بالىلار ئۈچۈن ئۆي جاھازلىرى ۋە ئاددىي كىتاپ جازىسى[رەسىم]
گېرمانىيە Paidi بالىلار ئۆي جاھازلىرى
ئاددىي، رەتلىك كىتاپ جازىلىرى
2- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىنا ئۆي 120 كىۋادىرات مىتىردىن كىچىك بولسا بۇنداق ئازادە قىلىپ كىچىك باللارغا ئايرىم ئۆي قىلىپ بەرگىلى بولمايدۇ جۇما. 80 ك م ئۆيدە باللىرىمنىڭ ئىچى سىقىلىپ قىلىۋاتىدۇ. چوڭ ئۆيگە بارسا ئاسمىنى كەڭرى، ئوينايدىغان ئىرىق -ئۆستەڭلەر بار، كۈندە كۆرۈپ قوغلىشىدىغان مۈشۈك، ئىت، قوي قوزىلىرى، ھويلا-باغلاردا ۋېچىرلىشىدىغان قۇچقاچ، قالىغاچ، پاختەك، سېغىزخان، قاغا، تورغاي...ئېتىزلىقلاردا كېپىنەك، يىڭناغۇچ ... ئىشقىلىپ 60-70 ك م لىق شەھەر ئۆيلەردە چوڭ بولىدىغان بالىلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ.
مىنىڭ ئوغلۇممۇ بىر زاتنىڭ ئوغلى بىلەن قۇرداشكەن 20081015
يەنىلا شۇ سەھرادا چوڭ بولسىكەن دەيمەن بالىلارنى كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ تۇرسا ، كەڭ دالادە قىيغىيىپ تازا ئوينىۋالسا بەك ياخشى بولغۇدەك
كىچىك بالىلار سەكىرەپ ئوينىغىلى بەك ئامىراق بولىدىكەن، چىڭىراق سەكىرەپ كەتسە تۆۋەندىكى قوشنىلار يۇگۈرۈپ چىققان . بىر ئىككى قېتىم ئەپۇ سورىدىم ، ئۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ تاكاللىشىدىغان بولدۇم .
يەنە تېخى بىر - ئىككى رەسسامغا بىر ياتاق ئۆيگە بالىلارغا ماس كەلگۈدەك قىلىپ لاھىيلەپ بالىلار رەسىمى سىزىپ بىرىڭ دىسەم بۇلار مىنى ساراڭ قاتارىغىمۇ چىقارغان بولدى .
نىمە دىگۈلۈك ئەمدى بۇ بىنا ئۆيگە ( ھازىر ئولتۇرۋاتقان ئۆيۈمنى ساتسام شەھەرگە يېقىنراق يېزىدىن 5 پۇڭ (333 كىۋادىرات مېتىر) زىمىنى بار كونىراق ئۆي كەلگۈدەك . ئاندىن بىر ماشىنا كەلگۈدەك . شۇنداق قىلىشىنى ئويلىشىۋاتىمەن )
بەك چىرايلىق جاھازلاركەن .
