wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 15:40:23

6 يىلدا 56مىڭ سوم

    بىلىك مۇنبىرىنىڭ خەيىر ساخاۋەت سەھىپىسىنى كۆرىۋىتىپ تاساددىبىيلىق ئىچىدە 2006-يىلى 14-يانۋار كۈنى يازغان "بىر يۈەن  پىلانى تەستىقىڭلارنى كۈتمەكتە "دېگەن ،بۇندىن نەق ئالتە يىل بۇرۇن يازغان تېمامنى كۆرۈپ شۇنچە خۇشھال بولۇپ،يېزىلغان ئىنكاسلارنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم ،بۇ تېما يېزىلغانغا بۈگۈن مۇشۇ دەقىقىلەردە نەق ئالتە يىل بولۇپتۇ ، تېمىنى جەمىئىي 1مىلىيون 300مىڭدىن ئارتۇق تورداش كۆرۈپتۇ ..كىچىك چاغلاردا ل مۇتەللىپنىڭ "يىللارغا جاۋاب" دېگەن شئېرىدىكى "قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال" دېگەن مىسرالارنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىشكەن ئىدۇق ،2000-يىلى زامان ئاخىر بولىدىكەن دەپ 11-سىنىپقا چىقىشىمىزغىلا ھەممە تۈگەيدۇ دەپ بالىلار بىلەن تۈگىمەس خىياللارنى سۈرەتتۇق ،دەرھەقىقەت ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتۈپ مانا 30نىڭ بوسۇغىسىغا ئەكىلىپ قويدى پېقىرنى !

ۋاقىت ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ئۆتىۋەردى ،تالايلار ئارىمىزدىن كەتتى ،تالايلار بۇ قوشۇنغا قېتىلدى ،بالا ئىدۇق بالىلىق بولدۇق ،تور دېگەن نېمە بولۇپ كەتتى دەپ يۈرگەن ئىدۇق بىر چاغلار ،سائىتىنى 4 سومدىن تورغا چىقىپ، ماكانىم تورىدا ئارىلاپ ،مانا ئەمدى ئالدى 10 يىللىق تورخۇمارلاردىن بولۇپ قاپتۇق ،تورغا ئىلىنىپتۇق ،توردا ئۆتكەن ۋاقىتىمىزدا شئېر قوشاق ئەبجەش چۈشلەرنى كۆرۈپ يېزىپتىكەنمىز ،مانا ئالتە يەتتە يىل بۇرۇنقى تېمىلارنى كۆرۈپ شۇ چاغلاردىكى دۇنيا قاراش ۋەھاكازالارنى ئويلاپ ئۆزىمىزنىڭ چوڭ بولغانلىقىمىزغا ،يىللارنىڭ بىزنى قېرىتىۋاتقانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىغان بولۇپ تىمسىقلاپ يۈرۈپتۇق يەنە شۇ توردا ...

"بىر يۈەن پىلانى "توغرىسىدىكى تەسەۋۇرنى بىلىك تورىغا ئېلان قىلغاندىن كىيىن ئوت يۈرەكلەر قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ،چوقۇم قىلىشىمىز لازىملىقى توغرىسىدا ئىنكاسلار قالدۇرغان ئىكەن ،مانا ئەمدى 6يىللىق يىغىلغان پۇلنى ساناپ باقسام "بىر سوم پىلانى "پائالىيىتىگە 6يىلدا يىغىلغان پۇل 56مىڭ 288 سوم 91تىيىنغا يېتىپتۇ .

بۇ قۇرلارنى يازغانچە ھاياجانلىنىپ تارتمامنى ئېلىپ بۇ پىلاننىڭ ئىئانە تىزىم جەدىۋىلى ،ئىسپاتلار چاپلانغان خاتىرە ،رەھمەت خەتلىرى ۋە نەق مەيدان ئىسپات رەسىملەر سېلىنغا ن ئالبومنى ئېلىپ كۆرۈپ چىقتىم ،سەنەۋەر ،ئابلەت ئاقسۇ ،روسى، ھاماقەت ،مۇرادىل، ھەۋەسكار ،مەلىكىزات ،سەيپىدىن شاڭخەي ،شەمشىدىن شىنجىن ......تالاي تالايلىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ نامى ئالتە يىلغا يېزىلغان ئالتە دانە ئىئانە پۇلى تىزىم دەپتىرىگە يېزىلىپ تۈپلىنىپتۇ ،2012-يىللىق تىزىملاش جەدىۋىلىمۇ ،مىننەتسىز ،ئەلسۆيەر ساخاۋەتچىلەرنىڭ قىلغان 1 سوم ،20،سوم 500 سومدىن قىلغان پۇللىرى بىلەن باشلىنىپ كېتىپتۇ ..ھەق گەپ شۇكى سىز،مەن  ۋە ئۇنىڭدەك تالايلارنىڭ بۇ ئىشنى كىچىك كۆرمەي ،تېرىكمەي  بانكىلاردا ئۆچرەت تۇرۇپ ،تور بانكىلىرىدا ياكى پۇل بەرگۈلەردە ئېرىنمەي پۇل يوللاپ بېرىشلىرى بىلەن 6يىلدا بىر سوم بىر سومدىن يىغقان پۇلىمىز 56مىڭ سومغا يېتىپ ئۇيغۇر ،مۇڭغۇل،خەنزۇ ،قازاق مىللىتىدىن بولغان تالايلىغان ياردەمگە مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ،بىمارلارغا ،يوقسۇللارغا....مېھىر -مۇھەببەت يەتكۈزۈپتۇق ،خاتىرە دەپتىرىگە قارىدىم،مۇراجەتنامىلىرىگە پۇل يىغىپ بېرىلگەن كۆپ ساندىكى بىمارلار ئاللىقاچان بىزدىن ئايرىلدى ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ مەدىتى ،بىلگەنلەرنىڭ دۇئاسى ھېلىھەم سىز ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ يۈرەر ئەتىمالىم،بىز بۇ ئېغىر بىمارلارغا پۈتۈنلەي ساقايغۇدەك ياردەم قىلالمىدۇق ،لىكىن ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ  ئۈمۈت ،ئارزۇ ئاتا قىلالىدۇق ،سۆيۈندۈرەلىدۇق ،كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرالىدۇق دەپ ئويلايمەن ..

6 يىللار بۇرۇن ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرگىنىدە ئازغىنە ياردەملەرنى قىلغان ئىدۇق بىر قىزغا ،ئۇ مۇشۇ تاپتا بېيجىڭدا دوكتورلۇققا  تەييارلىقتا ئوقۇپ بىزگە بىز ياردەم قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئوشۇقلاپ پۇل ئەۋەتمەكتە ،

-11سىنىپتا مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن بىر قىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان پۇلىنى تۆلەپ بەرگەن ئىدۇق ،بېيجىڭدا ئوقۇۋاتىدۇ ھازىر ،ھەر ئايلىقى 300 سوم  تۇرمۇش پۇلى بېرىۋاتىمىز ،پات ئارىدا ئوقۇشىمۇ پۈتىدۇ ....

چاپچالدىكى مەلۇ م بىر يېزا مەكتىپىگە كىيىم كېچەك ۋە پۇل ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم سىتۇدىنىتلار كەچلىك ئاپتوبوسلاردىن ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ،كىتاپلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشكەن ئىدى 6يىللار مۇقەددەم ،يۇيۇپ تارالغان ،ئامالنىڭ بارىچە قايتا پاكىزلانغان شۇ كىيىملەرنى كىيگەن بالىلار بىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ ئەتىمالىم، بورتالا شەھرىدىكى يىراق بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىتاپ ئىئانە قىلىشىپ بالىلار ئوقۇشلۇقى ۋە دەرسلىك پايدىلانما كىتاپلىرىدىن 400 پارچىدىن ئارتۇق راسلاپ كىچىك بىر قىرائەتخانا قۇرۇپ بېرىۋىدۇق ،باش بەتلىرىگە "بىر سوم مېھرىبانلىقى "ئىئانىسى دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئەشۇ كىتاپلارنى ئوقۇغان دېھقان بالىلىرى بىزنى چوقۇم ئۇنۇتمايدۇ ۋە پات يېقىندا بۇ ساخاۋەت سېپىگە قوشۇلغۇسى  ....

قايسى بىر كۈنى ئىشتىن ياناشىمدا تاكسى ساقلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،ئارىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختاپ چىقىڭ دېدى ،پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ،ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارا تاكسى دەپ بىلىپ پۇل تەڭلىسەم،مەن سىزنى بىلىمەن ،سىزدىن قانداقمۇ پۇل ئالاي ،ئەسلى كىرا قىلمايتىم ،سىزنى تونۇپ ماشىنىنى توختاتتىم ،بولدى چۈشۈپ كېتىڭ دەپ كېتىپ قالدى ..قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى ئۆزۈم بىلىمەن ،ۋە شۇ دەقىقىلەردە "بىر سوم پىلانىنى "بىر ئۆزۈڭ بولسىمۇ داۋام ئەمىسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ دەپ خىتاپ قىلىپ كەتتىم ....

ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىش ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاسراش ئۈچۈن قىلغان بۇ مىننەتسىز ئىئانىلەر،كارتىدا ئۇزۇنمۇ تۇرماستىن بارىدىغان يېرىگە بارماقتا ،پۇل ئاز بولسىمۇ لىكىن بۇ ئىشنى توختىتىپ قويمايلى تورداشلىرىم ،6يىل بۇرۇن بۇ مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى باشلار ۋاقىتتا مۇراجەت قىلغىنىمدەك "بىرىمىزگە كۆپ بىلىنمەيدىغان 1 سوم ياكى 10 سوم پۇل 10مىزنىڭ يانچۇقىدىن بىرلا ۋاقىتتا چىقسا كۈنلىرى 3ۋاق ناق يەپ تۇرۇق يەنە ئاجايىپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان سىتۇدىنىتلىرىمىزنىڭ بىر ئايلىق تاماق پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيمىز ،ھەر بىر سورۇنلىرىمىزدا ئىككى تەخسە قورۇمىنىڭ پۇلىدىن كېچىپ يىغىپ قويساق ھەر ئوقۇش مەۋسۇملىرى نەچچە ئون سوم پۇلنى تۆلەشكە قىينىلىۋاتقان ئونلىغان  باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ پۈكلەنگەن قەددىنى رۇسلىيالايمىز ،كېسەل كارۋاتلىرىدا ئىڭراپ ،قېنى ئىنسانلار ماڭا قىلىدىغان ياردىمىڭلار بارمۇ دەپ ھاياتقا بولغان ئوتتەك ئۈمۈت ئىستىكىدە خىرە يىلىنجاۋاتقان مىسكىن قەلىبلەرگە يالقۇن بېرەلمىسەكمۇ ئىللىق سېزىم بېرەلەيمىز .

سىز ۋە مەن مىڭ سوملاپ كېيىملەردىن يىلىغا  نەچچىنى يىرتىپ،قېپى 10 سوملۇق تاماكىلاردىن كۈنىگە قاپلاپ چېكىپ 200 گىرامى 30-40- سوملۇق  ھاراقلارنى ئىچىپ يۈرگەنلىرىمىزدە ئۇنۇتمايلىكى ئەتراپىمىزدا ئېيىغا 200 گىرام گۆش يېيەلمەي ئۆتىۋاتقان يوقسۇل قوشنا قۇلۇملىرىمىزنى ،ئۆيلىرىدىن ئايلىقىغا 50 سوملاردىن كەلگەن تۇرمۇش پۇلىغا 3ۋاق نان بىلەن تىرىشىپ ئاجايىپ نەتىجىلەر يارىتىۋاتقان ئۈمۈتۋار سىتۇدىنىتلىرىمىزنى ،مەۋسۈملۈكى 100يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ئوقۇش ۋە پارچە خىراجەتلەرنى تۆلەلمەي سىنىپلاردا بويۇن قىسىپ قېلىۋاتقان ناتىۋان بالىلىرىمىزنى .........

ئۇلار پۇرسەت يارىتىپ بېرىلسە دوكتور ،ماگىستىر بولىدىغان سىتۇدىنىتلار ، ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولىدىغان ئوقۇغۇچىلار ،ئۇلارغا ياردەمنى كىم تەمىنلەيدۇ ،مانا سىز ۋە مەن،ئۇنىڭدەك ،بىر سوم پۇلنى ئاز بىلمەيدىغان ،كۆپ تۈكەرسە كۆل بولۇر دەيدىغان  ،ياخشى ئىشنى ئۈزۈپ قويمايدىغان ،بىر سوم پىلانىنىڭ 16 ياشلارغا 60 ياشلارغا كىرىشنى ئۈمۈت قىلىدىغان تالايلىغان ئوت يۈرەكلەر .............



2012-يىل 14-يانىۋار ،شەھرى بورتالا ؛

  

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:08:42

بىر سوم مىھرىبانلىق پىلانى ئۈچۈن ئۈن تىنسىز ئىشلەۋاتقان ۋە جاپا چەككەن قېرىنداشلارنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئىگەم بەرسۇن!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:22:20

زىلتار ۋاپادارىمغا ئېھتىرام بىلدۈردۇ .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:33:50

باچكىمۇ ۋاپادارىمغا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. \"\"

tuhluk999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:54:04

‹‹قايسى بىر كۈنى ئىشتىن ياناشىمدا تاكسى ساقلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،ئارىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختاپ چىقىڭ دېدى››، مايەرنى ئوقۇپ مېنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .  {:90:}  .لېكىن ئۇ كۇنى مەن باشقىلارنىڭ ماشىنىسغا چىقىرىۋالغان سىلىنى .  {:92:}  .

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 16:55:56

«بىر سوم پىلانى » نى تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر فونىد قۇرساق بولاتتى ، ئەزا بولغانلار ئېيىغا بەلگىلىك «ئەزالىق » پۇلى تاپشۇرساق .

بىر ھاجىم مۇئامىلدارىم بار نەچچە مىلىيون پۇلىسىنىڭ ئۆسۈمىنى قەتئىي ئالغىلى ئۇنمايدىغان .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:12:36

4- قەۋەتتىكى tuhluk999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹قايسى بىر كۈنى ئىشتىن ياناشىمدا تاكسى ساقلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،ئارىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختاپ چىقىڭ دېدى››، مايەرنى ئوقۇپ مېنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن . \"\" .لېكىن ئۇ كۇنى مەن باشقىلارنىڭ ماشىنىسغا چىقىرىۋالغان سىلىنى . \"\" .

سىلىگىمۇ رەھمەت ،ئىككى قېتىم شۇنداق ئىشقا ئۇچراپتىمەن .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:14:04

5- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«بىر سوم پىلانى » نى تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر فونىد قۇرساق بولاتتى ، ئەزا بولغانلار ئېيىغا بەلگىلىك «ئەزالىق » پۇلى تاپشۇرساق .

بىر ھاجىم مۇئامىلدارىم بار نەچچە مىلىيون پۇلىسىنىڭ ئۆسۈمىنى قەتئىي ئالغىلى ئۇنمايدىغان .



ئۆسۆمنى ئېلىپ باشقىلارغا ياردەم قىلسا بولامدۇ ياكى ئۇ كىشى بۇنىمۇ ئىلىك ئالمامدۇ ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:23:32

مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى قىسسام تاپشۇرىۋالمىدىڭىزمۇ بىلمىدى، جاۋاب كەلمىدى. مېنىڭ ئالىپاي ھېساباتىمغا كىرگەن 112 سومىنى يوللاپ بېرەي دېگەنتىم، تېلېفون نومۇرلىرىنى يوقىتىپ قويۇپ، سىز بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم.  بانكا كارتا نومۇرىنى تېلېفونۇمغا ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن .

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:40:23

7- قەۋەتتىكى wapadarim912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«بىر سوم پىلانى » نى تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر فونىد قۇرساق بولاتتى ، ئەزا بولغانلار ئېيىغا بەلگىلىك «ئەزالىق » پۇلى تاپشۇرساق .

بىر ھاجىم مۇئامىلدارىم بار نەچچە مىلىيون پۇلىسىنىڭ ئۆسۈمىنى قەتئىي ئالغىلى ئۇنمايدىغان .



ئۆسۆمنى ئېلىپ باشقىلارغا ياردەم قىلسا بولامدۇ ياكى ئۇ كىشى بۇنىمۇ ئىلىك ئالمامدۇ ؟



ھازىرچە مەن تولا دەپ يۈرۈپ مول -ھوسۇل كارتىسىغا ئاپتوماتىك باغلىۋەتتۇق .


  مۇۋاپىق پۇرسەتتە مۇۋاپىق سورۇندا  بىر خىزمەت ئىشلەپ باقاي .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:44:22

ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولغاي ، بىر سوم پىلانىغا تېخىمۇ جىق ئىقتىساد يىغىلغاي ئاداش ...

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 18:07:33

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 21:29:57

11- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتىن بىرسى يۈز بېرىپتۇ مۇشۇ يېقىندا. «چېچى ئۇزۇن »ئەقلى قىسقا بىر ئايال مۇشۇ توردا «بىر سوم پىلانى»نى كۆرۈپ، ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، مەلۇم بىرسىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئايدا 100يۈەن ئەۋەتىپ بېرىشنىمەسلىھەت قىلىپتۇ. لېكىن پۇلدىگەننىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە دىگەندەك، تازا بىر قارارغا كېلەلمەي، مۇشۇ توردىكى ئۆزى بەك ھۆرمەت قىلىدىغان ، ئانچە مۇنچە ئەسەر يېزىپ قويىدىغان ،كەلگۈسىدىكى داڭلىق «يازغۇچى» ئەر توردىشىدىن مەسلىھەت ئالماقچى بولۇپ دەپتىكەن. ئۇ توردىشى «نىمە قىلىسىز ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىپ، خەققە ياردەم قىلىپ يۆلەپ بولغىلى بولمايدۇ. يىقىنغان ئادەم ئۆزى ئورنىدىن تۈرۈشى كېرەك »دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇ خىيالىدىن يىنىپتۇ.

يېڭى يىلدا بۇ تەشكىلاتتىن قىسقا ئۇچۇر كەپتىكەن.ئايال خىجىل بولغىنىدىن يەرگە كىرىپ كېتەي دەپتۇ.

ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىنى يىزىپ قويمامسىز بىزمۇ بىلىپ قالايلى؟ياكى بولمىسا ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىڭە ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 10:44:49

شەخسىي ئۇچۇرلارنى رۇخسەتسىز ئاشكارىلاش قانۇنغا خىلاپ، مۇنبەرگە ئاۋارىچىلىق.. \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 10:50:33

11- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل



يېڭى يىلدا بۇ تەشكىلاتتىن قىسقا ئۇچۇر كەپتىكەن.ئايال خىجىل بولغىنىدىن يەرگە كىرىپ كېتەي دەپتۇ.

ئەسما، سىزدىن جىددىي ئۆتۈنۈشۈم، تەشكىلات دىگەن خەتنى تەھرىرلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت.

«تەشكىلات» دىگەن سۆز، شەخىسكە نىسبەتەن ھۆددىسىدىن چىقىش تەس بولغان ئىنتاين سەزگۈر سىياسىي ئوقۇم، ئوقۇشماسلىقتىن دوستلىرىمىزغا ۋە تور بېكەتلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمىسۇن. بۇنداق، ئۇنداق تەشكىلات بارلىقىنى بىزمۇ ئاڭلىمىدۇق، بىلمەيمىز.



سىز تىلغا ئالغان بۇ سۆزنىڭ كىمنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئېنىق بىلمىدۇق. ۋاپادارىم بولسا بىزنىڭ قىممەتلىك دوستىمىز، «بىر سوم پىلانى» ئۇنىڭ يالغۇز ئەجرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئۇنى ئاۋارىچىلىقتىن قوغداش مەسئۇلىيىتىمز بار.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 10:51:42

4- قەۋەتتىكى tuhluk999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹قايسى بىر كۈنى ئىشتىن ياناشىمدا تاكسى ساقلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،ئارىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختاپ چىقىڭ دېدى››، مايەرنى ئوقۇپ مېنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن . \"\" .لېكىن ئۇ كۇنى مەن باشقىلارنىڭ ماشىنىسغا چىقىرىۋالغان سىلىنى . \"\" .

سىزنى تۇنۇيدىغان سىز تونۇمايدىغان ناتۇنۇش بىزنىڭ توردىشىمىزكەندە ئەسلى ..\"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 11:20:26

ئېسىل بالىلار بۇ ؛

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 11:36:15

مېنىڭچە بۇ خانىمدىنمۇ رەنجىمەيلى، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى كەلمىسە، ئاللاھ نىسىپ قىلمىسا بىكار، ئەينى ۋاقىتتا ۋاپادارىم بىر سوم پىلانىغا 3000يۈەن پۇل لازىم دىگەندە بانكا كارتىسى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئىكەن، ئاپتۇماتىك پۇل سېلىش ماشىنىسىدىن پۇل سېلىۋەتكەن ئىدىم، كىيىن ئىككى قېتىملىق ياردەم تېمىسىنىڭ كارتىسى سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىكەن (بىزنىڭ بۇ يەردە سودا سانائەت بانكىسى يوق)، ئىنىم بىلەن ئىككەيلەن ياردەم قىلىمىز دەپ نىيەت قىلغىلى بىر ئاي بولاي دەپتۇ، ئىشلار ئالدىراشمۇ ياكى مەن تازا كۆڭۈلشىمىدىممۇ بىلمىدىم شۇ پۇلنى ئەيساجاننىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرسەم ئېغىر كۆرمەي شۇلارنىڭكىگە ئاغدۇرۇپ بەرسە دەپ ئۇچۇر يوللىماي ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرسام شۇ ئىشنى ئويلاپ كۆڭلۈمدە «ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن شۇ ياردەمنى قىلىۋالسام بولاتتى» دەپ خىيال قىلىمەن، بىراق ۋاقتى كەلمىسە، ئاللاھ نىسىپ قىلمىسا بىكار ئىكەن، ئاللاھ شۇ خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا نىسىپ قىلسا بولاتتى. ئاللاھ خالىسا يەيدىغان رىسقىم تۈگىمىسىلا ئەتە شۇ ياردەمنى قىلىۋېتىمەن دەپ پىلان تۈزدۈم.

ئاللاھ ئىگەم ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 14:55:23

ماقالىنىڭ ئىككى يېرىدىن تەسىرلەندىم  . يىغىلغان پۇلنىڭ سانى ھەتتا 96 تىيىغنچە خاتىرلەنگەن .

مەن سىزنى تونۇيمەن ، چۈشىۋېرىڭ   .

tuhluk999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 16:53:01

15- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى tuhluk999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹قايسى بىر كۈنى ئىشتىن ياناشىمدا تاكسى ساقلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،ئارىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختاپ چىقىڭ دېدى››، مايەرنى ئوقۇپ مېنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن . \"\" .لېكىن ئۇ كۇنى مەن باشقىلارنىڭ ماشىنىسغا چىقىرىۋالغان سىلىنى . \"\" .

سىزنى تۇنۇيدىغان سىز تونۇمايدىغان ناتۇنۇش بىزنىڭ توردىشىمىزكەندە ئەسلى ..\"\"



سىز چىما ؟؟؟




بەت: [1] 2
: 6 يىلدا 56مىڭ سوم