turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 11:02:29

قەدىمقى تاشكەنت دۆلىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

قەدىمقى تاشكەنت (قەنغ) دۆلىتىنىڭ
جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى



ئاپتور: س.باباقۇلوۋ،
ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنۋېرستېتى ئوقۇغۇچىسى


يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:
ك.توختىبېكوۋ



تەرجىمان:
ئابدۇمىجىت ئابدۇللا



تاشكەنت شەھىرى ئۆزىنىڭ يىگىرمە ئەسىردىن ئوشۇقراق
ئۆتمۈشى مابەينىدە دۆلەتنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئاۋات قىلغان
قەدىمقى ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمدە سىياسىي ھايات تەقەززاسى
بىلەن بىر جايدىن ئىككىنچى جايغا يۆتكىلىپ قەدىمقى ھايات يولىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكىنىگە
ئوخشاش، ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆز نامىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتتى
.


ھازىرقى تاشكەنت شەھىرى جايلاشقان ئورۇن  بولغان چىرچىق (قەدىمدە پەرەك، تۈرك ناملىرى
بىلەن ئاتالغان) دەرياسى قەدىمدە سۇغارما دېھقانچىلىك ۋادىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى
كېيىن ئېنىقلانغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرلەرگە كېلىپ ۋادا تاشكەنت نامى
بىلەن، ئۇنىڭ ئاساسىي شەھىرى چاچ(شاش) نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلانغان. چاچ(شاش)
گېئوگرافىك نام سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم ئېران پادىشاھى شاپۇرⅠ نىڭ مىلادىنىڭ
262-يىلىدا ئېراندىكى «زەردۇشت كەبىسى»دە ئويۇپ يېزىلغان بىتىكنامىسىدە قەيت قىلىپ
ئوتۈلگەن. ئۇنىڭدا چاچ(شاش) تاغلىرى ساسانىيلارنىڭ شەرقىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ئاخىرقى
چىگرىسى دەپ ئاتالغان. ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئاتالغۇ ئاتاشپەرەستلەرنىڭ قەدىمىي مۇقەددەس
كىتابى ئاۋېستادا تىلغا ئېلىنىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرىچە، بۇ ئاتالغۇ
مىلادىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەسلى ئارال دېڭىزىنىڭ قەدىمقى
ئېران تىلىدىكى «چەئې-چەستە» دېگەن نامىدىن كېلىپ چىققان
.


مىلادىدىن
بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە قەدىمقى چاچ(شاش) ۋىلايىتىدە قۇرۇلۇپ، مىلادىنىڭ Ⅲ ئەسىرىگىچە
ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەت «قەنغ»، «قەنقە» ياكى «قەنغخە» دەپ ئاتالغان. جۇڭگو يازما
مەنبەلىرىدە ئۇ «كاڭيۈي» ياكى «كانزيۈي» ناملىرى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. قەدىمقى تۇخارلار
(سۇرخەندەريا ۋادىسىنىڭ قەدىمقى ئاھالىسى) تىلىدا «قەڭ» سۆزى «تاش» مەنىسىنى
ئاڭلاتقان. قەدىمقى شەرق مەنبەلىرىدە سىر دەرياسى بويىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر – قەنقە
بولغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن. قەنقە «قەنخېي» سۆزى ئەڭ ئاۋۋال «ئاۋېستا» نىڭ ئەڭ
قەدىمكى قىسمى بولغان بەشىنچى «يەشت»تە تۇران (شەك، ساك) قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايى
سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ
.


جۇڭگونىڭ تۇنجى سالنامىسى بولغان «شى-سزى» ئارقىلىق تاشكەنتنىڭ ئۆتمۈشىدىكى
ۋەقەلەرنى بىلەلەيمىز. بۇ سالنامە مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلىدا ياۋچىلار ھوزۇرىغا
(ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەبىلىلەر رايونىغا) ئەۋەتىلگەن جۇڭگو ئەلچىسى جاڭ
چىيەننىڭ خاتىرىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن. مەزكۇر ئەلچى شىمالدىن جەنۇبقا بارىدۇ،
ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېسىپ ئۆتىدۇ ۋە جۇڭگولۇقلارغا ئۆزى بايقىغان بۇ مەملىكەتنى «غەربىي
يۇرت» دەپ تونۇشتۇرىدۇ. «شى-سزى»دا پەرغانىنىڭ غەربىگە جايلاشقان كاڭيۈي ياكى كانزيۈي
دۆلىتى ئەسلىتىپ ئۆتىلىدۇ. ئۇ «جاۋۇ خانلىقى»(
Djaovu xonadoni)غا مەنسۇپ سۇلالە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. ئۇشبۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى
تاشكەنت ۋادىسى ھىسابلىنىدۇ. دۆلەت ئاستا-ئاستا تۇرفە تىللىرىدا سۆزلەشكۈچى قەبىلىلەرنىڭ
قۇدرەتلىك ئىتتىپاقىغا ئايلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ-Ⅱ ئەسىرلەردە قەنغ دۆلىتى ناھايىتى
كۈچىيىپ، ئۇنىڭغا بەش كىچىك بەگلىك، يەنى: سۇسې (كېش)، فۇمۇ (سۇغدى)، يۇنى (چاچ)،
گى(بۇخارا)، يۇسيان (خارەزم) بەگلىكلىرى بويسۇنغان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى
يېرىمىدىن باشلاپ مەزكۇر دۆلەت ھۆكۈمدارلىرى ئۆز تەڭگىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىغان،
دۆلەت دېۋانخانىلىرىدا ھەم سۇغدى يېزىقىدىن پايدىلانغان. بۇ ھەقتە تەڭگىلەرلا
ئەمەس، بەلكى يېزىقلارغا ئائىت يادىكارلىقلارمۇ ھەم بار
.


يازما
مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ دۆلەت تامامەن مۇستەقىل ۋە ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،
چەت دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا ئۆز مۇستەقىللىقىنى نامايەن
قىلىش مەقسىتىدە جۇڭگو ئىمپېرىيىسى ئەلچىلىرىنى قەدىمقى يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە ياشايدىغان
ئۇيسۇن قەبىلىلىرى ئەلچىلىرىدىن پەستىراققا ئۆتكۈزگەن.


مىلادىدىن
بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيسۇنلار بىلەن ھۇنلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
كەسكىنلەشتى.
قەنغلىقلار
بولسا ھۇنلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شىمالدىكى قوشنىلىرى – ئۇيسۇنلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ.
ئەنە شۇ ئۇرۇش ھەققىدە جۇڭگو تارىخچىلىرىدىن بىرى تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «بۇ ئۈچ
مەملىكەت (ھۇن، ئۇيسۇن، قەنغ) ھەتتا ئۆزئارا ئالاقىدە ھەم بىر-بىرىگە ئىشەنمەستىن
بىر-بىرىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدۇ».


جۇڭگو بىلەن قەنغ ئوتتۇرىسىدىكى
مۇناسىۋەت ھەم ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ-Ⅱ ئەسىرلەردە
باشلانغان ئىدى. جۇڭگو قەنغلىقلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى– ئۇيسۇنلەر بىلەن
دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتتى ۋە غەربتىكى مەملىكەتلەرنى، جۈملىدىن، قەنغ يەرلىرىنى
ئىگەللەش مەقسىتىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 104-يىلى بىرىنچى ھەربىي يۈرۈشنى باشلىدى.
ئەمما بۇ يۈرۈش ئۇنچە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى. يۇ(ھازىرقى ئۆزگەن) شەھىرىنى
ئالغاندىن كېيىن، چىقىم بەك كۆپ بوپ كەتكەنلىكتىن جۇڭگو ئارمىيىسى ئارقىغا چىكىندى.


مىلادىدىن بۇرۇنقى
102-يىلى جۇڭگو قوشۇنلىرى پەرغانىگە ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلدى. بۇ يۈرۈشكە
قۇرال-ئەسلىھە ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلىرى خېلىلا ياخشىلانغان 60 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە قاتناشتى.
ئوزۇق-تۈلۈك، قۇرال-ئەسلىھە ۋە باشقىلار 100 مىڭ ئۆكۈزگە، 30مىڭ ئاتقا ۋە 10 مىڭ
ئېشەككە يۈكلەنگەن. قوشۇن ئىچىدە قامال قىلىنغان قورغان – ئىستېھكاملارنى قانداق
ئېلىشنى بىلىدىغان ئۇستىلارمۇ بار ئېدى.


جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ
ئىككىنچى قېتىمقى يۈرۈشىنىڭ مەقسىتى بۇ ۋىلايەتنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان گۇيشەن
(كاسان)نى ئېلىش، ئۇندىن كېيىن باشقا شەھەر ۋە قىشلاقلارنى ئېگەللەپ، غەربكە
–سۇغدىياناغا يول ئېچىش ئىدى. دۈشمەننىڭ گۇيشەنگە يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر
تاپقان گۇيشەنلىكلەر قەنغلىقلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋەقەدىن خەۋەردار قىلىدۇ
ۋە ئۇلاردىن ياردەم سورايدۇ.


قەنغلىقلار
كاشغەر ۋە ياركەنت ۋىلايەتلىرىگە ھەم ھەربىي ياردەم بېرىپ تۇرغان ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى
65-يىلى ياركەنتدە جۇڭگو ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بۇ يەردىكى
جۇڭگو ئەلچىسىنى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارى بولغان ھاكىمنى ئولتۈرىۋېتىدۇ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ
پارتىلىشىدا قەنغلىقلارنىڭ ھەسسىسى بار. شۇنى ھەم ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كاشغەر،
ياركەنت ۋە پەرغانىنىڭ جۇڭگو تەسىرىدە بولۇشى قەنغلىقلارغا زور خەۋپ ئىدى. شۇنىڭ
ئۈچۈن قەنغ ھۆكۈمدارلىرى قوشنا خەلقلەرگە ھەربىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلەرنى
ئۆز چېگراسىغا يېقىنلاشتۇرماسلىققا تىرىشاتتى.






مۇھەممەدجانوۋ. قەدىمقى تاشكەنت، 54-بەت.



شانىيازوۋ ك. ش. قەڭ دۆلىتى ۋە قەڭلىقلار. 94-96بەتلەر.



ئالىموۋا ئا.د ،
فىلانوۋىچ م.ئى. تاشكەنت تارىخى.
13-14بەتلەر.




agah يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 17:25:56

ئۇسرۇق گەپلەر ھەممىسى،سىتالىن يېزىپ بەرگەن تارىخنى ئۆگەنگەن <ئوپ>،<پوپ> لارنىڭ ئەسەرلىرىدىن


تېرىپ ئەكىلىپ قۇراشتۇرۇپ قويغان سۈنئىي ئەۋرەز مېيى ئىكەن .

taxkandi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 18:16:15

1- قەۋەتتىكى agahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇسرۇق گەپلەر ھەممىسى،سىتالىن يېزىپ بەرگەن تارىخنى ئۆگەنگەن <ئوپ>،<پوپ> لارنىڭ ئەسەرلىرىدىن


تېرىپ ئەكىلىپ قۇراشتۇرۇپ قويغان سۈنئىي ئەۋرەز مېيى ئىكەن .



بۇ گېپىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپ كەتتىغۇ دەيمەن.

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 10:08:15

تاشكەندى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئېشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇدە ئەلۋەتتە .ھازىر ئۆزبېكتە تۈرۈك ئاتاسىغا يېقىنلىشىش ئەمەس

مەن ئەزەلدىن ئۆزبەكتىم ھەم مەڭگۈ ئۆزبەكمەن باشقا تۇققىنىم يىراق تۇر دەيدىغان ھالەت شەكىللەندى .سىتالىن بىلەن كەرىموپنىڭ

كۈچىشى ئاستىدا .ئۆزبەك ھەقىقى ئۆزبەك بولماي قالدى .خۇددى پارنىكتىكى سەيدەك سۈنئىي .
بەت: [1]
: قەدىمقى تاشكەنت دۆلىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى