ئوبۇنتۇ 11.10 نى قاچىلاپ ئىشلىتىش دەرىسلىكى (كۈرۈپ قۇيۇڭ)
ئوبۇنتۇ 11.10 نى قاچىلاپ ئىشلىتىش دەرىسلىكى (كۈرۈپ قۇيۇڭ)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئالدىنقى كۈنى بىر دوستىمىز ئوبۇنتۇنى قاچىلاش دەرسىلىكىنى يوللاپ قويغان ئىكەن .لىكىن بەزىلەر ئۇنىڭ كونا نۇسىخى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىپتۇ。 شۇڭا مەن توردىن ئەڭ يېڭى نۇسخسنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلىنى تىپىپ يوللاپ قويدۇم .يەنە مەن ئوبۇنتۇسېستىمنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئىشلىگەن ئوبۇنتۇغا ئائىت ئىككى فىلىم بار ئىدى بۇنىمۇ قۇشۇپ قويدۇم .كۈرۈپ كۈزۈڭلارنى ئىچىۋىلىڭلار............
بۇ مىنىڭ كومپىيوتىرىم مەن ئىشلىتىۋاتقان ئوبۇنتۇ 11.10 سېستىمىسى،ئوبۇنتۇدىكى 3د ئۈنۈمىلەر
http://player.56.com/v_NjQxODIyODg.swf
http://player.56.com/v_NjQzNzIxOTA.swf
بۇ تور يۈزى سىناش ئادىرىسى قاچىلىماي بىۋاستە تور كۆرگۈدە ئىچىپ سىناپ كۈرۈپ باقسىڭز بۇلىدۇ
بۇ قاچىلاش ئۇسۇلى :
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzAxNDQ1MTg4/v.swf
بۇ قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش ئۇسۇلى
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzA5Mjk2NzY4/v.swf
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzA5Mjk3ODk2/v.swf
تور يۈزىدە سىناپ كۈرۈش ئادىرىسى :
http://www.ubuntu.com/tour/
ئەمدى قالدى ئىشلار ئۈزۈڭزنىڭ تىزشچانلىقىغا باغلىق
چۈشەنمىگەن جايلار بولسا تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
ھارام win7 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇشۇ مۇسۇلمانچە سېتىمىغا كۆچۋاللې~ مەن ئىشلىتىپ باققان ،يەڭگىل،كۆركەم ئىكەن. تېخى سېتىما تىلنىمۇ پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ

2- قەۋەتتىكى Abdiweliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسكەرتىش : ئويۇن ئوينايدىغان ، QQ ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ !![]()
، مۇنداق پروگرامما تۈزىدىغانلار بولسا Windows تىن كۆپ ياخشى .
QQ نى ئىشلەتكلى بۇلىدىغۇ؟
2- قەۋەتتىكى Abdiweliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسكەرتىش : ئويۇن ئوينايدىغان ، QQ ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ !![]()
، مۇنداق پروگرامما تۈزىدىغانلار بولسا Windows تىن كۆپ ياخشى .
باشقۇرغۇچىلار ئاۋۇ ۋىدىئولارنى تەھىرىرلەپ قويساڭلار قانداق ئادەمنىڭ يۈزنى تۈكۈپ شۇنداق چىقىرىپ قويغىچە.....
ئەسكەرتىشىڭز ئىناۋەتسىز
ئەگەر ئوبۇنتۇنىڭ ئۇيۇنلىرنى ئويناپ قالسىڭز دۇنيادا مۇنداق ئۇيۇنلارمۇ باركەن دەپ بىرەر ھەپتىگىچە ھۇشۇڭزغا كىلەلمەيسىز ،چ چ غا كەلسە تور يۈزى چ چ نى ئىشلەتسە بۇلىدۇ .......سىز قاچانقى گەپلەرنى قىلدىغانسىز ....
يانا بىر گەپ ماۋۇ ئىزدىنىشتىكى ئالما تىلىفۇن ،ئاندۇرويىت تىلىفۇن ،ئايپەد ئىشلەتكۈچىلەر ئوبۇنتۇنىڭ شۇلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن كومپىيوتىر ،تىلىفۇندا ماس قەدەمدە ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان 5 جىلىق ھەقسىز بوشلۇقىنى سىناپ ئىشلىتىپ قۇيۇڭلار .ئىشخانا ،ئۆي شۇنداقلا تور بار ھەرقانداق ئۇرۇندا شۇ يەردە ساقلىغان نەرسىلىرىڭلاردىن بىمالال پايدىلنالايسىلەر يۇقارقى ئۇچۇر ۋاستىلىردا................
3- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى Abdiweliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسكەرتىش : ئويۇن ئوينايدىغان ، QQ ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ !![]()
، مۇنداق پروگرامما تۈزىدىغانلار بولسا Windows تىن كۆپ ياخشى .
QQ نى ئىشلەتكلى بۇلىدىغۇ؟
ھە شۇ WebQQ بىلەن يەنە بىر نەچچە Linux نۇسخىسىدىكى QQ لار ئىشلەيدۇ ، قولاي ئەمەس .
مەن Ubuntu قاچىلاپ ، ئۈستىگە يەنە بىر مەۋھۇم كومپىيۇتېر قاچىلاپ ، ئۇنىڭغا XP قاچىلاپ ، ئاندىن QQ نى شۇنىڭغا قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن
، مۇرەككەپمىكەن !؟
شۇ QQ ئىشلەتمەي دىسەم ، باشقا خەقلەر ئىشلىتىپ تۇرۇۋېلىپ ئامال بولمىدى . يەنە مۇنۇ تور بانكىسى دىگەن بىرنىمىلەر Linux بىلەن ئۆچى باردەك قوللىماي تۇرۋالىدۇ ، ئامال يوق يەنە Windows نى ئىشلەتمەي بولمىغان .
يەنە ماۋۇ OpenOffice , LibraOffice دىگەنلەر Microsoft Offcie نىڭ ھۆججەتلىرىنى 100% قوللاپ كەتمەيدۇ ، باشلىققا كۆرسىتىدىغان ھۆججەتلەرنى يەنە شۇ Microsoft Offcie تا يازماي بولمىغان .
1- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھارام win7 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇشۇ مۇسۇلمانچە سېتىمىغا كۆچۋاللې~ مەن ئىشلىتىپ باققان ،يەڭگىل،كۆركەم ئىكەن. تېخى سېتىما تىلنىمۇ پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ![]()
سېستىما تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولسا پەيزىكەنغۇ! خۇدايىم بۇيرىسا ئويگە قايتقىنىمدا ئۆيدىكى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ قويمىسام. تۈزۈك خەنچە ئوقۇمىغان دادام بەزىدە بەك قىينىلاتتى.
Ubuntu 11.10 نىڭ Unity ئۈستەل يۈزىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىدىم ، تولۇق پىشىپ يىتىلمەپتۇ ( Gnome دەك ) ، بەزىدە قېتىۋېلىپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىدۇ .
Gnome 3 بولسا بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا ھەددىدىن زىيادە جىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزىۋېتىپتۇ ، بۇرۇنقىدەك قولاي بىلىنمىدى .
Ubuntu نىڭ يەنە بىر نەشرىي بار : Linux Mint دەپ (http://www.linuxmint.com) ، قىزىقىدىغانلار قاچىلاپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ ، Ubuntu نىڭ بىار تارمىقى ، بۇمۇ شۇ Ubuntu ئائىلىسىگە كىرىدۇ ، بىراق Ubuntu دىن كۆپ يىنىك ، نۇرغۇن قولاي يۇمشاق دىتاللىرى بار . كۆرۈنمە يۈزىمۇ چىرايلىق . ئەمسە ماۋۇ خەنلەر ئۆزلىرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىگەن linux deepin ئىشلىتڭلار دوستلار سىلەر ئوتتۇرغا قويغان مەسىللەرنىڭ ھەمىمسى ھەل قىلىنغان بۇنىڭدا چ چ ، ئۇيۇن ، تور بانكىسى ،ۋىندوس ئوفىس ھەمىمىسىنى قىلغىلى بۇلىدۇ .كۈرۈنمە يۈزىمۇ بەك پەچەت .........بەيدۇدىن ئىزدەپ كۈرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
يۇقىردا LibraOffice ماۋۇنى ۋىندوس قوللىمايدۇ دەپسىلەر دەل ئەكىسچە قوللايدۇ ،ئوبۇنتۇندىكى LibraOffice ۋىدوستىكىنى چەستەي قوللايدۇ سىز پەقەت ساقلاش ھالتىىنى ۋىندوستا ئاچىقلى بۇلىدىغان قىلىپ ساقلىسىڭز چاتاق يوق ۋىندۇستىكى ئوفستا قىلغاندە ئىچىپ كۆرگىلى بۇلىدۇ تەھىرىرلىگىلى بۇلىدۇ................
ھەمىمىە مەسلە ئەستايىدىل ئىزدەنمەسلىكىمىزدە......... ئۇبۇنتۇ11.10 دا بىر يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتمەكچى ئىدىم، ئەمما ئۇ دىتال ئۇبۇنتۇنىڭ يۇمشاق دىتال مەركىزىدە يوق ئىكەن. توردىن قاچىلاش ھۆججىتىنى ئىزدەپ تىپىپ چۈشۈردۈم ھەم پىروگراممىلىرىنى تەھرىرلەپمۇ باقتىم، بىراق ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇبۇنتۇنى خىلى ياقتۇرۇپ قالغان، ئەمما مۇشۇ پروگرامما قاچىلايدىغان ئىشى بەك ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى.
