Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 09:32:18

نىمىگە مەبلەغ سېلىش كېرەك ؟؟؟

مۇقەددەم  ئۈچ  يىل  بۇرۇن مەن-ساراڭ  ئەپەندى  "ئالتۇن  ئوينامدۇق  باللا  "  دەپ  تېما  يېزىپتىكەن  http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=35505#Inkas،شۇ  چاغدا  ئالتۇننىڭ  باھاسى  210  سوم  ئىكەندۇق مانا ھازىر  بولسا 320 نەچچە  سوم  بولاپ  كەتتى .........


ئەمدى گەپ   بۇ  يىل  بولسا ئىران بىلەن  ئامىرىغا  بىر-بىرىگە  خىرىس  قىلىشىپ  تۇرىدۇ ، سۇمرۇخ قانىلىدىكى   تەھلىلچىلەر ئەگەر بۇ  ئىككىسى  ئۇرۇشۇپ  قالسا  نېفىت  باھاسىنىڭ شىدددەت  بىلەن  ئۆسۈشىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىپ ،لىڭشىپ  تۇرغان  دۇنيا  ئىقدىسادىغا  ئېغىر  زەربە  بېرىدۇ ،ياۋروپا  ئىقدىسادى گۇمران  بولۇش گىرداۋىغا  بارىدۇ  دىگەندەك  گەپلەرنى  قىلىپ  يۈرىيدۇ .قارىغاندا يىغىپ  قويغان  ئازغىنە  پۇلنى  بانكىدا  ماقلاپ يۈرۈشنىڭ خەتىرى  باردەك ،ئۇنۇڭ  ئۈستىگە مال  باھاسىنىڭ داۋاملىق  ئۆسۈشى  پۇلنى  پاخاللاشتۇرۇپ تايىنىنى  قويمىدى ........................ شۇڭا    مەن  ساراڭ  ،تارىمى  قاتارلىق  ئىزدىنىش ئىقدىسادشۇناسلىرىدىن  سورىماقچى  بولغۇنۇم بۇ  يىل ئالتۇنغا  مەبلەغ  سالسا قانداق  بولار ؟ ياكى  باشقا ئىشەنچىلىك  مەبلەغ  سېلىش  تۈرى  بارمۇ .................. كۆپچىلىك  مۇشۇ  ھەقتە  بىلىدىغانلىرىڭلار  ئوتتۇرىغا  تاشلاپ ۋىچىرلىشىپ  باقساڭلارچۇ


pinhana يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 10:17:54

مىنىڭچە بولسا مەبلەغنى تۈۋەندىكىدەك  ئىككى تۈرگە سالغان تۈزۈك.

بىرىنجىسى پەرزەنت تەربىيسىگە ئالاھىدە  كۆڭۈل بۈلۈپ ،ئۇلارنىڭ ئەقىدە ،ئىتىقات جەھەتتە توغرا تەرەققى قىلىشىغا ھەر تەرەپلىمە مەبلەغ سېلىش كىرەك. بولۇپمۇ قىزلارغا بولغان تەلەپ ۋەچۈشۈنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىتىقاتلىق ۋە ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ئاساس سېلىش كىرەك.چۈنكى ئىتىقاتسىز ،ساپاسىز پەرزەنتلەردىن قەھرىمانلار چىقمايدۇ. قەھرىمانلارنىڭ يىتىشىشى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ يۈزىڭىزنى ھەر ۋاقىت يورۇق قىلىدۇ.

ئىككىنجىسى مۇمكىن بولسا يەر زىمىنغا مەبلەغ سېلىش كىرەك. ئاتا بۇۋىلار ئېيتقاندەك يەر ئالتۇن قوزۇق.

مەبلەغنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ كىشىلەر ئىھتىياجلىق دەپ قارىغان زىمىنغا مەبلەغ سېلىش كىيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن مەلۇم ئىقتىسات مەنبىيى بولۇپ قالىدۇ.


tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 10:34:56

تېمىدىكى مەسلىھەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ @pinhana نىڭ يەرگە مەبلەغ سېلىش دېگەن پىكىرىنىڭ ئاساسى بار دەپ قارايمەن. نۇرغۇن خەن يولداشلار پۇل تاپسىلا يەر ئېلىۋاتىدۇ، قارىسا بىر تۈزلەڭلىك، ساي ياكى شورلۇق بىر يەر. كىرىپ بىر چامدام مېڭىپ بولغۇچە ئىگىسى يەنە شۇ خەق. نۇرغۇن يەرلىرىمىز بارا- بارا قولىمىزدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، قولۇمغا ئېشىنچە مەبلەغ كىرىپ قالسا ئاۋۋال ئويلىشىدىغىنىم چوقۇم يەر ئېلىپ قويىمەن ... كېيىنكى كۈنلەرنى مۆلچەرلىسەك يەر تېرىپ جان باقىمىز دەيدىغانلار شۇ يولداشلارغا دەسلەپ بىر موسىنى مىڭ سومدىن ساتقان بولسا ۋاقتى كەلسە نەچچە ئون مىڭ سوم خەجلەپ سېتىۋېلىپ تېرامدىكىن دەيمەن...

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 10:40:42

يەر راس پۇل بولىدۇ.بىزنىڭ مەھەلىدىكى نوچىلارنى تىرىسىگە پاتقۇزمىغان دەل ئاشۇ يەر..

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 10:55:19

زېمىن دېگەنلىك يەردىن ئاسمانغىچە سېنىڭ دېگىنى ئىكەن ئەسلى. مۇشۇ يول يۈزىدىكى تام، ئاپتوبۇسلارنىڭ ئورۇندۇقى، ھەتتا ماشىنىلارنىڭ سىرتىمۇ ئېلان پۇلى بولۇۋاتقان شارائىتتا  يەر-زېمىن ھەققىدە باشقىدىن ئويلۇنۇپ بېقىشقا تېگىشلىكتەك ھېس قىلدىم. ئەتراپىمىزدىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يۈزلەپ، مىڭلاپ مولۇق يەرلەرنى، ئورمان،ئوتلاقلارنى، زېمىننى سېتىۋېتىپ ئەرزىمەس پىكاپنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، خوتۇن يەڭگۈشلەش، ئاشنا ئويناشقا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئەقىلسىزلىكىگە ئېچىنماي، كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىمەي تۇرالمايمىز...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 11:15:31

@weyrani  يېرىدىن 10 مو  ئېلىپ  قويىدىغان  ئىشمىكىن  يا   \"\"

umidhalid يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 11:25:02

ئالتۇن ئەپ قويسىچۇ؟

yansun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 12:33:20

2010يىلىنىڭ ئاخىردا  200مىڭ يۈەنلىك ئالتۇن ئەپ قويدۇم ،،گىرامى 305يۈەن ئەتىراپىدا ،بۇ ئالتۇن 2011يىلى 1ئاينىڭ 1كۈنلىرى 290يۈنگە  چۈشۈپ قىلىپ تاكى 3ئايغا كەلگىچە مەن ئالغان 305يۈنگە  چىقماي 300 ئەتىراپىدىلا ئەگىپ يۈردى ،ئاچچىقىمدا بۇ ئالتۇننى 3ئايلاردا 301يۈەندىن زىيانغا سىتىۋىتىپ ئالتۇن بازىرغا مەبلەغ سالماي يۈردۈم ،،بۇ يىللاردا ئالتۇن بازىرى دا چوڭ داۋالغۇشلار كۆپ بولۇپ كەتتى ،ئالتۇن 400يۈئەنگىمۇ يىقىنلاشتى ،ئالتۇن باھاسى 340يۈنگە چۈشكەن ۋاقىتتا مەن ئالتۇن باھاسى چوقۇم ئۆرلەيدۇ دەپ پەرەز قىلغان ،،لىكىن چۈپ كەتتى ،،ئالتۇن باھاسى كۆپ ھاللاردا  نىفىت باھاسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ،،ئامىركا دوللىرى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ ،لىكىن بۇمۇ مۇتلەق ئەمەسكەن ،بەزىدە ئالتۇن بىلەن دوللانىڭ تەڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ،نىفىت ئۆرلىسىمۇ ئالتۇن چۈشكەنلىكىنى كۆرمىز ،،ئالتۇن بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەش سىلىش ،ئەگەر بىرەر ئىىككى يىل ئىىشلەتمەيدىغان پۇل بولسا ئالتۇن ئالسىڭىز پايدا چىقىدۇ ،قىسقا مۇددەتتە ئىىشلىتىغان پۇل بولسا زىيانغا ساتىدىغان ئىىش چىقىدۇ ،سالماق بولغان ياخشى ،،ئۆي زىمىننىڭ قىش پەسلى كىلىپ قالغانلىقىنى كۆپ كىشلەر پەرەز قىپ بولۇشتى ،،نۇرغۇن كىشلەردە پۇل بار ،،لىكىن مەبلەغ سىلىپ پايدا چىقىدىغان ئىش ئاز ،،بەزىلەر پۇلۇم بولسا ئۇنداق مۇنداق ئىىشلارنى قىلىۋىتىمەن دەپ قويىدۇ ،،ھەممىسى قۇرۇق گەپ ،پۇل دىگەننى پۇختا قەدەم ۋە پاراسەت بىلەن پۇرسەتنى بىرلەشتۈرۈپ تاپمىغان كىشى قولىغا مىليۇن تۇتقۇزۇپ قويساقمۇ نەچچە ئايدىلا زىيان تارتىىپ قاراپ تۇردۇ ،


شۇڭا مىنىڭ شەخسى پىكىرىم ئۇزۇن مۇددەت پۇلنى ئىىشلەتمىسىڭىز ئالتۇنغا مەبلەغ سالسىڭىز بولىدۇ ،،بولمىسا باشقا ساھەنى ئويلىشىڭ ،قىسقا ۋاقىت ئىىچىدە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىمەن دىسڭىز پايدسىىمۇ جىق ،زىينىمۇ جىق ،ئاز پۇل بىلەنلا كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدىغان ،ياكى بىرلا زىيان تارتىپ جىم تۇردىغان ئالتۇننىڭ T+D دىگەن تۈرىگە  مەبلەغ  سالسڭىزمۇ بولىدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 12:46:05

تاشچىلارغۇ خۇتۇنغا مەبلەغ سالىدۇ ، سەنمۇ ئارتۇقراق ئېلىپ قۇيامسەن يا ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 12:50:26

8- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2011- 8 - ئايدا ئالتۇن 1900 دوللارغا يتىىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى .

2012- يىلدا ئالتۇن 2000 لىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن .


ھازىر  1650  دوللارلىق  نۇقتىدا  ، 2012 - دە  1800-1850  لىك  نۇقتىغا  بارالىشى  مۇمكىن .  ئەگەر  ئۆسۈش  نۇقتىسى  شۇ  مەزگىللەردىكى ۋەزىەيتكە  قاراپ  ،  تىرەك  نۇقتىنى  بۆسۈۋىتەلىسە  2000  لىق  نۇقتىغا  يىتىپ  يېڭى  رىكورت  يارىتىشى  مۇمكىن  .



ياۋروپا رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە 11 مىڭ توننا ، ئامىرىكىدا ئاران 8000 توننا ئالتۇن زاپىسى ساقلانغان .



-------------

ھېلى تەپسىلىي يازاي .





تۈنۈگۈن بىر  مۇتەخەسىسنىڭ  2012-يىلى  ئالتۇن باھاسى 1350 دوللار  ئەتراپىدا  توختىشى  مۈمكىن  دىگەن  گېپى  مېنى  چۆچىتىپ  قويغاچ  مۇشۇ  تېمىنى  يازغان .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 12:53:09

تارىم  قارىشىڭىزنى  بىر  تەپسىلى  يېزىڭە .............

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 13:32:46

Erktekin@ بولىدۇ..لىكىن 10مو بەك ئاز..ھامان جاپا تارتقاندىكىن ئەڭ بولمىغاندا 100مو بۇلۇشى كېرەك.باھا ياخشى بوپ قالسا بىر مىليۇن پۇلنى چامدانغا قاچىلايسىز..مەندىكى يەر ھازىرچە قۇملۇق..ئەمما مەن قايتىپ قالسام ئۇنداق بولماسىقى مۇمكىن.ئۆچكە قىلىپ،ئىزدىنىشتىكى باللا بارسا مىھمان قىلاي دەيمەنغۇ..



  {:90:}

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 13:36:53

9- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تاشچىلارغۇ خۇتۇنغا مەبلەغ سالىدۇ ، سەنمۇ ئارتۇقراق ئېلىپ قۇيامسەن يا ؟



يىقىندا بىر ئاغىنەم 2000- يىلى ئاشنىسىغا 90مىڭ يۈەنگە بىر يۈرۈش ئۆي ئىلىپ 8 يىل پەيزىنى سۈرۈۋىلىپ 2008- يىلغا كەلگەندە ئۆينى ئازراق بىزەپلا 750 مىڭغا سىتىپ بۇ خوشلوقىنى مەسچىلىكتە ئايالىغا سۆزلەپ بىرىپ، ئايالىدىن :  ھۇ لىڭشىق گۇي، نىمىشقا بىرلا ئاشنا تۇتاتتىڭ، بىر ئىككىنى ئارتۇقراپ تۇرۇپ قويسام ئۆلەمتىڭ.  دەپ  تىل ئاڭلىغىنى سۆزلەپ بەرگەنتى ...



ما ئىنكاسنى كۆرۆپ يادىمغا يىتىپ قالدى ...

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 13:54:10

ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى  يېڭى قۇرۇلغان رايوندىن كەلگۈىسىدە شەھەر مەركىزى بولۇپ قالىدۇ ... دېگەن يەردىن دۇكان ئېلىپ قويۇڭ . دۇكان ئاچمىسىڭىز ئىجارىگە بەرسىڭىزمۇ پۇل كىرىدۇ . ئالتۇنغا مەبلەغ سالسىڭىز (پايدا  بىلەن زىياننى تولا ئويلاپ  ) يۈرەك ئەنسىز سوقۇپلا تۇرىدىكەن شۇ .....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 14:23:11

15- قەۋەتتىكى ay~chiwarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى يېڭى قۇرۇلغان رايوندىن كەلگۈىسىدە شەھەر مەركىزى بولۇپ قالىدۇ ... دېگەن يەردىن دۇكان ئېلىپ قويۇڭ . دۇكان ئاچمىسىڭىز ئىجارىگە بەرسىڭىزمۇ پۇل كىرىدۇ . ئالتۇنغا مەبلەغ سالسىڭىز (پايدا بىلەن زىياننى تولا ئويلاپ ) يۈرەك ئەنسىز سوقۇپلا تۇرىدىكەن شۇ .....

\"\"ۋاي  ھەدە  دۇكان  ئالغۇدەك  پۇل  يوق \"\"بانلىغا  قويسا  گازىر  پۇلى چىقۇدەك پۇل ،شۇڭا بىرەر ساھەەە مەبلەغ سېلىپ  ھىچ  بولمىسا  بېنزىن  پۇلى  بولسىمۇ  چىقسۇن  دىگىنىم \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 15:16:31

داۋاملىق  tarim722........................
بەت: [1] 2 3
: نىمىگە مەبلەغ سېلىش كېرەك ؟؟؟