muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 22:43:22

مەسلىھەت بېرىڭلارچۇ، باش قاتتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئىنىم ئورنىدىكى دوستۇمغا ۋەكالىتەن بۇ تېمىنى يازدىم. تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىساڭلار، بۇ ئىش سەل جىدىي ئىدى.  ئىش مۇنداق:

دوستۇم ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى، تۇرىۋاتقان شەھىرىدە جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ يېزىقچە ئىمتىاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈپتۇ. يېقىندا ئۈرۈمچىگە كېلىپ بۇ ئىككى ئورۇننىڭ يۇزتۇرانە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپتۇ. دەسلەپتە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرىۋېلىپ، خوشاللىقتا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دىگەندەك رەسمىيەتلەرنىمۇ بېجىرىپ، "ئۈچ تەرەپ كېلىشمى"گىمۇ ئىمزا قويۇپ بوپتۇ(رەسمىي توختام تۈزۈپتۇ). كۆپ ئۆتمەي ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ يۇز-تۇرانە ئىتىھانىدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنىمۇ تاپشۇرىۋاپتۇ.

سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ خىزمەت ئورنى ئاقسۇدا، ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ خىزمەت ئورنى ئۈرۈمچىدە. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، سودا-سانائەت بانكىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا :<تەربىيلەشتىن كېيىن دەسلەپ ئۈچ ئاي پوكەيدە ئىشلەيسەن> دەپتۇ. ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدا بولسا، تىجارەت باشقۇرۇش (销售管理) ئىشىنى قىلىدىكەن. ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدىكىلەر يەنە ئەگەر كېلىپ ئىشلەشنى خالىسا، سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن ئارىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى 3000سومنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى دەپتۇ.

دوستۇمنىڭ ئۆيى ئاقسۇنىڭ بىر ناھىيىسىدىكى يېزىدا، ئاتا-ئانىسى ئۆيگە يېقىنراق يەردە خىزمەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. لېكىن، دوستۇمنىڭ قارارىغىمۇ بەك ھۆرمەت قىلىدىكەن. ئەگەر بانكىنى تاللىسا، ئېنىقلا ناھىيە-شەھەرلەردە ئىشلەيدۇ، يېزىلاردا سودا-سانائەت بانكىسى ئاساسەن يوق. لېكىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلىگۈسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەرۋاقىت  ئىزدەنگۈسى، بىلىملىرىنى يېڭىلاپ تۇرغۇسى بار ئىكەن( كەسپى پۇل-مۇئامىلە بولغاچقا، بۇ ساھەلەرگە خېلى قىزىقىدۇ). ناھىيىلىك بانكىلاردىكى قېلىپلىشىپ كەتكەن، تۇرغۇن خىزمەتنى ياقتۇرمايدىكەن. ئىرادىسى، قىزغىنلىقى خېلى كۈچلۈك.

نەق گەپ:  دوستۇمنىڭ بېشى قېتىپتۇ، زادى نەنى تاللاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قاپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدا ئىشلەيدىغانلار بارمىدۇ، ئۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى نەدىن-نەگىچە؟ مۇقىم مائاشى تۆۋەن بولسا، خىزمەت ئىپادىسىگە قاراپ يۇقىرىراق مائاش ئېلىش ئىمكانىيىتى قانچىلىك؟... مۇشۇنىڭغا بىر تاتلىق مەسلىھەتىڭلار بولسا بەرسەڭلار، دوستۇم سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولاتتى. قېىنى ئەمىسە، بىلگىنىڭلارنى ئايىمىسىڭلار.

(خىزمەت تاپالمىسا بىر دەرت، جىق تېپىلىپ قالسا يەنە بىر دەرت).

falcon921 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:26:27

مەنمۇ ئالى مەكتەپنى يېڭى پۇتتۇرگەن زامانلاردا سۇغۇرتا شېركىتىدە بىر مەزگىل ئىشلەپ ئىستىپا بېرىپ يېنىپ چىققان ، سەۋەبى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ جەمىيەتكە

يېڭى چىقان ۋاقىت بولغاندىكىن ، تېخى سىزدە مەلەم دائىردە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت تورى بولمايدۇ-دە ، شۇ ۋاقىتتا خىزمەتداشلىرىمغا قارىسام مەھەلىمۇ مەھەلە خۇددى 推销员 دەمدۇق ، شۇنداق قىلدىكەن ، مىنى شۇنداق قىلمىساڭ بۇ ساھادە پۇل تاپالمايسەن تاراق تۇرۇق دىمەسمۇ ، ھەقانچە ئېتىۋىتىدىغان ئىش بولسىمۇ

ئۇنداق قىلمايمەن دەپ ئاستا بۇ ‹‹ ئۇلۇغ ›› خىزمەتىن ۋازكەچكەن ، چۇنكى بۇنداق ئاھانەتتە پۇل تېپ نىمە كەپتۇ ، تۈمۈر يولدا يۇك توشىساممۇ راۋۇس پۇل تاپقىلى بۇلدۇ دەۋەتكەن شۇ چاغدا . سۇغۇرتا كەسپىدە ئشلەش يېڭى ئالى مەكتەپ پۈتتۈگەنلەرگە مىنىڭچە ماس كەلمەيدۇ ، بىرە يەردە مۇقىم خىزمىتى بار ئادەم قۇشۇمچە كىرىم قىلىشنى خالايدىغانلار ئىشلەيدىغان يەر دەپ قارايمەن ، مەن ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا نۇرغۇن خەنزۇ يولداشلار شۇنداق قىلاتتى . قىسقىسى مەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىش

دەپ قارايمەن ، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سەپكىنىم ئەمەس ، مەنمۇ شۇ ئەمىليەتنى سۆزلەۋاتىمەن ......

مىنىڭ تەكلىۋىم : چۇقۇم سودا-سانائەت بانكىسنى تالىسۇن ، كىلەر قېتىم ئۈرۈمچى تەرەپلەرگە ئادەم ئەپ قالسا كىرىش ئاسان بولىدۇ ، ۋاقتى كەلسە جاجىسى پۇل!!!

بۇ مىنىڭ پەقەت سەخسى كۆزقارشىم خالاس ، خاتا يەرلىرى بوپ قالسا توغرا چۈشنەرسىلە تورداشلار !!!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:58:05

3- قەۋەتتىكى falcon921نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزمۇ ئەينى دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ كىرگەنمۇ ياكى كىرىپلا ئىشلىگەنمۇ؟ مۇنداق دىسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، چۈنكى تېخى ئوقۇشىمۇ پۈتمىگەن بىر تونۇشۇم باشقا بىر سۇغۇرتا شىكتىدە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇمۇ سىز دىگەندەك مال ساتقۇچى(推销员(، لېكىن ماۋۇ دوستۇم دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كىرگەندىكىن ئازراق پەرقى بولارمىكىن دەيمەن.

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:59:42

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھازىر تەسىرى تازا ياخشى ئەمەس ،كۆپىلىگەن كىشىلەر ئۇيلاردىن بىزار .

سودا -سانائەت بانكىسىغا كەلسەك ئالىدىغان پايدىسى ياخشى لېكىن خىزمەتچىلىرىنىڭ تەمىناتى ئوتتۇرا -كىچىك بانكىلارغىمۇ يەتمەيدۇ .

ھازىر نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى پۇرسەت بولسىلا باشقا بانكىغا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ .

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:32:32

پاھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ياخشىلىنىپ كەتتتىمۇ نىمە؟مۇبارەك بولسۇن! دوستىڭىزغا دەڭ سودا بانكىسى يېنىۋىلىشتىن بۇرۇن كىرىۋالسۇن،چەتتە ئوقىغان دوكتۇرلارغىمۇ شىنجاڭدا ئىش يوق ئامالسىز چەتئەلگە خوتۇن يەرلىك بولۇپ كېتىۋاتقان پەيىتتە بانكىغاكىرىپ يەنە ئىككىلىنىۋاتقان تولۇق كۇرىسچىلارنى   ئىزدىنىشتا ئۇچرىتىۋاتىمىز ،ئاپىرىن!

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:35:55

سۇغۇرتا شېركىتىگىما ئىمتاھان ئېلىپ قۇبۇل قىلدىغان بوپ كىتىپتىما؟

سۇغۇرتا شېركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن سەل قېلىن بولمىسا ئىشلىيەلمەيدۇ..

چۇقۇم ئىككىسدىن ىرنى تاللاش كەلسە،بانكىنى تاللىسۇن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:42:23

4- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پاھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ياخشىلىنىپ كەتتتىمۇ نىمە؟مۇبارەك بولسۇن! دوستىڭىزغا دەڭ سودا بانكىسى يېنىۋىلىشتىن بۇرۇن كىرىۋالسۇن،چەتتە ئوقىغان دوكتۇرلارغىمۇ شىنجاڭدا ئىش يوق ئامالسىز چەتئەلگە خوتۇن يەرلىك بولۇپ كېتىۋاتقان پەيىتتە بانكىغاكىرىپ يەنە ئىككىلىنىۋاتقان تولۇق كۇرىسچىلارنى ئىزدىنىشتا ئۇچرىتىۋاتىمىز ،ئاپىرىن!

رەھمەت، سۆزىڭىزنى دوستۇمغا يەتكۈزىمەن. مەكتىپىمىزدە ھەريىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىگىرمە نەچچە ئۇيغۇر بالىنىڭ ئارىسىدىن مۇشۇنداق يامىنىدىن بىر نەچچىسى چىقىپ قالىدۇ. بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن يەنە بىر تىل مەستانىسى ئاشۇ شەھەردىكى <يېڭى شەرق> تىل تەربىيلەش مەركىزىگە قوبۇل قىلىنىپ، مەكتەپداشلارنى سۆيۈندۈردى. تىرىشقانلار يەردە قالمايدىكەن.

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:42:32

دوستىڭىز بىر تۇتاش ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ كىرگەن بولغاچقا ئازراق پەرقى بولىدۇ، دوستىڭىز شۇ ئورۇننىڭ رەسمى خادىمى بولغان بولىدۇ، ئەمما پەرق  ئاساسلىقى، ئالىدىغان تەمىنات جەھەتتە بولىدۇ، يېڭى ئىشقا چۈشكەنلەر قىلىدىغان خىزمەت بىجىردىغان كەسىپ يەنىلا ئوخشاش،  تورداشلار ئېيىتقاندەك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى ياخشى بولمىسا سۇغۇرتا شىركىتىدە قىينىلىپ قالىدىغان گەپ، لېكىن سودا-سانائەت بانكىسىمۇ بەك ئارزۇلاپ كەتكىدەك يەر ئەمەس، دوستىڭىزنىڭ ئۈرۈمچىدە تەرەققىي قىلغۇسى بولسا ئاۋال سۇغۇرتىدا ئىشلەپ ئۆزىنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ، ئەپلەشمەي قالسا يەنە باشقىچە چىقىش يولى ئىزدىسىمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىككى ئورۇنغا تەڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم كېيىنچە باشقا خىزمەت تاپىمەن دېسىمۇ ئانچە قىينىلىپ قالمايدۇ مېنىڭچە.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:44:59

يازمىنىڭ ئىسكەتنى ئوڭشاپ قويغان باشقۇرغۇچى مۇرادقا تەشەككۇر  \"\"

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:47:54

ئىمكان !شاڭخەي قاتناش ئوخشامامدۇ ،ھى ھى ھى تاپتىممۇ؟

يىڭى شەرىقكە كىرگەن بۇرادەرنىڭ (چوقۇم ئوغۇل بالا ئۇ) ئەھۋالىنى بىلىشكە بولۇرمۇ؟  ئۇچۇر قىلىشايلى خالىسىڭىز

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:49:33

يەنە بىرسى ما گەپنى سىزگە دەپ بېرەي ئەممە دوستىڭىزغا دەپ يۈرمەڭ، ئىككى كۈن ئاۋال دەل ئاقسۇدا سودا -سانائەت بانكىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئاكىمىز بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇپ قالدۇق، گەپ ئارلىقىدا ئاكىمىز بانكىدا 20يىلغا يېقىن ئىشلەپتىمەن، نېرۋا كېسەل بوپ قېلىشتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىقىۋالسام بولاتتى دەيدىغان ئارزۇيۇم بار دەپ قالدى. دېمىسىمۇ ئاقسۇدا پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەققىنى سودا-سانائەت بانكىسى تارقىتىدىغان بولغاچقا خىزمەت زىيادە ئالدىراش ئوخشايدۇ.

falcon921 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:50:59

2- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى falcon921نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئالى مەكتەپنى يېڭى پۇتتۇرگەن زامانلاردا سۇغۇرتا شېركىتىدە بىر مەزگىل ئىشلەپ ئىستىپا بېرىپ يېنىپ چىققان ، سەۋەبى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ جەمىيەتكە

يېڭى چىقان ۋاقىت بولغاندىكىن ، تېخى سىزدە مەلەم دائىردە ئىجتىمائى مۇناسىۋەت تورى بولمايدۇ-دە ، شۇ ۋاقىتتا خىزمەتداشلىرىمغا قارىسام مەھەلىمۇ مەھەلە خۇددى 推销员 دەمدۇق ، شۇنداق قىلدىكەن ، مىنى شۇنداق قىلمىساڭ بۇ ساھادە پۇل تاپالمايسەن تاراق تۇرۇق دىمەسمۇ ، ھەقانچە ئېتىۋىتىدىغان ئىش بولسىمۇ

ئۇنداق قىلمايمەن دەپ ئاستا بۇ ‹‹ ئۇلۇغ ›› خىزمەتىن ۋازكەچكەن ، چۇنكى بۇنداق ئاھانەتتە پۇل تېپ نىمە كەپتۇ ، تۈمۈر يولدا يۇك توشىساممۇ راۋۇس پۇل تاپقىلى بۇلدۇ دەۋەتكەن شۇ چاغدا . سۇغۇرتا كەسپىدە ئشلەش يېڭى ئالى مەكتەپ پۈتتۈگەنلەرگە مىنىڭچە ماس كەلمەيدۇ ، بىرە يەردە مۇقىم خىزمىتى بار ئادەم قۇشۇمچە كىرىم قىلىشنى خالايدىغانلار ئىشلەيدىغان يەر دەپ قارايمەن ، مەن ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا نۇرغۇن خەنزۇ يولداشلار شۇنداق قىلاتتى . قىسقىسى مەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىش

دەپ قارايمەن ، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سەپكىنىم ئەمەس ، مەنمۇ شۇ ئەمىليەتنى سۆزلەۋاتىمەن ......

مىنىڭ تەكلىۋىم : چۇقۇم سودا-سانائەت بانكىسنى تالىسۇن ، كىلەر قېتىم ئۈرۈمچى تەرەپلەرگە ئادەم ئەپ قالسا كىرىش ئاسان بولىدۇ ، ۋاقتى كەلسە جاجىسى پۇل!!!

بۇ مىنىڭ پەقەت سەخسى كۆزقارشىم خالاس ، خاتا يەرلىرى بوپ قالسا توغرا چۈشنەرسىلە تورداشلار !!!

سىزمۇ ئەينى دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ كىرگەنمۇ ياكى كىرىپلا ئىشلىگەنمۇ؟ مۇنداق دىسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، چۈنكى تېخى ئوقۇشىمۇ پۈتمىگەن بىر تونۇشۇم باشقا بىر سۇغۇرتا شىكتىدە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇمۇ سىز دىگەندەك مال ساتقۇچى(推销员(، لېكىن ماۋۇ دوستۇم دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كىرگەندىكىن ئازراق پەرقى بولارمىكىن دەيمەن.

قېرىندىشىم ، سۇغۇرتا شېركىتى دىگەنىڭ شۇ دۆلەتىنڭ بىر تۇتاش ئىمتاھانسىدىن ئۆتۈپ كىردىغاندۇ ؟؟!!

中国保险业协会 دەيدىغان يەردىن ئالدىغان ئىمتاھانىسى بار ، شۇ ئىمتاھاندىن ئۆتسە 3 ئاي تەربىلەش بار تېخى ( 岗前培训     上岗培训 ) دەپمۇ ئىشقىلىپ 3ئايدەك تەربىلەشلىرى بار ئۇلارنىڭ ، لىكىن ياخشى قىلالىسىا ئايدا 5 ~6 مىڭ دىگەننى گەپ يوق تاپقىلى بولدۇ ، ئىشقىلىپ ماڭا ماس كەلمىگەن بۇ خىزمەت

مەن قۇبۇل قىلىنغان سۇغۇرتا شېركىتى بولسا ئامانلىق سوغۇرتا شېركىتى ئىدى ، ئورنى قىزىل تاغدا

ھازىر يىكەن كۆل تەرەپكە كۆچۈپ كەتتى ئۇلار ، ئامانلىق سوغۇرتىسىمۇ دۇنيادىكى 500 چوڭ كارخاننىڭ بىرسى

چوڭ گوروھ ئۇدىگەن . بۇنداق شېركەتكە ئىمتاھان ئالماي قۇبۇل قىلماس ھەرقانچە بولسىمۇ ؟؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:59:58

10- قەۋەتتىكى uyguryigitiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنە بىرسى ما گەپنى سىزگە دەپ بېرەي ئەممە دوستىڭىزغا دەپ يۈرمەڭ، ئىككى كۈن ئاۋال دەل ئاقسۇدا سودا -سانائەت بانكىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئاكىمىز بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇپ قالدۇق، گەپ ئارلىقىدا ئاكىمىز بانكىدا 20يىلغا يېقىن ئىشلەپتىمەن، نېرۋا كېسەل بوپ قېلىشتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىقىۋالسام بولاتتى دەيدىغان ئارزۇيۇم بار دەپ قالدى. دېمىسىمۇ ئاقسۇدا پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەققىنى سودا-سانائەت بانكىسى تارقىتىدىغان بولغاچقا خىزمەت زىيادە ئالدىراش ئوخشايدۇ.

ئىم چاتاق، ئىزدىنىشقا كىرىپ كۆرىمەن دەۋاتقان. ھېلى ماللىرىنى قوتىنىغا سولىۋېتىپلا كىرىپ كۆرىدۇ ھەقىچان. ھى ھى ھى، مەيلى بىلىپ قالسا،  ھازىر ئۆينىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتقان دوستۇم قانداق گەپ بولسا كۆتۈرىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 09:03:54

9- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىمكان !شاڭخەي قاتناش ئوخشامامدۇ ،ھى ھى ھى تاپتىممۇ؟

يىڭى شەرىقكە كىرگەن بۇرادەرنىڭ (چوقۇم ئوغۇل بالا ئۇ) ئەھۋالىنى بىلىشكە بولۇرمۇ؟ ئۇچۇر قىلىشايلى خالىسىڭىز

باشقا مەكتەپنىڭ ئىدى، ئۇمۇ ئوغۇل بالا. ئەھۋالى يەنىلا لازىم دېسىڭىز ئۇچۇرىنى بېرىمەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 09:10:22

11- قەۋەتتىكى falcon921نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قېرىندىشىم ، سۇغۇرتا شېركىتى دىگەنىڭ شۇ دۆلەتىنڭ بىر تۇتاش ئىمتاھانسىدىن ئۆتۈپ كىردىغاندۇ ؟؟!!

中国保险业协会 دەيدىغان يەردىن ئالدىغان ئىمتاھانىسى بار ، شۇ ئىمتاھاندىن ئۆتسە 3 ئاي تەربىلەش بار تېخى ( 岗前培训     上岗培训 ) دەپمۇ ئىشقىلىپ 3ئايدەك تەربىلەشلىرى بار ئۇلارنىڭ ، لىكىن ياخشى قىلالىسىا ئايدا 5 ~6 مىڭ دىگەننى گەپ يوق تاپقىلى بولدۇ ، ئىشقىلىپ ماڭا ماس كەلمىگەن بۇ خىزمەت

مەن قۇبۇل قىلىنغان سۇغۇرتا شېركىتى بولسا ئامانلىق سوغۇرتا شېركىتى ئىدى ، ئورنى قىزىل تاغدا

ھازىر يىكەن كۆل تەرەپكە كۆچۈپ كەتتى ئۇلار ، ئامانلىق سوغۇرتىسىمۇ دۇنيادىكى 500 چوڭ كارخاننىڭ بىرسى

چوڭ گوروھ ئۇدىگەن . بۇنداق شېركەتكە ئىمتاھان ئالماي قۇبۇل قىلماس ھەرقانچە بولسىمۇ ؟؟

<قېرىندىشىم> دىگەن سۆز ئەجەپ مېھىرلىك بىلىندى...مەن بەزى تەپسىلاتلارنى تازا بىلىپ كەتمىگەچكە سىزدىن ئۇدۇللا سوراپتىمەن. ئارتۇقچە ئوي-خىياللار پەقەتلا يوق، باشقىچە ئويلىۋالماڭ ھە. رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.

falcon921 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 09:28:54

14- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر دوستىڭىز سوغۇرتا شېركىتىدە راستىنلا ئىشلىگىسى بولسا ، ئىچكى قىسىمغا (内勤)غا ئىمتاھان بېرىپ باقسۇن ، تەمىناتى دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەن ئوخشاش ئالدۇ ، لىكىن  كىرمەك بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەس ، كىرەلىسە تېلفۇنىست (客服)دا ئىشلەيدۇ ، لىكىن باشقا بۆلۇملىرىگە كىرىمەن دىيىش بىر خام خىيال خالاس ......

سۇغۇرتىدا ئىشلەش ئۈچۈن بىرىنچىدىن يۈزىنى قېلىن قىلىش كېرەك ، مىنىڭ يۈزۈم بەك نىپىز بالا بولغاچقا ئىشلەپ بولامىغان ئۇيەردە ھاھاھاھا

ئىشقىلىپ بەك ۋاي دەپ كىتىدىغان يەر ئەمەس ئۇ

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:41:02

ھەي بۇرادەرلەر ھەممە ئادەم ئۈرۈمچىدە قېلىۋەرسە بىزنىڭ ماۋۇ ئاقسۇ،قەشقەر دېگەن شەھەرلىرىمىز قاچان ئۈرۈمچىدە ھېچ بولمىسا 10يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچىدەك بولالايدۇ

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 12:04:23

مېنىڭ تەكلىۋىم يەنىلا سودا-سانائەت بانكىسىدا ئىشلىگەچ يەنە ئىشتىن سىرت داۋاملىق ئىزدەنسۇن. مېنىڭچە ئاقسۇ شارائىتىدا ئىگىلىك تىكلەش، تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى ئۈرۈمچىدىنمۇ ياخشى، جىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ يەردە بايقالمىغان ساھەلەر جىقراق بولىدۇ. پىلنىڭ قۇيرۇقى بولغاندىن خورازنىڭ تاجى بولغان ياخشىراق. ئەتىراپىمىزدىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاتاقتا ئۈرۈمچىدە قالدىم دېگەن بىلەن ئۆزىنىڭ گېلىدىن نېرىغا ئۆتەلمەي ئون يىللاپ كاۋاك چالمىسى بوپ ياشاپ كېتىۋاتقانلار نۇرغۇن. پۇلىڭىز، نوپۇزىڭىز، ئىگىلىكىڭىز بولسا ئۈرۈمچى بەلكىم بىر ياكى ئىككى سائەتلىك يول. كېلىش شۇنداق ئاسان. ئۇنداق بولمىسا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپمۇ يانچۇققا قارىماي تۇرۇپ يۈرەكلىك تاكسى توسىيالماي، شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىغىچە ئاپتوبۇس ساقلاپ، ئەرزان مال بار يەرنى مارىلاپ، قاچان يىللىق مۇكاپات تارقىتار ، قاچان مۇئاش ئۆسەر دەپ پۇل يېتىشتۈرشنىڭ كويىدا دەردىنى ئۆزى بىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىش! ئۇ يەردە ھېچ بولمىسا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسىنى ئالغاچ قېشىدا ئۆي تامىقى يەپ راھەتتە، كۆڭلىڭىز توق ياشامسىزكىن؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 14:51:43

17- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىگەنلىرىڭىزنىڭ خېلى ئاساسى بار، رەھمەت سىزگە.  لېكىن ئاۋۇ تەمسىلنى قەستەن ئاشۇنداق يازدىڭىزمۇ بىلمىدىم، \"كالىنىڭ قۇيرۇقى بولغۇچە خورانىڭ تاجىسى بول\" دەيدىغاندەك قىلغان. \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 15:09:16

18- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاراڭ ئىمكان، بۇ دېگەن تەرەققىيات!(   ) كالا پېتى قويۇپ قويغۇم كەلمىدى، پىل بولسىمۇ بولسۇن دېدىم. ئاكۇلا دەي دېسەم تېخى...

بەت: [1] 2
: مەسلىھەت بېرىڭلارچۇ، باش قاتتى