gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-11 19:01:49

تېۋىپلار سەمىگە...

بىر تېۋىپ تۇنۇشۇم بايا تېخى دىيارىمىزدىكى تېۋىپلارنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى،تونۇش تېۋىپلار بولسا بۇنى يوللاپ ، ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشۇمنى ئىلتىماس قىلىپ ماڭا بىر خەت يوللاپتۇ. بۇنى مېنىڭ يالغۇز كۆرگىنىمدىن ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەپ قاراپ ،كۆپچىلىكنىمۇ خەۋەردار  قىلىش مەقسىتىدە ئىزدىنىش تورىغا يوللىدىم. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى سورايمەن.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم



ھەممىمىزگە مەلۇمكى ـ ئۇيغۇر تېبابىتىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش جەھەتلەردە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا بۇ ئىلغار نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگۇ تېبابىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن زور خۇشاللىق ۋە خاسىيەتلىك ئىش.تارىخ بەتلىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.شۇڭا بىز بۇ بوشلۇقنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە تولدۇرۇش شۇنداقلا تېبابىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنى ۋە شان- شۆھرىتىنى جاھان ئەھلىگە يەنىمۇ نامايەن قىلىپ ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىشقا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۈگۈنكى دەۋرىمىز تېۋىپلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ قالدۇرۇش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «دەۋرىمىز تېۋىپلىرى»ناملىق كىتاپنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدۇق.بۇ كىتاپقا ئازاتلىقتىن بۇيان يېتىشىپ چىققان ،ئەل ئىچىدە تۇنۇلغان، خەلق ئېتىراپ قىلغان تېۋىپلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى،داۋالاش جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى نۇقتىلىق يېزىپ كىرگۈزۈلمەكچى.شۇڭا بۇ ئۇچۇردىن يەنىمۇ كۆپ تېۋىپلەرنى خەۋەردار قىلىش،بولسا بىرمۇ تېۋىپنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق نىيىتىدە بۇ خەۋەرنى كەڭ تورداشلارغا يوللىدۇق.بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كەسىپداشلارنىڭ خالىس نىيىتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى،ئۇيغۇر تېبابىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ ئۆز تەۋەلىگىدىكى نوپۇزلۇق تېۋىپلەرنىڭ ئىسمى،ئىلمىي ئۇنۋانى ، يەككە (شەخسى) تېۋىپلەردىن ۋىراچلىق سالاھيىتىگە ئېرىشكەن تېۋىپلەرنىڭ ئىسىمى ،ئېنىق ئالاقىلىشىش ئادىرىسى ، تېلېفۇن نومۇرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .


بۇ كىتاپ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن بۇرۇن نەشىردىن چىقىرىش پىلانلانغانلىقتىن كىتاپقا كىرگۈزۈلمەكچى بولغان تېۋىپلەرنىڭ ماتېرىيالىنى يېزىش، رەسىملىرىنى توپلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋاقىت قىسراق . شۇڭا 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بىزنى يۇقىرىقى ئۆلچەمدىكى ماتېرىياللار بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە ماسلىشىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.


ھۆرمەت بىلەن: «دەۋرىمىز تېۋىپلىرى» ناملىق كىتاپ مۇئەللىپلىرىدىن


كامىلجان ناسىر(دىلداش)، (قەشقەر) ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى : 13899163821



چ چ نۇمۇرى : 1784987477

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 00:23:34

80 خالتا ئەپەندىم چۈشۈپ قالمىسۇن.

akbilik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 08:56:01

خوتەندە تىۋىپ،ھەكىملەر بەكمۇ جېق ،تىۋىپلارنىڭ تەرجىمھاللىرىنىمۇ تاپالايسىز...مەسىلەن:مەتتۇرسۇن ھاجى،تۇرسۇنتوختى ھاجى،ئابدۇللا مەخمۇت ھاجى،ئېلى ھاجى ئەمچى،مۆيدىن ھاجى،خەلچەمخان ھاجى،مەينىگارخان ھاجى،تۇرسۇننىيازخان خانىم................

تىۋىپلارنى سانىساق بەك جېق،بىر بىرىدىن .ئېسىل،ئىستىداتلىق تىۋىپلار...مەن داڭلىق تىۋىپ،ئۇستاز ئابدۇكىرىم مۇئەللىمنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى دەپ بىرەي،شۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق تىۋىپ ،ھەكىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز....خوتەن شەھەر بېيجىڭ يۇلىدىن غەرىپ تەرەپكە قاراپ ئۇدۇل مېڭىپ مالىيە سودا بىكەتتە چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ.............خوتەن ئودۇن ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى

دوختۇرخانا باشلىقى ئابدۇكىرىم مۇئەللىم،تېلىفۇن:13070072625

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 09:13:06

gulhekimنىڭ تېمىسىدىن نەقىل



ھەممىمىزگە مەلۇمكى ـ ئۇيغۇر تېبابىتىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش جەھەتلەردە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا بۇ ئىلغار نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگۇ تېبابىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.





ئۇيغۇر تىبابىتى جۇڭگو تىبابىتىنىڭ تەركبىما؟

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 20:09:10

ياسىن سۈيىنى قاتتىق ئوقۇپ ، ئاسمىكۇل قىلىپ رىماتىزىمنى داۋالايدىغان دوختۇر تىۋىپلارمۇ پەيدا بولاپ قاپتۇ .

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 00:34:08





@qaynam

داۋالاش ماددىيمۇ مەنىۋىيمۇ بولىدۇ . ۋاقىت چىقسا چاھارماقالە دېگەن كىتاپتىكى تىبابەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېقىڭ .


gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:46:47

ئاۋال روھىي جەھەتتىكى ئىللەتنى داۋالىماي تۇرۇپ قىلىنغان باشقا جىسمانىي داۋالار ئەھمىيەتسىز ۋە قەدىرسىزدۇر.

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 12:32:47

سىز ھازىر ھايات تىۋىپلارنى دەمىز ؟ ئېنىق يازسسىڭىز بوپتىكەن . مەنمۇ تىۋىپ ، بەلكىم ياردىمىم تىگىپ قالار.

deldax يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 21:52:22

7- قەۋەتتىكى sayahatqi0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز ھازىر ھايات تىۋىپلارنى دەمىز ؟ ئېنىق يازسسىڭىز بوپتىكەن . مەنمۇ تىۋىپ ، بەلكىم ياردىمىم تىگىپ قالار.

مەيلى ھايات بولسۇن،مەيلى قازا قىلغان تىۋىپلەر بولسۇن يۇقاقى ئۆلچەمگە توشسا بۇلۇدۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 13:22:05

بەك نوچى ئىش بولۇپتۇ، مەنمۇ شۇنداق بىر ئىشنىڭ كويىدا ئىدىم، كىتابىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن كامىلجان.
بەت: [1]
: تېۋىپلار سەمىگە...