tayir216 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 13:05:34

دۇنيادا مېسسى بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم



ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىغىدا ئارگىنتىنالىق چولپان مېسسى يەنىلا بىردىنبىر پۇتبولچى ھىساپلىنىدۇ،ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى رونى،ۋان پېرىس،ئىتالىيەدىكى ئىبرايىموۋىچ،قاتارلىق نۇغۇنلىغان داڭلىق پۇتبولچىلار ئوز بىرلەشمىسدە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئېرىشكەن شان شەرەپ ۋە بەزى جەھەتلەردە مېسسىغا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ،چۇنكى بۇ خەلقارا پۇتبول ئىستاسىتكا جەمىيىتى تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ بولغان ،2011-يىلى مېسسى خۇددى ئىلاھقا ئوخشاش پۇتۇن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم زىلزىلگە سېلىۋەتتى،يىل ئاخىردىكى باھالاشتا ،دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق بولغان ھەر قايسى ئاخبارات ئورنى تەرىپىدىن ،ھەر قايسى تۇردىكى «ئەڭ » مۇكاپاتنىڭ ھەمىسىنى دىگۇدەك مونپئۇل قىلىۋالدى،ھەتتا بەزى داڭلىق شەخىسلەر مېسسىنى ئىككى شاھ ،يەنى پىلى بىلەن مارادوناندىن تامامەن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىدى،شۇنداقلا مېسسىغا بەرگەن باھاسى ھەقىقەتەن يۇقۇرى بولدى،بۇ يىل ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن مېسسى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق پۇتبولچىلار ئىنتىلىدىغان،ھەمدە پۇتبولچىلىق ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ توپ ئويناش ئارزۇسدا بۇلىدىغان بارىسلونا كوماندىسدا، يۇقۇرى سەۋىيىدە توپ ئويناپ توختىماستىن توپ ئۇرۇپ بىر تەرەپتىن رىكورت بۇزۇپ يېڭىدىن موجىزە ياراتماقتا،مېسسى قىزغىنلىغى ھازىر پۇتۇن دۇنيانى بىر ئالدى،دولەت باشلىقلىرىدن تارتىپ ئاددى خەلىققىچە مېسسىغا قايىل بولغان ئادەملەر سانىمۇ بارغانسېرى ئورلىدى،مېسسى ئىسىملىك بۇ پۇتبولچى كىشىلەر قالبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالدى،ھەتتا دۇنيادىكى بەزى داڭلىق پۇتبولچىلار ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ،ئۇزىنىڭ مېسسى بىلەن بىرگە توپ ئويناش ئارزۇسىنىڭ بارلىغىنى ئېيتقان، #lL^?|M

كىشىلەر ھازىر شۇنداق سۇئال قويماقتا ، ھازىر دۇنيادا مېسسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان پۇتبولچى زادى بارمۇ يوق ؟ ئاخبارات ۋاستىلىرى نۇرغۇن قېتىم ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپتى،ئەلۋەتتە بار ،ئۇ بولسىمۇ يەنىلا پورتۇگالىيەلىك داڭلىق قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو ، 8V`WO6*

كىرىستىيانو رونالدو يېقىندىن بۇيانقى مېسسى بىلەن يۇز تۇرانە ئېلىشىتا گەرچە يېڭىلغان بولسىمۇ،بىراق رونالدونىڭ 2011-يىلدىكى ياخشى نەتىجىسى مېسسىنىڭكىدىن كوپ پەرقلەنمەيدۇ،رونالدومۇ ئۇزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى،نەتىجىسنى ياخشى بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ،رونالدونىڭ مۇقىم بولغان ھالەتتە توپ ئوينىشى كىشىلەرنى مېسسىغا بۇ دۇنيادا تاقابىل تۇرالايدىغان بىردىنبىر پۇتبولچىنىڭ يەنىلا كىرىستىيانو رونالدو ئىكەنلىگە ئىشەندۇردى،ھەم ئىشەندى،   

بىر پەسىلدە 40 توپ ئۇرۇپ تارىختىكى ئەڭ كۇچلۇك ھۇجۇمچىغا ئايلىنىپ « ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشىش:   

رونالدونىڭ 2011-يىلدىكى ئالغان شان شەرىپىنىڭ ئارىسدا،ئەڭ چوڭ بولغىنى ئەلۋەتتە « ئالتۇن كەش» مۇكاپاتى،بۇ مۇكاپات رونالدونىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى پەۋقۇلادە ئىپادىسىگە،شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن ئىكەنلىگە ۋەكىلىك قىلىدۇ،2011-يىلى رونالدو ئېنگىلاند مانچىستىر بىرلەشمىسىدن خان مادىردتقا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى بولغان ھالىتىنى ساقلىدى،ئارقا-ئارقىدىن توختىماي 40 توپ ئۇرۇپ خان مادىردتىنىڭ بۇرۇنقى قاتىل ھۇجۇمچىسى سانچېس ساقلاپ كەلگەن 38 توپ ئۇرۇش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى،رونالدو مۇشۇ نەتىجىسى بىلەن 15 يىلدىن بۇيان، ئىسپانىيە بىرلەشمسىدىكى ئەڭ كۇچلۇك « ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇتبولچى بۇلۇپ قالدى،رونالدودىن كېيىنكىسى بولسا مېسسى بۇلۇپ،ئۇرغان توپ سانى 31،ئۇچۇنچىسى ئىتالىيە ئۇدىنس كوماندىسىدىكى دىناتالى،ۋە گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدىكى گومىسى،بۇ ئىككى پۇتبولچىنىڭ ئۇرغان توپ سانى ئوخشاشلا 28،رونالدودىن بۇرۇن ياۋرۇپا 5 بىرلەشمىدە بىر پەسىل مۇسابىقىدا 30 توپ ئۇرغانلاردىن،تونى،تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو،مېسسى،ھېنرى،فورللان قاتارلىق مۇشۇ پۇتبولچىلار 30 توپ ئۇرغان،بىر پەسىلدە 40 توپ ئۇرغانلاردىن، ئىلگىرى پەقەت گېرمانىيەنىڭ بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسدا توپ ئوينىغان بومباردىمانچى ئايرۇپىلان گىرد موللېر 40 توپ ئۇرغان،رونالدو مۇشۇ نەتىجىنى پەقەت 34 مەيدان مۇسابىقىدا ياراتتى،ياۋرۇپا ئۇزغانلىق مۇسابىقىسدا، 12 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 6 توپ ئۇردى،8 مەيدان شاھلىق لوڭقىسدا 7 توپ ئۇردى،توپ ئۇرۇش ئۇنۇمى ھەر بىر مەيدانغا 1.17 توپتىن توغرا كەلدى،بۇ نەتىجە 40 يىلدىن كېيىن،رونالدونىڭ 5 بىرلەشمىدىكى ئەڭ كۇچلۇك ھۇجۇمچى ئىكەنلىگىنى ئېنىق دەلىلەپ بەردى، بىر پەسىلدە 9 قالپاق ئۇيۇنى ئويناپ ،پۇتكۇل ياۋرۇپادا بىرىنچى ئۇرۇنغا ئۇتۇش:



پەقەت 2011-يىلنىلا ئېلىپ ئېيتقاندا ،كىرىستىيانو رونالدو بىر يىل جەريانىدا ھەر قايسى تۇردىكى 51 مەيدان مۇسابىقىدا جەمى 52 توپ ئۇردى،بۇنىڭ ئىچىدە 42 توپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە ئۇرۇلغان توپ،رونالدو 2011-يىلدىكى ئۇرغان ئومومى توپ سانى جەھەتتە مېسسىنىڭ جەمى ئۇرغان 55 توپتىن پەقەت 3 توپ ئاز بولسىمۇ،لېكىن مېسسىدىن 6 مەيدان مۇسابىقىنى ئاز ئوينىدى،بۇ جەھەتتە رونالدو توپ ئۇرۇش ئۇنۇمى جەھەتتە مېسسىدىن يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا رونالدو 2011-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە جەمى 9 مەيدان مۇسابىقىدا ئۇچتىن يۇقۇرى توپ ئۇردى « ئۇچ توپنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ» مانا مۇشۇنداق سانلىق مەلۇماتلار رونالدونىڭ ياۋرۇپا مەرگەنلەر ئارىسدا بىردىنبىر قاتىل ھۇجۇمچى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ، & p

رونالدو مۇشۇ ئوينغان 9 قالپاق ئۇيۇنى ئادەتتىكى كوماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدا ئوينالغان ئەمەس،يەنى ئەنئەنىۋى كۇچلۇك كوماندىلاردىن ،سېۋىلىيا،داڭلىق چولپانلار توپلاشقان مالاگا،ئۇنىڭدىن باشقا زاراگۇزا،ۋالكانو،قاتارلىق كوماندىلارغا ئۇچتىن توپ ئۇرۇپ قالپاق ئۇيۇنى ئوينىدى،ھەمدە بۇ تۇردە پۇتكۇل ياۋرۇپادا بىرىنچى ئۇرۇنغا ئوتتى،رونالدونىڭ بۇ نەتىجىسگە ئەڭ يېقىنلاشقان پۇتبولچى بولسا ،6 قالپاق ئۇيۇنى ئوينىغان گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدىكى گومىس،بىراق مېسسى بولسا 2011-يىلى پەقەت 4 قالپاق ئۇيۇنى ئوينىدى،بۇ نەتىجە شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، 2011-يىلدىكى توپ ئۇرۇش ماشىنسىى يەنىلا رونالدو،   

.

بىرازىلىيەلىك تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونىڭ ئەڭ كوپ توپ ئۇرۇش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا پەقەت ئىككى پەسىل ۋاقىت كەتتى،   

2011-2010-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە،رونالدوغا نىسبەتەن ئېىلپ ئېيتقاندا ،يەنە بىر ئەھمىيەتلىك مۇسابىقە پەسلى بولدى،يەنى پۇتۇن دۇنيانى زىلزىلگە سېلىۋەتكەن تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونىڭ، ئەينى چاغدا خان مادىردتتا ئۇرغان ئومومى توپ سانىنى بۇزۇپ تاشلاپ يەنە بىر قېتىم ئۇزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى،تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو خان مادىردتتا توپ ئوينىغان 4 يىل جەرياندا، ھەر قايسى تۇردىكى مۇسابىقىدا 177 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ جەمى 104 توپ ئۇرغان،رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش ئۇنۇمى ھەقىقەتەن يۇقۇرى بولغان،بۇنداق ياخشى نەتىجىنى ياراتماق ئاسان ئەمەس،لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى تاشقى پىلانت ئادىمىدىن ئېشىپ كەتتى،رونالدو پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى،بىز بىرازىلىيەلىك رونالدونىڭ ئەينى چاغدا خان مادىرىتتا توپ ئوينىغان ۋاقتىنى ئەسلەپ باقايلى،رونالدونىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پەسلى بولسا ،2003-2004-يىلىكى مۇسابىقە پەسلى،بۇ پەسىلدە بىرازىلىيەلىك رونالدو 32 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ جەمى 24 توپ ئۇرغان،توپ ئۇرۇش ئۇنۇمى ھەر بىر مەيدانغا 0.75 توپتىن توغرا كەلگەن،لېكىن كىرىستىيانو رونالدو بولسا 2010-2011-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە 34 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ جەمى 40 توپ ئۇردى،توپ ئۇرۇش ئۇنۇمى ھەر بىر مەيدانغا 1.17 توپتىن توغرا كەلدى،ئىككى دەرىجىدن تاشقىرى چولپاننىڭ خان مادىردتىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا قارايدىغان بولساق،بىرازىلىيەلىك رونالدو خان مادىرىدتا توپ ئوينىغان 4 يېرىم يىل جەرياندا ،خان مادىردتقا ۋاكالىتەن 127 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 83 توپ ئۇردى،كىرىستىيانو رونالدو بولسا 79 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 86 توپ ئۇردى،رونالدو خان مادىرتقا كەلگەن مۇشۇ ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا،ھازىرغا قەدەر 112 مەيدان مۇسابىقىغا 110 توپ ئۇردى،خان مادىرد كوماندىسنىڭ ھازىرقى ياخشى ھالىتى رونالدونىڭ كېيىنكى مۇسابىقە جەريانىدا ئۇزىنىڭ يېڭىدىن ياراتقان رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا تۇرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن،جەڭ سىگنالى رونالدونى داۋاملىق چاقىرماقتا....

رونالدو چىمپىيۇنلۇق جېڭىدەپەقەت بىر قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسى بىلەن، 5 قېتىملىق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن مېسسى بىلەن لوڭقا سانىنى سېلىشتۇرۇشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز   

2011-يىلى كىرىستىيانو رونالدو ئۇزىنىڭ كىشىنى چۇچۇتكىدەك دەرىجىدىكى ئۇرغان توپ سانى بىلەن پۇتكۇل ياۋرۇپانى زىلزىلگە سېلىۋەتكەن بولسىمۇ،لېكىن كوماندىنىڭ ئومومى نەتىجىسى جەھەتتە ،بارىسلونا كوماندىسىدن كېيىن تۇرىدۇ،بۇ جەھەتتە رونالدو ھەقىقەتەن ئامالسىز،شۇنداقلا رونالدونىڭ كوماندىنى باشلاپ چىمپىيۇنلۇق جېىڭىدە مەغلۇپ بۇلۇشى سەۋەبىدىندۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورنى بولغان فىرانىسيە « پۇتبول ژورنىلىنىڭ» باھالىشىدىكى 2011-يىلدىكى « ئالتۇن توپ » مۇكاپات نامزاتىدا ھازىر مېسسىدىن تۇۋەن ئۇرۇنغا چۇشۇپ قالدى،بۇ يېقىنقى ئىستاتىسكىدا ئاشكارلانغان،ئادەتتە كوماندىنىڭ چىمپىيۇنلۇق شەرىپى دەل مۇشۇ « ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نامزاتنى باھالشتا مۇھىم ئولچەم قىلىنىدۇ،ئەلۋەتتە رونالدونىڭ 2011-يىلى ئۇرغان توپ سانى كوپ،ھەم ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە،لېكىن مېسسى باشچىلىغىدىكى بارىسلونا كوماندىسى 5 لوڭقىنى قولغا كەلتۇردى،رونالدو باشچىلىغىدىكى خان مادىرد كوماندىسى بولسا ،پەقەت بىرلا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ،يەنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى ئالدى،ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇغى ۋە ياۋرۇپا ئۇزغانلىق چىمپىيۇنلۇغىدن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ تۇردىكى لوڭقىدىن مەھرۇم قالدى،شۇڭۇلاشقا بۇ « ئالتۇن توپ » مۇكاپاتى مېسسىغا مەنسۇپ بۇلۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ، xef% d G.

ئەمىليەتتە مۇرىنئۇ خان مادىرد كوماندىسنى يىتەكلىگەندىن بۇيان كوماندىدا بەزى ئوزگەرتىش ئېلىپ باردى،بۇنىڭمۇ ئۇنۇمى يۇقۇرى بولدى،چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يېڭىش بۇنىڭ ئىسپاتى بۇلالايدۇ،لېكىن گۇئادىئالانىڭ يىتەكچىلىگىدىكى قىسقا پاسنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان بارىسلونا كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدە مەغلۇپ بولدى،مېسسىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇغى،شاھلىق لوڭقىسى،ياۋرۇپا ئۇزغانىلىق ،ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى قاتارالىق 5 لوڭقىنى ئالدى،بارىسلونا كوماندىسنىڭ مۇشۇ 5 لوڭقىغا ئېرىشىشى بىرىنچى بۇلۇپ مېسسىنىڭ توھپىسىدىن بولغان،   

7 مەيدان دىربىدا كىرىستىيانو رونالدو ئاساسى جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى، -

ھازىر پۇتۇن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ يۇز تۇرانە جېڭى دەل ئىسپانىيە دىربىسدا ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ،چۇنكى بۇ دىربى دۇنيادىكى سەۋىيسى ئەڭ يۇقۇرى ئىككى كوماندا ئوتتۇرسدا ئېلىپ بېرىلىدۇ،2011-يىلدىكى تۇنجى ئايلانما ئىسپانىيە دىربىسىدا رونالدو بىر نوقتا توپ ئۇردى،بۇ رونالدوغا نىسبەتەن ياخشى باشلىنىشتىن دىرەك بەردى،كېيىنكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا رونالدونىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى،كوزنى ئالا چەكمەن قىلىدىغان ئادەم ئالداش ھەركىتىمۇ كوپ بولدى،ھەمدە مۇۋاپىقىيەت قازاندى،ئاخىردا يۇقۇرى سەۋىيىدىكى بىر كاللا توپ بىلەن بارىسلونا كوماندىسنى بۇغۇزلاپ تاشلاپ چىمپىيۇن بولدى،لېكىن كېيىنكى 5 مەيدان دىربىدا رونالدو ئاساسى جەھەتتىن رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالمىدى،ياۋرۇپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا مېسسىنىڭ ئىككى توپ ئۇرۇشى بىلەن مادىرىدشاللىنىپ كەتتى،دەل مۇشۇ مۇسابىقىدن كېيىن رونالدونىڭ كەيپىياتى بۇزۇلۇش تەرەپكە قاراپ ماڭدى،

شۇنداق قىلىپ 2011-يىلدىكى 7 مەيدان دىربىدا مېسسى 6 توپ ئۇرۇپ ،ئىككى ياردەمچى پاس بەردى،رونالدو بولسا پەقەت ئىككى توپ ئۇردى،كوماندىدىنىڭ نەتىجىسى بولسا بىر مەيدان يېڭىپ ئۇچ مەيدان تەڭلىشىپ ئۇچ مەيدان ئۇتتۇرۋەتتى، مېسسى بىلەن رونالدونىڭ بۇ جېڭى يەر شارى كوماندىسى بىلەن ئالەم كوماندىسنىڭ ھەقىقى كۇچىنى ۋە پەرقىنى ئېچىپ بەردى،   

چوڭ مۇسابىقىدا رونالدو بىلەن مېسسىنى سېلىشتۇرۇشرونالدو بىلەن مېسسىنىڭ يەنە بىر پەرقى،چوڭ مۇسابىقىدا ئوزىنى بېغىشلاش،ھالىتىنى كونتورول قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ،يېقىندا بەزى خەۋەرگە قارىغاندا،خان مادىرد يۇقۇرى قاتلىمى رونالدو ئۇچۇن مەخسۇس پىسخىكا دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ رونالدونىڭ ئادەتتىكى مۇسابىقىدا شۇنداق ياخشى ،لېكىن دائىم چوڭ مۇسابىقىدا ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىنى ئېنىقلىماقچى بولغان،ھازىر مادىرد يۇقۇرى قاتلىمىمۇ رونالدونىڭ دەل مۇشۇ دىربىدا ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىز بۇلۇشدىن ئەنسىرمەكتە،رونالدو مۇسابىقىدن بۇرۇن دوستلىرىغا بىر نەچچە قېتىم ئۇزىنىڭ سەل جىددىلىشىۋاتقانلىغىنى ئېيتقان،بۇ ئېنىقلا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە توپ مەستانىلىرنىڭ رونالدوغا ھەدىدىن زىيادە بېسىم قىلىشىدىن بولغان،لېكىن مېسسى نىمە ئۇچۇن ھىچ ئىش بولمىغاندەك پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ،مانا بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى، }K|oicpUg

رونالدونىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسدە توپ ئويناۋاتقان مەزگىلگە قايتىپ كەلسەك،رونالدو بارىسلونادىن باشقا داڭلىق ئۇچ زەردار ،يەنى ئارسىنال،چېلىسى،لېۋېرپول قاتارلىق 4 كوماندا بىلەن جەمى 42 مەيدان تۇتۇشۇپ باققان،مۇشۇ زەردارلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدا رونالدونىڭ ئۇرغان توپ سانى پەقەت 10،بۇ نەتىجە دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر چولپان ئۇچۇن ياخشى نەتىجە ئەمەس،بىراق تەمكىن مېسسى بولسا ،خان مادىرىد بىلەن ئوينالغان 16 مەيدان مۇسابىقىدا،13 توپ ئۇردى،ئارسىنال،بايرىن مىيۇنخىن،مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان كۇچلۇكلەر ئۇچرۇشىدا قىلچە تەمتىرمەي ئەجەللىك توپ ئۇردى،شۇندالا مېسسىنىڭ ئۇرغان مۇشۇ توپى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى،بۇ جەھەتتە مېسسى يەنە بىر قېتىم يەر شارى كوماندىسىدىكى رونالدونى مەغلۇپ قىلدى،   



2012-يىلدىكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسى رونالدوغا نىسبەتەن ئۇزىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى سەھنە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن،

رونالدونىڭ يېقىندىن بۇيان پورتۇگالىيە دولەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ.ھازىر دولەت كوماندىسدا جەمى ئۇرغان توپ سانى پورتۇگالىيە دولەت كوماندىسنىڭ بۇرۇنقى مەنىۋى تۇۋرۇگى بولغان فىگونىڭ ئۇرغان توپ سانى بىلەن تەڭلەشتى. 2012-يىلى ئوكرائىنىيە ۋە پولشادا ئوتكۇزۇلىدىغان ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپتىكى ئالدىن تاللاش ئەڭ ئاخىرقى ھايات -ماماتلىق مۇسابىقىدا ،يەنە رونالدو كوكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقتى،يەنى بوسىنىيە كوماندىسىغا ئىختىيارى توپتىن بىرنى ئۇرۇپ كوماندىنىڭ غەلبە يۇلىنى ئېچىپ بەردى،ھەمدە ئاخىردا ئۇڭۇشلۇق ھالدا بۇ ئوتكەلدىن ئۇتۇپ كەتتى،كىلەر يىلى جەنۇبى ئامىركا دائىرسدە چوڭ ھەجىمدىكى مۇسابىقە يوق،يەنى مېسسىنىڭ چوڭ مۇسابىقىسى يوق،بۇ يىل بولسا پۇتۇن دۇنيانىڭ كوز تىكىۋاتقىنى يەنىلا ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسى،بۇ رونالدوغا نىسبەت ياۋرۇپا پۇتبول سەھنىسدە ئۇزىنى كورسىتىدىغان چوڭ پۇرسەت ھىساپلىنىدۇ،بۇلۇپمۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتغا بىۋاستە تەسىر كورسىتىدۇ،زىدانى 1998-يىلى ۋە 2000-يىللىرى كوماندىنى باشلاپ،ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيۇنى بولغان،ھەمدە شۇ نوۋەتلىك مۇسابىقىدىن كېيىن،« ئالتۇن توپ » مۇكاپاتى زىدانىغا مەنسۇپ بولغان،ئۇنىڭدىن باشقا 2002-يىلدىكى تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو ۋە 2006-يىلدىكى ئىتالىيەلىك كاناۋارومۇ شۇ تۇردىكى مۇكاپاتنى ئالغان،شۇڭۇلاشقا رونالدونىڭ بۇ يىلدىكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسدىكى نەتىجىسى مۇشۇ « ئالتۇن كەش » مۇكاپاتىغا بىۋاستە تەسىر كورسىتىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن،مېسسىنىڭ ئارگىنتىنا دولەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولماسلىغى،ئەكسىنچە رونالدونىڭ دولەت كوماندىسىدىكى مۇقىم بولغان ھالەتنى ساقلىشى رونالدوغا ياخشى پۇرسەت ھىساپلىنىدۇ،ئەمدى بۇ يىلقى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسدا ئۇزىنى نامەيەن قىلسا،بۇ رونالدونىڭ مېسسىدىن ئېشىپ كېتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ۋەزىيەت يارىتىلدۇ،ئەمدى گەپ رونالدودا قالدى.....   



خان مادىرد كوماندىسىنى باشلاپ چىمپىيۇنلۇق ئۇچۇن تۇرتىكىلىك رول ئويناش:

خان مادىرد كوماندىسنىڭ بۇ يىل چوڭ تۇردىكى مۇسابىقىدا كوپلىگەن لوڭقىغا ئېرىشىش يەنىلا رونالدو ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن،لېكىن رونالدو مۇشۇ مۇسابىقىلاردا ھالقىلىق رول ئوينىيالامدۇ ؟ ئەڭ مۇھىم مەسلە دەل مۇشۇ،2011-يىلى رونالدو پەقەت بىر لوڭقىنى ئالدى،ئۇزىنىڭ شەخسى نەتىجىسى جەھەتتە مېسسىدىن قېلىشمىسىمۇ،لېكىن كوماندىنىڭ ئومومى نەتىجىسى بولغان لوڭقا سانى جەھەتتە ئەلۋەتتە بارىسلونا كوماندىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،بارىسلوناغا تاقابىل تۇرماق ھەقىقەتەن تەس دەپ قارالسىمۇ،بىراق بۇ پەسىل كوماندىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ،بۇلۇپمۇ ھۇجۇم كۇچلۇك بولماقتا،2012-يىلى رونالدو ئالدىنقى يىلدىكى نەتىجىنى پۇتۇنلەي ئوزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ،قىشلىق ئارام ئېلىشتىن بۇرۇن ،خان مادىرد كوماندىسى بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە بارىسلونادىن ئېشىپ بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ،ياۋرۇپا ئۇزغانلىق گۇرۇپ مۇسابىقىدىمۇ تۇلۇق يېڭىپ گۇرۇپتىن ئۇڭۇشلۇق چىقىپ بولدى،ھازىر دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى خان مادىرد كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىل چىمپىيۇن بۇلۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ،خان مادىرد كوماندىسنىڭ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا ئۇزغانلىق بۇ ئىككى تۇردىكى مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بارىسلونا كوماندىسىدن قېلىشمايدۇ، بۇمۇ رونالدو ئۇچۇن پايدىلىق ۋەزىيەت،ئەمىليەتتە رونالدو مېسسىنى مەغلۇپ قىلماقچى بۇلىدىكەن،چۇقۇم دىربىدا بارىسلونا كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىش ئارقىلىق مېسسىغا بېسىم قىلىشى كىرەك،بۇلۇپمۇ ياۋرۇپا ئۇزغانلىق مۇسابىقىسدا توپ ئۇرۇپ مېسسىنى پاسىپ ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قويغاندىلا مېسسى ئۇستىدىن غالىپ كەلگىلى بۇلىدۇ،ئەگەر رونالدو مۇشۇنداق چوڭ تۇردىكى مۇسابىقىدا بارىسلونانى مەغلۇپ قىلالمىسا ،ئۇ چاغدا مەغلۇپ بۇلىدىغىنى ئەلۋەتتە رونالدو ئۇزى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن،شۇنداقلا تارىخ قايتا تەكرارلىنىشى ئېنىق، ئىسپانىيە دىربىسدا چۇقۇم جىددىلىش كەيپىياتىنى چورۇپ تاشلاش بىلەن بىرگە سالماق بۇلۇپ ھەقىقى سەۋىيسىنى جارى قىلدۇرۇش : ھازىر ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ئىسپانىيە دىربىسى 2012-يىلى 4 مەيدان ئوينىلىدۇ،رونالدو چۇقۇم ئالدىنقى پەسىلدىكى جىددىلىشىش ۋە ناچار كەيپىياتىنى چورۇپ تاشلاپ قايتىدىن باشلاش كىرەك،مۇشۇ 4 مەيدان دىرىبىدا خان مادىرد كوماندىسنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى يەنىلا رونالدو بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،رونالدو ئەمدى مېسسىغا بېسىم قىلىپ ئوينىغاندىلا چۇقۇم قايتىدىن بىرىنچىلىك ئورىنىغا چىقىشى مۇمكىن،مېسسىنى مەغلۇپ قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس،دۇنيادا مەڭگۇلۇك غالىپ بولمايدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن رونالدو مېسسىنى چۇقۇم ئۇنتۇپ كېتىشى كىرەك،شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئالەم كوماندىسىدىكى 10 نۇمۇرنىڭ شاھلىق ئورنىنى تارتىۋالاليدۇ،

مەنبەhttp://www.tagdim.com

elcibei يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:06:15

س. رونالدونىڭ مادرىدتىكى شەخسى نەتىنجىلىرى دېگەندە كوماندىدىكى ئۆزى مونوپول قىلىۋالغان «نۇقتا توپلار»نى كۆزدە تۇتامدۇق ياكى ئاجىز كوماندىلارنى كۆرگەندە «ئۆزىنى ئۇنتۇغان»ھالدا ئۇرىۋاتقان «پاساھەتلىك» توپلىرىنىمۇ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 17:12:04

كىرىستىئانچىكىت توپنى ياخشى تىپىدۇ . 08 دىن بۇيان بىرنىمۇ ساق قويماي كىرگۈزۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇنى چىكىت .رونالدو دەپ ئاتاۋاتىمىز. بولسا تىخىمۇ كۆپ چىكىت توپلارنى ھاردىم تالدىم دېمەي كىرگۈزۈپ تۇرسابىزمۇ ھوزورلانساق\"\"

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 19:11:25

ئىزدىنىشتا كۇچۇرۇلمە تېما كورەمەن دىمىگەنتىم. \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 20:46:24

ئالدىمىزدا يەنە ئەسىر دېربىسى بار. قېنى مىسسى بىلەن رونالدونىڭ كارامىتىنى يەنە كۆرىمىز تېخى...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 21:00:50

ئاجىز كوماندىلارنى كۆرسە بۆكنى 2-3نى كىيىۋالغان بىلەن موھىم مۇسابىقىلەردە ئاقمايدۇ \"\"

مېسسىغا يىتەلمەيدىغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ يېشىمۇ ئىسپاتلاپ بولدى.

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-1-14 23:08:28

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاجىز كوماندىلارنى كۆرسە بۆكنى 2-3نى كىيىۋالغان بىلەن موھىم مۇسابىقىلەردە ئاقمايدۇ \"\"

مېسسىغا يىتەلمەيدىغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ يېشىمۇ ئىسپاتلاپ بولدى.



ئۆزىنىڭ مەيداندىكىچىرايلىق نەپىس ھەركەتلىرى بىلەن ،چىكىت رونالدو مىسسىنىلا ئەمەس ،خىلى توپچىلارنىمۇ \"\"ئاللىبۇرۇن بىسىپ چۈسكەن ...بۇ جەھەتتە مىنىڭچە ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ،بۇندىن بۇرۇن بۇنداق سەخسى تىخنىكىسى ئالاھىدە نەپس بولغان بۇنىڭدەك توپچى يوقمىكىن ،ئەلۋەتتە پىقىرمۇ توپ مۇسابىقىسى كۆرۋاتقىلى ئۇزۇن يىللا بولمىغان بولسىمۇ ،ھەم مۇسابىقە كۆرۈس تارىخىم ھەر ھالدا قىسقا ئەمەس .\"\" ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 10:17:44

مەن پۇتبولغا دائىر ئاتالغۇلاردىن «دۇنيا لوڭقىسى» دىن باشقا ئاتالغۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن، بارسىلونا لوڭقىسىدىن باشلاپ كۆرگەن بولمىسا..

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 10:36:16

مىسسىنى چوڭ بىلىدىغانلار رونالدونى تېخى مىسسى ئالغان ھەر ھەر لوڭقا، ئۈچ قېتىملىق پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپى ،بىرلەشمىدىكى جىق شەرەپلەرنى ئېلىپ باقمىدى،دېربىيدا ئۇتتۇرۇپلا يۈرىدۇ دەپ ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆرىدۇ .

ئۇششاق رونالدونى چوڭ بىلىدىغانلار مىىس دىگەن پەتەك پەقەت بارسلونادىلا ئوينىدى،رونالدودەك نەگىلا بارسا چاقنىيالمايدۇ ئالتۇن دىگەن ھامان ئالتۇن، ،خاۋى بىلەن ئىنىستا بولمىسا ئۇ مىسسى بولالمايدۇ ،يامان بولسا كۇلۈپ ئالمىشىپ باقسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسىدا تۈزۈك نەتىجە ئالسۇن دەۋاتىدۇ...



پېقىرغا نىسبەتەن قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولسا بولدى خالاس...بۇلار تېخى سويما...ئۇلار پۇتبولچىلىق ھاياتىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ ئۇنىسى نامەلۇم ، زىدانى ، راھۇل ،پېرلو قاتارلىق توپچىلاردەك مەستانىلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە قالدۇرۇپ خوشلىشالىسا ھىساپ دەپ قارايمەن...لېكىن ھازىر مۇشۇ ئىككىسىنىڭ سەۋىيىسى ھەر ھالدا بولىدۇ...

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 12:23:46

كىم -كىمگە قىزىقسا شۇنى داڭلايدۇ .بۇ قېتىملىق ئەسىر دىربىسىدە كارامەتنى يەنە كۈرىمىز .شۇنداققۇ.

tayir216 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 12:51:32

پۇتپولغا قىزىىدىغان دوستلارغا تەۋسىيە مەنمۇ بىر پۇتپول ھەۋەسكارلىرى ئالدىنقى كۈنى تور بەت ئاختۇرۇپ بىر تور بەت كۆرۈپ قالدىن ئىچىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى كۇلۇپلارنىڭ پۇيپول چولپانلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە كىرگەن چىرايلىق توپلار ۋە كەلگۈسى ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىىلەرنىڭ ۋاقتى بىۋاستە كۆرسىتىش ئورنىدىن تارتىپ ھەممىسى باركەن شۇڭا سىلەرەەمۇ پايدىسى بۇلۇپ قالغۇسى دەپ يوللاپ قويدۇم

http://www.tagdim.com

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-15 18:27:12

6- قەۋەتتىكى erven_rummelنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاجىز كوماندىلارنى كۆرسە بۆكنى 2-3نى كىيىۋالغان بىلەن موھىم مۇسابىقىلەردە ئاقمايدۇ \"\"

مېسسىغا يىتەلمەيدىغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ يېشىمۇ ئىسپاتلاپ بولدى.



ئۆزىنىڭ مەيداندىكىچىرايلىق نەپىس ھەركەتلىرى بىلەن ،چىكىت رونالدو مىسسىنىلا ئەمەس ،خىلى توپچىلارنىمۇ \"\"ئاللىبۇرۇن بىسىپ چۈسكەن ...بۇ جەھەتتە مىنىڭچە ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ،بۇندىن بۇرۇن بۇنداق سەخسى تىخنىكىسى ئالاھىدە نەپس بولغان بۇنىڭدەك توپچى يوقمىكىن ،ئەلۋەتتە پىقىرمۇ توپ مۇسابىقىسى كۆرۋاتقىلى ئۇزۇن يىللا بولمىغان بولسىمۇ ،ھەم مۇسابىقە كۆرۈس تارىخىم ھەر ھالدا قىسقا ئەمەس .\"\" ...



بەك قەدىمكى زاماندىكىنىمۇ دېمەي بوپتۇ.\"نوكامپۇ شاھزادىسى\" نى دەپ تۇراي . ئۇ ھازىر\"ھايات\" بولغاندىن كېيىن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 06:44:29

بۈگۈن ئاخشام مادرىت مەستانىلىرى ئۈچۈن يەنە بىر زېرىكىشلىك ئاخشام بولدى \"\"

ئۆز مەيدانىدا يەنە بارساغا 1:2نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مەن تېخى مادرىتنى بىرەر نەرسە قىلالارمىكىن،ھېچ بولمىسا ئۆز مەيدانىدا دەپ ئۈمىد كۈتكەن ئىدىم \"\"

بارسا يەنە كونا پەردىدە 70%دىن ئارتۇق توپ كونتىرول قىلدى.

ئاۋۇ پىپى دىگەن ساراڭنىڭ جىدىلى بۇرۇندىن بار ئىدى.

بۇ قېتىممۇ يەنە شۇ ساراڭ

شاڭخەي شىڭخوۋا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ كاكانى ئالىمىز دىگىچە مۇشۇ ساراڭنى ھەقسىز تېرىۋالسا بولمامدۇ.مادرىت ئۈچۈن پايلدىلىق بۇ ساراڭ مەيداندا بولمىسا
بەت: [1]
: دۇنيادا مېسسى بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم