كىم تاپالايدۇ؟100(سوم مۇكاپات)
بۇ بېر تېپىشماق كىم تاپالىسا شۇ ئادەمنىڭ تېلىفونىغا :-
1-بۇلۇپ تاپقانغا 100سوم
2-بۇلۇپ تاپقانغا50سوم
3-بۇلۇپ تاپقانغا50سوم قاچىلاپ قۇيىمەن.چەكلىمىسى پەقەت ئۈچ ئادەم.1-2-3-دىگەندەك باشتا تاپقانلارغا.
باشلاندى ئەمسە!
قانداق ئەھۋال ئاستىدا(5+3=9)بەشكە،ئۈچنى قوشسا توقۇز بۇلىدۇ؟
خاتا ھىساپلىغاندا توققۇز بولىدۇ. بىر قاچىدا ئالتە موما بولسا ئالتە بالىغا بىردىن تىگىپ يەنە بىرسى قاچىدا ئېشىپ قاپتۇ نىمىشقا؟باتۇر كۇرشات كۈندە بەش-ئالتە قېتىم ساقال ئالىدىكەن بىراق ساقىلى ئۆسۈكلا تۇرىدىكەن نىمىشقا؟
ئالتە سائەتتە مەنزىلىگە بارىدىغان پويىز ئۈچ سائەتتىن كىيىن نەدە توختايدۇ؟
ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ يولۇچىلاردىن بىرسىمۇ يارىدار ئەمەسكەن نىمىشقا؟
قايسى سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ؟
5 كە 3 نى خاتا قوشقاندا جاۋابى 9 بولىدۇ باتۇرقورشات بۇرادەر. كىتاپتىمۇ مۇشۇنداق كۆرگەندەك قىلغانغۇ.
نۇسرەتنىڭ بىرىنچى سۇئالنىڭ جاۋابى ئالتە بالىغا بىردىن مومىنى بېرىپ بىر بالىغا تەخسە بىلەن مومىنى بىللىلا بەرگەن گەپ.
باتۇر قورشات ساتىراچ بولغانقا باشقىلارنىڭ ساقىلىنى نەچچە قىتىم ئالغان بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆسۈپلا تۇرامىكىن.
ئالتە سائەتتە مەنزىلگە بارىدىغان پويىز ئۈچ سائەتتىن كېيىن يەنىلا شۇ رېلىس ئۈستىدە توختايدۇ.
ئاۋۇ ئايروپىلان بەلكىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولىشى مۇمكىن.
ئىزدىنىشقا دائىم كىرمەيسىز ھە؟ دىگەن سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر 5 ۋە 3 دەپ ئىككى سان شەكىلدە بولغان قەغەز كارتا بار دەپ پەرەز قىلساق بىرسىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىرىنى قويساقمۇ 9 دىگەن سان شەكىللىنىدىكەن. ھا ھا ئايروپىلاننىڭكىنى تاپالماپسىز،ئىزدىنىش دىگىنىڭىزمۇ كەپلا قاپتۇ جۇمۇ
{:92:}
5- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھا ھا ئايروپىلاننىڭكىنى تاپالماپسىز،ئىزدىنىش دىگىنىڭىزمۇ كەپلا قاپتۇ جۇمۇ
ئايروپىلانىڭىز ئويۇنچۇق ئايروپىلان ئوخشىمامدۇ؟
مەنمۇغۇ ئۇيۇنچۇق ئايروپىلانمىكىن دەپ ئويلىغان. نۇسرەتنى بۇنداق ئاددى سۇئال سورىمىغاندۇ دەپ ئويلاپچۇ ئەمدى. قۇياش ئوغلىنىڭ توغرىكەن
مېنىڭچىمۇ بەشنىڭ ئۈستىگە ئۈچنى قويسا توققۇز بولغۇدەك. چۈنكى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن... قانداق ئەھۋال ئاستىدا(5+3=9)بەشكە،ئۈچنى قوشسا توقۇز بۇلىدۇ؟
جاۋاپ:
1: ئۇنىڭغا يەنە بىرنى قوشۇۋەتكەندە .
2: 5 نى ئىككىگە بۆلۈپ ئىككى دانە 2.5 گە ئېرىشەيلى ، ئاندىن بۇ ئىككى 2.5 نى پۈتۈنلەپ 3 كە ئايلاندۇرۇپ قايتا قوشساق 6 بولىدۇ ، ئاندىن 3كە قوشساق 9 بولىدۇ.
3: خاتا ھىسابلىغاندا .
4: ھېچقانداق ئەھۋالدا . قۇياش ئوغلى تېپىۋاپتۇ مانا...
تېپىشماق ئاددى بولۇپ قاپتۇ.{:92:} تپىشماقلارمۇ شۇنداق قىزىقارلىقكەن...
ماۋۇ 9-قەۋەتتىكى يولداشنىڭ باش سۈرىتى تىخىمۇ قىزىقارلىق كەن...
كۈندە بەش ،.التە قېتىم ساقىلىمنى ئالسامۇ چىقىپلا تۇرۇىدۇ بۇنىڭ سەۋەبى يۈزۈم بەك نىپىز 3 نى 5 نىڭ ئۈستىگىلا قويغاندا توققۇزغا ئوخشايدۇ يەنە بىر تېمام (بىز پۇل خەجلەۋاتقان ئىشلار )رەمەتلىك بۇلاپ كەتىمۇ،يوق تۇرىدۇيا؟ كۇچاردا شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن بىر دۆۋە نەشپۈتنى بىر يۈەن دەپ ساتقان بولسا ئالارمەن، يەنە سېپ بەرمەملا دېسە، ماقۇل ئەمىسە ئاسىلىيا، دەپ ئولتۇرۇپ مەرتلىك، كۆڭۈلچەكلىك بىلەن ئىككى-ئۈچنى سېلىۋېتىدۇ. مەجبۇرلانغان ئەھۋال ئاستىدا 5+3=9بولىدۇ.
2- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر قاچىدا ئالتە موما بولسا ئالتە بالىغا بىردىن تىگىپ يەنە بىرسى قاچىدا ئېشىپ قاپتۇ نىمىشقا؟
باتۇر كۇرشات كۈندە بەش-ئالتە قېتىم ساقال ئالىدىكەن بىراق ساقىلى ئۆسۈكلا تۇرىدىكەن نىمىشقا؟
ئالتە سائەتتە مەنزىلىگە بارىدىغان پويىز ئۈچ سائەتتىن كىيىن نەدە توختايدۇ؟
ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ يولۇچىلاردىن بىرسىمۇ يارىدار ئەمەسكەن نىمىشقا؟
قايسى سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ؟
يۈزۈم بەك نېپىز مىنىڭ شۇڭا،بەش،ئالتە قېتىم ئالسامۇ ئۆسۈپ تۇرىدۇ.بىلىپ تۇرۇپ سورىغىنىنىنى. ئالدىراپلاكىرىپتىمەن تېخى...پۇلنىڭ گېپنى ئاڭلاپ ....مەنتاپساممۇ بى كوي تەگمىگۈدەك ھە،،،نەچچىنچىبوپ كەتتىم ...بولدىلا قاراپ ئولتۇراي