[2012] پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىلىم سۆيەر تورداشلار.
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىىرى، پروگراممېرلار، office ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش - تارقىتىش روھىغا مەدەت بېرىش، قوللاش يۈزىسىدىن ئىنتىل تورى، ئالپباي تورى، قىياس يۇمشاق دىتال تورى بىرلىكتە (ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئالىمىز)«پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزمەكچى. تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇسابىقە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1- پروگرامما: پروگرامما بىلىمى ۋە پروگراممېرلار ياسىغان ئىجادىي دىتاللار قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ.
2-office بىلىملىرى: تۈرلۈك office بىلىملىرى، لايىھە ھۆججەت، قوللىنىشچان ھۆججەتلەر، دەرس- ساۋات يوللانسا بولىدۇ.
3- لايىھە-دەرس : تۈرلۈك لايىھەلەش بىلىمى، نەتىجىسى، كومپيۇتېر، يۇمشاق دىتال، تور بىلىمى ۋە دەرسبولسا بولىدۇ.
مۇسابىقە مۇكاپاتى:
1- دەرىجە:ھەر بىر تۈردىن 1 دىن جەمئىي 3 ئادەم مۇكاپاتلىنىدۇ، ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 80.00 يۈەن خەلق پۇلى ۋە ئالپ سوفت يۇمشاق دىتالىدىن (كىرگۈزگۈچ، لۇغەت، قوشتىل دىتالى)خالىغان بىرسى ياكى قىياس دۇنياسىنىڭ بىر يىللىق VIPلىق ئەزالىقى ( بوشلۇق 20G )بولىدۇ. ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
2- دەرىجە: ھەر بىر تۈردىن 2 دىن جەمئىي 6 ئادەم مۇكاپاتلىنىدۇ،ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 60.00 يۈەن خەلق پۇلى ۋە ئالپ سوفت يۇمشاق دىتالىدىن (كىرگۈزگۈچ، لۇغەت، قوشتىل دىتالى)خالىغان بىرسى ياكى قىياس دۇنياسىنىڭ بىر يىللىق VIPلىق ئەزالىقى ( بوشلۇق 20G )بولىدۇ.
3-دەرىجە:ھەر بىر تۈردىن3 دىن جەمئىي 9 ئادەم مۇكاپاتلىنىادۇ، ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 40.00 يۈەن خەلق پۇلى ۋە ئالپ سوفت يۇمشاق دىتالىدىن(كىرگۈزگۈچ، لۇغەت، قوشتىل دىتالى) خالىغان بىرسى ياكى قىياس دۇنياسىنىڭ بىر يىللىق VIPلىق ئەزالىقى ( بوشلۇق 20G )بولىدۇ. ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
4- رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ھەربىر تۈردىن 3 تىن 9 نەپەر تورداش مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتى ئالپ سوفت يۇمشاق دىتالىدىن(كىرگۈزگۈچ، لۇغەت، قوشتىل دىتالى)خالىغان بىرسى ياكى قىياس دۇنياسىنىڭ بىر يىللىق VIPلىق ئەزالىقى ( بوشلۇق 20G )بولىدۇ. ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مۇكاپاتلانغۇچىلار ، تورداشلارنىڭ مۇسابىقە ئەسىرىگە بەرگەن باھاسى،راي سىناش نەتىجىسى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسى ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر(يازما) سەينانىڭ مۇسابىقە سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ، مۇسابىقە تۈگىگەندە مۇناسىپ سەھىپىگە يۆتكۈلىدۇ.
مۇسابىقە ۋاقتى: بۈگۈندىن باشلاپ 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بولىدۇ.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
ئىنتىل سەيناسى ئالپباي تورى قىياس يۇمشاق دىتال تورى
2012- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى
قوشۇمچە : مەزكۇر مۇسابىقىنى تەشۋىق قىلغۇچىلار توربەت نامى ۋە تەشۋىق بەت ئادرىسىنى قالدۇرسا ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇناسىپ تېمىدىكى تەشۋىقاتقا ھەمكەرلاشقۇچى تىزىملىكىگە قوشۇلىدۇ.
دېگىنىمىز بويىچە ئىزدىنىش تورىنىڭ نامى ۋە مەزكۇر تېما ئۇلىنىشى ئىنتىلدىكى يازمىغا قوشۇلدى.
تەشۋىقاتقا ھەمكارلاشقۇچىلار
1- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى : http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=915
2- قىياس كۇلۇبى :http://club.kiyas.biz/thread-718-1-1.html
3- نۇرقۇت http://www.nurqut.com/ud/thread-9022-1-1.html
4- بىزەكچىلەر ۋادىسى http://bizakqi.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1111
5- ئىزدىنىش تورى http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44745
6- روھلان تورى http://www.rohlan.biz/thread-12065-1-1.html
7- بايقاش تورى http://www.baykax.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2206
8- ئەپلىك تورى http://aplik.biz/showart.asp?art_id=71
9- يۈكسىلىش مۇنبىرى http://www.yuksilix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=726
10- دىيانەت مۇنبىرى http://diyanat.cc/bbs/portal.php
11- ئۆزخان ئىتوت قامۇسى http://www.ozhan.cn/play.asp?id=417
12- سەرسانلار كىنوخانىسى http://sarsanlar.cn
13-تورچى مۇنبىرى http://www.torqi.net/bbs/thread-3952-1-1.html
14- ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىhttp://atesh.biz
بۇ ئۇرۇن سىزنىڭ
دىتال ھەققىدەدىگەن كۇنۇپكىنى چەكسىڭىزدىتال ئۇچۇرىغا ئىرىشىسىز .
بۇ دىتال سىز نىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن مەزمۇن يېڭىلايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ۋاقتىنى توغرا تەڭشەڭ.
دىتالدىكى مەزمۇنلار بۈگۈنكى سەرخىل مەزمۇنلار 30كۈندە ، بۇ سائەتتىكى سەرخىل مەزمۇنلار24 سائەتتە ، ھەر مىنۇتتىكى مەزمۇنلار 59 مىنۇتتا بىرقېتىم ئايلىنىدۇ .
قالغان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋالىسىز .
دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :
بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
قەشقەرئەرەنتىر ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى بۈ مۇسابىقىگە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار تەمىنلەيدىغان مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە: 1- دەرجىلىك مۇكاپاتقان ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە، بىر دانە 4Gلىق بارماق دىسكا + V80 تىپلىق سىمسىز مائۇستىن بىر دانىدىن. 2- دەرجىلىك مۇكاپاتقان ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە، بىريۈرۈش A560 تىپىدىكلى مائۇس + كۇنۇپكا تاختىسى بىر دانىدىن . 3-دەرجىلىق مۇكاپاتقان ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىگە، H420تىپلىق تىڭشىغۇچتىن بىر دانىدىن . كامالى ئېھتىرام بىلەن: ئەرەنتىر ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى |
1- dihanogliيوللىغان(مۇسابىقە) كۈندە بىر . . .
2-sadirdinيوللىغانword دا
ئابزاس رامكىلاش دەرسلىكى!
3- sadirdin
يوللىغانps ساقال ياساش دەرسلىكى
4- Koinlun يوللىغان PSتا فىلىم بېشى ئىشلەش
دەرىسى
5- sadirdin يوللىغان html5 ئاساسىدا مۇزىكا قويغۇچ يىزىش
دەرسلىكى
6- taxna83 يوللىغان ئۇيغۇرچە تېلفۇن دەپتىرى
ئەسەرلەرنى باھالاش - بىلەت تاشلاش باشلاندى.
قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئەسەرلەردىن بەھىرلىنىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
بۇنى بېسىپ راي سىناش تېمىسىغا كىرىڭ http://www.mcaf.ee/mpine
يۇقارقىسى نىقاپلانغان ئادرىس. تۆۋەندىكىسى ئەسلى ئادرىس
http://www.intil.biz/home/thread-8988-1-1.html