Eldawa يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 10:56:02

بىز يەۋاتقان تۇخۇم توخۇ كاكىلىغان تۇخۇممىدۇ؟

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى: سۇمۇرغ تورىنىڭ خەۋرىگە كۆرە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى بازارلاردا سۈنئىي ياسالغان ساختا تۇخۇم بايقالغانلىقى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، تورداشلار مىكروبلوگلىرىدا ساختا تۇخۇم سېتىۋالغانلىق كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان. ئۇنداقتا بۇ توخۇ كاكىلىمىغان تۇخۇملار نەدىن كەلدى؟ قانداق ياسالدى؟ ئادەم بۇ تۇخۇملارنى يېگەندىن كېيىن قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ ...

توخۇ كاكىلىمايدىغان تۇخۇم ھەققىدە ئەپسانە

ئەلقىسسە، ئوتتۇرا ئىقلىمدا شۇنداق بىر «ئەپسانىۋى چۆچەك» ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بولۇپ، بىر خىل تۇخۇم بار بولۇپ، بۇ تۇخۇم توخۇلار كاكىلىغان تۇخۇملاردىن ئەمەس ئىكەن، بەلكى پۈتۈنلەي ئادەملەر تەرىپىدىن سۈنئىي ياسالغان تۇخۇملار ئىكەن. ھازىر بۇ خىل «خىسلەتلىك» تۇخۇملار شەندۇڭ، گۇاڭدوڭ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە قاتارلىق جايلاردا جامالىنى كەڭ ئىستېمالچىلارغا زاھىر ئەيلىگەن.

مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ مۇشۇنداق ساختا تۇخۇملارنى سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقتە ئىستېمالچى ۋاڭ خانىم: - بىرقانچە كۈن ئاۋال ئوت-ياش بازىرىدىن تۇخۇم سېتىۋالغان ئىدىم. بۇ تۇخۇملارنى قاچىغا چىقىپ، شۇنچە ئېلەشتۈرسەممۇ ئېقى بىلەن سېرىقى ئۆز ئارا ئارىلاشمىدى. پىشۇرۇپ كۆرۈپ باقاي دەپ، 3-4 مىنۇت سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، قارىسام تۇخۇم سېرىقى يەنىلا شۇنداق يۇمشاق، پارچىلىغىلى بولمىدى، رېزىنكىغىلا ئوخشايدىكەن، دېگەن. مانا بۇ شۇ تاپتا ئوتتۇرا ئىقلىمدا كەڭ تارقىلىۋاتقان توخۇ كاكىلىمىغان ساختا تۇخۇم.

ساختا تۇخۇمنىڭ سىرى

دۆلەت سۈپەت نازارەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى 董金狮 نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساختا تۇخۇم ئەمەلىيەتتە خىمىيىلىك ئەشيالاردىن ياكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ياسالغان بولۇپ، بۇ تۇخۇملارنى ھەقىقى كاكىلىغۇچىلار مېكىيان توخۇ بولماستىن، بەلكى پۇل ئۈچۈن ئىنسابىنى يوقاتقان ئىنسانلار ئىكەن.

بۇ خىل تۇخۇمنىڭ ياسىلىش تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، 1 تۇخۇمنىڭ تەننەرقى 1 موغىمۇ يەتمەيدىكەن. مېكىيان كاكىلايدىغان ھەقىقىي تۇخۇملارنىڭ تەننەرخى بولسا 1 تۇخۇمنىڭ 5 مو ئەتراپىدا ئىكەن. 2 مىنۇتتىلا 1 ساختا تۇخۇم ياساپ چىققىلى بولىدىكەن. دەل مۇشۇ مەنپەتنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن بىرقىسىم كىشىلەر ساختا تۇخۇم ياساپ ساتىدىكەن.

مەنبە: ئەلداۋا تورى

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 11:37:11

بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە پۇل ئەخلاقى توغرىسىدىمۇ دۆلەت مىقياسىدا بەس-مۇنازىرە قوزغاش، ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇشنى باشقىدىن تەكىتلەش زۆرۈردەك قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن بۇ دەرىجىدىمۇ ئادىمىيلىكنى يوقاتقان بارمۇ؟

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 11:40:28

پاھ !   نىمىدىگەن ‹ ئەقىللىق › ‹ ئادەم › لەر ئۇ ؟     {:107:}

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 12:02:09

ۋاي خۇدايىم، تۇخۇم ئالغان يەردە تۇخۇمدىن بىرەرنى چېقىپ كۆرۈپ باقىدىغان ئىشمۇ نىمە؟

pinhana يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 12:06:36

توۋا ئادەملەر قىلمايدىغان يەنە نىمە ئىشلار قالدى،ھە!

يەۋاتقان،ئىچىۋاتقان نەرسىللىرىمىزگە كۆپ دىققەت قىلايلى،قېرىنداشلار!

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 12:07:56

2- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  پاھ !   نىمىدىگەن ‹ ئەقىللىق › ‹ ئادەم › لەر ئۇ ؟    \"\"  

نوبىل مۇكاپاتىدىن 10 نى بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدىغاندەك قىلىدۇ .\"\"

قاچانمۇ خاتىرجەم بولارمىز ، يولدا ماڭساق ياۋ جىياشىندەكلەر سوقىۋەتسە ، سوقۇپ بولۇپ ئۆلتۇرىۋەتسە ، بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلەنسەك ، ئەخلەت يىمەكلىك يىسەك ، يۇندا ماي ئستىمال قىلساق ، سۈتتىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بايقالسا ، بۇلار ئاز كەلگەندەك ، ئشسىزلىق ، مال باھاسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆسىشى ، ئۆي باھاسىمۇ با تىخى ...

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 12:19:49

1- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە پۇل ئەخلاقى توغرىسىدىمۇ دۆلەت مىقياسىدا بەس-مۇنازىرە قوزغاش، ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇشنى باشقىدىن تەكىتلەش زۆرۈردەك قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن بۇ دەرىجىدىمۇ ئادىمىيلىكنى يوقاتقان بارمۇ؟

ئەمما مەن ئەلكۈيىدە مۇنداق بىر تېتىقسىز ئىنكاسنى كۆردۈم:

ئۇلار ھەممىنى پۇل، ئىقتىسادقىلا تاقاپ پىكىر قىلىشنى، مەسىلە ئانالىز قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. بىر ئىنكاستا رادىل ئابلا بىلەن زۇلپىقار بارات ئۈستىدە گەپ بولغاندا، ھازىر بىزگە پەقەت رادىل ئابلادەك كارخانىچىلارلا كېرەك، زۇلپىقار باراتتەك جەمئىيەتشۇناسلار كېرەك ئەمەس دەپتۇ.

مەن بۇ يەردە زۇلپىقار باراتنى ياقىلاپ، رادىل ئابلانى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن. ئەمما بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا يالغۇز ئىقتىسادقىلا ئېتىبار بېرىپ باشقا جەھەتكە سەل قاراش ئاقىلانىلىك ئەمەس. يالغۇز ئىقتىسادقىلا ئەھمىيەت بەرگەندە، ئەخلاق ۋە باشقا جەھەتلەرگە سەل قارالغاندا يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ھالەتتە پۇل ئۆز كۈچىنى ھەقىقى كۆرسىتىدۇ-دە، كىشىلەر ئەخلاق تەكىتلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى بىلگەن بويىچە قەدەم ئالىدۇ...

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئەلكۈيىدىكى ئىنكاسىمدىن ئۈزۈندە:

ھازىر دۆلىتىمىزدىكى ئالدىن كۆرەر زىيالىيلار ھە دېسىلا GDP نىڭ ئېىشىشىنىلا تەكىتلەشنىڭ خاتا سىتراتېگىيە ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ھالدا تونۇپ يەتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار دۆلىتىمىزدىكى ئالدىن كۆرەر زىيالىيلارنى خېلى چۆچۈتتى، ئۇلار ھازىر ھەممىنى ئىقتىسادقا باغلاپ ھە دېسىلا، ئىقتىسادنى تەكىتلەپ، باشقا جەھەتلەرگە سەل قاراشنىڭ بىر خاتا تەرەققىيات قارىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

پۇلنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئوينىغان رولىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پۇل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىرگەن زىيانلارمۇ ئاز ئەمەس ھازىر.

قارايدىغان بولساق، ھازىر پۇلنىڭ كۈچىدىن ئادەملەر بارغانچە ياتلىشىشقا باشلىدى. ھەممىنى پۇلغا باغلاپ ئويلىۋالغان بولغاچقا نېمىلا ئىش بولسا پۇل ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىش بولدى. بىرەر ئىش قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ قانچىلىك بېرىسە؟ دېگەن سۇئال بىرىنچى بولۇپ سورىلىدۇ ھازىر. ھەممىنى پۇلغا باغلىۋالغانلىقتىن، بالا ئاتا-ئانىسىنى تونىمايدىغان، بىر تۇققان قېرىنداشلار ئۆز ئارا پالتا-پىچاق تەڭلىشىدىغان، پۇل ئۈچۈن ۋىجدانى، غورۇرىنى سېتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار جەمئىيەتتە بارغانچە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋاللار بىزنى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشقا، پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشكە سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ.

بەزىلەر پۇل بولمىسا بولمايدۇ دېيىشىدۇ، قىسىقىسى پۇل ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالسا مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى چىقىشى ناتايىن، ھەممە ئادەمگە ئەلۋەتتە پۇل بولمىسا بولمايدۇ، تېخى جەمئىيىتىمىز پۇلدىن بىزار بولىدىغان ھالەتكە كەلگىنى يوق، ئەمما پۇلنى دەپ ئادەم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى، غورۇرىنى سېتىۋېتىشكە ئەزرىمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھەممە ئىشتا پۇلنى تەكىتلەشمۇ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى. مېنىڭ شەخسەن قارىشىمدا، ھەر قانداق بىر ئىشقا پۇل ئارىلاشقان ھامان ئۇ شەيئىينىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مېنىڭچە يۇقىرىقى يازمىدا تىلغا ئالغاندەك، بىز ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا پەقەت ئىقتىسادنىلا كۆزلەپ، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەرگە سەل قارىساق بولمايدۇ.

-------------------------------------------------------------

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادنىڭ ماددىي شەكلى پۇل بولسىمۇ ئەمما مەۋھۇم شەكلى ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇل بولسا ماددىيلىقمۇ، مەنىۋىلىكمۇ بىر-بىرىنى شەرت قىلىپ ئۆسىدۇ.

ھازىر دۆلىتىمىزدە پۇل كۆپ بولغاچقا خەلقنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋاتىدىغۇ...نورمال بىر گەپلەرنى ئۇنچىۋالا ئىنقىلاۋى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈاپ چۆچۈپ كېتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟

مېنىڭچە سىز پۇلغا بۇنداق چوقۇنۇشىڭىز ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسىغا ئانچە توغرا كەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، دۆلىتىمىزدە ھە دەپ GDP نىڭ ئېىشىشى تەكىتلىنىپ، باشقا ھاسەگە سەل قارالغاچقا، قىسقىسى ھە دېسىلا پۇلنى بىرىنچى ئامىل قىلىپ مەسىلە تەھلىل قىلغان بولغاچقا، ھازىر دۆلىتىمىزدە ھە دېسە ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ... ئازگال مېيى،ۋاكالىتەن ھامىلىدار  بولۇپ بېرىش دېگەندەك ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ھادىسىلەر بىر بىرلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇلغا ھەددىدىن زىيادە چوقۇنغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تونۇلغان زىيالىيلىرى ھەمممىنى پۇلغىلا تاقاپ مەسىلە ئانالىز قىلىشنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تۈپ نىگىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھە دېسىلا پۇلنى مەركەز قىلماي، جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنى بىر پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن مەسىلە ئانالىز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.

----------------------------------------------------------

نۆۋەتتىكى شارائىتتا رادىل ئەپەندىدەك داڭلىق كارخانچىىنىڭ يېتىىشىپ چىقىشى،ئۇيغۇرزادىدەك بىر جەمىيەتشۇناسنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن نەچچە ھەسسە تەس.

مېنىڭچە بۇنداق يەككە يۆنىلىشچە خۇلاسە چىقىرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىر جەمئىيەت ئۈچۈن كارخانىچى ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن باشقا ساھەنى چەتكە قېقىش قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەر؟ بۇنىڭغا ئەتراپىمىزدا مىسال ئازمۇ؟

بۇ تېمىنى ھېچ ئوقۇپ ئۈلگۈرەلمىدىم (پەقەت كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئاندىن ئانچە-مۇنچە كۆرىۋاتىمەن) لېكىن ھازىرغىچە كۆرۈپ بولغان قىسمىدىن ئالغان تەسىراتىم، بىزدە يەڭگىلتەكلىك، يەككە يۆنىلىشلىك پىكىر ئېقىمى بەكلا ئېغىركەن.

بىر ئادەمگە پۇللا بولسا بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئەخلاقتا چىڭ تۇرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇر ئەخلاقىغا يات ئىشلار يۈز بەرسە ئۆزىمىزچە قاقشاپ كېتىمىز؟ ئەجىبا ئاشۇ ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت قىلمىشلار، ئۇيغۇر قىزلىرىدىن چىققان پاھىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئوغۇللىرىدىن چىققان زەھەر چېكىش، يانچۇقچىلىق قىلىش قاتارلىقلار ئەجىبا پۇلنىڭ كۈچ قۇدرىتىدىن بولمىغان دەپ قايسىڭلار كېسىپ ئېيتالايسىلەر؟ ئۆزىمىز ھە دېسىلا ئەخلاقتىن گەپ ئاچىمىزيۇ، ئەمما ماۋۇ ئىنكاستەك ھازىر كارخانىچىلار بولسىلا بولدى، باشقىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھۆكۈم چىقىرىش قايسى ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتىدۇ؟ پۇللا بولسا بولىدىغان ئىش بولسا نېمە دەپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاھىشە بولۇشىنى توسايمىز؟ نېمە دەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يانچۇقچى بولۇشىنى توسايمىز؟ ئەجىبا ئۇلار پۇل تاپماپتۇمۇ؟ سىزنىڭچە پۇللا بولسا بولامدىكەن؟ تورداشلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئاندىن پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھاراقنى ئارمان ساتمىسا باشقىلار ساتماسمۇ ؟ دەسلەپكى مەزگىللەردە كەمپۇتىنى ئىچكىردە ئىشلەتكەن بولسا  ھازىرچۇ ؟ ئۇنى مۇشۇنچىلىك نەزىرىيەگە كۆتۈرۈپ سۆزلەش سىزگە قانچىلىك زۆرۈر بوپ قالدى ؟

بىر ئوبدان پاراڭ قىلىپ كېلىپ ماۋۇ جۈملىنى نېمە دەپ يېزىپ قويغانسىز دەيمەن. خۇددى تازا ھوزۇر بىلەن يەۋاتقان ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ.....

سىزنىڭچە ئارماندەك جوڭگۇ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سەركىسى بولىمەن دېگەن غايىنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر ھاراق سېتىپ ئاندىن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سەركىسى بولسا بولىدىكەندە؟ قانداق مەنتىقە بۇ؟ ياكى سىزنىڭ ئىسلام ئېتىقادىڭىزدا ھاراق ئىچسە بولىۋېرىدۇ؟ ھاراق ئىسلامغا زىت ئەمەس، ئىسلامدا ھاراقنى قۇبۇل كۆرىداۇ دەيدىغان ئىتىقاد بارمۇ؟ باشقىلار ھاراق ساتسا بولىدىكەن مەنمۇ ساتسام بولىدۇ دەپ ھەممىمىز ھاراق سېتىشىمىز كېرەكمۇ؟ باشقىلار پوق يەپتۇ، مەنمۇ پوق يەي دەپ ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش توغرىمۇ؟ باشقىلار كىملەر؟ سىز ۋە بىز كىملەر؟ ئارمان كىمنىڭ؟ ئارمان يالغۇز بىر ئامان بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى ئارمان بولالىغانمۇ؟ ئارماننى مۇشۇ ئۇيغۇر خەلقى قوللاپ بەرمىسە ئۇنىڭ ئارمان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئارماننى باشقىلار قانچىلىك قوللار؟ ئەمدى كېلىپ ئارمان ئۆزى مىللىتىنىڭ قوللىشىغا ھاراق بىلەن جاۋاب قايتۇرسا بولارمۇ؟ شۇڭا پىكىر قىلغاندا بىر ياخشى پىكىر قىلىپ كېلىپ بۇنداق جۆيلۈپ سالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

-----------------------------------------------------------

freebird يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 12:44:40

دىيارىمىزدا يوققۇ دەيمەن  ، مۇشۇ خەق قولىدىن كىلىدىغانلىكى ساختىلىقنى قىلىپ باقىدىكەن جۇمۇ ، ئىتىقاد يوق يەردە  نىمە ئىش بولمايدۇ...

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 12:54:48

6- قەۋەتتىكى Pengiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ راستىنى دېگەندە ئۆزباشنىڭ ماقالىسىنى تەپسىلىي ئوقۇغۇم كەلمىدى! بۇنى ئۇ بىر قانچە تەكلىپ سۈپىتىدە رادىل ئابلاغىلا يوللاپ تۈگەتكەن بولسا مۇۋاپىقمىكىن، دەپلا ئويلۇدۇم. بۇنى ئاتايىن بەس-مۇنازىرىگە قويۇپ نەچچە كۈنلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش مېنىڭچە ئەرزىمەيدۇ. مېنىڭچە رادىل ئابلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلدى. رادىل ئابلانى بىرلا ۋاقىتتا ھەم جەمئىيەتشۇناس ھەم ئىقتىساتشۇناس ھەم ھەممە بول دېسەك بۇ بىر جۆيلىگەنلىك ھەم رادىل ئابلانىڭ باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ بېرىش، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق، ئۇمۇ خوشال ئادەم، ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياشاۋاتقان بەختلىك ئادەم بولۇشقا ھەقلىق. مەن سۇڭشىيا شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ <نامراتلىق جىنايەتتۇر> دېگەن مەشھۇر گېپىنى ياقتۇرىمەن. ئەمما ئۇ گەپنى ئۇياق ياپونىيىدە ياشاپ تۇرۇپ دېدى. بىز ئۇنى يەرلىكلەشتۈرۈپ پايدىلانساق بولىدۇ.... مېنىڭچە،رادىل ئابلادەك نۇرغۇن پۇل-بىساتى، بايلىقى، شان-شەرىپى تۇرۇپ قالايمىقان يوللارغا مېڭىپ كەتمەي، جىن-شەيتانغا ئايلىنىپ كەتمەي ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،  قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان نەچچە مىڭ ئادەمگە لايىقىدا مۇئاش بېرىپ، ئۆزىنىڭ روھي تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتماي ياشاشنىڭ ئۆزىنىمۇ بىر كاتتا ئەخلاق دېيىشكە بولامدىكىن، دەيمەن! مەن ئەتراپىمغا قارىسام پۇلنى ياخشى كۆرمەيمىز، پۇل جىنايەتنىڭ مەنبەسى دېگەنلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى نامەرت، يالغانچى، ئاچكۆز، ئوغرى مىجەز، ھارامزادە كېلىدىكەن. بىزدە بىر گەپ بار<بەزىدە ھاياتلىق ئۈچۈن تۆت سەر ئىشەك گۆشى ھالال> دەپ، بۇ نېمە دېسىڭىز ئەگەر سىزنىڭ ھاياتلىق كاپالىتىڭىز ئۈزۈلسە سىز ياشاش ئۈچۈن بىر قېتىم قائىدىنى بۇزۇشقا بولىدۇ، ئەمما داۋاملىق ئەمەس، دېگەنلىكمىكىن دەيمەن.شۇڭا تاللا بازىرىدا ھاراق سېتىش بازارنىڭ ئېھتىياجىدىن، شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىياجدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىرسىگە باھا بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا بىر سەكراپلا پەيغەمبەرلىك داۋاسىغا چۈشۈپ كەتمەي، نورمال ئادەمنىڭ قاتارىغا قويۇپ ياخشى يېرىنى ھاي-ھاي دەپ ماختىساق، ناچار يېرىنى كىشىگە داۋراڭ سالماي تۈزىتىش بەرسەك مېنىڭچە جاھان تېخىمۇ چىرايلىق بولغان بولاتتى.بولۇپمۇ ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىۋاتقان، يولىدىن ئادىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن پات-پات بىلىم ئاشۇرۇپ ئوقۇپ جاھاندىن خەۋەردار بولۇپ مېڭىۋاتقان رادىل ئابلاغا نىسبەتەن قامچا نە ھاجەت؟ شۇڭا بىز ئىش قىلغانلارنى بولۇپمۇ ئەمەلىي ئىشلەۋاتقانلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرايلى، قوللايلى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتتىكى نۇقتىلىق تەشەببۇسىمۇ شۇ، دېمىسىمۇ ئادەم ماختىغانسېرى ئىلھام ئالىدۇ، كۈچ-قۇۋۋتكە تولىدۇ.ياخشىنى ماختاش كېرەك.ياخشىلار بىر جايدا بولسا چۆللەرمۇ بوستان بولغۇدەك، يامانلار بىر جايدا بولسا بوستانمۇ پىتنىگە تولغۇدەك...

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 13:07:19

يەنە ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يالغان توخۇمۇ ياساپ چىقىدۇ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 13:10:08

پۇل كۆپ ھاللاردا سىزنىڭ قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت چەككەنلىكىڭىزنى ، قانچىلىك ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى، قانچىلىك تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆلچەيدىغان پارامېتىر بولۇپ قالىدۇ! يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىرىنى كۆرگەندەك قىلىمەن. ئەگەر كۆرگىنىم خاتا بولمىسىلا: گەر پەيلاسوپ بولسىمۇ كىشى، سەللا كونا بولسا تۆۋەندۇر بېشى؟( يانچۇقتا پۇل بولمىسا قىسىقتۇر تىلى) شۇنداقراقمۇ... شۇنى تەپسىلىي ئوقۇغانلار بولسا بىر سېلىشتۇرۇپ باققان بولسا، خاتا سۆزلەپ يۈرمەي يانا رەھمەتلىكنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ...ئومۇمەن ئاۋۋال ئادەمدەك، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت بىلەن ياشايمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم يېتەرلىك پۇل بولۇشى كېرەك. شۇڭا بىر قولدا ئىقتىسادنى بىر قولدا مائارىپنى تۇتساق تاپقان پۇلغا لايىق ئەقىل بولامدىكىن دەيمەن. قارىغاندا ، ئەقىل پۇلنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان يۈگەندەك قىلىدۇ.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 13:18:55

بۇ تۇخۇمنىڭ  گەپلىرى ئۆتكەن يىل  يازدا  چىققانتىغۇ  دەيمەن...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 17:15:13

بۇ تۇخۇم جۇڭگۇدىكى بەشىنچى چوڭ كەشپىيات دىگەن نامغا مۇيەسسەر بولدى  \"\"

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 17:34:26

يېمەكلىك جەھەتتىكى تەسەۋۋۇرلىرىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ-دە. تاماق مەدەنىيىتىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ   {:136:}    {:136:}

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 17:37:22

5- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پاھ ! نىمىدىگەن ‹ ئەقىللىق › ‹ ئادەم › لەر ئۇ ؟ \"\"

نوبىل مۇكاپاتىدىن 10 نى بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدىغاندەك قىلىدۇ .\"\"

قاچانمۇ خاتىرجەم بولارمىز ، يولدا ماڭساق ياۋ جىياشىندەكلەر سوقىۋەتسە ، سوقۇپ بولۇپ ئۆلتۇرىۋەتسە ، بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلەنسەك ، ئەخلەت يىمەكلىك يىسەك ، يۇندا ماي ئستىمال قىلساق ، سۈتتىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بايقالسا ، بۇلار ئاز كەلگەندەك ، ئشسىزلىق ، مال

باھاسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆسىشى ، ئۆي باھاسىمۇ با تىخى ...

توغرا دەپسزى . .........ئازقاپتۇ ..........................خۇلاسە چىققىلى .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 19:27:52

85-86- يىللىرى پوچتىدىن مال سېتىش تازا ئەۋج ئالغان ، شۇ چاغدا كەلگەن بىر خەتتە تۇخۇم چىقىرىش ماشىنىسى دېگەندەك گەپلەر بارتى. كېيىن ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئىككىنچى بىر ئادەمدىن ئاڭلىمىغان ھەم توردىنمۇ تاپالمىغىغانتىم، بۈگۈن مانا ئەلداۋادىن بۇ گەپنى ئاڭلىدىم. شۇ چاغدا خاتا كۆرمىگەنكەن دېگەن خىيالغا كەلدىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 19:27:55

85-86- يىللىرى پوچتىدىن مال سېتىش تازا ئەۋج ئالغان ، شۇ چاغدا كەلگەن بىر خەتتە تۇخۇم چىقىرىش ماشىنىسى دېگەندەك گەپلەر بارتى. كېيىن ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئىككىنچى بىر ئادەمدىن ئاڭلىمىغان ھەم توردىنمۇ تاپالمىغىغانتىم، بۈگۈن مانا ئەلداۋادىن بۇ گەپنى ئاڭلىدىم. شۇ چاغدا خاتا كۆرمىگەنكەن دېگەن خىيالغا كەلدىم.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 19:50:05

16- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

85-86- يىللىرى پوچتىدىن مال سېتىش تازا ئەۋج ئالغان ، شۇ چاغدا كەلگەن بىر خەتتە تۇخۇم چىقىرىش ماشىنىسى دېگەندەك گەپلەر بارتى. كېيىن ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئىككىنچى بىر ئادەمدىن ئاڭلىمىغان ھەم توردىنمۇ تاپالمىغىغانتىم، بۈگۈن مانا ئەلداۋادىن بۇ گەپنى ئاڭلىدىم. شۇ چاغدا خاتا كۆرمىگەنكەن دېگەن خىيالغا كەلدىم.

==============

80- يىللاردىكى ئىش بولسا چۈجە چىقىرىش ماشىنىسىدۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 20:04:13

17- قەۋەتتىكى yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

85-86- يىللىرى پوچتىدىن مال سېتىش تازا ئەۋج ئالغان ، شۇ چاغدا كەلگەن بىر خەتتە تۇخۇم چىقىرىش ماشىنىسى دېگەندەك گەپلەر بارتى. كېيىن ئۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئىككىنچى بىر ئادەمدىن ئاڭلىمىغان ھەم توردىنمۇ تاپالمىغىغانتىم، بۈگۈن مانا ئەلداۋادىن بۇ گەپنى ئاڭلىدىم. شۇ چاغدا خاتا كۆرمىگەنكەن دېگەن خىيالغا كەلدىم.

==============

80- يىللاردىكى ئىش بولسا چۈجە چىقىرىش ماشىنىسىدۇ؟

ياق، 人在鸡蛋机 دېگەندەك خەتنى كۆرگىنىم ۋە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىم ئىسىمدە.

据介绍,人造鸡蛋每个蛋成本5分,最低售价2角,1人日产1500个左右。

10- قەۋەتتىن 20- قەۋەتكىچە

http://tieba.baidu.com/f?kz=963651627

Pidayi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 15:57:21

تاللا بازىرىدىن تۇخۇمنىڭ ئەڭ مەينەت چىرايىنى تاللاپ ئالاتتىم، مۇشۇنى توخۇ تۇغقان دەپ..   ما بىزنىڭ ئادەم ئۇنى سىرتىغا يالغاندىن سۈركەپ قويغان دەپ يۈرۈپ، تۇخۇم يىمەس بوپ كەتتۇق..  «يېشىل يىمەكلىك، ئورگانىك تاراق-تۇرۇق » دىگەنلەرگىغۇ ئىشەنمەسلا بولدۇم
بەت: [1] 2
: بىز يەۋاتقان تۇخۇم توخۇ كاكىلىغان تۇخۇممىدۇ؟