شىۋېتسىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قول يازمىلار كاتالوگى
شىۋېتسىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قول يازمىلار كاتالوگى
شىۋېتسىيىدە ساقلىنىۋاتقان گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچىنچى چوڭ قول يازما توپلىمى بولۇپ 1100 تېمىدىكى 560 پارچە قول يازمىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ خىل بايلىقلار بىزنىڭ 150 يىللىق تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش، ئىزدىنىشتە ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ساقلانماقتا. بلوگىمىزدا بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كاتالوگى بىلەن يۈز كۆرۈشىسىز.
قول يازمىلار كاتالوگى
مۇزدوزلۇق رىسالىسى، يەركەنت، 1929
ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىسى، يەركەنت، 1929.
تۇمار قۇتىسى. بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ مۇھەببىتى، يەركەنت،1929.
پەندى –نەسىھەتلەر، يەركەنت،1929.
تۇمار كىتاپچىسى. نەسىھەت ۋە دۇئالار، يەركەنت ، 1929.
يۇت بىبى شاخنىڭ تەزكىرىسى(يەركەنتتە ياشاپ ئوتكەن بىر ئايال دانىشمەن).
دەرۋىشلەر قوللانمىسى، يەركەنت، 1929.
شەيىخ جافار سادىق ھەققىدە ، يەركەنت، 1347/1928-1929.
رىۋايەتلەر، يەركەنت، 1930.
خوجا مۇھاممەت شەرىف ھەققىدە تەزكىرە، 1930.
غەزەللەر، 1930.
يۇسۇف-زۇلايخا ، يەركەنت، 1248/1929-1930.
خافت مۇھەممەت شاھنىڭ تەزكىرىسى، يەركەنت، 1930.
تۈرلۈك دۇئالار پۈتۈلگەن تۇمار.
قۇرئان ھەققىدە شەرھىيە، يەركەنت، 1347/1929.
پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، يەركەنت، 1920.
پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، 1220/1805.
پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى.
پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ھىكايە، 19-ئەسىر.
پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ھىكايە،19-ئەسىر.
ئاجايىباتلار.دۇنيا تارىخى، يەركەنت،1930.
ئىنسان تەبىىتى ۋە بەدىنى ھەققىدە ئىككى شەرت ۋە زىكىرنىڭ مەنىسى ھەققىدە، يەركەنت.
ھىكايىلەر توپلىمى، يەركەنت، 1347/1928-1929.
توپلانمىلار ،ياركەنت ،1928-1929.
ھىكايىلەر توپلىمى، ياركەنت، 1928-1929.
شاگىرتلىق ئەخلاقى توغرىسىدا، ياركەنت، 1927-1928.
توپلانمىلار، ياركەنت، 1927-1928.
تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالاش رىتسىپلىرى، 1930.
دەپنە قائىىدىلىرى توغرىسىدا، 1930.
ئاق كۆڭۈللۈك پەزىلەتلىرى ھەققىدە بايان، 1930.
سانت ماتتھەۋ ھەققىدە، 5-باپ، ياركەنت، 1930.
مۇقەددەس نۇمان ئىبىن سابىتنىڭ تەرجىمھالى.
توپلانمىلار، 1930-1931.
جامئى ئال-ھىكايە،1930.
شاھ ماشرەپ دىۋانى
قاسساپلىق رىسالىسى
دۇئايى قادھ، ئەرەبچە.
تۆمۈرچىلىك رىسالىسى، قەشقەر، 1930
ئارىلاشما قوليازمىلار
ناۋايچىلىق رىسالىسى
ئەھمەت يەسەۋى (ھىكمەت ۋە غەزەللەر توپلىمى)
بابا رۇسەن
كەلىلە ۋە دەمىنە، قەشقەر، 1932
غېرىپ سەنەم شاھ
رومانتىك رىۋايەت
جەدىچى رىسالىسى
تائاملارنىڭ جىدىلى—مۇنازىرە، 20-ئەسىر
خوجا سالىمنىڭ ھىكايىسى
خەمسە، مىر ئەلىشىر ناۋايى
ئانۋار سۇھايىلى، 19-ئەسىر
شەھرى گۇلشەن، 1874-1875
بوياقچىلىق رىسالىسى
دوزاق ھەققىدە
پارىسچە شېئىرلار، 1850
تارىخى راشىد، 1904-1905
سۇفى ئاللاھيار، 19-ئەسىر
تۆت دەرۋىشنىڭ ھىكايىسى
ساىر ئى شەرىف
دانىشمەنلەر ھەققىدە
شاھنامە، شېئىرلار، 19-ئەسىر
رىم پادىشاھى ۋە تۆت دەرۋىش ھەققىدە چوچەك
رىياز، 19-ئەسىر
تاجىك(تاھىر)، قانۇنىي ھوججەتلەر
دۇرر ئال ماجالىس
تالىب ئاخون، ياقۇب بەگنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى توغرىلىق بايان
تۈركچە شېئرلار توپلىمى
مەشرەپ ھەققىدە
خوجا ھافىز ، پارىسچە
مىراج-نابۇت، 1888-1889
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ھەققىدە قىسسە
توپا بىلەن پال سېلىش بىلىمى
ياقۇب بەگ ھەققىدە ھىكايە
ئەخلاق ھەققىدە ئىكى پارچە ماقالە
ئىساىيا ھەققىدە كىتاب
ئاموس ھەققىدە كىتاب
2_سىنىپلار ئۇچۇن زوولوگىيە دەرسى
خىرىستىيان دىنى مۇناجاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى
جامشىتنامە
ساير ئال ئانبىيا
ئەدەبىيات
ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكى
رامازان شېئىرلىرى
مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ
قىسساسۇل ئەنبىيا
توي قائىدە يوسۇنلىرى
يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگ ھەققىدە رىۋايەت
سۇلتان قىرمىشنىڭ بىدەتلەر بىلەن بولغان جېڭى
ئۆزبەك شېئىرىيىتى
پەلسەپە
مەدداھلار قوليازمىسى
ئىسكەندەرناما
ئىككى پادىشا ھەققىدە چۆچەك
غەلبىنامە، ئەمىر تەمۇرنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشى
لەيلى-مەجنۇن
راھەت ئۇل قۇلۇب
كوسمولوگىيە (ئالەمشۇناسلىق)
سايىد ئاففاق غوجام تەزكىرىسى
مىراجنامە
مەككە ۋە مەدىنە ھەققىدە بايان
شاھنامە، فىردۇسى
تاھىر-زوھرا
روزىنى بۇزۇش ھەققىدە شېئىرلار
قازاقچە ماقال-تەمسىللەر
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
خەلق ناخشىلىرى
تۆت ئىمام ھەققىدە ھىكايە
ئۇيغۇرچە-ئنگلىزچە لۇغەت
شىۋىت مىسسىيونىرلىرىنىڭ خەت چەكلىرى
پاسسپورت
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى
قەشقەردىكى جەڭ ناخشىلىرى
مەنبە: بۇغدا بلوگى
مەن تېخى ھازىرغىچە قاسساپلىق رىسالىسى ، موزدوزلۇق رىسالىسى، مەدداھلىق رىسالىسى، بوياقچىلىق، ناۋايلىق رىسالىسى دېگەندەك زامانىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇل زامانسىدىلا كىتابلار جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىنى قاپلاپ ئالغان ئىكەن-دە؟!...
1- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن تېخى ھازىرغىچە قاسساپلىق رىسالىسى ، موزدوزلۇق رىسالىسى، مەدداھلىق رىسالىسى، بوياقچىلىق، ناۋايلىق رىسالىسى دېگەندەك زامانىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇل زامانسىدىلا كىتابلار جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىنى قاپلاپ ئالغان ئىكەن-دە؟!...![]()
نەشىرىياتچىلىقىمىز ئۆزىنىڭكىنى بېسىشتىن كۆرە تەرجىمە قىلغاننى نەشىرقىلسا، ئەبەدىي خاتىرجەملىككە بەكرەك ئىرىشەلىسە كېرەك.
1- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن تېخى ھازىرغىچە قاسساپلىق رىسالىسى ، موزدوزلۇق رىسالىسى، مەدداھلىق رىسالىسى، بوياقچىلىق، ناۋايلىق رىسالىسى دېگەندەك زامانىمىزدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇل زامانسىدىلا كىتابلار جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىنى قاپلاپ ئالغان ئىكەن-دە؟!...![]()
كۆزنى يۇمۇپلا گەپ قىلمىساق قانداق؟ شىۋىتسىگە بارماي تۇرۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولامۇ؟ ئېلكىتاپ ھالدىكى نۇسخىسى بارمىدۇ؟ ئىنسان تەبىىتى ۋە بەدىنى ھەققىدە ئىككى شەرت ۋە زىكىرنىڭ مەنىسى ھەققىدە، يەركەنت
تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالاش رىتسىپلىرى، 1930
بۇ ئىككى كىتابقا قىزىقىۋاتىمەن. ئۇغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت تېخىمۇ كوپرەك مەزمۇندىن خەۋەردار بولاي دىگەنلەر ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› دېگەن كىتاپنى كۆرۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىملا خاتالىقى بولۇپ قاپتۇ، كەچۈرۈڭلار، ئەسلىدە ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ›› دېمەكچى ئىدىم. ياخشى ئەينى ۋاقتتا شىۋىتلار ھەممە كىتابنى ئەكەتكەنمۇ نېمە {:134:} يەركەنت دېگىنى ھازىرقى يەكەن بۇرۇنقى ياركەنت شۇمىدۇ؟
13- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەركەنت دېگىنى ھازىرقى يەكەن بۇرۇنقى ياركەنت شۇمىدۇ؟
ھەئە بىداركا، ھازىرقى يەكەن شۇ... يەركەنت دىسە مەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر جاينىڭ ئىسمى دەپ ئويلايدىغان . شىۋىتسىيىلىكلەر بۇ يازمىلارنى قايتىدىن بېسىپ تارقىتىشقا قۇشۇلۇرمۇ ؟ ئەگەر « ئۆزلۈك ۋە كىملىك » تە تىلغا ئېلىنغان بولمىسا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلمەي ئۈتۈپ كىتۇركەنمىز .
14- قەۋەتتىكى turkzadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەركەنت دېگىنى ھازىرقى يەكەن بۇرۇنقى ياركەنت شۇمىدۇ؟
ھەئە بىداركا، ھازىرقى يەكەن شۇ...
ياركەنت بىلەن يەركەت نىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
كۆچ-كۆچ قوشىقىدا مۇنداق بىر كۇبلىت بار ،
يەركەتنىڭ يولى دەيدۇ،
كۆۋرىكىدە يوغان تاش.
بىزنى يۇرتتىن ئايرىغان،
نىكولايدۇر باغرى تاش.
16- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى turkzadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەركەنت دېگىنى ھازىرقى يەكەن بۇرۇنقى ياركەنت شۇمىدۇ؟
ھەئە بىداركا، ھازىرقى يەكەن شۇ...
ياركەنت بىلەن يەركەت نىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
كۆچ-كۆچ قوشىقىدا مۇنداق بىر كۇبلىت بار ،
يەركەتنىڭ يولى دەيدۇ،
كۆۋرىكىدە يوغان تاش.
بىزنى يۇرتتىن ئايرىغان،
نىكولايدۇر باغرى تاش.
بۇ شېئىردا دىيىلگىنى ھازىرقى قازاقىستاندىكى ياركەنتنى كۆرسىتىدىغۇ دەيمەن.