Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:17:50

ماۋۇ كۆكتاتلارنى قانداق پىشۇرۇپ يەيسىز؟

بۈگۈن تەييارلاش ئۇسسۇلىنى يازماقچى بولغىنىم بىر نەچچە خىل كۆكتات. خېلى ۋاقتلارغىچە بۇلارنى كۆكتات بازىرىدا ئۇچراتساممۇ، قانداق پىشۇرۇپ يېيىشنى بىلمەي، سېتىۋېلىشتىن يالتىياتتىم. بولۇپمۇ ماۋۇ brussel sprouts 芽甘蓝菜




مۇشۇنداق غۇژمەكلىشىپ ئۆسىدىغان نەرسىكەن، بازاردىكى ھالىتى ماۋۇ:



كۆزۈمگە شۇنچىلىك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، لېكىن پىشۇرۇشنى ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرچە ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن.(«كىچىك كاللەك بەسەي» دەپ ئىسىم قويۇپ تۇراي.) ئاخىر بىر كۈنى سىناپ بېقىشنى نىيەت قىلىپ، كۆزۈمنى يۇمۇپلا سېتىۋالدىم- دە، توردىن رېتىسىپ ئاختۇردۇم. تاپقان ئۇسسۇلۇم بويىچە نەچچە قېتىم پىشۇرۇپمۇ يەپ باقتىم. تەملىك بولىدىكەن، ھەم ئېتىش ئاسانكەن. بۇ يەرگە يېزىپ قوياي. ئۆزگىچە تائاملارنى سىناپ بېقىشقا ھەۋىسى بارلارغا ئەسقېتىپ قالار. دوخۇپكىدا پىشۇرۇلىدۇ، ئەرلەر «ۋاي» دەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن قىز- ئاياللارغا جەزمەن يارايدۇ.


خۇرۇچلار:


1. يۇقىرىقى كىچىك كاللەك بەسەيدىن يېرىم كىلودىن بىر كىلوغىچە. ئىشتىيىڭىزغا ئاساسەن مىقدارىنى بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.


2. زەيتۇن مېيىدىن تەخمىنەن 6-7 قوشۇق


3. سامساقتىن 4-5 چىش


4. 2-3 چىمدىم تۇز


5. سوقۇلغان ئازغىنە قارا مۇچ



پەقەت مۇشۇلارلا. ئاددىمىكەن؟


تەييارلاش باسقۇچلىرى:


1. بۇ مونەكلەرنىڭ بېشىنى كېسىپ، سىرتقى يۈزىدىكى سارغىيىپ قالغان ياپراقلىرىنى چىقىرىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، سۈيىنى ئوبدان ساقىتىڭ. ئاندىن بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى  ئوتتۇرىدىن پارچىلاپ، ئىشلىتىشكە تەييار قىلىپ قويۇڭ.


2. بۇ چاغدا دوخۇپكىنى قىززىتىشنى باشلايمىز. 150 گرادۇستا 10 مىنۇت قىزىتساق يېتەرلىك.


3. دوخۇپكا قىزىپ تۇرغان ۋاقتتا يەنە بىر قازانغا (ئىمكان بار تېگى تۇتماس قازان ئىشلىتىڭ) ئوت ياقىمىز، ۋە سەل- پەل قىزىغاندا قازان يۈزى بىر قۇر مايلاشقۇدەك قىلىپلا زەيتۇن مېيى قۇيىمىز. 4 قوشۇقچە بولسا بولىدۇ.


4. ماينى زىيادە قىزدۇرىۋەتمەيمىز، سامساقنى چاناپ يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا قورۇۋالغاندىن كېيىن، بايا تەييارلاپ قويغان كىچىك كاللەك بەسەيلەرنى سالىمىز ۋە بىردەم- بىردەم ئېلىشتۈرۇپ قورۇيمىز. پۈتكۈل جەرياندا ئوتنى بەك ئىتتىك قىلىۋالماسلىققا، يەنى تاشقى پوستلىرىنى كۆيدۈرۈپ قويماسلىققا دىققەت قىلىڭ. بۇ كۆكتات ئىچى ئاسان پىشمايدىغان، ئەمما تاشقى قەۋەتلىرى كۆيۈپ كېتىدىغان كۆكتاتكەن.


5. قورۇۋاتقاچ تۇزنى ۋە قارا مۇچنى سېپىمىز. سامساق ۋە بۇ تېتىتقۇلارنىڭ تەمى كاللەك بەسەيلەرگە ئوبدان ئۆتۈشسۇن ئۈچۈن، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. دوخۇپكا قىزىپ بولغاندا قورۇش باسقۇچىمۇ ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولىدۇ. يەنى كىچىك كاللەك بەسەيلەرنىڭ سىرتقى يۈزى سارغىيىشقا باشلايدۇ.


6. دوخۇپكىنىڭ چوڭ لېسىنى قالغان ئىككى قوشۇق زەيتۇن مېيىدا بىرەر قۇر مايلاپلا، قازاندىكى كاللەك بەسەيلەرنى تۆكىمىز. تەكشى يېيىتقاندىن كېيىن، دوخۇپكىغا سالىمىز ۋە تېمپراتۇرىنى 180 گە، ۋاقتنى 20 مىنۇتقا تەڭشەيمىز.


7. تەخمىنەن ھەر 7 مىنۇتتا لېستىكى كۆكتاتنى بىرقۇر ئۆرۈپ قويىمىز، يەنى 20 مىنۇتتا جەمئىي 2 قېتىم. بولمىسا ياخشى پىشمايدۇ.


پىشقاندىن كېيىن:



قوشۇمچە: دوخۇپكىغا كۆكتاتنى سالغاندا، ئىككى دانە قىزىل قاپاق مۇچنى ئۇزۇنسىغا پارچىلاپ (بەك ئىنچىكە قىلىۋەتمەڭ) بىللە پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. تەخسىگە تىزسىڭىز قىزىل- يېشىل رەڭ ئارىلىشىپ بەك چىرايلىق چىقىدۇ، ھەم مۇنداق قاقلاپ پىشۇرغان مۇچنىڭ تەمىمۇ بەك ياخشى بولىدۇ.



ھازىرچە ماۋۇنى يوللاپ تۇراي. داۋامىغا ئىنكاس سۈپىتىدە يۇقىرىقى تائامدىن ئىلھام ئېلىپ پىشۇرۇپ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان يەنە بىر رېتسىپىمنى يوللايمەن.


Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:22:17

يۇقىرىقى تائام ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كېيىن، يەنە باشقا خىل كۆكتاتلارنىمۇ سىناپ بېقىشنى ئويلىشىپ قالدىم. خىيالىمغا خەقلەر بەك ماختايدىغان، ئەمما مەن يېيىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن چېچەك سەي 花椰菜ۋە 西兰花(ئۇيغۇرچىسى نېمە؟ ئېنگىلىزچە نامى بويىچە «بروككولى» دەپ تۇراي) كەلدى. ئىلگىرى بۇلارنى جۇڭگوچە قورۇما شەكىلدە تەييارلايتىم ۋە ئۇنچە بەك ياخشى كۆرمەيتتىم. دوخۇپكىدا پىشۇرۇش ئۇسسۇلى ماڭا بەك يارىدى.


چېچەك سەي


\"\"


بروككولى


\"\"\"\"


\"\"


تەييارلاش ئۇسۇلى ئالدىنقى رېتسىپتىكىگە ئوخشاش. بۇنىڭدا چېچەك سەينىڭ يېرىمىنى، بروككولىنىڭ يېرىمىنى مونەكلىرى بويىچە چىرايلىق پارچىلاپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. تامىقىڭىزنىڭ يېرىمى يېشىل، يېرىمى ئاق بولىدۇ.


بۇندىن باشقا، بۇلارنىڭ دوخۇپكىدا پىشىش ۋاقتىنى 15 مىنۇت قىلىپ تەڭشىسىڭىز، ئارىلىقتا پەقەت بىر قېتىملا ئېلىشتۈرۈپ، ئۆرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇلار كىچىك كاللەك بەسەيلەرگە قارىغاندا ئاسانراق پىشىدىغان كۆكتاتلاردۇر.


بۇ ئىككى خىل كۆكتات ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدۇ، مۇشۇ رېتىسىپ بويىچە بىر قېتىم سىناپ بېقىشىڭىزنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمگىڭكىڭىزدىن چوقۇم رازى بولىسىز.


tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:53:32

رەسىم مىنىڭ كومپيوتۇرۇمدا چىقمىدى .

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:09:09

رەسىم چىقماپتۇ...

adelynn يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:12:08

تاماقنىڭكىنى رىسالە دەمدىكىن

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:36:10

رەسىم چىقمىدى،،،،،،،،،،،،

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:40:03

مېنىڭكىدە كۆرۈنىدىغان، سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قانداق سۈرەتلەربۇ؟  {:107:}

تولا ھەپىلىشىپ ھېرىپ كەتتىم، مەن يەنە تىرىشىپ باقاي...

Pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:55:47

\"brussel

Pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:59:26

\"brussel

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 18:03:29

Dilruba مۇنبەردە بولسىڭىز سىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قويغان. مېھمان كەلگەندەك تۇرىدۇ، ئارقا ھويلىڭىزغا بىر ئۆتەپ قويسىڭىز بولاپتىكەن.  {:136:}

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 18:16:44

Dilrubaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

قوشۇمچە: دوخۇپكىغا كۆكتاتنى سالغاندا، ئىككى دانە قىزىل قاپاق مۇچنى ئۇزۇنسىغا






مۇش بانادا سورىۋالاي   ما  خوتون تولا كوتۇلداپ كەتتى  ، دوخوپكا ئالغاچ كېلىڭ دەپ ، ئۆزەڭ بازاردىن  ئال دىسەم  ئۇنىمايدۇ ........


بىر ياخشىراق  دوخوپكا بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار.   بوللۇپمۇ  ئىچى قانداقراق بولسا ياخشى بولا ....  بەك بازا  ئايلانغۇدەك ۋاقتىم يوق .  بارىمەن ھە مۇشۇكەن دەپلا ئېلىپ كېلىمەن.





esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 19:41:21

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 21:04:03

ئېلان:


رەسىم يوللاشتا http://yolyar.com/html/bizhi دىكى «ئۇلىنىشلىق ئالبۇم»لاردىن پايدىلىنىڭ .


ئىزدىنىشنىڭ قوشۇمچە يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋىتىلسە بولىتى ئەسلى.

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 21:17:24

11- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


تۈركىيەنىڭ دوخۇپكىسىنى ئېلىڭ. 450كويغا بېرىدۇ





نىمانداق << جىجى >> دى  جاۋاپ ماۋۇ ،






esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 21:33:57

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 00:57:36

14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ئۆيۈم شەھەر سىرتىدا بولغاچ ئاخىرى مەھەلىمىزدىكى مال سېتىش مەركىزىدىن كاۋشېڭ烤生ماركىلىق دوخوپكىنىڭ ئەڭ چوڭىنى 500كويغا ئالدىم. كېيىن دوستۇم تۈركىيەنىڭ دوخوپكىسىمۇ شۇنداق ياخشىتى، 450كويغا بىرەتتى


ھەي بايا نەقىلنى خاتا قىلۋالغان ئوخشايمەن. بىر مۇنبەرنىڭ نەقىل دىگىنى ئۈستىدە ، بىرسىنىڭ تۆۋەندە ئىكەن. قايمۇقۇپ قاپتىمەن.



   


  ئۇنداقتا ئاغىنەم مىنى قويماقچىكەندە.......    008.gif  008.gif        بازارغا چىقساڭ دوخۇپكىغا قاراپقوي ، بولسا رەسىمگە تارتىۋىلىپ ئەۋەتىپ قويساڭ  دىسەم، ماقۇل دەپلا   1500 سوملۇق دوخۇپكىنى تارتىپ كەپتۇ  ، ئاداش ئەرزىنى 900سومكەن دەيدۇ .



ياخشىسى بولسا  تەۋسىيە قىلىڭلار  مەن ئىچكىرىدە ، بولۇپمۇ ئىچكى قۇرۇلمىسى دىگەندەك  پىشىرىدىغان نەرسىلەر ئاساسەن  نان ، تورت ، قاقلاپ پىشىرىدىغان يىمەكلىكلەر دىگەندەك .........   ياخشىسىنى تەۋسىيە قىلىپ خوتۇننىڭ ماختىشىغا ئېرىشسەم تورت پىشقاندا مىھمانغا چاقىرىمەن جۇمۇ..........   ( ئالدىۋەتتىم دەپ خۇشال تۇرغان چىراي ئىپادسى)




lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 14:48:50

توردىن ئاخـتۇرۇپ يىڭى سەي قورۇش ئەسلى ھەدىسىدىن قالغان ئائىلە ئېرسىيەتى ئىكەندە  .  كىچىكى قانداقكىن تاڭ  ؟؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 09:16:18

16- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردىن ئاخـتۇرۇپ يىڭى سەي قورۇش ئەسلى ھەدىسىدىن قالغان ئائىلە ئېرسىيەتى ئىكەندە  .  كىچىكى قانداقكىن تاڭ  ؟؟

كىچىكى ئاشپەزلىكنىڭ دوكتۇر ئاشتىسى. \"\"

سىڭلىمنى تونۇمسىز؟\"\"

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 23:18:15

17- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردىن ئاخـتۇرۇپ يىڭى سەي قورۇش ئەسلى ھەدىسىدىن قالغان ئائىلە ئېرسىيەتى ئىكەندە . كىچىكى قانداقكىن تاڭ ؟؟

كىچىكى ئاشپەزلىكنىڭ دوكتۇر ئاشتىسى  007.gif

سىڭلىمنى تونۇمسىز؟ 005.gif


كىچكىىنىڭ چوڭى مەن ئۈچۈن  

doctor pass pass pass or pass doctor pass or pass pass doctor or doctor\"s doctor


تۇنامسىز دەيسىز  ؟   بۇنداق دىيىشمىسەك بولىتى ئەسلى .........ئاپلا ....


كەلگەن ۋاقتىڭىزدا 4 كىلو كېلىدىغان دۇنيادىن بىرنى كۆتەرتىپ قويىمەن جۇمۇ .....




pistek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 11:56:56

يولدىشىم مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئالايلى دەيدۇ،مەن دوخۇپكا ئالايلى دەيمەن، ھەر ئىككىسىنى ئالاي دىسەم ئاشخانام بەك كىچىك، قويىدىغان يېرىم يوق. مۇشۇ تۈركىيەنىڭ دوخۇپكىسى توغرىسىدا  بىلىدىغانلار ياكى ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار، قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن. قايسى ماركىدىكى، قايسى تىپتىكى، ئالاھىدىلىكى دىگەندەكلەرنى بىزمۇ بىلىۋالساق. مەنمۇ نان، كاۋاپ، پىرەنىك، ئالما بەلىش پىشۇرۇش دىگەندەك ئىشلارغا ئىشلەتمەكچى ئۆز خىيالىمدا.
بەت: [1] 2
: ماۋۇ كۆكتاتلارنى قانداق پىشۇرۇپ يەيسىز؟