@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 20:59:06

ئىككى خەن دەۋرىدە ئەل بولغان ھونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى

ئىككى خەن دەۋرىدە ئەل بولغان ھونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى



غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ھۇنلاردىن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغۇچىلار بار ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە ۋېندىنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىغا يازغان خېتىدە «ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەگەشمەيلى، مەن قېچىپ كەلگەنلەرنى قۇيىۋېتەي، سىلىمۇ جاننى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرمىسىلە» دېگەنلىكى خاتىرلەنگەن. بۇ يەردە تىلغان ئېلىنغان جاننى قاتارلىق كىشلەر دەل خەن سۇلالىسىگە قېچىپ بارغان ھۇنلار ئىدى. جىڭدى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ھۇن خانلىرى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. شىياۋ جىڭدى ھەققىدە خاتىرە» دە «خۇيدى، جىڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى» دا بۇ ئەھۋاللار خاتىرلەنگەن. لېكىن، زور تۈركۈمدىكى ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇش سۇدى، شۈەندى دەۋرىلىرىدە بولغان. ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى) كۈزدە، ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتىراپىدا چارۋىچىلىق قىلىدىغان قۇنشار خان شۇتۇق خاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قوۋمىدىن40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا تايىن تۆرىسى دىگەن مەرتىۋىنى بەردى ھەم چېگىردىكى بەش ئايماقنىڭ سىرتىدا بەش «بېقىندى ئەل» تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ قومىنى ئورۇنلاشتۇردى. شۈەندىنىڭ ۋۇفېڭ 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 56- يىلى) قىشتا خۇسۇر خان ۋە سول ئىجىز خان ئۆز قوۋمىدىن 50 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. خەن سۇلالىسى ئۇلارغا تۆرىلىك مەرتىۋىسى بەردى ھەم شىخې، بېيدى ئىككى ئايماققا بېقىندى ئەل تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، ئاتاقلىق خانلىرى، سەركەردىلىرى، ۋەزىرلىرى، كاھ بەگلىرى، جورچىلىرى قاتارلىقلاردىنمۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، خېلى كۆردى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى.  «خەننامە. جىڭدى، جاۋدى، شۈەندى، يۈەندى دەۋرىلىرىدىكى تۆھپىكار ۋەزىرلەرنىڭ يىلنامىسى» دا بۇ ئەھۋاللار خاتىرلەنگەن. شۈەندى دەۋرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھۇنلاردىن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغانلار تەخمىنەن يۈز مىڭدىن ئاشقان. تېخى ھەر قېتېىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەسىرگە چۈشۈپ ئەل بولغانلار بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.


ئاتالمىش «بېقىندى ئەل» زادى نىمە؟ «تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋانداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى» دا: «قېچىپ كېلىپ ئەل بولغانلارنىڭ ھەممىسى چېگىردىن بەش ئايماقنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار ئۆز ئادىتى بويىچە ياشىغاچقا، بېقىندى ئەل دەپ ئاتالدى» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەمەللىرىنى ۋە قەبىلە تەشكىلىنى ساقلاپ قېلىپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى كۆرسىتىپ بەرگەن دائىرىدە يەنىلا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەن. لېكىن مەمۇرىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان بېقىندى ئەل كاھ بېگىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بېقىندى ھەل كا بېگىلىكىگە كۆپ ھاللاردا خەنزۇلار تەينلەنگەن. لېكىن، ھۇنلارنىڭ يۇقىرى قاتلام شەخسىلىرىدىنمۇ تولۇقلانغان. بۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ئەل بولغان ھۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار جەھەتتە خەنزۇلار بىلەن بىردەك بولۇشقا مەجبۇرلىمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگىردىكى ئەل بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بىر تۈرلۈك مىللىي سىياسىتى ئىدى.


بېقىندى ئەل چىن سۇلالىسىدىن باشلاپ تەسىس قىلىغان. خەن سۇلالىسى قۇنشار خاننىڭ قوۋمىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەش بېقىندى ئەل تەسىس قىلغان. بېقىندى ئەل كاھ بەگ، ياردەمچى كاھ بەگ قاتارلىق مەنسەپلەر تەسىس قىلىنغان. يەنە مىڭبېگى، توققۇز تىلماچ بەگ بولغان.


ۋۇدى دەۋرىدىكى بېقىندى ئەللەر تەسىس قىلىنغان چېگىردىكى بەش ئايماق كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، لۇڭشى، بېيدى، شاڭجان، سۇفاڭ، يۈەنجۇڭ قاتارلىقلار بولۇپ، بېقىندى ئەل كا بەگلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى تىيەنشۈيدىكى يۇڭشى ناھىيىسى (ھازىرقى گەنسۇدىكى يۇجۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا)، ئەندىڭدىكى سەنشۈي ناھىيىسى (ھازىرقى نىڭشىيادىكى گۇيۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا)، شاڭجۈندىكى چيۈزى ناھىيىسى (ھازىرقى شەنشىدىكى يۈلىن ناھىيىسنىڭ شىمالىدا)، شىخېدىكى مېيجى ناھىيىسى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ غەربىي شىمالىدا) ۋە ۋۇيۈەندىكى پۇزې ناھيىسى (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس، ئېھتىمال بۇرۇنقى شەنشىنىڭ يۈلىن مەھكىمىسى تەۋەسىدە، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن) دە بولغان. شۈەندى دەۋرىدىكى بېقىنى ئەللەر شىخې، بېيدى، دىۋاڭدا بولغان. ئەمما، بېيدىدىكى كاھ بەگنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى «خەننامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دە كۆرۈلمەيدۇ.


ھالبۇكى، ئۇنىڭدكى «فۇپىڭ ناھىيىسى» گە بېرىلگەن ئىزاھتىكى «شىمالىي تەرەپ كاھ بېگى شېنچۈەن قەلئەسىگىچە بولغان جايلارنى باشقۇرىدۇ» دېگەنگە ئاساسلىنىپ پەرەز قىلغاندا، ئۇنىڭ ئورنى فۇپىڭدا بولغان (ھازىرقى نىڭشىيادىكى ۋۇجۇڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا). يەنە «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى ۋۇدىنىڭ يۈەنفېڭ 3- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى) «ئوڭ قول بىلىك خان، لەۋ خان تۆت مىڭ چەۋەنداز بىلەن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ، رىلې، ۋۇلەن، پەنخېغا بېسىپ كىردى. جاڭيې ۋالىيسى، بېقىندى ئەل كاھ بېگى گوچۇڭ قوشۇن چىقىرىپ زەربە بەردى» دېگەن خاتىرىدىن قارىغاندا، جاڭيېدىمۇ قارام ئەل بولغان. ئەمما ئۇنىڭ قاچان تەسىس قىلىنغانلىقى، كاھ بەگنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ نەدىلىگى ئېنىق ئەمەس.


خەن سۇلالىسى ئەل بولغان ھۇنلارغا ئادەتتە مايىل قىلىش ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىش سىياسىتىنى قوللانغان. جىڭدى دەۋرىدىلا ھۇن خانى ئۇيشىلۇ قاتارلىق بەش كىشى ئەل بولغاندا، جىڭدى ئۇلار ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسىنى بېرىپ، مىڭ ئائىلىلىكنى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. ۋۇدى ھۇنلاردىن ئەل بولغانلارغا تېخىمۇ بەك ئىلتىپات كۆرسەتكەن. بۇ «تارىخىي خاتىرىلەر» 120- جىلد، «جى جېڭنىڭ تەرجىمھالى» دا ناھايتى ئېنىق خاتىرلەنگەن بولۇپ، جى جېڭ: «كەمىنلىرىنىڭ قارىشىچە ئالىيلىرى قولغا كەلتۈرگەن ھۇنلارنى قۇل قىلىپ، ئۇلارنى مال- مۈلكى بىلەنلا قوشۇپ جەڭدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ رەھمىتىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشلىرى كېرەك ئىدى. سىلى بۇنداق قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قۇنشار خان نەچچە تۈمەن كىشىنى باشلاپ ئەل بولغىلى كەلگەندە، خەزنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇلارنى تارتۇقلىىسلا، يەنە تېخى پۇقرالارنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇپ، خۇددى ئەزىز- مېھماندەك كۈتىۋالدىلا» دېگەن. 30- جىلد، «بازارنامە توغرىسىدا» دىمۇ: «شۇ يىلى كۈزدە قۇنشار خان نەچچە تۈمەن كىشىنى باشلاپ ئەل بولغاندا، خەن سۇلالىسى 20 مىڭ ھارۋىنى كۈتىۋېلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار كەلگەندە مول ئىنئاملارنى بېرىپ، يۈز تۈمەندىن ئارتۇق يارماق سەرپ قىلدى» دېيىلگەن. ئەل بولغانلار ئىچىدىكى يۇقىرى قاتلام شەخسلەرنىڭ ھەممىسىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسى بېرىلىپ، كۆپ بولغاندا ئون مىڭ ئائىلە، ئازراق بولغاندا مىڭ نەچچە ئائىلە، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بەش- ئالتە يۈز ئائىلە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن. يەنە بەزىلىرى بېقىندى ئەللەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك سەركەردىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. مەسلەن، لىياڭچى تۆرىسى رانپانيۇ بېقىندى ئەل كاھ بېگلىكىگە، كۈن تۆرىسى جۇجى بېقىندى ئەل چەۋەندازلار سەركەردىلىكىگە تەيىنلەنگەن.


خەن سۇلالىسىدىكى تۆرىلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بىر خىل مەرتىۋە بولۇپ، تۆرىلەرگە سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلەرنى مەركەز ئادەم ئەۋەتىپ باشقۇراتتى. تۆرىلەر بولسا پەقەت سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن ئائىلىلەردىن باج- سېلىق يىغىۋالاتتى. خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇن خانلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ۋەزىرلىرىدىن تۆرىلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولغان. خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇن خانلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ۋەزىرلىرىگە سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى خېنەن، سەنشى، شەندۇڭ، خېبىي ئەتىراپلىرىدا بولۇپ، خېنەندە – ئەينى چاغدىكى يىچۈەن ئايمىقىدا ئەڭ كۆپ بولغان. يىچۈەن ئايمىقىدىكى راڭچېڭ، يەنلىڭ، ۋۇياڭ، ياڭچېڭ قاتارلىق ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە سۇيۇرغال يەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋۇياڭ ناھىيىسىدە ھەممىدىن كۆپ بولغان. تۆرىلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن ھۇن خانلىرى، سەركەردىلىرى، ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرقى سۇيۇرغاللىقلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئەگەار خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزلىرى خالىغانچە كۆچۈپ كېتەلمىگەن. مەسلەن، شىيامو تۆرىسى قۇدۇن يۈەنشۇ 2- يىلى مەرتىۋىسى بېرىلگەندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا سۇيۇرغال يېرى چىشى (ھازىرقى شەنشىنىڭ لىنچى ناھىيىسى) دا تۇرغان. ئۇنى نەۋرىسى شېنجۆ 3- يىلى پەرمان بويىچە گېجۇ تېغىغا (ئۇيسۇنلارغا يېقىن) كۆچۈرۈلگەن. كېيىن ئۆز مەيلىچە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ۋۇشىغا (ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى) كۆچۈپ كېتىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، تۆرىلىك مەرتىۋىسى ئېلىپ تاشلانغان.


غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تۆرىلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەن ھۇنلاردىن «تارىخىي خاتىرىلەر» ۋە «خەننامە» دە خاتىرلەنگەنلىرىدىن جەمئىي 30 – 40 ى بار. بۇلاردىن ھۇنلار تەرەپكە قېچىشقا ئورۇنغانلىقى (مەسلەن، چىنياڭ تۆرىسى يۆجى ۋە روياڭ تۆرىسى مېڭدەك)، ئاسىيلىق قىلغانلىقى، خەن پادىشاھلىرىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكى، تۈزۈم- قائىدىلەرگە خىلاپلىق قلىغانلىقى، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. مەرتىۋىسى بىكار قىلىنغان ياكى مەرتىۋىسى ئېلىپ تاشلانغانلاردىن باشقىلىرىنىڭ مەرتىۋىسىگە خەن سۇلالىسى ئومۇمەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋارىسلىق قىلدرۇغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى دۇ تۆرىسى جىن مىتى (شۇتۇق خاننىڭ ئوغلى) ئىدى. بۇنى «خەننامە» 68- جىلد، «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.


ئادەتتىكى ھۇن چارۋىچىلىرى ئەسلىدىنلا ئاتلىق ئەسكەر بولغاچقا، خەن سۇلالىسى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى بېقىندى ئەل قوشۇنىغا كىرگۈزۈپ «بېقىندى ئەل چەۋەندازى» قىلغان. مەسلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بېقىندى ئەل چەۋاندازلار سەركەردىسى جۇجى باشچىلىق قىلغان بېقىندى ئەل چەۋاندازلىرى دەل مۇشۇنداق ئاتلىق ئەسكەرلەر بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر» پەرغانە تەزكىرىسى» دە يۈەنفېڭ 3- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 108- يىلى) ۋۇدىنىڭ جاۋ پونۇنى بېقىندى ئەل چەۋاندازلىرى ۋە ئايماق لەشكەرلىرىدىن نەچچە تۈمەننى باشلاپ قوشقا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ۋاڭ شىيەنچىيەن «خەننامىگە تولۇقلىما. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە شۇ سۇڭنىڭ ئىزاھاتىدىن نەقىل ئېلىپ، بۇ بېقىندى بەش چەۋەندازلىرىنىڭ دەل يۈەنشۇ 2- يىلى تەسىس قىلىنغان بەش بېقىندى ئەلدىكى قۇنشار خان ۋە شۇتۇق خانلارنىڭ قوشۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن بېقىندى ئەل قوشۇنىغا قۇبۇل قىلىنغان ھۇن ائتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىگىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.


خەن سۇلالىسى يەنە ئەل بولغان بىر قىسىم ھۇنلاردىن (سانى ئېنىق ئەمەس) قوشۇن تۈزۈپ، ئۇلارغا چاڭشۈي ھۇن چەۋەندازلىرى ۋە شۈەنچۇ ھۇن چەۋەندازلىرى (چاڭشۈي ھازىرقى شەنشىدىكى لەنتىيەن ناھىيسىىنىڭ غەربىي شىمالىدا، شۈەنچۇ خەن دەۋرىدىكى چاڭئەن سەنپۇدا تۇرغۇزۇلغان. «خەننامە. ئەمەلدار- تۆرىلەر يىلنامىسى» دا خاتىرلىنىشىچە، چاڭشۈي چېرىكچى بېگى چاڭشۈي، شۈەنچۇ بېگى چىياڭ ھۇن چەۋەندازلىرىنى باشقۇرغان بولسىمۇ، دائىملىق ۋېيلۇنىڭ ئاتىسى چاڭشۈي ھۇنلىرىدىن بولۇپ، ئۇ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، ھۇن چەۋەندازلىرى چېرىكچى بېگى بولۇپ تەيىنلىنىپ چاڭشۈيدە تۇرغان. ۋېيلۇ خەن سۇلالىسىدە چوڭ بولۇپ كېيىن ھۇنلارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەندە قايتىدىن ھۇنلارا ئەل بولغان. ۋۇدىنىڭ جېڭخې 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 91- يىلى) داخانلىق ۋەقەسىدە. جىياڭ چۇڭ چاڭئەندىكى گۇناكار تۆرىلەرنى ئەۋەتىپ چاڭشۈي ۋە شۈەنچۇ ھۇن چەۋەندازلىرىنى يۆتكىگەن. بۇ ھۇن چەۋەندازلىرى بەزىدە ھەربىي يۈرۈشكىمۇ سېلىنغان. مەسلەن، شۈەندىنىڭ شېنخۆ 1- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 61- يىلى) 3- ئايدا، غەربىي چىياڭلار ئىسيان كۆتۈرگەندە، خەن سۇلالىسى سەنپودىكى ھۇن ۋە يۆ چەۋەندازلىرىنى ئەۋەتىپ، جىنچېڭغىچە قوغلاپ بارغان.


ئەل بولغان ھۇنلاردىن بېقىندى ئەل چەۋەندازلىقىغا ياكى چاڭشۈي، شۈنچۇ ھۇن چەۋاندازلىقىغا تاللانمىغانلىرى بولسا خۇاڭخې دەرياسى ۋە خېتاۋنىڭ جەنۇبىدىكى چېگىردىكى بەش ئايماقنىڭ سىرتىغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋۇۋېي، سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، بېيۇدى، شىخې ئەتىراپلىرىدىكى شۇتۇق ھۇنلىرى (شۇتۇق خان قوۋمىنىڭ ئەۋلاتلىرى) ناھايتى كۆپ بولغان. خەن سۇلالىسى ئەل بولغان ھۇنلاردىن شۈەندىنىڭ ئاخىرىدا بېقىندى ئەللەردىكى ئەل بولغان ھۇنلاردىن شۈەندىنىڭ ئاخىرقى يىلى (مىلاديىدىن بۇرۇنقى 49- يىلى) شىخې بېقىندى ئېلىدە ۋە يۈەندىنىڭ دەسلەپكى يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 48- يىلى) شاڭجۈن بېقىندى ئېلىدە ئېلگىرى- كېيىن بولۇپ، بىر قىسىم ھۇنلارنىڭ ھۇنلار رايونىغا قېچىپ كېتىش ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كېيىن، ھىچقانداق قالايمىقانچىلىق ۋە ئىسيان كۆرۈلمىگەن.


شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېقىندى ئەللەردە دەل ئۆزگىرىش بولدى. تارىخىي ئەسەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدا ئەندىڭ بېقىندى ئېلى، شىخې بېقىندى ئېلى، شاڭجۈن بېقىندى ئېلى، جايى بېقىندى ئېلى، جۈيەن بېقىندى ئېلى بولغان . بېقىندى ئەل يەنىلا كاھ بەگ، بەگلەر ۋە بېقىندى ئەل چەۋاندازلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭشۈي ھۇن چەۋاندازلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. مەسلەن، يۇڭپېڭ 2- يىلى (مىلادىيە 52- يىلى) قىشتا، مىڭدى جۇڭشىيەن بېگى ليۇيەنگە سۇيۇرغال قىلىنغان يېرىدىن كېلىشكە پەرمۈن چۈشۈرگەن ھەم ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ قوغداپ ئەكەلگەن. مىڭدى ليۇيەنگە: «بۇ ئاتلىق قوشۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى شىمالىي قوشۇندىكى ھۇن چەۋاندازلىرى، يېنىك قوراللانغان، ئوقيا ئېتىشقا ئۇستا، بىر تال ئوقنىمۇ زايا كەتكۈزمەيدۇ» دېگەن . ئاتالمىش شىمالىي قوشۇندىكى ھۇن چەۋاندازلىرى، دەل چاڭشۈي چېرىكچى بېگىگە قاراشلىق چاڭشۈي ھۇن چەۋەندازلىرى بولۇپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭشۈي چېرىكچى بېگى شىمالىي قوشۇن قوشبېشى بولغاچقا ، مىڭدى چاڭشۈي ھۇن چەۋاندازلىرىنى شىمالىي قوشۇن ھۇن چەۋاندازلىرى، دېگەن. يەنە مەسلەن، يۇڭپىڭ 11- يىلى (مىلادىيە 68- يىلى) ليۇ بەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئاتلىق قوشۇننىڭ ئاتلىق چېرىكچى بېگى بولۇپ تۇرىۋاتقان چېغىدا، مىڭدى ھەر قېتىم سۇيۇرغاللارنى كۆزدىن كەچۈرگىلى چىققاندا، ئۇ دائىم چاڭشۈي ھۇن چەۋەندازلىرىنى باشلاپ ئۇنى قوغدىغان.


ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدىكى ھۇنلار غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇزۇن مۇددەت خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاچقا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى پەيدىنپەي خەنزۇلاردىن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغان. بەزىلىرى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، دېھقانچىلىق ياكى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. شيې جېن «كېيىنكى خەننامە. چياڭلار، غۇزلار ھەققىدە قىسسە» دە: «بېقىندى ئەلدە ئەل بولغان چياڭ ۋە ھۇنلاردىن نەچچە مىڭى بار. ئۇلار تاغدا ئولتۇراقلىشىپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ يەردە دىيىلگەن بېقىندى ئەل ئەندىڭ بېقىندى ئېلى بولۇپ، تاغ چىڭشەن تېغىنى (ھازىرقى گەنسۇدىكى خۇەنشىيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدە ئولتۇراقلاشقان ھۇنلارنىڭ (يەنە چياڭلارمۇ بار) چىڭشەن تېغى ئەتراپىدا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ چارۋىچىدىن دېھقانغا ياكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق قىلىدىغان چارۋىچىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ چارۋىچىدىن دېھقانغا ياكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق قىلىدىغان چارۋىچىغا ئۆزگىرىش جەريانى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەنزۇ فېئودال بيۇرۇكراتلىرى ۋە پومېشچىكلىرىنىڭ ئېكىسپالاتاتىسىيىسىگە ئۇچراش جەريانى بولغان. ئۇلارنىڭ ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدىكى سەنشۈيدە تۇرىۋاتقان چاغدا، خەنزۇ دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا يەرلىك خەنزۇ فېئودال بيۇروكراتلىرى ۋە پومىشچىكلىرىنىڭ ئېزىشى، ئېكىسپالاتاتىسىيىگە ئۇچرىغان. شۇڭا ۋاڭ ماڭنىڭ ئاخىرقى يىللىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. جىڭشەن تېغىنىڭ يەر شەكلى مۇھىم، تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا باپ كەلگەچكە، قوزغىلاڭچى قوشۇن چىڭشەنگە يىغىلغان. ئۇلارنىڭ قوزغىلىڭى ماھىيەتتە فېئوداللىق زۇلۇم ۋە ئېكىسپالاتاتىسىيىگە قارىشى ھەققانىي خارەكتېردىكى سىنپىي كۈرەش ئىدى. لېكىن ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىگە قارىشى تۇرۇش جەريانىدا، دوست- دۈشمەننى ئېنىق ئايرىماي، سەنشۈيدىكى يەرلىك فېئودال بۆلۈنمىچى لۈفاڭ ۋە چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى بىلەن ئۆز- ئارا تىل بېرىكتۈرگەن. ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرى شۇ سەۋەبتىن گۇرىن خاننى ئەسكەر باشلاپ ئۇلارغا ھەمدەم بولۇشقا ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قوزغىلاڭ فېئودال بۆلۈنمە كۈچلەر ۋە تاجاۋۇزچى كۈچلەر پايدىلىنىدىغان بىر قورالغا ئايلىنىپ قالغان. كېيىن (جيەنۋۇ 6- يىلى، مىلادىيە 30- يىلى) چىڭشەن تېغىغا توپلانغان بۇ ھۇنلاردىن بىر تۈمەندىن ئارتۇق كىشى باشلىقى فېيتۇشىياۋچىننىڭ رەھبەرلىكىدە بېيدى ۋالىيسى فېڭ يىغا ئەل بولغان. بىر قىسىم ھۇنلار لۇفاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سەنشۈيگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇمى تۈپەيلىدىن جيەنۋۇ 21- يىلى (مىلادىيە 45- يىلى) بوما شاۋبونىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھۇن قۇلدارلىرى بىلەن قايتا ئالاقە باغلاپ، يەنە چىڭشەن تېغىغا توپلانغان. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، شاۋبو تەسلىم بولۇپ، يىشىيەن ناھىيىسىگە (ھازىرقى گەنسۇدىكى ۋۇشەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي) كۆچۈرۋېتىلگەن.


مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=1710

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 14:17:56

كۆرگۈلۈكنى ئەنە شۇنداق تارىختىن ئىزدەش بەكرەك ئەقىلغا مۇۋاپىق بولسا كىرەك . ئەمىر تىمۇرنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن نەچچە قىلغان بىھۇدە ئۇرۇشلىرىنى ھازىرغىچە چۈشەنمىگەندەك بۇلارنىڭ قىلمىشىلىرىنى چۈشەنمىدىم .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 15:11:24

مەھەللىلەشتۈرۈش دىگەن تۈزۈم بۇرۇندىن بارمۇ نىمە؟
بەت: [1]
: ئىككى خەن دەۋرىدە ئەل بولغان ھونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى