nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 03:55:15

ئالپىسقا چىقىپ ئىشلەش خاتىرىسى

روژدىستىۋونىڭ ئالدى-كەينىدە ئىككى ھەپتە تەتىل قىلىمىز.خېلى بۇرۇنلا توختاملىشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالپىس تېغىدىكى مېھمانسارايغا يولغا چىقتىم.

        ئالپىس ياۋروپاغا جايلاشقان تاغ تىزمىلىرى بولۇپ؛ئىتالىيىنىڭ شىمالى چىگرىسى،فىرانسىيەنىڭ شەرقى جەنۇبى،موناكو،شىۋىتسارىيە،لىچتەنىستان(lichtensteinگىرمانىيەنىڭ بىر شەھرىكەن)،ئاۋستىرىيە،گىرمانىيەنىڭ جەنۇبى قىسمى،سىلوۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇزۇن سوزۇلۇپ ياتىدىكەن. ئالپىسنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى ئاق چوققىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4810مېتىر كىلىدىكەن.دېڭىز يۈزىدىن 4000مېتىر ئىگىزلىكتىكى چوققىلاردىن جەمئى 82سى بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى 48 چوققا شىۋىتسارىيىدە،38 چوققا ئىتالىيەدە،24چوققا فىرانسىيەدىكەن. ئالپىس تاغلىرى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن دوناي دەرياسى ئارىلىقىدا 1200كىلومىتىرلىق توسما شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. 2001-يىلىدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئالپىس يايىغا جايلاشقان نوپۇس جەمئى 12مىليون 295مىڭ بولۇپ بۇنىڭ 30.1پىرسەنتى ئىتالىيەدە،23.9پىرسەنتى ئاۋستىرىيىدە،18پىرسەنتى فىرانسىيەدە،12.8پىرسەنتى شىۋىتسارىيەدە،10.1پىرسەنتى گىرمانىيە،4.7پىرسەنتى سىلوۋىنىيە،0.2پىرسەنتى لىچتەنىستان بىلەن موناكولاردىكەن. ئالپىس تاغلىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى شەھەرنىڭ بىرى گىرىنوبىل( Grenoble) فىرانسىيەدە،يەنە بىرى ئاۋستىرىيىنىڭ ئىننىسبۇرك (Innsbruck )شەھرىكەن....ئالپىس تاغلىرى ياۋروپالىقلارنىڭ قىشلىق تەتىللىرىنى ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ تاللىشىكەن.


ماۋۇ ئالپىس تاغ تىزمىلىرى :



گىرىنوبىل شەھرى:



   


        ئالدى بىلەن پارىژغا بېرىپ ئاندىن پارىژدىن ئىتالىيەنىڭ ئۇلكىس دىگەن شەھرىگە بېلەت ئالدىم.ماڭاي دىگەندە خوجايىن ئايالغا بىر تېلىفون قىلدىم.يەتتە يېرىملاردا يىتىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كىيىن پويىزدىن چۈشسەم شوپۇرىنىڭ ئالغىلى چىقىدىغىنىنى ئېيتتى،شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولۇپ پويىزغا چۈشۈپ مېڭىپ كەتتىم.يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇچۇر قىپتۇ:"" ئۇلكىسقا كەلگەندىن كىيىن پويىز ئىستانىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قىسقا يوللۇق ئاپتوبۇسقا چۈشۈپ كەلگىن،شوپۇرنىڭ باشقا بىر مۇھىم ئىشى چىقىپ قاپتۇ،سېنى ئالغىلى بارالمايدىكەن..."" ئەسلى تۆت سائەتتە بارىدىغان پويىز كىچىكىپ بەش سائەتتە يىتىپ باردى،ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.پويىزدىن چۈشۈپ سىرتقا چىقتىم،ئۇلكىس دىگەن كىچىكلا بىر شەھەركەن،شۇنداق سوغۇق.نەدە ئۇچۇردا دىگەن يەردە  ئاپتوبۇس بولسۇن؟ئوڭ تەرەپتىكى ئۇ كىچىك مەيداندا ئاپتۇبۇس تۇرماق بىر ۋېلىسىپىتنىڭمۇ قارىسى يوق ئىدى. تېلىفون قىلاي دەپ قارىسام سىگنال پاك-پاكىز يوقاپ كىتىپتۇ،تېلىفوننى ئىتىۋېتىپ قايتا ئاچساممۇ يوق،ئىختىيارسىز جىددىلىشىپ ئۇياق-بۇياققا ئالاق-جالاق قاراشقا باشلىدىم. پويىزدىن چۈشكەنلەر ئۆيىدىكىلىرى بىلەن خوشال-خورام قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ،قىزغىن پاراڭلاشقاچ يۈك-تاقلىرىنى ماشىنىلىرىغا بېسىشىپ بىردىن -ئىككىدىن كىتىپ قېلىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا نېرىراقتا ئىككى قىز،ماۋۇ ياقتا مەن ئۈچىمىزلا قالدۇق،تېخىمۇ جىددىلىشىشكە باشلىدىم.ئەمدى قانداق قىلارمەن،كەچ بولۇپ كەتكەن تۇرسا،شوپۇر ھېلى كىلىپ قالارمۇ يە..ئاۋۇ قىزلارنىڭ يېنىغا باردىم.""سىلەر نەگە بارىسىلەر؟""دەپ سورىسام،-نەگە بارىدىغىنىمىزنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز،بىز ئىتالىيەگە تاشلىۋېتىلدۇق،ھاھاھا..سىزمۇ تاشلىۋېتىلگەن ئوخشىمامسىز ؟دەپ سورىدى،كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئىككىسى ۋارقىراپ-جارقىراپ،يولدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگىرەپ ئوخشاپلا كەتتى،خۇددى ساراڭلاردەك.""ھىم،ئىچى توشۇپ قالغانلاركەندە بۇلار""دەپ ئويلىدىم. ھاۋا بارغانچە سوۋۇپ جاقىلدىغىلى تۇردۇق،شۇ ئارىدا پويىز ئىستانىسىدىلەر كۆزنەكلىرىنى تاقاپ ئىشتىن چۈشتى.بىر چاغدا ئاۋۇ ئىككى قىز بىرسىگە تېلىفون قىلىۋىدى،يىرىم سائەتلەردىن كىيىن يەنە بىر ئايال كىلىپ ئېلىپ كەتتى،پەمىمچە بىرەر مېھمانخانىغا تېلىفون قىلغان بولسا كىرەك .يولدا ئاندا-ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان پىيادىلەردىن باشقا ھېچكىم يوق،سەل نېرىراقتىكى قاۋاقتىن  مەستلەرنىڭ ئالا-تاغىل ئاۋازى كىلىشكە باشلىدى.بىزنىڭ شوپۇرنىڭ بولسا قارىسىمۇ يوق،ئاخىرى ئۈمىدنى ئۈزۈپ كەلمەيدىكەن دەپ جەزم قىلدىم. چوڭ كوچىدا ساراڭدەك  تۇرىۋەرسەم بولمايدۇ-دە،پويىز ئىستانىسىنىڭ يېنىدىكى قەھۋەخانىغا كىرىپ بىر تاكسى چاقىرىپ بىرىشىنى ئۆتۈندۈم. ئون مىنۇتتىن كىيىن بىر تاكسى كەلدى، قورقۇپ تۇرساممۇ ئامال يوق چىقتىم.پويىز ئىستانىسىدا تۇرىۋەرگەن بىلەن ئۇ يەر تېخىمۇ خەتەرلىك تۇرسا...يېرىم يولغا كەلگەندە شوپۇرغا بىر تېلىفون كەلدى.خوجايىن ئايال مەن كەلمىگەندىكىن بىر تاكسى ئەۋەتىپتۇ،تاكسى شوپۇرى مېنى تاپالمىغاندىن كىيىن تاكسى شىركىتى ئارقىلىق بارلىق شوپۇرلارغا تېلىفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلغىنىكەن...يىلان باغرى تاغ يولىدا مېڭىۋاتىمىز.بۇرۇندىن ۋېلىسىپىتتىن باشقا قاتناش ۋاستىلىرىگە ئولتۇرسام كۆڭلۈم ئېلىشىپ بەك بىئارام قىلاتتى. ماشىنا ئىككى مىنۇتتا بىر يۆلىنىش ئۆزگەرتىشكە باشلىدى،ئىچ باغرىم سۆكۈلۈپ چىقىپ كىتىدىغاندەك بولۇپ كەتتىم.كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇرىۋالدىم.بىر چاغدا ماشىنا غاچچىدە توختىۋىدى كەلگەن ئوخشايمىز دىسەم،""كەچۈرۈڭ قىزچاق ،خاتا مېڭىپ ساپتىمەن،كەينىمگە يېنىپ يەنە بىر يۆلىنىشكە ماڭمىسام بولمىدى "" دىمەسمۇ،يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم.كەلگەن يولنى يەنە بىر بېسىپ تاغقا چىقىپ يەنە بىر تاغ باغرىغا سىيرىلىپ چۈشتۇق.سومكامنى تەييارلاپ قويدۇم،ھەر ئىھتىمالغا قارشى ئىچ-باغرىمنى چىقىرىۋىتىپ قالسام دەپ..تاغ يولىدا نەچچە ئالدى-ئارقىمىزغا يېنىپ مېھمانسارايغا يىتىپ كەلگەندە كەچ ئونغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1745مېتىر كىلىدىغان،مەنزىرىسى چىرايلىق بىر كەنتتىكى ياغاچتىن ياسالغان مېھمانسارايكەن.بىر نەرسە يىيىشكىمۇ رايىم يوق،ئەتىسىدىن باشلاپلا ئىشقا چۈشىدىغان بولغاچقا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپلا يېتىپ قالدىم .




مۇشۇ يۇقىرىدىكى ياغاچ ئۆي شۇ مەن ئىشلىگىن يەر


      بۇ يەردە ئادەتتىكى تەتىللەردە خېلى ئاراملىقكەن،بىراق روژدىستىۋو بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە مېھمان ئەشەددى كۆپ بولغاچقا يىتىشەلمەي ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىككەيلەنگە ئىھتىياجلىقكەن.چۈشتىن بۇرۇن ياتاق تازىلاپ،كارىۋاتلارنى سالدىم.چۈشلۈك تاماق ۋاقتى، نەچچىنى جۈپلىۋەتكەن ئۈستەللەردىن سوزۇلۇپ يۈرۈپ تاماقنى بۇلۇڭلاردىكى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ بولالماي بېشىغا قىزىق تاماقلارنى قۇيىۋەتمەي دەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك قوللىرىم بىلەن بىر قېتىمدىلا ئون ئالتە- ئون يەتتە ئىستاكاننى قاماللاپ بولالمىغاچقا، ئۆزەمنى سوراپلا ئاشخانىغا چۈشۈپ كەتتىم.تەڭ كەلگەن يەنە بىر پەرەڭ قىز ئالدىدا تۇرۇپ خوجايىن ئايال بىلەن بىللە كۈتكۈچىلىك قىلدى. ئاشخانىدا تۇرۇپ بىر چاقتەك ئايلىنىدىغان ماشىنىنى قولۇمدا ئايلاندۇرۇپ سالات يۇدۇم،ئۇنى قىلغاچ يەنە بىر چوڭ ماشىنىنى ئايلاندۇرۇپ ئاۋۇ قىز يىغىپ ئەكىرگەن قاچىلارنى دۆۋىلەپ سېلىپ قويسام ئۈچ مىنۇتتا يۇيۇپ چىقىرىپ بەرسە جاي-جايلىرىغا تىزدىم.بۇلارنىڭ تاماقلىرى سالاتتىن باشلىنىپ،رەسمى تاماق تارتىلىپ ئاخىرىدا تاتلىق-تۈرۈم بىلەن ئاخىرلاشقاچقا بىر قېتىم مېھمان ئۇزىتىپ چىقارغان تەخسىگە قاراپ ئايلىنىپ قالاي دىدىم.ئېغىرلىقى ئۇ تەخسىلەرنىڭ، بىرسى بىمالال يېرىم كىلوگرام كىلىدىغۇ دەيمەن. چوڭ ئاشپەز تۇرۇپ-تۇرۇپ پەستىكى ئورىسىغا ئۇنى-بۇنى ئاچىقىشقا بۇيرۇيتتى. خوجايىن ئايال يۈگىرىپ كىرىدۇ بىر كەمدە:""نۇسرەت!تېز ئون قاچا قېتىق تەييارلاپ ئاچىقە خاپا بولماي "" ،ھە ماقۇل دەپ قولۇمدىكىنى تاشلاپ ئۇنىڭغا يۈگىرەيمەن.سەل تۇرۇپ يەنە كىرىدۇ:""تېز بول يىتىشەلمىدۇق،قەھۋە تەييارلاپ  بەر!ئاندىن قارىقات تەملىك پېچىنىدىن ئىككى كىشىلىك تەييارلاپ بەر"" دىگىنىنى قىلىپ بولۇپ ئەمدى ماشىنامدىكى تەخسىلەرنى جايىغا ئېلىپ تۇرسام ئاۋۇ قىز كىرىدۇ:""تېز،ماڭا ئۈستەلدىكىلەرنى يىغىشىپ بەر،يىتىشەلمىدىم،ئىككىنچى قارار مېھمانلار كىرىۋاتىدۇ...""..""نۇسرەت قايماق!نۇسرەت كونسىرۋا تۈگىدى!نۇسرەت بەرەڭگە!نۇسرەت بولكىنى توغرىۋەت!نۇسرەت تاغ مىۋىسى تەملىك بولكىنى تەييارلاپ بەرگىن،ئاندىن سىمىس ئەپەندىلەرگە ئۈچ كىشىلىك ئېلىپ قوي!نۇسرەت سۇماي تۈگەپتۇ!نۇسرەت تاغ مېۋىسىدىن ئىككى خالتا! نۇسرەت نۇسرەت!نۇسرەت!!توختىماي توۋلاپ ئۆزەمنىڭ ئىسمىغىمۇ ئۆچ قىلىۋېتەيلا دىدى.. ئىككىنچى ئاشپەز ئۇستامغا قارىسام شۇنداق راھەت ،بەھۇزۇر ئىشلەپ كىتىدۇ.ئۆزى رەسمى تاماقنى تەييارلىغاچ مېنى باشلانمىسىنى تەييارلا دەپ بۇيرىسا كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئۇنى تەييارلايمەن..ئىشقىلىپ بىر  كۈندە ئون ياڭزا ئىشنى قىلىپ بولغىچە كاللام چۆرگىلەپ ،كۆزۈپ پىقىراپ قالايلا دىدى.ئىچىمدە كۈندە يۈز قېتىم خەپ دەپ كەتكەندىمەن،""خەپ ئوقۇشۇممۇ پۈتەر،خەپ،خەپ خەپ! دۇنيادا ئادەم كۈتۈشتىنمۇ مەنىسىز ئىش بولامدۇ،بىرسىنىڭ بۇيرۇقۋازلىقىغا پۇلنى دەپلا كەچكىچە ۋاي ماقۇل دەپ ھىجاراشتىنمۇ مەنىسىز ئىش بولامدۇ؟""ئۆزەمگە سەل سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم ھەپتە كۈندىلا...فىرانسوز تىلى ئۆگىنىپ ۋىزىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان يىللىرى فىرانسوز تىلى ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچىمىز ئەينى زامانلاردا فىرانسىيەدە ئون يىلغا يېقىن ئوقۇپ مەلۇم بىر تەبىئى پەندە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلىقىنى،ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم بىر رېستوراندا كۈتكۈچىلىك قىلىپ ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە دوستۇم ئىككىمىزدوكتور ئاسپىرانت تۇرۇپمۇ شۇنچە يىل كۈتكۈچىلىك قىلامدۇ،تۈزۈكرەك تايىنى بار بىر ئىشنى قىلسا بولمامدۇ دەپ ئېغىزىمىزنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلگەن ئىدۇق.بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن بىلىپ يەتتۇقكى،ئالاھىدە بىرەر ئىقتىدارى بولمىسا نەچچە خىل تىلنى ئانچە-مۇنچىدىن بىلىش،ماشىنا ھەيدەش،كومپىيۇتۇر ئىشلىتىشلارنىڭ ھېچقايسى بىزنىڭ باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان دەسمايىمىز بولالمايدىكەن.خەقلەر 24ياشلىرىدىلا دوكتورلۇق ئوقۇپ كىتىدىكەن. باشقا دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بىلمىدىم ئەمما بۇ دۆلەتتە بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن تېز تاماقخانىلاردا،رېستوران،مېھمانخانىلاردا كۈتكۈچىلىك قىلىپ ئىشلىدى.ئوغۇللارنىڭ قىلىدىغان يەنە بىر ئىشى موتو بىلەن تاماق توشۇش،قىزلارنىڭ بولسا كىچىك بالىلارنى بېقىش.بۇرۇن كىچىك بالىلارغا قارىغان ئىدىم،ئۆزۈم بالىلار پىسخىلوگىيىسىگە قىزىققاچقا ھەم يەنە بىر تەرەپتىن بۇلارنىڭ بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەۋاتقىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باققۇم كەلگەچكە ئۇ ئىشنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.چارچاپ كەتكەنلەردە بالىلار بىلەن ھەپىلىشىپ ،چۈچۈك گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،بىللە ئويناپ ھاردۇقۇم چىقىپ كىتەتتى؛بەزىدە قوللىرىدىن يىتىلەپ مەكتىپىگە بىللە باراتتىم،كىيىن ئەسقىتىپ قالار دەپ ھېس قىلغانلىرىمدىن ئانچە-مۇنچە خاتىرە يېزىپمۇ قوياتتىم..ئىشقىلىپ بىر كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى.  ئوقۇش تەس كەلگەن بەزى بالىلار ئاخىرىنى چىقىرىشقا كۆزى يەتمىگەندىن كىيىن  ئوقۇشنى تاشلاپ پۇل تېپىش يولىنى تاللىدى،تاپقان پۇللىرىنى يا ۋەتەندە يە مۇشۇ يەردە بىر ئىشلارغا دەسمى قىلىپ ئانچە-مۇنچە بىر ئىشلارنى قىلغانلارمۇ بولدى.قاتتىق ئوقۇغان بەزىلەرنى تاكى خىزمەتكە ئورۇنلاشقۇچىلىك ئاتا-ئانىسى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلىدى،ياۋروپادا بۇنچىلىك قىلىش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە.زور كۆپچىلىك بالىلارنىڭ تۇتقان يولى بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇش بولدى. كومپىيۇتۇر كەسپىدە ئوقۇغان بالىلارنىڭ كومپىيۇتۇر مەركەزلىرىدە ئىشلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،باشقىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى شۇ يۇقىرىدا دىگەندىكىدەك...ئەلۋەتتە نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس،مەيلى قانداق قىلايلى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ھالال ياشىساقلا بولدى.ئاللاھ خالىسا بىزنىڭ ئوقۇشلىرىمىزمۇ تۈگەپ  قالپاقتىن بىرنى كەيگەندىن كىيىن ئەھمىيەتلىكرەك ئىشلارنى قىلىپ ،ئوبدانراق قىممەت يارىتىدىغان كۈنلەر كىلەر.


     ئەمما ھەپتە كۈن قاتتىق جاپا تارتقانغا چۇشلۇق بىر پەسىللىك تۇرمۇش پۇلۇمنى تېپىۋالدىم.


     بۇ تولا قار ياغىدىغان يەركەن .قار ياغسا ھەممە يەر ئاپپاق ،تۇمانلىق خۇددى چۈشتەكلا بولۇپ كىتىدىكەن. نە نەلەردىن كىشىلەر كىلىپ قار تېيىلىش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.




بىر كۈنى كۈن ئولتۇراي دىگەندە قارىسام ئەتراپ قىزىرىپ شۇنداق چىرايلىق رەڭگە كىرىپ قاپتۇ.



    تاغدىن ئون كىلومىتىرچە چۈشكەندىن كىيىن كىچىك بىر شەھەر باركەن.ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ھەم 17-ئەسىرگۈچىلىك تاغنىڭ چوققىسىغا سېپىل سېلىنغان بۇ شەھەر فىرانسىيىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قاپتىكەن.



        



   



   


   شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇ تاققا-تۇققا،باش-ئاخىرى ھەم مەقسەت-سەۋەبى يوق خاتىرەم ئاخىرلاشتى.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 11:36:07

ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بۇلۇپ شۇنچە چەت گۈزەل يەرلەرگە دەسسىگىنىڭزىدىن پەخىرلىك ھسې قىلامسىز  ؟

typography يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 11:57:21

1- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بۇلۇپ شۇنچە چەت گۈزەل يەرلەرگە دەسسىگىنىڭزىدىن پەخىرلىك ھسې قىلامسىز  ؟


ساياھەت خاتىرسىنى تۇنجى يازغانلىقنى دەمسىز ياكى ؟ بولمىسا بۇ يەرگە بارغان ئۇيغۇرلارنى خېلى بار دەيمەن.


pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 12:13:31

نېمە دېگەن گۈزەل قارلار؟ سىزگە قول قويدۇم... جىق-جىق گەپلەرنى دېگۈم كەلدى دېيەلمىدىم ، خەير ئامان بولۇڭلار مۇساپىرلار!

nijat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 12:19:06

قەيسەر قىز ئىكەنسىز ، ئشىلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. سۈرەتلەرمۇ ياخىشى چىقىپتۇ ، كۆپىنچىسى Iphone 4 دە تارتىلىپتۇ ھە؟

Alps نى ئۇيغۇرچىدە ئالپ تاغ تىزمىلىرى دەيمىزغۇ دەيمەن؟ (ياۋرۇپا تىللىرىدا بۇرۇن بەزى سۆزلەرگە S ھەرپىنى قوشۇپ قويىدىغان ئادېتى باردەپ ئاڭىلىغان)

مەسلەن : ئالپ _›ئالپىس ، تۇمار_›تۇمارس ، دېگەندەك.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 12:22:54

كەسىپ ئەھلى دېگەن باشقىچە بولىدۇ ھە؟ نىجاتنىڭ رەسىمگە قاراپ قايسى ئاپاراتتا تارتىلغىنىنىمۇ ئىلغا قىلالىغىنىنى .

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 13:00:49

يەتتۇقكى،ئالاھىدە بىرەر ئىقتىدارى بولمىسا نەچچە خىل تىلنى ئانچە-مۇنچىدىن بىلىش،ماشىنا ھەيدەش،كومپىيۇتۇر ئىشلىتىشلارنىڭ ھېچقايسى بىزنىڭ باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان دەسمايىمىز بولالمايدىكەن.

===============

ھەق گەپلەر...







=====================

يېرىم يولغا كەلگەندە شوپۇرغا بىر تېلىفون كەلدى.خوجايىن ئايال مەن كەلمىگەندىكىن بىر تاكسى ئەۋەتىپتۇ،تاكسى شوپۇرى مېنى تاپالمىغاندىن كىيىن تاكسى شىركىتى ئارقىلىق بارلىق شوپۇرلارغا تېلىفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلغىنىكەن

=============

ئاخەقنىڭ ئەستايىدىللىقىدىن تەسىرلەندۇق...





====================================

بىر چاغدا ماشىنا غاچچىدە توختىۋىدى كەلگەن ئوخشايمىز دىسەم،\"\"كەچۈرۈڭ قىزچاق ،خاتا مېڭىپ ساپتىمەن،كەينىمگە يېنىپ يەنە بىر يۆلىنىشكە ماڭمىسام بولمىدى \"\" دىمەسمۇ،يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم.

==================

مەيەردە كۈلۈپ تاشلىدىم...





ئىشقىلىپ ھوزۇر ئىچىدە ئوقۇۋەتتىم.بىر يەرلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم.رەھمەت...


nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 15:07:50

1- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بۇلۇپ شۇنچە چەت گۈزەل يەرلەرگە دەسسىگىنىڭزىدىن پەخىرلىك ھسې قىلامسىز ؟



++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++


بۇ يەرگە دەسلەپتە كەلگەندە جەنۇبتىكى چەترەك بىر شەھەردە تىل ئوقۇدۇق.مەنزىرىسى شۇنداق چىرايلىق بىر شەھەركەن؛تاغلىق،دەريالىرى سۈزۈك،ھاۋاسى شۇنداق ساپ.ھىسابتا ئۇ شەھەرگە بىرىنچى بولۇپ بارغان ئۇيغۇرلار بولۇپ قالدۇق.كىيىن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويىدىكى بىر شەھەردە ئوقۇدۇق،كۆپكۆك دېڭىز ئۇ پورت شەھرىنىڭ شەھەر مەركىزىدىن كىسىپ ئۆتەتتى،بەك گۈزەل بىر يەرلەر ئىدى..شۇ چاغلاردىمۇ بىز بۇ يەرلەرگە تۇنجى كەلگەن ھېسابلىنىمىز دىگەن خىياللاردا بولغان. ئۇيغۇرنى ھېچكىم بىلمىسە بەك تونۇشتۇراتتۇق،بىر خىل ھاياجان بىلەن...يىللار ئۆتۈپ شۇنى چۈشىنىپ يەتتىم،بىزنى دۇنيادا ھېچكىم بىلمىسىمۇ ھېچقىسى يوقكەن ئەمما ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى بىلمىسەك بولمايدىكەن.پۈتۈن دۇنيا بىزنى تونۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ بىز ئۆز كىملىكىمىزنى تونۇمىساق نىمىگە پايدىسى؟ھازىر ئىچىدىن قاينىمىسا باشقا پۈتۈن ئىشلار بىكار دەپلا ئويلايدىغان بولدۇم.دەسلەپكى ئۇ ھاياجانلار قالمىدى،بىرەر يەرگە بارساممۇ كۆپ ئويلاپ كەتمەيدىغان بولۇپ قاپتىمەن؛مەسىلەن مۇشۇ يەرگىمۇ كىشىلەر نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئاتايىتەن قايسى قايسى دۆلەتلەردىن ساياھەتكە كىلىدۇ بىراق مەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كەلدىم مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم مۇشۇنچىلىكلا ...\"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 15:12:42

4- قەۋەتتىكى Nijatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەيسەر قىز ئىكەنسىز ، ئشىلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. سۈرەتلەرمۇ ياخىشى چىقىپتۇ ، كۆپىنچىسى Iphone 4 دە تارتىلىپتۇ ھە؟

Alps نى ئۇيغۇرچىدە ئالپ تاغ تىزمىلىرى دەيمىزغۇ دەيمەن؟ (ياۋرۇپا تىللىرىدا بۇرۇن بەزى سۆزلەرگە S ھەرپىنى قوشۇپ قويىدىغان ئادېتى باردەپ ئاڭىلىغان)

مەسلەن : ئالپ _›ئالپىس ، تۇمار_›تۇمارس ، دېگەندەك.

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++


رەھمەت..


فىرانسوزچىدىمۇ ئالپ دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى بىراق يېزىلىشى بويىچىلا كۆڭلۈمگە يۆلەپ ئالپىس دەپ قويۇپتىمەن ،يۇلغۇن لۇغەتتە ئالپ كەن ئەسلى  \"\"


رەسىملەرنى شۇ iphone4دا تارتقان ئىدىم،بەزىلىرىنى توردىن تاپتىم.





pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 16:40:03

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،،،

eltikin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 16:45:05

ئاللا ئىشلىرىڭزنى ئاسان قىلسۇن................

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 16:49:29

پارىژغا شۇنداق بارغۇم بار... ساياھەت خاتىرىڭىز تولىمۇ ئۆزگىچە يېزىلىپتۇ... كۆز ئالدىڭىزدىكى ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ ۋە ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىڭ. نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزدا گەرچە گۈزەل ئارزۇ ۋە تىرىشچانلىق بولسىمۇ ئەمما ھەر سەۋەب بىلەن نىشانلىرىغا يىتىش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم بولىۋاتىدۇ... ئالەمچە ئۇتۇق- شەرەپلەر سىزگە يار بولسۇن قېرىندىشىم!

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 17:37:37

@pain333 ،

@pantekin ،

@eltikin ،

@tumaris ،

رەھمەت،ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن!

يېڭى كەلگەنلەردە چەتئەل توغۇرلۇق ھېچقانداق چۈشەنچە يوق،ئىچكىرىلەر تۇرماق ھەتتا ۋەتەننىڭ شەھەرلىرىنى تۈزۈكمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر ياپمۇ-يات بىر يەرگە خۇددى تاغدىن چۈشۈپ قالغاندەك توككىدە كىلىپ قالغاچقا جاپا تارتىپ ،مايماق-سايماق ھەر يېنىغا دەسسەپ بېقىپ بىر مۇنچە ۋاقىتنى ھەم ئىقتىساد زېھنىمىزنى خورىتىپ ئاندىن خوتقا چۈشكەن بولدۇق...ھەر ھالدا ھازىر ئىشلار خېلى ياخشى..ئالدىمىزدىكى ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن قايتىشقا نىسىپ قىلار خۇدايىم...

najib يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 18:43:16





         بەك گۈزەل مەنزىرىلەر ئىكەن ،،



     ئۆزىڭىزمۇ بەك تېرىشچان ئىكەنسىز ،، ئاللاھ ئېشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن

normal123 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 19:31:44

yarkin92  دىگەن تورداشنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن ،  يەنە يىزىڭە ........

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 20:43:57

توۋۋا  سىز  ھازىرمۇ  شۇ يەدىمۇ !!!

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 21:36:19

15- قەۋەتتىكى karizqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توۋۋا سىز ھازىرمۇ شۇ يەدىمۇ !!!



++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++


\"\" نىم بولدى توۋا دەۋەتتىڭىزغۇ

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 00:20:25

نەچچە سائات مىڭىپسىز تاكسى ھەققە قانچە چىقتى ......؟؟؟؟؟؟  {:90:}  



بۇيەردىكى بىلەن سىلىشتۇراي دەيمەنغۇ..... \"\"  \"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 01:27:27

قانچىلىك ماڭغىنىمىز تازا ئىسىمدە يوق،بەكمۇ يىراق ئەمەسكەن ئەمما تاغدىن چىقىپ چۈشۈپ،ئالدى-كەينىگە يېنىپ خېلى چۆرگىلەپ كەتتى ..120ياۋرو چىقىپتۇ. بۇ يەردە تاكسىغا چۈشسەك ئادەتتە 25كىلومىتىرلارغا 50ياۋرولارچە چىقامدىكىن @dada ،ئىشقىلىپ قىممەتچىلىك ئادەتتە تاكسىغا يېقىن كەلگىلى بولامدۇ شۇ مۇشۇنداق ئاتچوت قىلىدىغانلار چىقىپ قالغاندا بىرەر چىقىپ قالمىساق مېترو بىلەن ئاپتوبۇستىلا كىتىپ قالىمىز بەھۇزۇر  \"\"

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 01:35:46

ئالدى كەينى ماڭدى ، مىنى قالايمىغان ئايلاندۇرۇپ پۇلنى جىق چىقارتتى دەپ ئەرىز قىلىدىغان ئىش بارمۇ يوقمۇ ؟ يەنى مەسىلەن سىز ياكى خوجايىن ئايال شۇنداق قىلمىدىڭلارمۇ ؟؟؟؟





ئەمدى سورىغاندىكىن تەپسىلى سوراپلاۋىتەي دىدىمغۇ !!
بەت: [1] 2 3 4
: ئالپىسقا چىقىپ ئىشلەش خاتىرىسى