يېڭى يىللىق سەرخىل يۇمۇرلار
سەرخىل يۇمۇرلار (1 )
1. تۇتۇلۇش سەۋەبى
ساقچى _ ھەي سەن نىمە سەۋەپتىن تۇتۇلۇپ كېلىندىڭ ؟
_ قاتتىق بىرنى چۈشكۈر گەنلىكىم ئۈچۈن .
ساقچى _ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟
_يېرىم كىچىدە ئاسار – ئەتىقىلەر سارىيىغا چۈشكەن ، تۇيۇقسىز بىرنى چۈشكۈرۈپ سالدىم، شۇنىڭ بىلەن پوس ئويغىنىپ كىتىپ تۇتۇۋالدى .
2. ئەھۋالىڭ ياخشىكەن
_ مەن ئىشتىن چۈشكەندە داۋاملىق كوچىدا تاماق يىيىشكە مەجبۇر بولىمەن .
_ نىمە ئۈچۈن؟
_ چۇنكى ئايالىم ماڭا تاماق ئىتىپ بەرمەيدۇ .
_ ئۇنداقتا سېنىڭ ئەھۋالىڭ مىنىڭكىدىن ياخشىكەن .
_ قانداقسىگە دەيسەن ؟
_ چۇنكى مەن ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئايالىمغا تاماق ئىتىپ بىرىشكە مەجبۇر بولىمەن.
3.تويلۇق كىرىم
_ ھامما ، نىمىشقا قىزلىرىڭغا شۇنچە كۆپ لايىق چىقسا << يېشى توشمىدى>> دەپ ، ياتلىق قىلىشقا قۇشۇلمايسەن ؟
_ ھازىر قىزلارنىڭ تويلۇقى ئۆسۈۋاتىدۇ ، شۇڭا قىزلىرىمنى يەنە بىر قانچە يىل ساقلىسام ، تېخىمۇ كۆپرەك تويلۇققا ئىگە بولامەنمىكىن دەپ .
4.ئايالنىڭ ئۆتۈنىشى
ئىنتايىن باي بىر بوۋاي ئايالىغا دەپتۇ :
_ مەن ئۇچقۇچۇمنى خىزمەتتىن ھەيدىۋەتمىسەم بولمىدى ، چۇنكى ئۇنىڭ تېخنىكىسى تۆۋەنكەن .
بوۋاينىڭ ياش ھەم چىرايلىق ئايالى ، ئويلانمايلا دەپتۇ :
_ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئۇنى بىر مەزگىل قوغلىۋەتمەي تۇرسىڭىز .
5. كېچىكىش
كوماندىر :
_ سەن نىمىشقا ھەركۈنى مەشىققە كىچىكىپ چىقىسەن ؟
يېڭى ئەسكەر :
_دوكلات كوماندىر ، مەن ئۇخلاپ قاپتىمەن .
كوماندىر _ نىمە ! ئەگەر ھەممە ئەسكەر سەندەك ئۇخلاپ قالسا دۇنيادا نىمە ئىشلار يئۈز بەرگەن بۇلار ئىدى ؟
يېڭى ئەسكەر _ مېنىڭچە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالسا ، دۇنيادا مەڭگۈ ئۇرۇش يۈز بەرمەيىتتى .
مەنبە _ ئۆزۈم يىققان
گۈرۈچۈمۇ بار
بىر خېرىدار ئاشخانادا تاماق يەۋاتسا، ئۇ يەۋاتقان گاڭپەندىن بىر مۇنچە تاش چىقىپتۇ. ئۇ ئۇششاق تاشلارنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە بىر - بىرلەپ تىزىپتۇ، كۈتكۈچى بۇ ئەھۋالنى كۈرۈپ ئەپۇ سورىغان ھالدا دەپتۇ :
- ساپلا ئۇششاق تاشمىكەن؟
- ياق، گۈرۈچىمۇ بار ئىكەن.
پو ئېتىش
ئىككى باغۋەن ئۆزلىرىنىڭ بېغىدىكى ئالمىلىرىنىڭ چوڭلىغىنى ماختاپ پو ئېتىشىپتۇ ،
- مەن بىر ئالمىنى ئۈزۈپ ئورۇندۇق ئۈستىگە قويسام ، ئورۇندۇقنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى ، كۆتىرەلمەي
- بولدىلا ئاكا ، مەن بىر ئالمىنى ئۈزۈپ ئات ھارۋىسىنىڭ ئۈستىگە قويسام ... ، دەپلا توختاپ لاپتۇ .
- ھە ، ھارۋا ئۆرۆلۈپ كەتتىما ؟
- ياق، ئالمىدىن بىر قۇرۇت چىقىپ ئاتنى يەۋەتتى .
تېمىسز
تاغقا چىقىش تەنھەركەتچىسىدىن بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ، قار - مۇزلۇق قىيادىن پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ . يېنىدىكى ھەمراھى تۆۋەنگە قاراپ توۋلاپتۇ .
- ھەييي ! يارىلانمىغانسەن ؟
- بىلمەيمەن ، تېخىچە ئاستىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن
مەنبە : دۇرۇس تورى دىن ئوقۇغان ھا ھا ھا.....بەك قىزىقارلىق ئىكەن...
مۇنبەرداشلارنى كۈلدۈرۈپ ھاردۇقىنى چىقىرالىسام مەنمۇ خۇشال ... {:92:} يۇمۇر تۇيغۇم ئۆلۈپتۇ مېنىڭ... پەقەت كۈلەلمىدىم. جورنالدىن چەتئەللەردىن تەرجىمە قىلغان يۇمۇرلارنى ئوقۇساممۇ مېنى كۈلدۈرەلمەيدىغان بولاپ قالدى...