tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-1-6 11:35:54

قېرىندىشىمىز مەۋفۇئە بىلەن روزى ھاجىغا «ئىزگۈ تىلەكلەر»





تۇنۇگۈن كەچ ئىشتىن چۈشۈپ مۇنبىرىمىزدىكى @toghrak بىلەن بىرلىكتە ئوماق قىزچاق مەۋفۇئەنى كۆرۈپ كەلدۇق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىزچاقنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ۋاكالىتەن مۇنبىرىمىزدىكى @birzat بىلەن ئاكام @sim_sim غا @atella ۋە toghrak لارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن... بىرزات ئاكىمىزنىڭ 500 سوم ئىئانە پۇلى، مەن ۋە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان سىم-سىم، ئاتېللا، توغراق قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇپ جەمئىي 1450 يۈەن پۇلنى قىزنىڭ ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر ھەپتىلەردىن كېيىن قايتا داۋالاشنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەنتۇق، ھېلىمۇ ياخشى تۆنۈگۈن كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي بارغىنىمىزغا تۇشلۇق دىدار كۆرۈشۈش نىسىپ بولدى. مەۋفۇئە ئاپتونۇم رايونلۇق ئىككىنچى دوختۇرخانا بالىلار بۆلىمى 7-قەۋەت 31~33-ياتاق 5-كارۋاتتا ئىكەن.

مەۋفۇئەنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى:18240977280

سودا سانائەت بانكا كارتا نومىرى : 6222023002013422400


مەۋفۇئەنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان يەنە بىر قېرىندىشىمىز روزى ھاجىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن (http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=44229) ئاپتونۇم رايونۇنلۇق جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا بېرىشتىن ئاۋۋال بالىنىڭ ئانىسىغا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالىنى ۋە ئېنىق ئورنىنى سورىدىم. ئەپسۇس، ئىقتىساد كەمچىلىك سەۋەبىدىن بالىنى يۇرتىغا يەنى قەشقەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپتۇ. يۇرتىغا قايتىپ يەنە ئىقتىساد توپلاش بىلەن پايپىتەك بولغان ئەشۇ مېھرىبان، تىنىمسىز ئانا بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىش دەقىقىلىرىدە ئۈنسىز ياشلىرىم يۈرەكلىرىمگە ئېقىپ كىردى. ئانىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم بولمىسۇن دەپ كۆپ تەسەللى بەردىم... ئۈستىدە تىلغان ئېلىنغانلىرىمىزنىڭ پۇتىدىن ئايرىلغان قېرىندىشىمىز ئۈچۈن ئاتىغان جەمئىي 1000 يۈەن پۇلنى ئىمكان قىلىپ ئانىنىڭ كارتىسىغا سېلىپ بېرىدىغان ۋە ياكى قەشقەردىكى بىرزات ئاكىمىز، سىم- سىمغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق قېرىندىشىمىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچ كۆڭلىمىزنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ، قايتىپ كەلدۇق.


روزى ھاجىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى: 18099568514


يېزا- ئامانەت قەرز كوپراتىپى كارتا نومۇرى: 6210088014354813 (تۆنۈگۈن تېلفۇندا ئالاقە قىلغاندا مۇشۇ نومۇرنى قالدۇرغان ئىدى) ئىسمى: مېلىكەم. ئېلى، خەنزۇچە يېزىلىشى: 力开木·艾力



گەرچە بۇ ئىنتايىن ئازغىنە پۇل بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىرىمىزدە ئوماق قىزچاق مەۋفۇئە بىلەن ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان قېرىندىشىمىز روزى ھاجىغا بولغان ئىزگۈ تىلەكلەر قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغاندۇر. نىيەت ھەممىدىن ئەلا دېگەندەك، ساپ قەلىب دۇرۇس نىيەت- ئىقباللىرىمىز، دۇئالىرىمىز ئەجرىگە اللاھدىن ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز...


تۆنۈگۈن بىز دوختۇرخانىغا بارغاندا قىزچاق تاتلىق ئۇيقىدا ئىكەنتۇق، تۈزۈكرەك سۈرەتكە تارتىش ئىمكانىيتى بولمىدى. شۇنداقتىمۇ سەبىي قىزنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا خىرە ئەمما تولىمۇ ئۈمۈدلۈك كۆزلىرىنى تىكىپ ياتقان كۆرۈنۈشلىرىدىن بىر ئىككى پارچە بولسىمۇ كارتىنا ئورنىدا قالدۇردۇم. تامار- تامار كۆل تولار دېگەن گەپ بار، قېرىنداشلىرىمىزغا ئازغىنە بولسىمۇ سېخىي قوللىرىمىزنى سۇنساق ئىكەن... اللاھ ھەممىزدىن رازى بولسۇن!


baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-6 20:21:12

توۋا مۇشۇ ئىقتىسات مەسىلىسى- ھەي!

نۇرغۇن ئادەملەر بار پۇلى تۇرۇپ كىسىلىگە شىپالىق تاپالماي ئۈلۈپ كىتىدۇ،يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلېرىمىز ساقىيدىغان كىسەل بولسۇمۇ ئىقتىساتىن قېينىلىپ تەمتېرەپ قالىدۇ.

ئاللا ئۆزى شىپالىق بەرسۇن قېرىنداشلېرىمىزغا!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-8 10:36:46

مەۋفۇئەنىڭ مۇراجەتنامىسىنى كۆرۈپ 100 سوم سېلىپ قويغان ئىدىم ...

مۇشۇ چوڭ كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاش قاچانمۇ يولغا قويۇلاركىن ؟ \"\"
بەت: [1]
: قېرىندىشىمىز مەۋفۇئە بىلەن روزى ھاجىغا «ئىزگۈ تىلەكلەر»