بۇلاقسۇغا بىرىپ روزى ھاجىنى يوقلاپ كەلدۇق
ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان روزى ھاجىم ھەققىدە ئالدىنقى نۆۋەت مەخسۇس تېما يوللىنىپ قىرىنداشلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇش ھەققىدە مۇراجىئەتنەمە چىقىرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىزدىنىش سودا چەكلىك شىركىتى خىزمەتچىسى تۇمارىس ھەم ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر قانچە ئىزدىنىشلىق تورداشلار روزى ھاجىمنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارماقچى بولۇپ بىمارنىڭ ئانىسىغا تېلفۇن ئۇرغاندا روزى ھاجىمنى ئىلىپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن روزى ھاجىمنى يوقلاش ۋە ئىزدىنىشلىق مىھرىبان كىشىلەرنىڭ دۇئايى-سالاملىرىنى يەتكۈزۈش ئىشى قەشقەردىكى بىر قانچىمىزگە ھاۋالە ئىتىلگەن سەۋەبلىك بۈگۈن ئىزدىنىش ئەزاسى سىم-سىم بۇرادەر بىلەن كونا شەھەر ناھىيسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسى ئۆستەڭبويى مەھەللىسىدىكى روزى ھاجىمنى يوقلاپ كىردۇق.
ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئەھۋاللىشىشتىن مەلۇم بولدىكى روزى ھاجىنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن مۇقىملاشقان بولۇپ ئىككى پۇتىنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن كىلىۋاتقان يېرىڭ ئاساسەن توختاپتۇ. ھازىر ئۆيدە ياخشى ئارام ئىلىش بىلەن بىرگە دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنى ئىستىمال قىلىدىكەن. بىز ئۆيگە كىرىپ تاكى ئۇزاپ بولغۇچە ئانىسىنىڭ ئۇلۇق تىنىپ << شۈكۈرى ئاللا، شۈكۈرى ئەلھەمدۇلىللا >> دېيىشلىرىدىن ئەمدىلا ياشلىقنىڭ بوسۇغىسىغا ئاتلىغان قاش-كۆزلىرى قاملاشقان يىگىت ئوغلىنىڭ ئىككى پۇتىدىن ئايرىغان ئاشۇ ئاجىز تۇرقىدىن يۈرەكلىرى قانچىلىك تىتىلىپ كىتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەييي ئانا ئەمەسمۇ.... بىز پاراراڭ جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى مىھرىبانلارنىڭ روزا ھاجىمغا يوللىغان دۇئايى-سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق. بولۇپمۇ تۇمارىسنىڭ مۇبارەك نامى تولا زىكىرى قىلىندى. تور، كومپيۇتېر ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان بۇ سەھرا يېرىدىكى قىرىنداشلىرىمىز تۇمارىس باشلىق ئەزىزلەردەك تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ شۇنچە يىراقتىن ئۆزلىرىنى ياد ئىتىپ مىھرىبانلىق يەتكۈزۈشكەنلرىدىن ھاياجانلاندى، كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ دۇئا قىلدى.ئاخىرىدا پىشىپ تەييار بولۇپ قالغان يوبدان ئىشىدىن بىر قاچىدىن ئىچىپ دۇئا قىلىشىپ ئىزدىنىشلىق مىھرىبانلارنىڭ كۆڭلىنى يەتكۈزدۇق.
بىمارغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە مالاللىق يېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن سۈرەتكە تارتمىدۇق. بىزنىڭ بۇ قىسقىغىنە ئۇچۇرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىشىمىزدا ئالاھىدە بىرەر سەۋەب يوق. ئۈمىدىمىز ... دۇنيا مىھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن، مىھرىبانلىق ئۈزۈلمىسۇن!!!
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم
قېرىندىشىمىز مەۋفۇئە بىلەن روزى ھاجىغا «ئىزگۈ تىلەكلەر»
ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىلەر. شۇڭا ئىزدىنىشقا كىرگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ، بۇ يەردە ئادەملەر جىق دەپ... بەكمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ،ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن...ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە ،ئىنسان دۇنياغا مىھماندۇر-مىھمان........
ۋاھ ۋاھ ۋاھ ،،،، چىمەنىستاندەك ئىنكاس يازسانومۇرنى جىق بىرەمدا .....

3- قەۋەتتىكى dadaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاھ ۋاھ ۋاھ ،،،، چىمەنىستاندەك ئىنكاس يازسا نومۇرنى جىق بىرەمدا .....![]()
مەن توغرا مەشغۇلات قىلماپتىمەن،ئەپۇ قىلىشقايلا...... تەشەككۈر!!! چىمەنىستان شۇنچە كۆپ يەرنى ئىگەللەپ قۇيۇپتۇ،چامغۇر تېرىپ يىمدىكى

(چىمەنىستان، ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۈپلا قايتا يېزىۋەتمەمسىز، ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز) دۇنيا مىھرى مۇھەببەتكە تولسۇن!
[بولۇپمۇ تۇمارىسنىڭ مۇبارەك نامى تولا زىكىرى قىلىندى]
دۇنيا مىھرى مۇھەببەتكە تولسۇن! @ birzat ئاكا سىز ۋە ئاكام سىم- سىمغا بارلىق مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىز نامىدىن تەشەككۈرلەر! اللاھ خالىسا شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كېيىنكى بىر ئىشلىرىدىمۇ ئازدۇر ياردەم قىلىش ئويۇم بار. مەلۇم جەھەتتىكى ئاڭنىڭ تۆۋەنلىكى، قەيەرگە بېرىپ نېمىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغاچ بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىغان گەپلەر قۇلىقىمغا كىردى. ساپ دىل ھەر بىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق يارالسىكەن...