مەسلىھەت بەرسەڭلار
بىر تۇغقىنىمىز ئۆيىدە شېكەردىن ناۋات قاينىتىپ چىقىرىپ بازاردا ئۆزى ساتىدۇ. ھازىر يەنە بىر تۇغقىنىمىز بىر شىركەت قورۇپ شۇ شىركەت ماركىسىنى قوللىنىپ بۇ ناۋاتنى ئوراپ، قاچىلاپ بازارغا سالماقچى. مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تەجرىبەم بولمىغاچقا بۇ يەردە كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ ئىزدىنىش ئەھلىدىن مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن. سۇئالىم:
1.ئۇنى شىركەت ئاچقان تۇغقۇنۇم ئوراپ-قاچىلاپ، ئۆزىنىڭ ماركىسىدا تاللا بازىرىغا سالسا بولامدۇ-يوق؟
2.ناۋادا بىرىنچى ئۇسۇل بولماي قالسا، يەنە شۇ شىركەت ئاچقان تۇغقۇنىمىز يەنە ئۆزىنىڭ ماركىسىدا ئوراپ قاچىلاپ، پەقەت بىر قانچە ئورۇنغا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلىپ شۇ دۇكاندىلا ساتسا رۇخسەت قىلامدۇ؟
يۇقارقى ھە ئىككى ئۇسۇل بولمىسا ئۇنىڭ يەنە قانداق ئامالى بار؟
مەسلىھەت بەرسەڭلار
60 ئادەم كۆرۈپتۇ، سادا يوققۇ؟YLEQANPE}LG]K8ZBSL6IU.gif\")
ھەر كىم ئۆزى پىششىق ئىشنى قىلسا بولىۋېرىدۇ،ماركا بېجىرمىگەن بولسا،ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئىسىمدىن بىرنى تېپىپ،بىجىرسۇن،يەنى يېمەكلىك تۈرىگە ئىلتىماس قىلسۇن.ئەگەر شىركەتنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولسا ھەم مەنپەئەت توقۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان ئىش بولسا،ماركىنى شىركەت نامىدا بېجىرسۇن،تەستىق ھەپتە ئون كۈن ئىچىدە كېلىدۇ.قوغدىلىشى يەككە تىجارەتچى نامىدا بېجىرىلگەن ماركىلارغا قارىغاندا بېجىرىمراق بولىدۇ.مەھسۇلات ماركىسى شىركەتكە تەۋە بولىدۇ.(ماركا قانۇنىدا مەخسۇس شىركەت تۈرى ئۈچۈن ياكى شىركەت ماركىسى دەپ گەپ يوق،سىز ئىشلەتكەن شىركەتنىڭ
نامىنى باشقا بىرسىمۇ شىركەت نامى قىلىپ قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن مەۋجۇت،ماركىنى يېمەكلىك تۈرىگە بېجىرسۇن دېيىشىمنىڭ ۋەجى شۇ).
ماركا بېجىرىش بىرەر سائەتتە پۈتىدۇ،ئوڭاي.
لېكىن QSدېگەن ئوقەتنى بېجىرمەك يامان تەس،يېمەكلىك بولغانىكەن،چوقۇمQSبېجىرىشىڭىز كېرەك.ئاڭلىسام بۇنىمۇ ۋاكالىتەن بېجىرىدىغانلار بارمىش،
بولغان تەقدىردىمۇ بۇ يېڭى مۇلازىمەت،ئىشەنچ دەرىجىسى ئېنىقسىز.ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەن ياخشى.
QS بېجىرىلسىلا،ساتالىغان ئادەم بېجىرىلگەن ماركىنى ئىشلىتىپ ساتسا بولىدۇ.
مەن مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.
3- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالام،گۈل ھەكىم!

كۆپ رەھمەت!