ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 20:09:27

بۇ مازار ئالپ ئەرتوڭاغا ئائىتمۇ؟


مەرۋەدىن تېپىلغان 5 مىڭ يىللىق مازار ئالپ ئەرتوڭاغا ئائىتمۇ؟









تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(03.01.2012) خەۋىرى:

تۈركمەنىستاننىڭ قەدىمكى شەھىرى مەرۋەدىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا تېپىلغان غايەت زور بىر مازارنىڭ بىر خاقانغا ئائىت بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى. مازارنىڭ ئىچىدە ئالتۇن-جاۋاھىراتلاردىن تارتىپ ئات ھارۋىسىغا قەدەر خاقانغا ئائىت كۆپ ساندا نەرسە-كېرەكمۇ بار ئىكەن.

تۈركمەنىستاننىڭ قەدىمكى شەھىرى مەرۋەدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

شەھەر بىرىنچى بولۇپ قۇرۇلغان رايون مارگۇشتىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر مازار كۈن نۇرىغا چىقىرىلدى.

كەڭ ساھەگە يېيىلغان بۇ مازار، ئەقىدە-ئېتىقادلارنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن نەرسە-كېرەكلىرى بىلەن بىرگە كۆمۈلگەن بىر خاقانغا ئائىت دەپ قارالماقتا. مازاردىكى مال-دۇنيا ۋە تېپىلغان ئەشيالارنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان بولۇشى، ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇردى.

مازارنىڭ ئىچىدىن پەقەت خاقانغا ئائىت خوسۇسىي ئەشيالارلا ئەمەس، كۆپ ساندا ھايۋان ئىسكىلىتى، بۇلاردىن باشقا زىبۇ-زىننەتلەر، ئات ھارۋىسى ۋە قالدۇق تائام قاتارلىقلارمۇ تېپىلدى.

بۇ مازار ئالپ ئەرتوڭاغا ئائىت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 05:14:49

تۈركمەنىستان غەرىپ تەتقىقاتچىلىىرنىڭ نەزىرىدە ئارىيانلارنىڭ چوڭ كۆچىشىنىڭ باشلانغان جايى دەپ قارىلدۇ. تۈركمەنىستاندىكى قەدىمى شەھەرلەر، قەبرىلەر ھىندى ياۋروپا تىل سىستىمىسىدىكى خەلىقلەرگە تەۋە دەپ ھۆكۈم قىلىنۋاتىدۇ، شۇڭا تۈرك ئالىملىرىىنىڭ بۇ قارىشى خەلقائارا ساھەدە پۈت تىرەپ تۇرالىشى ناتايىن.

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 10:01:35

ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ياشىغان ۋاقتى 5000يىل بۇرۇن ئەمەسقۇ!

hawthorne يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 10:42:10

خەنسۇ ئارخىلوگلار بارماپتىمۇ؟ ئىچىدىن چىنە چىقماپتۇ دە! چىنە چىققان بولسا ئىلگىرى جۇڭگۇغا قارىغانلىقى ئىسپاتلىناتتى.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 11:08:18

ھەجەپ ھەيۋەت قۇرۇلۇشكىنا؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 20:51:44


1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارىيانلارنىڭ چوڭ كۆچىشىنىڭ باشلانغان جايى


سىز ئارىئان ئەمەسكەنسىز دە.  مۇڭغۇلوئىد مۇ يا




Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 21:07:30

ئۆردەك بوۋا،  ئارىيان دىگەن بىر تارىخ ئۇقۇم. ئارىئانلار ھازىرقى ئىران، ئافغانىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان تۈپراقىلىرىدە ياشىغان قەدىمى ئىران تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئاتىشى بولۇپ گىتلىر بۇ نامنى سۈيئىستىمال قىلغان. ئەگەر گىتلىرنىڭ نەزىريىسى بويىچە سىرىق چاچ، كۆك كۆز بولۇش ئارىئانلارنىڭ ئۆلچىمى بولسا كۆپ قىسىم قەدىمكى ئارىئانلار گىتلىرنىڭ شەرتىگە توشمىغان بولاتتى.  تۈركلەر ئارىيان، ئۇيغۇرلار ئارىيان دىگەندەك گەپلەرنىڭ ئاساسى يوق. كافكاز ئىرقى بىلەن ئارىئان تەڭداش ئۇقۇم ئەمەس.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 21:36:10

بىز ئارىئان ئەمەس، بەلكى تۈركدۇرمىز.

بۇ تۈرك ئېرقىدا، موڭغۇللۇئىد ئېلىمىنتلىرىمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 08:42:28


6- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆردەك بوۋا، ئارىيان دىگەن بىر تارىخ ئۇقۇم. ئارىئانلار ھازىرقى ئىران، ئافغانىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان تۈپراقىلىرىدە ياشىغان قەدىمى ئىران تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئاتىشى


بۇ ئۇقۇم  چولتا، تارىخى سىرلارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن نىمىنىڭ ئارىيان لىقى مەلۇم بولىدۇ، بىرماتىرىالدا كۇرۇشۇمچە كۇڭزىمۇ ئارىئان كەن،بۇ خەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يەكۇنىكەن.


koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 09:47:39

8- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆردەك بوۋا، ئارىيان دىگەن بىر تارىخ ئۇقۇم. ئارىئانلار ھازىرقى ئىران، ئافغانىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان تۈپراقىلىرىدە ياشىغان قەدىمى ئىران تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئاتىشى


بۇ ئۇقۇم  چولتا، تارىخى سىرلارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن نىمىنىڭ ئارىيان لىقى مەلۇم بولىدۇ، بىرماتىرىالدا كۇرۇشۇمچە كۇڭزىمۇ ئارىئان كەن،بۇ خەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يەكۇنىكەن.




بىز زاماندا \"خۇاشىيا مەدەنىيىتى ئارىيانلارنى مەنبە قىلغانمۇ\" دەپ بىر ماقالىنى تەرجىمە قىلۋىدىم. شۇنىڭدىمۇ خۇاڭدى، كۇڭزىىلارنى ئاق ئىرقىغا تەۋە دىگەندەك بىرنىمىلەرنى دەپتىكەن.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-5 21:53:03

9- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



\"خۇاشىيا مەدەنىيىتى ئارىيانلارنى مەنبە قىلغانمۇ\"


دەل مۇشۇ ماقالە،ھېلىغىچە ساخلاپ كىلىۋاتىمەن بۇ ماقالىنى، چۇنكى مىنىڭ بەزى كۇزقاراشلىرىمغا ماسمۇ-ماس چۇشىدۇ.




muhammadbarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 21:30:34

بۇ مازار ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياف)نىڭ بولىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!

     «بارخان- تۆۋەنكى چىننىڭ نامى. قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان. بۇ تاغنىڭ ئاستىدا ئالتۇن كان بار.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 567-بەت). «دىۋان»دىكى «قەشقەرگە يېقىن بىر تاغنىڭ ئۇستىدىكى قورغان.» دىگەن «تاغ ئۈستىدىكى قورغان» شەرتىگە ئۇيغۇن ئىككى تارىخىي ئورۇن بار: بىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدىكى «تاش قورغان». يەنە بىرى، باچاڭ جىلغىسى ئاغزىدىكى «دۇلدۇرقۇم»غا تۇتاش تاغ ئۈستىدىكى قەلئە (قورغان). «تاش قورغان»نىڭ ھازىرقى قەشقەر شەھرى بىلەن بولغان ئارلىقى 250 كىلومېتىر ئەتراپىدا.  «دۇلدۇرۇقۇم» تاغ ئۈستى قەلئەسىنىڭ قەشقەر شەھرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر ئەتراپىدا. قەدىمكى كارۋان يۈرۈشلىرىدە بىرى بەش كۈنلۈك مۇساپىدە، يەنە بىرى بىر كۈنلۈك مۇساپىدە. بۇلارنىڭ ئىچىدە «قەشقەرگە يېقىن» دىگەن شەرتكە چۈشىدىغىنى پەقەت باچاڭدىكى «دۇلدۇرۇقۇم» تاغ ئۈستى قورغىنى. «تاشقورغان»غا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلاردا «بارخان» ئاتالغۇسى ئۇچرىمايدۇ. ئەكسىچە «سەركۈي»، «تاغدۇمباش»، «ئىناي بەگلىكى»، «پۇلى بەگلىكى»، «ساكىنا بەگلىكى»، «داربەگلىكى»، «مەنلى بەگلىكى» ۋە «قىرپانە بەگلىكى» دېگەن ناملار تىلغان ئېلىنغان. ئىنچىكە كۈزەتكەندە «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «... تاغنىڭ ئۈستىدىكى قورغان...» دىيىلگەن، ھەرگىز تاغنىڭ ئۈستىدىكى تاش قورغان دىيىلمىگەن. «بارخان»- «بار» ۋە «خان»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «بار- بىر نەرسىنىڭ بىر يەردە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز... « يوق »سۆزىنىڭ تەتۈرى.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 202-بەت). «خان- تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئەفراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇ” خان “ دېيىلىدۇ. ئەفراسىياپنىڭ ئۆزى « خاقان» دېيىلىدۇ. بۇ نامنىڭ بېرىلىشى توغرىسىدا ئۇزۇن بىر ھېكايە بار.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 215-بەت). «بار» ۋە «خان»نى بىرلەشتۈرگەندە «بارخان»- پادىشاھ بار ئورۇن، تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بار ئورۇن دېگەنلىك.



   تارىخى ماتىرياللاردا: ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياف) ‹قاراخان› دەپمۇ  ئاتالغان. تارىختا ‹قاراخان› نامى بىلەن ئاتالغان قانداق پادىشاھ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت ‹تۆۋەن چىن›نىڭلا پادىشاسىدۇر. گەرچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «تۆۋەن چىن» ئاتالغۇسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەجداتلىرىمىز «تۆۋەن چىن»نى «ماچىن» (مۇرچىن- قارا چىن) دەپ ئاتىغان. «دىۋان»دا «مۇر- قارا» (1-قىسىم، 447-بەت) دەپ ئۇچۇر بېرىلگەن. تارىختا قەشقەر ۋە خوتەننىڭ «ماچىن» (مۇرچىن -قارا چىن) دەپ ئاتالغانلىقىغا قارىغاندا، پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىنىڭ بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇنلا «تۆۋەن چىن» (ماچىن- مۇرچىن- قاراچىن) بولىشى بەرھەق... تارىختىكى «ئۈچ چىن» (يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن)دىكى «ئوتتۇرا چىن»نىڭ مەرگىزى بولغان ھازىرقى قاراشاھەرنىڭ تارىختىكى نامى «ئارچىن»دەپمۇ ئاتالغان... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى مارالبېشىدىكى «بارچۇق» تارىخىتىكى ئىران پادىشاسىنىڭ ئوغلى «بەتزەن» قامالغان ئورۇن...

   يۇقارقىلاردىن مەلۇمكى مەزكۇر تىمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مازار ھەرگىزمۇ «ئالپ ئەرتۇڭا»نىڭ مازىرى ئەمەس.

muhammadbarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 21:44:45



ئۇنداقتا، «ئالپ ئەرتۇڭا»نىڭ قەبرىسى قەيەردە ؟

قەشقەر شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر شەرقىدە، قەشقەر شەھرىگە تۇتاش بەشكىرەم يېزىسىنىڭ 30 كىلومېتر شەرقىدە «كونا مۇرتۇم خارابىسى» دەپ ئاتالغان ئىنتايىن بىر ئۇلۇغ ئورۇن بار. ئەنە شۇ «كونا مۇرتۇم» دەل «ئالپ ئەرتۇڭا»نىڭ قەبرىسىدۇر. مۇبارەك بۇ ئۇلۇغ جاي ھازىرقى ئاققاش يېزىسىنىڭ شەرقى شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. قەشقەردە «مۇرتۇم» ۋە «كونا مۇرتۇم»دەپ ئىككى مەشھۇر ئورۇن بار. «مۇرتۇم»نىڭ ئەسلى تىل يىلتىزى «مۇر ئاتام» بولۇپ، «مۇر ئاتام» دېگەنلىك «قارا ئاتام» دېگەنلىكتۇر... «ئالپ ئەر» تارىختا «قاراخان» دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئۇنى «قارا ئاتام» نامى بىلەن ئۇلۇغلىماق ھەممىمىزگە ئايان...

akbar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-6 11:01:05

مەنمۇ بىر قىسىم ماتىرياللاردىن ئالىپ ئەرتۇڭا بوۋىمىزنىڭ قەبرىسىنى قەشقەردە بۇلۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يوقۇرى دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەندەك قىلغان .

akbar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 10:40:14

تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار دىگەن كىتابىدىمۇ ئاپتۇر ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ مازىرىنى قەشقەر شەھىرى ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىنچىلىگى يوقۇرى دەپ بىرقانچە تارىخى پاكىتلارنى قويغانلىقىنى ئوقۇغان .مىنىڭچە بولسا ئەرتۇڭا بوۋىمىزنىڭ قەبرىسى سىر بۇلۇپ قالغىنى ياخشىراق ،

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 11:49:27

12- قەۋەتتىكى muhammadbarhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئۇنداقتا، «ئالپ ئەرتۇڭا»نىڭ قەبرىسى قەيەردە ؟

قەشقەر شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر شەرقىدە، قەشقەر شەھرىگە تۇتاش بەشكىرەم يېزىسىنىڭ 30 كىلومېتر شەرقىدە «كونا مۇرتۇم خارابىسى» دەپ ئاتالغان ئىنتايىن بىر ئۇلۇغ ئورۇن بار. ئەنە شۇ «كونا مۇرتۇم» دەل «ئالپ ئەرتۇڭا»نىڭ قەبرىسىدۇر. مۇبارەك بۇ ئۇلۇغ جاي ھازىرقى ئاققاش يېزىسىنىڭ شەرقى شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. قەشقەردە «مۇرتۇم» ۋە «كونا مۇرتۇم»دەپ ئىككى مەشھۇر ئورۇن بار. «مۇرتۇم»نىڭ ئەسلى تىل يىلتىزى «مۇر ئاتام» بولۇپ، «مۇر ئاتام» دېگەنلىك «قارا ئاتام» دېگەنلىكتۇر... «ئالپ ئەر» تارىختا «قاراخان» دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئۇنى «قارا ئاتام» نامى بىلەن ئۇلۇغلىماق ھەممىمىزگە ئايان...

بۇنداق مۇھىم ھۆكۇمنى ئىسپاتلاپ، ئىلىم ئەھلىگە جاكارلاشقا بولامۇ؟
بەت: [1]
: بۇ مازار ئالپ ئەرتوڭاغا ئائىتمۇ؟