noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 13:17:04

ھەجۋىي پاراڭلار[تەرجىمە]

ھەجۋىي پاراڭلار





چەتئەللىكنىڭ يىغىن ئېچىشى





جۇڭگولۇق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جەنۇبتىكى مەلۇم بىر ئۆلكىمىزنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى فىزىكا مائارىپى جەھەتتىكى ناھايىتى يۇقۇرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا، چەتئەللىكلەرنىڭ يىغىن ئېچىشىدىن بىر مۇنچە يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. شۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەيئەت رىياسەتچىلىرى ئولتۇرغان ئورۇنغا قارىسا، ھەممىسى فىزىكا ساھەسىدىكى ئالىملار ئولتۇرغۇدەك، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىدىن بىرەرسىمۇ يوق. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا، بۇ ساپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغاندىكىن، ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكىلەر نۇتۇق سۆزلىمىسىكەن دەپ، بىر پىكىرگە كەلگەن ئىكەن.


ئۇلار ئىلمىي يىغىننىڭ ساپىلىقىنى تىرىشىپ قوغدايدىكەن. بۇ جەھەتتە يەنە باشقا يېڭىلىقلارمۇ بار ئىكەن.


«بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە » جۇڭگو تەرەپتىن مەلۇم بىر جاناب يىغىن قاتناشچىلىرىغا ئامېرىكىلىق بىر ئىلىم ئەھلىنى تونۇشتۇرغاندا، ئاۋال ئۇنىڭ مەنسەپ تاجىنى ئېغىزغا ئېلىپ، يىغىن ئەھلىگە ئېلان قىلغان ئىكەن، ئۇ چەتئەللىك ئەپەندى دەرھال يۈزى قىزىرىپ، چىرايلىرى ئېسىلگەن ھالدا: «ياق، ياق، مەن پروفېسسور مەن، مەن بولسام پروفېسسور » دەپ ئىزاھات بېرىپتۇ.




ئوكرائىنادىكى جۇڭگولۇقلار




ئوكرائىنا ساقچىلىرى شۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلارنى ئۇچراتقاندا، باشقا گەپنى قويۇپ، ئاۋال تەكشۈرىدىكەن. جۇڭگولۇقلار ئوكرائىنا تاموژنىسىغا كىرگەندە قاتتىق تەكشۈرىدىكەن، چېگرا ئېغىزىدىن كىرگەن چاغدىمۇ، شەھەر كوچىسىدا كېتىۋاتقان چاغدىمۇ تەكشۈرىدىكەن، تەكشۈرگەندىمۇ جېنىڭىزدىن جاق تويغۇزىدىكەن. ئۇلار «جۇڭگولۇقلارنىڭ كېنىشكىلىرىنى تەكشۈرۈشكە بەك خۇشتار» ئىكەن. ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادملىرىگە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئادەملەرگە ئۇنداق ئېتىبار قىلمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە جۇڭگولۇقلار ئوكرائىنادا بىرەر چاتاققا قالسا، بىزنىڭ بەزى شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىش، كىچىك ئىشنى يوققا چىقىرىۋېتىش، دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئىشى يوللۇق بولسىمۇ، شۇ ئىشنى پۇل خەجلەپ يوققا چىقىرىشقا تىرىشىدىكەن-دە، «توۋا گۇناھنى يەيدۇ، سەدىقە بالانى » دەيدىغان گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. دېمەك، جۇڭگولۇقلارنىڭ كېنىشكىلىرىنى تەكشۈرگەن ساقچىلار تەكشۈرۈش ئۈستىدە تۇرغاندا ھەرقاچان «ياكى كېنىشكە ئىچىگە ئۆزۈڭ ئال دەپ قىستۇرۇپ قويغان 20 ئامېرىكا دوللىرىنى كۆرىدىكەن ياكى تاپان ھەققى دەپ قولىغا تىقىپ بەرگەن بىر نەرسىلەرگە ئېرىشىدىكەن.




بۇ تەقدىردىنمۇ




بىر سەتەڭ قىزنىڭ يىگىتى:


- دادامنىڭ بىر نەچچە مىليون پۇلى بار. ۋاقتى كېلىپ ئۆلۈپ كەتسە، شۇ پۇل ماڭا قالىدۇ،- دەپ قىزغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.


- دادىڭىز بۇ يىل نەچچە ياشقا كىرگەندۇ؟- دەپ سوراپتۇ قىز.


- بۇ يىل 49 ياش،- دەپتۇ يىگىت.


قىز مىيىقىدا كۈلۈپ كېتىپ قاپتۇ.


شۇ قىز بىر ئاي ئۆتمەيلا ھېلىقى يىگىتكە ئۆگەي ئانا بولۇپ قاپتۇ.




ئەمەلدار بىلەن پۇقرانىڭ نىسبىتى




خەن سۇلالىسى زامانىسىدا 7900 پۇقراغا بىر ئەمەلدار توغرا كەپتىكەن؛ تاڭ سۇلالىسى زامانىسىدا 3900 پۇقراغا بىر ئەمەلدار توغرا كەپتۇ؛ مەنچىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا 910 پۇقراغا بىر ئەمەلدار توغرا كەپتۇ؛ يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەن زاماندا 290 پۇقراغا بىر ئەمەلدار توغرا كەپتۇ؛ ھازىر بولسا 30 پۇقراغا بىر ئەمەلدار توغرا كېلىدىكەن.




برېژنېفنىڭ رومان يېزىشى




برېژنېف ھېچقانداق ئوقۇمىغان، مەلۇماتى ناھايىتى تۆۋەن ھەتتا ھېچقانچە بىلىمى يوق ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب ئوقۇمايدىغان، قولىغا قەلەم ئالمايدىغان ئادەم ئىكەن. ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدا كۆز بوياپ يۈرگەن شۇنداق بىر ئادەم «بىرىنچى سېكرىتار» بولغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كەينى-كەينىدىن «كىچىك زېمىن»، «بوز يەر ئېچىش»، «قايتا گۈللىنىش» دېگەن سەرلەۋھىلەردە ئۈچ توم پوۋېست، رومان يازغان. ژۇرناللاردا داۋاملىق بېسىلغان، ئايرىم كىتاب نۇسخىسىدا نەشر قىلدۇرغان بۇ كىتابلار پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ كىتابلار كارامەت چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەرىپلىنىپ باھالانغاندىن تاشقىرى، سوۋېت ئەدەبىياتى بويىچە ھەممىدىن ئالىي مۇكاپات «لېنىن مۇكاپاتى» بېرىلگەن. شۇنداق قىلىپ برېژنېف بىر ئېغىناپلا پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان «رومانىست» (رومان يازغۇچى) بولۇپ قالغان.


سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، برېژنېفنىڭ «رومانىست»لىقىنىڭمۇ مېزى چۇۋۇلغان. ئاۋال برېژنېف ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ بېرىدىكەن، تېز خاتىرلىگۈچى خېنىم يېزىۋالغان خاتىرىنى بىرنەچچە «قەلەمكەش»كە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. ئۇلار ئەپلەپ-سەپلەپ، برېژنېفنىڭ لاپ ئۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن كارامەت ھېكايە توقۇيدىكەن. شۇ ئۈچ «ئەدەبىي ئىجادىيەت»نىڭ ئەدناسى بىر ۋارىقىنىڭمۇ برېژنېفنىڭ ئۆز قولى، ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلمىغانلىقىنى ھەتتا ئەڭ دۆت، ئەڭ كالۋا ئادەممۇ ئۆز كۆڭلىدە بىلىدىكەن. شۇنىسى كىشىنى ھەيران قىلىدۇكى، يوچۇقلارغا يەملەنگەن شۇ قەغەزلەرنى تېشىپ تاشلاشنى، شۇ سىرلارنى ئاشكارىلاشنى ھېچكىم خالىمىغان ياكى ئاشكارىلاشقا پېتىنالمىغان ئىكەن.




ستالىننىڭ ئىملاسى




ستالىن ئۆز ۋاقتىدا ماكسىم گوركىنىڭ «قىز ۋە ئەزرائىل» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ھېكايىسىنى ئوقۇپ، شۇ ھېكايە توغرىسىدا تەستىق يازغانىكەن، «پراۋددا» گېزىتى تەستىق سۆزىنى ئېلان قىلماقچى بوپتۇ، لېكىن تەستىق سۆزىدە «ليۇبىت» دېگەن سۆزنىڭ بىر ھەرپى كەم ئىكەن، تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ تۇرغاندا، ئىلىم-بىلىمدە ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن، ئالىي مەلۇماتلىق ئالىم دەپ ھېسابلانغان بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىرمۇنچە نەزەرىيە سۆزلەپ، ستالىننىڭ ئىنشا-ئىملاسىنىڭ چوڭقۇر ماھىيىتىنى ئىسپاتلاپتۇ، پرولېتارىياتچە ليۇبىت (يەنى مۇھەببەت) چىرىپ كەتكەن بۇرژۇئازىيىچە ليۇبىتكە ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىنشادىمۇ، يەنى ئىملادىمۇ پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە! دەپتۇ ۋە بۇ مۇھاكىمىسىنى نەزەرىيىۋى ماقالە قىلىپ يېزىپتۇ.


تەستىقنامە ۋە ئالىمنىڭ نەزەرىيىۋى ماقالىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېزىتنىڭ سىگنال نۇسخىسى ستالىننىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىگە سۇنۇلغانىكەن، ستالىن: «قاپاق باش كالۋا! بۇ ئىملا خاتالىقى! ئى. ستالىن» دەپ تەستىق ساپتۇ.




يېلتسىننىڭ دوكلاتى




يېلتسىن زوڭتوڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق كىرىملىرىنى ئاشكارىلاپ، مەركىزى باج ئىدارىسىگە مۇنداق دوكلات يازغان ئىكەن:


مەرھەمەت، مال-مۈلكۈمگە قاراپ بېقىڭلار...


دۆلەت تەقسىم قىلىپ بەرگەن داچىدا ئولتۇرىمەن، كۆلىمى 452 كۇۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بىر كىچىكى ماشىنام بار، 1995-يىلى سېتىۋالغان. موسكۋادا ئوشىن كوچىسىدا بىر قورۇ-جايىم بار. داچامدىمۇ، قورۇ-جايىمدىمۇ بىردىن توڭلاتقۇ بار، يەنە بىر نەچچە تېلېۋىزور، ئۆي سەرەمجانلىرىم(ساپا، ئايلانما ئورۇندۇق، پاكار ئورۇندۇق، كىيىم ئىشكاپى ۋە باشقىلار) بار، يەنە بىر نەچچە قۇر كىيىم-كېچەك، خوتۇنۇمنىڭ ۋە قىزىمنىڭ بىر نەچچە بېزىكى، بىر قوللۇق تور توپىنىڭ دەستىكى، بىر دانە گىر-تارازا، بر ئاز كىتاب، بىردانە ئاۋاز ياڭراتقۇ، بىر دانە ئۈنئالغۇ بار.


تۆۋەندىكى نەرسىلەر مەندە يوق:


پۇلغا يارايدىغان قىممىتى بار چەك-ھۆججەت يوق.


ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر، مەرۋايىت يوق.


ئالتۇن كان، نېفىت قۇدۇقلىرى، برىليانت كانى، چەت ئەللەردە خۇسۇسىي يەر-زېمىنىم يوق.


چەتئەللەردە بانكا مۇئامىلەم يوق.


سەيلە كېمى-قېيىقى، ئايروپىلان، تىك ئۇچارىم يوق.


خوتۇنۇمنىڭمۇ، ئىككى قىزىم- لىنا بىلەن تانىيەنىڭ شۋېتسارىيە بانكىسى بىلەنمۇ، ئەنگىلىيە ياكى باشقا دۆلەت بانكىلىرى بىلەنمۇ داد-مۇئاملىسى يوق. ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردە خۇسۇسىي ئۆي-جايى، داچىسى يوق، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ، زاۋۇت-فابرىكىلىرىنىڭ ياكى كان –كارخانىلىرىنىڭ ھەسسىدارلىق چەكلىر يوق، ئەزەلدىن يوق...


1999-يىلى 1-يانۋاردىكى پۇل-مال خاتىرىسىگە قارىغاندا، مېنىڭ روسىيە بانكىسىدىكى پۇلۇم (چەتئەل پۇلى ۋە رۇبلى) جەمئىي 843مىڭ 600 رۇبلى ئىكەن، 1998-يىلدىكى كىرىمىم 183مىڭ 837 رۇبلى بولغان ئىكەن...روسىيە زوڭتوڭلىرىنىڭ ئۆز پۇللىرىنى تامامەن روسىيە بانكىسىدا ئامانەت قويۇشى –بۇ ھەم پەرز.


مەنمۇ، ئائىلەمدىكىلەرمۇ مېنىڭ ئەمىلىمدىن، تەسىرىمدىن پايدىلىنىپ خۇسۇسىي ئادەملەرنىڭ ياكى گوروھنىڭ پۇل-مېلىنى ئالغان ئەمەس. بىزنىڭ ھەممە كىرىمىمىز ئاشكارا-ئېنىق. ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىگە سەيلە-ساياھەت قىلىپ بېرىشىم، مېنىڭچە، تېگىشلىك ھەققىم.



خرۇششېفنىڭ باياناتى




خرۇششېف تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەسلىمە يېزىشقا باشلاپتۇ. مەركىزىي كومىتېت بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەزى ئۇلۇغلارنىڭ تامىقى تاماق، ئۇيقۇسى ئۇيقۇ بولماي قاپتۇ ھەمدە يازغان ئەسلىمىنى مەركىزىي كومىتېتقا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. خرۇششېف: مەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پۇقراسىمەن، ئەسلىمە يېزىش ھوقۇقۇمنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ دەپ كەسكىن رەت قىپتۇ ھەمدە خاتىرىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىپتۇ. خرۇششېف دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر خرۇششېفنىڭ ئوغلىغا بېسىم قىلىپ، ئەسلىمە خاتىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قىستاپتۇ. خرۇششېفنىڭ ئوغلى بۇ تەلەپنى رەت قىلىپلا قالماستىن، ئەسلىمىنى چەتئەلدە نەشر قىلدۇرماقچى بوپتۇ. 1970-يىلى 11-ئايدا سوۋېت دائىرلىرى «خرۇششېفنىڭ ئەسلىمىسى» ئامېرىكىدا نەشر قىلىنماقچى بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، خرۇششېفنى پارتىيە تەپتىش كومىتېتىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق بىر پارچە بايانات يازدۇرۇپتۇ:


ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە بەزى كاپىتالىستىك ئەللەرنىڭ گېزىت خەۋەرلىرىدە «خرۇششېفنىڭ ئەسلىمىسى» ناملىق بىر كىتاب نەشىر قىلىنماقچى بولغانمىش. بۇ يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان خاتىرە بولۇپ، مەن قاتتىق غەزەبلەندىم. مەن ئەسلىمە خاتىرىسى ياكى ماتىرىيالىنى ھېچكىشىگە بېرىپ باققان ئەمەس، دەۋر شىركىتى ياكى باشقا چەتئەل نەشرىياتلىرىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خاتىرە ئويدۇرما دەپ بايانات ئېلان قىلدىم. بۇرژۇئازىيىنىڭ گېزىتلىرىدىكى موشۇنداق يالغان خەۋەرلەر ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.


خرۇششېف


1970-يىلى 10-نويابىر




خرۇششېفنىڭ قالپىقى




سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خرۇششېف «غەلىتە» ئادەم ئىكەن. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يىغىنىدا سۆزگە چىققان چېغىدا سۆزلەۋېتىپ، بەتىنكىسى بىلەن شىرەگە ئۇرغان ئىكەن. ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ ئالجىغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋاللىرى بىر مەزگىل قىزىق پاراڭغا ئايلىنىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىمۇ ناھايىتى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرغان ئىكەن. سوۋېتلىكلەر خرۇششېفنىڭ قالتىس چوڭ بىر دۆلەتنىڭ داھىيىسىغا مۇناسىپ ئوبرازىنى ئاياپ قېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپتۇ، شۇ چارە –تەدبىرلىرى خېلى ئوبدان ئۈنۈملەرنى بېرىپتۇ.


بىر كۈنى غەرب دۆلەتلىرىدىن بىرىنىڭ رەھبىرىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرودرومغا چىققاندا، باشقىلار ئۇچىسىغا پەلتۇ، بېشىغا تەلپەك كىيگەن بولسا، يالغۇز خرۇششېفلا يالاڭۋاش ئىكەن. ئايرودرومدىكى كۆرۈنۈشتىن تارتىلغان فوتو سۈرەتنى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىدىغان چاغدا، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرى: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت رەھبىرى غەربلىكلەرگە قالپىقىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ تەزىم قىلغىنى نېمىسى؟» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسىي ئابرۇينى نەزەردە تۇتۇپ، سۈرەت تەييارلىغۇچى خادىم خرۇششېفنىڭ بېشىغا بىر قالپاقنى سىزىپ قويۇپتۇ. شۇ سۈرەت ئەتىسى گېزىتكە چىققاندا، ئۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ قاپتۇ. قارىسا، خرۇششېفنىڭ بېشىدا بىر قالپاق، قولىدىمۇ بىر قالپاق تۇرغان!




خرۇششېفنىڭ رەسىم كۆرۈشى




خرۇششېف بىر كۈنى ئابستراكتچى رەسساملارنىڭ ئابستراكت رەسىملەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە بېرىپتۇ، رەسىملەرنى كۆرۈۋېتىپ بىردىنلا ئاغزىنى بۇزۇپتۇ: «قانداق رەسىم بۇ؟ ئېشەكنى قويۇپ بەرسەڭ ئۇنىڭ قۇيرۇقىمۇ ئۇنىڭدىن ئوبدان سىزىشى مۇمكىن!» ئۇ كۆرگەزمىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرغان ئىنستنى ئالدىغا چاقىرتىپ كېلىپ بىرمۇنچە سېسىق گەپ قىپتۇ. لېكىن ئىنستمۇ بوش كەلمەپتۇ. ئۇ : «سىز تەسۋىرىي سەنئەت تەنقىدچىسى ئەمەس، گۈزەللىك ئىلمىنىمۇ ئوقۇماپتىكەنسىز، شۇڭا تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ھېچنىمىسىنى بىلمەيدىكەنسىز!» دەپ گەپ ياندۇرۇپتۇ. خرۇششېفنىڭ بۇ گەپلەرنى پىسەنتىگە ئالماسلىقى تۇرغان گەپ. ئۇ ئەكسىچە مۇنداق بىر راست گەپنى قىپتۇ:


«مەن كان ئىشچىسى بولغان چاغلىرىمدا بىلمەيتتىم؛ پارتىيىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان چاغلىرىمدا بىلمەيتتىم؛ يۇقۇرى ئۆرلەپ چىقىۋاتقان شوتىنىڭ ۋاخىنىلىرىدا تۇرغان چاغلىرىمدىمۇ بىلمەيتتى. لېكىن مەن بۈگۈنكى كۈندە باش مىنىستىر مەن، پارتيىنىڭ داھىيىسىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئەلۋەتتە بىلىمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»






ئابلاجان تۇردى توپلىغان

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=496





karizqi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 00:32:04

بەلەن ھەممىنى بىلىدۇ .

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 18:44:57

ساپلا سۆۋىتنىڭ ئەمەلدارلىرى تىلغا ئېلىنغان فىلەتۇنكەن ئاۋۇ كەينىدىكىسى
بەت: [1]
: ھەجۋىي پاراڭلار[تەرجىمە]