samanda_8 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 13:21:41

توغرا تەرجىمە جاننى يايرىتار

  ئەسسالامۇئەلەيكوم قېرىنداشلىرىم ، ھەممىمىزگە ئايانكى ، تىل بىر مىللەتنىڭ موھىم بەلگىسى، تىل بىر مىللەتنىڭ رۇھى ، مەدەنىيتىنى باغلاپ تۇرىدىغان بىر رىشتە ، تىلى يوق مىللەت مىللەت ھېسابلانمايدۇ. ئەمدى گەپكە كەلسەك تۆتۈگۈن كۈنلۈكتە يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسدە مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ئاستىنقى رەسىمدىكىدەك بىر ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم .



  <<مۇئامىلە پۈتتى ، مۇئامىلە سوممىسى >> دىگەن نېمە گەپ زادى ؟! ياكى مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولارمۇ؟  مۇلازىمەتمۇ ياكى <<مۇئامىلە >> مۇ ؟!  ئەگەر تەرجىمىدە خاتالىق بولسا ھەرقايسى بانكىلارغا ئىنكاس قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يۇق . مۇشۇ تۇغۇرلۇق تورداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق .

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 14:07:30

بۇ يەردىكى «مۇئامىلە» سۆزى «پۇل-مۇئامىلە» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا ئۇيغۇرسوفتتىن ئۇيغۇرچە سىستېما قوشۇلغانغۇ دەيمەن. ئالىم مۇئەللىم بۇ سۆزنى ئىشلەتكەندە چوقۇم ئىزدەنگەن بولۇشى مۇمكىن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

abliz168 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 15:07:20

مۇئامىلە دېگەن سۆز ئادەتتە ئېلىم-بېرىم مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.بەزىدە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن پالانى بىلەن ئازراق مۇئامىلىمىز (ئالىدىغان ياكى بېرىدىغان)بارتى دەپ ئاڭلايمىزغۇ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 15:33:12

مۇئامىلە توغرا، بۇنى دېھقانلارمۇ ئىشلىتىدۇ. مەمىتاخۇن بىلەن مانچىلىك مۇئامىلىمىز بار ئىدى دېگەندەك.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 16:48:58

بۇ ئىنتايىن توغرا گەپ، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. بانكا پۇل-مۇئامىلە خىزمىتىدە ئەزەلدىن مۇشۇنداق «مۇئامىلە» دەپ ئىشلىتىلىدۇ.

pinxan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 17:56:16

توغرا بولاپتۇ، مۇئامىلە پۈتتى دېگىنى توغرا.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 18:31:36

ئۇ توغرا گەپ ھەيران قىلىش بىمەنىلىك .

newtab يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 18:35:11

مۇئامىلە دېگەندىكىن پوزىتسىيە دېسىمۇ بولغۇدەكقۇ. \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 22:33:50

بىز بىلەن بانكا ئوتتۇرۇسىدىكى ئالدى- بەرگۈ ئىشلارنى مۇئامىلە دەيمىز. شۇڭا رەسىمدىكىسى ناھايىتى توغرا سۆز.

anwar807 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 15:41:22

گىراماتىكا ئوقۇغانمۇيا›ئوت‹دىگەن سۆزنى كۆرگەندە سىزئۇنى يالقۇنلاۋاتقان ئوت ياكى كالايەۋاتقان ئوت دەپ چۈشۈنىشىڭىزنى شۇسۆز قوللۇنۇلغان سورۇن سىزگە ئىپادىلەپ بىرىدىغۇ.ئۇيغۇرتىلى خەنلەرنىڭكىدەك ماقالەيېزىۋېتىپ› دا ‹دىگەن زادى 大家دىكى 大بولغۇيتىمۇياكى 打开دىكى打 بولغۇيتىمۇ دەپ ئۇيلىنىپ ئۇلتۇرىدىغان چۈشۈنىكسىز ،ئىنىقسىز تىل بولمىسا.

samanda_8 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 16:33:17

يېزا-ئىگىلىك بانكىسىغا تىلىفۇن قىلىپ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويسام مېنى بەك-بەك تىللاپ كەتتى زادى ...  يېغلاپ كەتتىم

erdewil يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 17:35:02

توغرا تەرجىمە، باشقا مەسىلە يوق....


\"\"

samanda_8 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 14:00:44

مېنىڭچە يەنىلا سەل قاملاشمىدى جوما بۇ تەرجىمە، ‹‹  ئاسماندىكى سانى سا دىسە سا قوپاپ سا ؟ ›› دىگەندەكلا قولاققا ئارامچىلىق ئاڭلانمىدى بۇ زادى .  پول -مۇئامىلە قوشۇلۇپ ئېيىتىلغاندا بۇ شۇ سودا -سېتىقتىكى ئالاقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر موئامىلە ئايرىم قوللىنىلغاندا يەنە شونداق بۇلامدۇ ... مۇئامىلە ئايرىم قوللىنىلسا پوزىىتسىيە ، كۆز- قاراش دىگەننى ئىپادىلەيدۇ دەپ ئويلايمە ....

nijat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 18:54:46

مېنىڭچە دەل جايىدا تەرجىمە بوپتۇ.  مۇئامىلە دېگەن سۆزنىڭ لوغەت  مەنىلىرىنى  ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپتىغۇ.  بۇ سۆز ئۇنىڭدىن باشقا  سودا-سېتىق ئىشلىرىدىكى ئېلىم بېرىم  مەنىسدە ئىستىمال قىلىنىدىغۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 14:14:18

ساماندا8 ئەپەندىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنى ئىشلەتكىنىگە، ھەمدە مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشتىمۇ ئەستايىدىل بولغانلىقىغا ئاپىرىن.

«مۇئامىلە» دەپ ئالغىنى ئەڭ توغرا بولغىنى، بەزى توداشلار بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپمۇ بولۇپتۇ.

«پۇل-مۇئامىلە» دىگەندە 金融 غا مېڭىپ كېتىپ، بۇ «مۇئامىلە» نىڭ دائىرىسى بەك چوڭلاپ كېتىدۇ. «پۇل-مۇئامىلە» پەقەت بانكا ھېساۋاتتىكى ئىشلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، پۇلغا مۇناىسۋەتلىك ئالتۇن، كۆمۈش، پايچەك، ئاكسىيە،فوند قاتارلىق بىر يۈرۈش كەسىپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇڭا بۇ يەردىكى مۇئامىلە ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىم-بېرىم ھېساۋاتىنى كۆرستىدۇ. دىمەك، سىز بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلىڭىزنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى ئېلىۋالدىڭىز، بۇ يەردە سىزنىڭ بانكا بىلەن بولغان بىر قېتىملىق «مۇئامىلىڭىز» تامام بولدى.

بۇ سۆز ئىتايىن توغرا ئېلىنغان سۆز.



بەزى بانكىلاردا «تالون ئالامسىز؟» دىمەي، «دوكۇمېنت ئالامسىز؟» دەپ چۈشىنىكسىز چەتئەل سۆزلىرىنى قوشىۋالىدۇ. يەنە بەزەنلەر «پۇل ئاغدۇرامسىز؟» دىمەي «مېمۇرىئال قىلامسىز؟» دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. مانا مۇنداق چۈشىنىكسىز، ئۇيغۇرلارنى گاڭگىرتىپ قويىدىغان سۆزلەرنى چۈشىنىشلىك سۆزلەرگە ئالماشتۇرۋەتسە بولاتتى.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 14:28:23

كۆك تاش ئەپەندى ناھايىتى ياخشى سۆزلەرنى دەپتۇ ، مانا .

سىز بانكىغا كىرگەندىكىن بۇ يەردە بولىدىغىنى پۇلغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . ھەرگىزمۇ پوزىتسىيە ياكى كۆز قاراشقا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر يۈز بەرمەيدۇ .

ئوچاققا ئوت سېلىڭ دىگەن جۈملە بىلەن ، كالىغا ئوت سېلىڭ دىگەن جۈملە ئوخشاش بىر ‹ ئوت › سۆزىنى قوللانغان بولسىمۇ ، بۇ ئىككى جۈملىدىكى ئوت سۆزىنىڭ ئاسمان - زىمىن پەرقى بار . شۇڭا ، شۇ ۋاقىتتىكى ئورۇن ، ھادىسە ، ئىما قىلىنغان نەرسىلەرگە قاراپ ، دىيىلىشى ئوخشاش ، ئەمما ، مەنە ئىپادىلىشى ئوخشىمايدىغان سۆزلەرنى پەرق ئېتىپ كېتەلەيمىز .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 14:29:33

ساماندا8 ئەپەندىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنى ئىشلەتكىنىگە، ھەمدە مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىشتىمۇ ئەستايىدىل بولغانلىقىغا ئاپىرىن.

«مۇئامىلە» دەپ ئالغىنى ئەڭ توغرا بولغىنى، بەزى توداشلار بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپمۇ بولۇپتۇ.

«پۇل-مۇئامىلە» دىگەندە 金融 غا مېڭىپ كېتىپ، بۇ «مۇئامىلە» نىڭ دائىرىسى بەك چوڭلاپ كېتىدۇ. «پۇل-مۇئامىلە» پەقەت بانكا ھېساۋاتتىكى ئىشلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، پۇلغا مۇناىسۋەتلىك ئالتۇن، كۆمۈش، پايچەك، ئاكسىيە،فوند قاتارلىق بىر يۈرۈش كەسىپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇڭا بۇ يەردىكى مۇئامىلە ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىم-بېرىم ھېساۋاتىنى كۆرستىدۇ. دىمەك، سىز بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلىڭىزنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى ئېلىۋالدىڭىز، بۇ يەردە سىزنىڭ بانكا بىلەن بولغان بىر قېتىملىق «مۇئامىلىڭىز» تامام بولدى.

بۇ سۆز ئىتايىن توغرا ئېلىنغان سۆز.



بەزى بانكىلاردا «تالون ئالامسىز؟» دىمەي، «دوكۇمېنت ئالامسىز؟» دەپ چۈشىنىكسىز چەتئەل سۆزلىرىنى قوشىۋالىدۇ. يەنە بەزەنلەر «پۇل ئاغدۇرامسىز؟» دىمەي «مېمۇرىئال قىلامسىز؟» دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. مانا مۇنداق چۈشىنىكسىز، ئۇيغۇرلارنى گاڭگىرتىپ قويىدىغان سۆزلەرنى چۈشىنىشلىك سۆزلەرگە ئالماشتۇرۋەتسە بولاتتى.
بەت: [1]
: توغرا تەرجىمە جاننى يايرىتار