تەگئاتچىلىق

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 23:53:01

13- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنداق بولسا، قانداق قىلغاندا پۈتۈن ئالەمگە جاكارلىغان بولىدۇ؟ بىر ئىشنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرگىلى بولىدىغان بىرەر چارە بارمۇ دۇنيادا؟

بار .ئوڭ قۇلقىغا ئەرزان توۋلاپ قويسىلا كۇپايە . 1 مىنوتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ .

يۈكسەل دىگەن پۈتكۈل ئۇيغۇر ھەم تۈركى مىللەتلەرگە تەۋە بىر ئىسىم، سۆز .

داڭلىق بىلوگ كۆز يۇممايمىز ، قېرىندىشىمىز ناھايتى ياخشى قىلىۋاتىدۇ . ئەممابۇ سەۋەپتىنلا باشقىلار ئىشلەتسە بولمايدۇ دىيىش مېنىڭچە نامۇۋاپىق... بىلوگددىن باشقا .   

ماركا قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ بولغان ئادەم كۈرمىڭ بولماي بۇنداق ياخشى ئىسىمنى ،،،،،،

بەت: [1] 2
: ئىسىم توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىڭلار.