سائەتلىك يەسلى ئېچىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شەرقىي شىنجاڭدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم،توي قىلىپ بالىلىق بولدۇم،ئائىلەم بىلەن خىزمىتىم ئايرىم-ئايرىم ئىككى شەھەردە بولغاچقا بالامغا ئۆزۈم قاراش ئۈچۈن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ ئۈرۈمچىگە، يولدىشىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەنىدىم،بالاممۇ ئىككى يېرىم ياشقا كىرىپ قالدى،مەنمۇ خىزمەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرىۋاتقىلى ئىككى يىل بوپ قاپتۇ.ئەمدىلىكتە ئۆز ئالدىمغا بىر ئىگىلىك تىكلەش خىيالى كاللىغا كىرىۋېلىپ ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ.ئۆزۈمچە بولسا كىچىك دائىرىلىك، سائەتلىك يەسلى ئېچىش خىيالىم بار ئىدى.ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ خىل مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياج قانداق؟ بازار بوشلۇقى بارمۇ؟ قانداق رەسمىيەتلەر كىتىدۇ؟ قايسى ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئالىمەن؟ كونكېرت قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىم كېرەك؟ باھانى قانداق بىكىتسەم ئاتا-ئانىلار قوبۇل قىلالايدۇ؟....دىگەندەك سوئاللارغا كۆمۈلۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس دىگەن نىيەتتە بۇ ھەقتىكى مەسلىھەتىڭلارنى ئالاي دەپ يازما يوللىشىم. دانا پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
يەسلى قۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلايسىز .
1. يەسلىنىڭ نامى
2. يەسلى قىلىدىغان ئورۇن (چوقۇم ئائىلىكلەر بىناسىدىن ئايرىلغان ئورۇن بولۇشى ، كۆلىمى 40 كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى بولۇشى ، پرىنسىپ جەھەتتىن 3 كىلومېتىر دائىرىدە تەكرار يەسلى ئىچىشقا بولمايدۇ )
3. يەسلى ئىچىشتا بەلگىلىك مەبلەغ بولۇشى ؛
4. يەسلى قۇرۇشتىكى مۇۋاپىق كىلىدىغان ئوقۇتقۇچى (تەربىيىچى) بولۇشى ؛
5. ......
يۇقارقىلارنى تەييارلاپ ئاندىن بىر ئىلتىماس يازىسىز . (بۇرۇنمۇ بىرىنىڭ يەسلى ئىچىشىغا مۇشۇنداق ئىلتىماس يىزىپ بەرگەن ئىدىم )
ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا 13999275440 غا تېلېفون بەرسىڭىز بولىدۇ . جەنۇپلۇق، جەنۇپقا بېرىپ كەلگەن، دەپ ئىشلىتىپ قويىمىزغۇ،شۇڭا تۇرپان قومۇللارنى شۇنداق ئاتايمەن مەن، شەرق دەپ


ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە يەسلىلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. ئەمما ئاتا-ئانىلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش ئاتا-ئانىلارنى غەمگە سالدىغنى يەسلى يېشىغا توشمىغان، بىر يېرىم ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنى بېقىپ تەربىيىلەش مەسلىسى ئىكەن. بۇ بالىلار بەكمۇ كىچىك ئەمەس، ئەمما يەسلىگە قوبۇل قىلىنىش شەرتىگە توشمايدۇ. ھازىر ھەممە ئادەم خىزمەت بىلەن ئالدىراش، بالا باققۇچى تېپشمۇ تەس. شۇنىڭ بىلەن ئامالنىڭ يوقلىقىدىن يەنىلا ياشانغان، كېسەلچان ئاتا-ئانىسىغا ھاۋالە قىلىدىغان گەپكەن. لېكىن، شۇ ئاتا-ئانىلار ئىشتىن چۈشۈپلا بالىلىرنى كۆرۈش ئۈچۈن ھارغىنغا قارىماي، چوڭ ئۆيگە چاپدىكەن. نەتىجىدە ئۆزىمۇ چارچاپ ھالىدىن كېتىدىكەن، ياشانغان ئاتا- ئانىلىرىنىمۇ تېخمۇ قېرىتىۋىتىدىكەن. شۇڭا مۇشۇندان ئۆلچەمدىكى بالىلارنى تەربىيىلەپ باقىدىغان بىر مۇلازىمەت ئورنى يەنى يەسلى تەييارلىق سىنىپىقۇرۇلسا بۇنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمى يۇقىرى بولغىدەك. بۇنىڭغا كېتىدىغان رەسمىيەتنى مائارىپ ئورونىلىرى ئارقىلىق بېجىىرىسز. ئەسلىھەلەرنى ئېتىياجغا قاراپ تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ.
تەربىيەلەپ بېقىش ۋەقتىنى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە سائەتلىك ۋە ئايلىق ياكى ھەپتىلىك قىلىپ ئورۇلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېقىش راسخوتى بىلەن مۇناسۋەتلىك تۈزۈملەرنى بېقىش ۋاقتىغا قاراڭ بېكىتسىڭىز بولىدۇ.ۋاقتى كەلگەندە باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسلىدە باشتا ئۆز ئۆيۈمدىلا تۆت ياكى بەش ئەتراپىدا بالا بېقىشنى ئويلاشقان،لېكىن قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى ئۆتىمەي تۇرۇپلا خەقنىڭ بالىسىنى يىغىۋېلىپ باقىمەن دىسەم ،بىر كۈنلەردە چاتىقى چىقىپ قالامدىكى دەپ ئەنسىرەپمۇ قالدىم، شۇڭا رەسمىيەت بىجىرىپ قانۇنىي يول بىلەن بىر ئىش قىلاي دىگەنتىم. دائىرىسىنى بەك چوڭ قىلىۋەتكۈم يوق، خىيالىمچە 10ئەتراپىدا بالا بولسا،ئىككى تەربىيىچى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسەم دەپ ئويلىغان. يولدىشىم «ئۇنداق قىلىپ جاپا تارتىپ نىمە كەپتۇ، تاپقان پۇلۇڭ چىقىمىڭنى قامدىيالامدۇ؟ رەسمىيەت بىجىرىپ،باج تاپشۇرۇپ،ئىجارە ھەققى تۆلەپ،خىزمەتچىلەرگە مائاش بېرىپ قولۇڭغا نىمە ئاشىدۇ؟ دەپ مېنى بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچتۈرگىلى ئۇرۇنغىلى نەۋاخ.قانۇن بلوگنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام ئائىلىلىكلەر رايونىدىن ئايرىلغان ئورۇن بولۇشى كېرەككەن.شۇڭا بېشىم بەكلا قاتتى.
ئالدىنقى ئايدا قىزىمنى مەھەللىمىزدىكى يەسلىگە(ئائىلىلىكلەر رايونىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ئۆينىلا يەسلى قىلىۋاپتىكەن) ئەچىقىپ بەرگەن.ئۇغۇ بىر رەسمىيەتسىز يەسلىكەنتۇق،16-17 بالا باركەن،بىر قىز ئۆزى يالغۇز باقىدىكەن،تاماقنىمۇ ئۆزى قىلىدىكەن.بىلىشىمچە بۇ يەسلى مەھەللىمىزدە ئېچىلغىلى ئىككى يىلدىن ئۇزاقراق بولغان ئىدى.باشتا تېخى ۋىۋىسكىمۇ ئېسىۋاپتىكەن.كىيىن ۋىۋىسكىسى يوقاپ كەتكەندەك بولدى،ئەمما تىجارىتى توختىمىغان.لېكىن مەن قىزىمنى ئەكىرگەن چاغدا رەسمىيەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقسام ئۇ قىز «رەسمىيەتنى بىجىرىۋاتىمىز،تېخى پۈتمىدى» دەپ كۆزىنى ئاپئاق قىلىپلا تۇرىۋالدى.تازىلىق ئىجازەتنامىسىمۇ يوقكەن.ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچقا ھە بوپتۇلا،بالا بىر ئاي تۇرۇپ باقسۇن دەپ بىر ئايلىق بېقىش ھەققى،تاماق پۇلى،پار پۇلى دەپ سورىغان 660 كوي پۇلنى قىزغا تۇتقۇزۇپ،ئۆزى ياسىۋالغان توختامنامىسىگە قول قويۇپ يېنىپ چىقتىم.(توختامنامىگە قارىسام ھەممىسىلا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداپلا يازغان مەزمۇنلاركەنتۇق.ئۇ چاغدا مەنمۇ نېرى بېرىسىنى ئويلىمايلا قول قويۇپتىمەن.) ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىككى يېرىم يىلنىڭ ياقى ئاغرىپ باقمىغان بالام قىزىپ بالنىستقا كىرىپ قالدى.دوختۇرخانىدا ئون كۈن ياتىدىغان بولۇپ،يولدىشىمنى يەسلىگە ئەۋەتسەم ئۇ قىز يولدىشىمغا مەن ئىمزا قويغان ھېلىقى توختامنامىسىنى كۆرسىتىپ ئۈچ كۈنلۈك بېقىش ھەققىگە 450 كوي تۇتۇۋېلىپ قالغان 210 كوينى قايتۇرۇپ بىرىپتۇ.جىمى گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتىرىپ نەگە باراي دىگەندەك ھە بوپتۇ دىدىم.
دەرت تۆكۈپلا كەتتىمغۇ.......ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك،شۇ تاپتا مەن باقماقچى بولغان ھېلىقى 10 بالىنىڭ ئايلىق بېقىش ھەققىنى 500 كويدىن ھېساپلاپ بىر ئايدا چۈشكەن پۇل 5000دەپ تۇرايلى،ئىجارە ھەققىگە 2000، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا 2000، بىر ئايلىق چىقىم(توك،سۇ،گاز،ئۇن،گۈرۈچ،ماي،كۆكتات ۋاھاكازالار....)ئۈچۈن 1000كوي كەتسە قولۇمغا راستلا ھېچنىمە ئاشماي قاراپ ئولتۇرارمەنمۇ يە دىگەن خىيال مىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.

ئەگەر سىز تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قەتئىي باش ئەگمەي مۇشۇ ئىشنى ياخشى ئېلىپ كېتەلىسىڭىز ، ئاتا - ئانىلار سىزدىن رازى بولسا ، ئىشىڭىز بەلكىم بارا - بارا راۋاجلىنىپ كېيىن كۆلىمى كېڭىيىشى مۇمكىن . ئەگەر راست بەل باغلىغان بولسىڭىز ، ئاخىرىغىچە چىداپ يول مېڭىپ ، ئىشىڭىزنى بىر باشقا ئەچىقىڭ ، سىزگە ئاسانلىق يار بولسۇن . ئاللا خالىسا مۇۋاپىق ئورۇن تاپالىساملا ئىشنى باشلايمەن.

مارىيەنىڭ مېتوتىدىنىڭ جەۋھىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
1.بالىلارنى ياخشى كۈزىتىش ۋە چۈشىنىش،
2.بالىلارمۇ بىر ئادەم بولۇپلا قالماي ئۇلار ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا بولۇپمۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بولغان دۇنيا،
3.ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى تەربىيىنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇشۇ مەزگىلدىكى تەربىيىنىڭ بالىلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا ئاساس سالىدىغانلىقى.
بىر ئانا نۆۋىتى كەلگەندە بىر پېداگوك،بىر ئوقۇتقۇچى،بىر پىسخىلوگ،بىر ئوزۇقلۇقشۇناش بولىدۇ؛مۇشۇنداق كۆپ ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئۆتەش ئۈچۈن ئانىلار توختىماي ئۆگىنىشى زۆرۈر ئەلۋەتتە. بىر تەربىيىچىنىڭ بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ چۈنكى ئۇ بىر ئەمەس بىر قانچە بالىلارنىڭ تەربىيىسى،ساغلاملىقى،كەيپىياتى قاتارلىقلاردىن جاۋاپكار بولىدۇ.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! رەھمەت نۇسرەت، ماڭا ئىشەنچ قوشقىنىڭىز ئۈچۈن سىزدىن مىننەتدارمەن! ئاللاھ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغىمۇ ئاسانلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!