turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 16:03:18

سۆيگۈ پروگراممىسى

سۆيگۈ پروگراممىسى


(ھېكايە)



ستېۋىن كاي ( ئامېرىكا)

مۇھەممەتجان ئەمەت يارتېكىن تەرجىمىسى



   مەلۇم بىر كۈنى چىرايىنىڭ  ئوڭ - سولى ئۆچكەن بىر خېرىدار ئىنسانىيەتنىڭ تەرتىپىنى قاچىلايدىغان بىر يۇمشاق دېتاللار شىركىتىگە كىرىپ كەلدى، ئۇ ئىنژېنېردىن ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندى. چۈنكى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئۇ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ سېستىمىسى ھەمىشە قېتىۋېلىپ، كىشىلەرگە زېرىكىشلىك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالغاچقا، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ  ھەممىسى نېمە سەۋەبتىنكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.



يۇمشاق دېتاللار ئىنژېنېرى ئۇنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەملىك ماشىنىسىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئارىدىن بىرنەچچە سېكونت ئۆتكەندىن كېيىن ئىنژېنېر ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن ھالدا، ئۇنىڭدا بىرەر چوڭ كاشىلا يوقلىقىنى، پەقەت «كۆڭۈل خاتىرىلىگۈچ»ئەسۋابىدىن love.exe ( سۆيگۈ) پروگراممىسىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنژېنېر ئۇنىڭ ئۆز قەلبىگە سۆيگۈ پروگراممىسىنى قاچىلىشىغا سەۋىرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى.



-ئالدى بىلەن قەلبىڭىزنى ئېچىڭ، سىز ھازىر قەلبىڭىزدىمۇ؟ - دېدى ئىنژېنېر.



شۇنداق، مەن ھازىر ئۆز قەلبىمگە كىردىم، بىراق، تېخى بىرنەچچە ھۆججەت ئەمدىلەتىن قوزغىلىۋاتقاندا مەن سۆيگۈ پروگراممىسى ( LOVE.EXE) نى قاچىلىسام بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى خېرىدار.



-ئۇلار قايسى ھۆججەتلەر ئىكەن؟ -دەپ سورىدى ئىنژېنېر.



-تۇرۇپ تۇرۇڭ، ھە بۇلار مەن ئىلگىرى قاچىلىۋالغان «ئۆچ - ئاداۋەت ھۆججىتى» ، «ئۆتكەن كۈنلىرىگە قايغۇرۇش ھۆججىتى»، «ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى» ۋە «ھەسەت ھۆججىتى»قاتارلىقلار ئىكەن، ئۇلار ھازىر قوزغىلىۋېتىپتۇ،- دېدى خېرىدار جاۋابەن.



- قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، بىراق، سىز دەرھاللا مەشغۇلات سېستىمىڭىزدىن «ئۆتكەن كۈنلەرگە قايغۇرۇش ھۆججىتى»نى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز LOVE.EXE پروگراممىسى توسالغۇسىز ھالدا ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىڭىزدا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. باشقا پروگراممىلارنىڭ قوزغىلىشىغا توسقۇن بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە LOVE.EXE پروگراممىسى قاچىلىنىش جەريانىدا ئۆزىدىكى«ئىشەنچ»دەپ ئاتىلىدىغان ھۆججەتنى سىزنىڭ سىزنىڭ سېستىمىڭىزدىكى«ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى»نىڭ ئۈستىگە كۆچۈرۈپ، ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاخىرىدا سىز سىز ئىجرا قىلىش كۆزنىكىدىن«ھەسەت قىلىش ھۆججىتى»بىلەن«ئۆچ - ئاداۋەت ھۆججىتى»نى ئېتىۋېتىڭ. چۈنكى بۇ ئىككى ھۆججەت LOVE.EXE ( سۆيگۈ ھۆججىتى ) نىڭ نورمال قاچىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، سىز ئۇلارنى ئېتىۋېتەلەمسىز؟



-كەچۈرۈسىز، تاقاش ئىناۋەتسىز دېگەن ئۇچۇر كەلدى، سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.



-بولىدۇ،-دېدى ئىنژېنېر،-سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلب تىزىملىكىگە قايتىپ، ئۇنىڭدىن«كەڭ قورساقلىق»دېگەن ھۆججەتنى تاللاڭ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاچىلاش ئېھتىياجىڭىز بويىچە ئۇنى تەكرار تاللاڭ، ئۇ تاكى«ھەسەت قىلىش ھۆججىتى»بىلەن«ئۆچ - ئاداۋەت ھۆججىتى»نى قەلبىڭىزدىن ئۈزۈل - كېسىل ئۆچۈرۈۋەتكەنگە قەدەر شۇنداق قىلىڭ.



-ئەمدى بولدى، مەن شۇنداق قىلدىم، ھازىر قەلبىمگە LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،-دېدى خېرىدار.



-دىققەت قىلغايسىز، بىرنەچچە سېكونتتىن كېيىن سىزگە بىر ئۇچۇر كېلىدۇ. ئۇ :«ھازىر سېستىما سىزنىڭ قەلبىڭىزنى باشقىدىن تەڭشەۋاتىدۇ، تەڭشەش ئاخىرلاشتى»دېگەن ئەسكەرتىشنى بېرىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟-دېدى ئىنژېنېر.



-كۆردۈم، كۆردۈم، بۇ LOVE.EXE  پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟-دەپ سورىدى خېرىدار.



-شۇنداق، بىراق، سىز ئۆز ماشىنىڭىزغا ھېلىراقتا LOVE.EXE پروگراممىسىنى قاچىلىدىڭىز، سىزنىڭ ماشىنىڭىزمۇ پەقەت ئىنسانىيەت ماشىنىسىنىڭ قەلبىگە ئۇلانغاندىلا سىزنىڭ سۆيگۈ پروگراممىڭىز ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،-دېدى ئىنژېنېر.



-چاتاق بولدى! مېنىڭ قاچىلاش كۆزنىكىمدىن بىر خاتالىق ئۇچۇرى كەلدى !



-قېنى ئوقۇڭ !



-«سېستىمىنى تور بەلۋېغىدا ئىجرا قىلىشقا بولمىدى »، بۇ نېمە دېگىنى؟



-ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خاتالىق، ئۇنىڭدا LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسى سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، تېخى ھەقىقىي يوسۇندا سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا قوزغالمىغانلىقى ئېيتىلىپتۇ. بۇ مۇرەككەپ بىر جەريان، بۇنى غەيرى تېخنىكىلىق تىل بويىچە چۈشەندۈرسەم، سىز باشقىلارنى سۆيۈشتىن ئاۋال، چوقۇم ئۆزىڭىزنى سۆيۈشىڭىز كېرەك.



-ئەمىسە كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشىم كېرەك؟



-ئالدىرىماڭ، سىز«ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش»دېگەن مۇندەرىجىگە كىرىڭ.



-ئوبدان بولدى، مەن بۇ مۇندەرىجىنى ئاچتىم.



-ئاشۇ مۇندەرىجىدىكى«كەڭ قورساقلىق ھۆججىتى»،«ئۆزىگە ئىشىنىش ھۆججىتى»،«ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇش ھۆججىتى»ۋە «مېھرىبانلىق ھۆججىتى»قاتارلىقلارنى تېپىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ،«مېنىڭ قەلبىم»دېگەن ھۆججەتكە يۆتكەپ كېلىڭ، كۆچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قەلب سېستىمىڭىزدىن«ئىچى تارلىق»،«شەخسىيەتچىلىك»دېگەندەك قىسمەن ھۆججەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنداقلا پروگرامما ئىجرا قىلىنىش جەريانىدىكى توسالغۇلارمۇ يوقىلىدۇ، لېكىن ئاخىرىدا«ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك قىلىش ھۆججىتى»نى نۆۋەتتىكى مۇندەرىجىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇماڭ !



-مەن ئۇتۇق قازاندىم ! ھازىر كۆزنەكتە : «مېنىڭ قەلبىم»گە LOVE.EXE پروگراممىسىنىڭ رەسمىي نەشر نۇسخىسى قاچىلاندى، دېگەن ئۇچۇر كۆرۈندى، يەنە«تەبەسسۇم ھۆججىتى»مۇ قوزغىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا«قىزغىنلىق»،«دوستلۇق»ۋە «قانائەت»قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتمۇ«مېنىڭ قەلبىم»مۇندەرىجىسىگە كىرىپتۇ.



-سىزگە مۇبارەك بولسۇن ! سېستىمىڭىزغا LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسى ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى، توسالغۇلارمۇ تۈگىدى. بىراق، مەن سىزگە بىر جۈملە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ھەدىيە قىلاي، دەيمەن.



-قانداق سۆز؟



-ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆيگۈ-ھەقسىز بىر خىل يۇمشاق دېتال، سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن سىزگە يولۇققان كىشىلەرگە مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلسىڭىز بولىدۇ، سۆيگۈ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىدۇ. غەيرى تېخنىكىلق تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە: سىز باشقىلارغا مېھرى - مۇھەببەت ئاتا قىلغاندىلا، ئۆزىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ مېھرىگە ئېرىشەلەيسىز.



-ئۇقتۇم، سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن !


مەنبە: شېرزات تور خاتىرىسى


tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 17:16:19

پاھ   ھوي نىمانچە  ئېسىل گەپلەر  بۇ ...

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 17:54:50

سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ماۋۇ زاماننىڭ تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ ئاخىرى ھە؟

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 19:42:46

ھا ھا ، ئاجايىپ ياخشى ئوخشىتىش .  \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 20:09:34

Windows قاچىلىۋالغان ئادەمكەندە-ئۇ  {:92:}  



ئوڭ-سولى دېگەن ئىملا خاتالىقىمۇ ياكى ئەسىلدىكىسىمۇ ئوڭ، سول مەنىسىدىكى گەپمىكەن؟

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 22:26:47

كىشىلەر سۆيگۈ-مۇھەببەت، مىھرىبانلىقلارنى ھەرخىل شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ. ئەمما بارغانىسىرى بىزدىن يىراقلاپ كىتىۋاتىدۇ.

بۇ خۇددى سېتىلمىغان مەھسۇلاتنىڭ ئېلان-تەشۋىقاتىغا كۈچىگەندەك بىر ئىشمۇ ئەمدى ؟
بەت: [1]
: سۆيگۈ پروگراممىسى