hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 08:18:19

قاتتىق ئۇيقۇ كىسىلى[تەرجىمە]

قاتتىق ئۇيقۇ كىسىلى



سۇباتنىڭ مەنىسى ئۇخلاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ نامى چوقۇم بولىدىغان نام ئۈستىگە قويۇلغان. سۇبات قاتتىق ۋە چوڭقۇر ئۇيقۇنىڭ نامىدۇر. ئۇيقۇنىڭ مۇددىتى ئۇزۇن بولىدۇ. يەنى ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى تەبىئەت ئۇيقۇدىن زىيادە ئۇزۇن بولىدۇ. ھەم بۇ ئۇيقۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. يەنى ئۇيقۇدا بىخۇتلۇق ۋە بىھۇشلۇق ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئويغۇنۇش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. مەيلى بىمار قاتتىق ئويغۇتۇلسۇن. ئۇيقۇ- ھايۋاننىڭ بۇ ھالىتىنىڭ نامىدۇر، بۇنىڭدا مېڭە سىرتقى سىزىملار ۋە ئىختىيارى ھەرىكەتلەردىن ئىش بىجىرمەيدۇ، ئۇيقۇ ھالىتىدە روھى نەپسانىي بارلىق ئەزالاردىن مېڭە تەرەپكە قايتىدۇ. ۋە ئۇ ئەزالار تەرەپكە بېرىشى توختايدۇ. لېكىن ئۇيقۇ ھالەتتە بۇ ئەزالار تەرەپكە قەتئىي بارىدۇ بەلكى ئۇ ئەزالار تەرەپكە بىر قەدەر بېرىپ تۇرىدۇ. يەنى بۇ ئىتىبار بىلەن ئۇيقۇ زىيادە ئېغىر ياكى يەڭگىل بۇلىدۇ.


)1)ماددىسىز سۇغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش: قاتتىق ئۇيقۇ بەزى مېڭىنىڭ ئۆتكۈر ماددىسىز سوغۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلۇشتىن كېىلىپ چىقىدۇ.


ئالامەتلىرى: باشقا سىرتىدىن قاتتىق سوغۇق تىگىشتىن كېيىن سۇبات پەيدا بولىدۇ. مەسلەن: سوغۇق سۇ ياكى سوغۇق ھاۋا تەككەن بولسا ياكى سىزىمسىزلاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قلغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: ئەپىيۇن، شەۋكىران. بىمارنىڭ يۈزىدە ئىسىلەڭگۈلۈك بولمايدۇ. رەڭگى كۆككە مايىل بولىدۇ. تومۇرى قاتتىقلىق تەرەپكە مايىل بولىدۇ. ئاسانلىقچە بارماق بىلەن باسقىلى بولمايدۇ. ھەمدە تومۇرىدا توختاش ئۇزۇن بولىدۇ. توختاش ئىككى ھەرىكەت يەنى قىسقىرىش -كېڭىيىش ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلىدۇ.


داۋالاش: ئىسسىق دورىلار بىلەن مىزاجنى تەڭشەش. مەسىلەن: داۋائى مىشكى ۋە مەسرۇدىتۇس يىگۈزۈش. باش ئۈستىنى ئىسسىق خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكلەر ۋە سۇزاپنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە يۇيۇش. بان مېيى، قۇستە مايلىرىغا قۇندۇز قەھرى قوشۇپ چېپىش. قۇندۇز قەھرى، ياۋا پىياز، ياۋا ئۈزۈم، ئاقىرقەرھا قاتارلىقلارنى سىركە قوشۇپ چېپىش. نۇقۇت سۈيى، ياڭاق مېيى ۋە سىركە قاتارلىقلار بىلەن توخۇلارنىڭ گۆشىنى يىگۈرۈش. سېزىمسىزلاندۇرغۇچى دورىلارنىڭ زىيانلىرىنى ئۇ نەرسىلەر بىلەن يوقۇتۇش، بۇ ھەر-بىرى ئۈچۈن مۇناسىپتۇر. بۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا سۆزلىنىدۇ.


)2) بەلغىمى ھۆللۈك: بەزىدە سۇبات كىسىلىنىڭ سەۋەبى قاتتىق سوغۇق ۋە خام ھۆللۈكلەر )مېڭىنىڭ ئالدى قىسىمى) غا توپلىنىشىدىن بولىدۇ.


ئالامەتلىرى: بىمار بېشىنىڭ ئالدى قىسىمىدا ئېغىرلىق ھىس قىلىدۇ. كۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئېغىر بولىدۇ. ئىككى قېشىدا بىئاراملىق كەيپىياتى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىدىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قويۇق سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىلىدا چاپلاشقاق ھۆللۈك توپلانغان بولىدۇ. بىمار ئومۇمەن ئۇيقۇ ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئوتتۇرسىدا بولىدۇ.


نەفيىس: بۇنىڭ ئاخىرىدىكى ئالامەتلىرىنى ئازراقمۇ دوروس كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. چۈنكى كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلەر بۇنىڭ ئەكسىچىسىدۇر.


داۋالاش: كىلىزمىلار ۋە كۇمۇلاچلار بىلەن داۋالاش، بۇنىڭ بايانى بەلغەمدىن بولغان مېڭە ۋ مېڭە پەردە ياللۇغىدا سۆزلىنىپ بولدى. مېڭىنى پاكىزلاش ئاندىن كېيىن ئۇ نەرسىلەر بىلەن بۇنىڭ بايانى ماددىسىز سوغۇقتىن مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇشتا سۆزلىنىپ بولدى، مىزاجىنى تەڭشەش.


)3) ھۆللەشكەن گازلار: بەزى سۇبات كىسەللىكىنىڭ سەۋەبى ھۆل، ناچار گازلار )بۇزۇلغان ماددا) نىڭ مېڭە تەرەپكە ئۆرلىشىدىن بولىدۇ، مۇشۇنداق گازلار بولىدۇ. خۇسۇسەن نۆۋەت يەنى تۇتقاقلىق قاتتىق تۇتقان ۋاقىت تەبىئەت ماددا تەرەپكە تولۇق يۈزلىنىپ بولغان چاغدا.


داۋالاش: قىزىتمىلارنىڭ داۋاسىنى قىلىش، گۇلاپ، گۈل مېيى ۋە سىركىنى كۆپ مىقداردا قوشۇپ مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش. چۈنكى يالغۇز مايمۇ ئۇيقۇنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئىككى پۇتىنى يۇيۇش ھەمدە مۇجۇش، قول پۇتلىرىنى باغلاش ھەمدە چۈشكۈرۈتۈش.


تاياق تىگىش ۋە سۆڭەكلەرنىڭ سۇنىشى: بەزى سۇباتنىڭ سەۋەبى چىكىگە تاياق تىگىشتىن بولىدۇ. چۈنكى چىكىدە ئىككى مۇسكۇل بولىدۇ. ئۇ مۇسكۇللار ۋە مېڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ سۆڭەكتىن باشقا بىرەر توسۇق نەرسە بولمايدۇ. بۇ مۇسكۇللار سىرتقى ئاپەت، مەسىلەن: ئۇرۇلۇش تاياق تىگىش ۋە باشقىلاردىن ئىنتايىن يىقىمسىزلىنىدۇ. مۇسكۇلنىڭ يىقىمسىزلىنىشىدىن مېڭىگە بىئاراملىق يېتىدۇ. بەزى باش سۆڭىكى سۇنۇشتىن مېڭە بېسىلىدۇ. بۇنىڭدىن مېڭە سۆڭىكىنىڭ سۇنغان سۆڭەك ئاستى يىغىلىدۇ، ۋە يىغىلىش بىلەن سەزگۈ تۇرغۇچى روھنىڭ ماڭىدىغان يولى توسىلىدۇ. روھنىڭ ھەرىكىتى، سىرتقى تەرپكە يۈرىشى قىيىنلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى سۇڭەك سۇنۇشتىن ياللۇغ پەيدا بولىدۇ. ياللۇغ يوللارنى توسىدۇ. لېكىن مۇشۇ ھالەتتە قىزىتمىمۇ بولىدۇ.


داۋالاش: تاياق تىگىش ۋە سوقۇلۇشنىڭ يەنى سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئىلاجىنى قىلىش، بۇنىڭ تەپسىلاتى كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئوپراتىسىيىدە ئىلمىدا كەلگۈسى.


)5)ئاشقازاندىكى بۇزۇلۇشلار: بەزى سۇباتنىڭ سەۋەبى گازلار ۋە بۇزۇلغان ماددا بولىدۇ. ئۇ مېڭە تەرەپكە ئۆرلەيدۇ.


ئالامەتلىرى: سۇبات كىسىلى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداش ۋە كۆز ئالدىغا ئوخشىمىغانشەكىللەرنىڭ كىلىشى بۇ كىسەلنىڭ ئالامىتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان بوش بولغان چاغدا ماددىنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن سۇبات كىسەللىكىدە يەڭگىللەش بولىدۇ.


)6)ئۆپكە ۋە كۆكرەكتىكى ئازلار: بەزى سۇباتنىڭ سەۋەبى ئۆپكە ۋە كۆكرەكتىكى ناچار گازلاردىن بولىدۇ.


ئالامەتلىرى: كۆكرەك پەردە ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى تېپىلىدۇ. مەسىلەن: نەپەس سىقىلىش، ھەرە چىشسىمان تومۇرنىڭ بولۇشى.


)7)باشقا ئەزالاردىكى ماددىلار: بەزى سۇباتنىڭ سەۋەبى باشقا ئەزالاردىكى گاز ماددىلىرىدىن بولىدۇ. مەسىلەن: ئۈچەيلەر*1، ئۈچەيلەردە قۇرت پەيدا بولۇش ھەمدە ئۈچەيلەردىن مېڭە تەرەپكە بۇخارات ۋە ماددىلار ئۆرلىگەن چاغدا، ۋە مەسىلەن: بالىياتقۇ *2، بالىياتقۇدا مەنى ياكى ھەيز قېنىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ھەمدە بالىياتقۇدىن مېڭە تەرەپكە ناچار ماددا ۋە بۇخارات ئۆرلىگەن چاغدا.


بەزى سۇبات ئۇ ئەزالارنىڭ پەقەت ئاغرىقىدىن پەيدا بولىدۇ. )بۇنىڭدا مېڭە تەرەپكە مۇشۇنداق بۇخاراتلار ئۆرلىمەيدۇ،). ئاغرىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەبدىن مېڭىدەە تارىيىش پەيدا بولىدۇ. يەنى روھنىڭ يولى توسۇلىدۇ.


ئالامەتلىرى: ئۇ ئغزالاردا ئاپەتلەر بولىدۇ. ۋە ئۇ ئەزالارنىڭ كىسەللىكلىرى سۇبات كىسەللىدىن ئىلگىرى تېپىلىدۇ.


داۋالاش: ئۇ ئەزالارنىڭ ئىلاجىنى قىلىش مېڭىنى ئۇ نەرسىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈش، بۇنىڭ قايتا-قايتا بايانى بۇلۇپ ئۆتتى.


ئويغاقلىق قوشۇلغان ئۇيقۇ كىسىلى: بەزى سۇباتنىڭ سەۋەبى ھۆل ئىسسىق بۇخاراتلار )يەنى ماددىلار) مېڭىنىڭ ئالدى قىسىم تەرىپىگە سۇبات ناملىق قان تومۇر ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىن ئۆرلەيدۇ. مېڭىنىڭ مىزاجى ئۇ خىلىتلار ۋە كىرەكسىز ماددىلارنى ئىسسىتىدۇ. بۇ مېڭىدە مەۋجۈت بولىدۇ. ھەمدە توسۇلىدۇ. بۇنىڭ نامى ئويغاقلىق قوشۇلغان ئۇيقۇ كىسىلى دەپ قويۇلغان. يەنە ئىككىنچى نامى سۇبات سەھىرىدۇر. ئۇ ناملاردا ئىككىلىسىدە چوقۇم بولىدىغان سۆزلەر تەرىپىگە يۈزلىنىش قىلىنغان.


ئالامەتلەر: بىماردا ئەقىلسىزلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى سۇس بولىدۇ. كۆزلىرى ئۇچۇق بولىدۇ. بىمار كۆزلىرىنى يۇمالمايدۇ. كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقىدۇ. يەنى كۆزلىرىدىن ياشلار ئېقىش يامان ئالامەتلەردىندۇر. چۈشكۈرۈك كۆپ بولىدۇ. ياخشى-ياماننى ئايرىماي بىماردا ناچار قىسىمدىكى ئوي-خىياللار پەيدا بۇلىدۇ، خاس ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا بىمار ئىككىنچى ۋاقىتتا ئۇخلاشقا قادىر بۇلالمايدۇ. شۇڭلاشقا بىماردا مۈگدەش بولىدۇ. ئاندىن بىمار ئويغۇنۇپ كىتىدۇ. بىمار بىقارار ۋە پەرىشان بولىدۇ. گويا ئۇ قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەندەك بۇلىدۇ. كۆكرىكى سىقىلىدۇ. يۈرەك ئۇ كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ بىمارنىڭ گېلى كۆك رەڭ يۇتۇۋالغاندەك بۇلىدۇ.


ئالامەتلىرى: ئەگەر مۇناسىپ بولسا قىيپال تومۇردىن قان ئېلىش، پاقالچاقلىرىغا لوڭقا قويۇش، سىڭىشلىك تاماقلارنى بېرىش. مەسىلەن: چۈجە، پاختەك، ئوغلاق گۆشى، قۇرۇق يۇمغاقسۈت بىلەن خۇشپۇراق قىلىپ بىرىش.


سۇبات سەھىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى: بەزى سۇباتنىڭ سەۋەبلىرى )ھۆل سوغۇق ۋە بەلغەمدىن مىزاج بۇزۇلۇشتىن بۇلىدۇ).


ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى: )قۇرۇق ئىسسىقتىن ۋە سەپرادىن مىزاج بۇزۇلۇش بۇلىدۇ،) بىرگە قوشۇلغان بولىدۇ. ھەمدە بۇ ئىككى خىلىتلاردىن مېڭىدە ياللۇغ پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە بۇنىڭ نامى سۇبات سەبرى قۇيۇلغان. سۇبات ئەرقىمۇ دېيىلىدۇ.


ساھىب جەۋامىئ ئىسكەندەر ئىبنەينى: «نەبىز» دا ئۇچۇق يازغانكى مېڭىنىڭ ياللۇغى ئىسسىقتىن بولغان سەرسام دىيىلىدۇ. )ئۇنىڭدا سەپرانىڭ بولۇشى شەرتى بىلەن) ھەم سۇغۇقتىن بولغان سەرسام بولۇشى ئۇنىڭدا بەلغەم بولۇش شەرتى بىلەن. ھەمدە ئەگەر ئۇنىڭدا سەپرا ۋە بەلغەم ئىككىلىسى بۇلغان بولسا ئۇنىڭ نامى سۇبات ئەرقى*3 دىيىلىدۇ.


ئالامىتى: بىر ۋاقىت ئۇزۇن ئۇيقۇ كىلىدۇ. ئىككىنچى ۋاقىتتا بىقارار قىلىدىغان ئۇيقۇسىزلىق بولىدۇ. بىمارنىڭ يۈزى بەزى ۋاقىتلاردا ئىسىلەڭگۈ بولىدۇ. ھەم ناھايىتى زىيادە قارىغا مايىل بولىدۇ. ھەم بەزى ۋاقىتلاردا يۈزى قىزىرىدۇ. بىمار ھەمىشە ئېغىزمان، بېلىدە ئوڭدىسىغا ياتىدۇ. بەزى بىمار سۇدىن تۇيۇقۇپ كىتىدۇ. يەنى بۇ يامان ئالامەتتۇر.


چۈنكى تۇيۇقۇش كىسەل ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان چاغدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىمار ئېغىزىدا نىمە بارلىقىنى بىلمەيدۇ. يەنى ئۇنىڭدا سۇنى يوقۇتۇملاپ ئىچىش ھاجىتى ۋە زۈرۈرىيىتىنىڭ سىزىملىرى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇنى تۇلۇق يوقۇتۇش كۈچىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى يۇتۇش ئىككى كۈچتىن ھاسىل بولىدۇ.


بىرىنچى: تەبىئىي تارتىش كۈچى. ئىككىنچى: ئىرادىگە بېقىنىدىغان چىقىرش، )بۇ ئىنساننىڭ ئىختىيارى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ) ئىرادىگە بېقىنىدىغان چىقىرىش كۈچى شۇ ۋاقىتتا بوزۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىمار سۇ ئىچكەن ۋاقىتتا نەپەس ئالىدۇ. ھەمدە ئاز مىقداردىكى سۇ نەپەس بىلەن كانايچىلارغا كىتىدۇ. بۇنىڭدىن يۆتەل كىلىپ چىقىدۇ. سۇنىڭ يۇتقۇنچاقتا قېلىپ قالغان قىسمى بۇرۇن تۈشۈكچىلىرى يوللىرىدىن نەپەسنىڭ قايتىشى بىلەن چىقىدۇ.


پەرىقلەندۈرۈپ دىئاگىنۇز قويۇش: بۇ قىسم بەلغەمىدىن بولغان مېڭە ۋە مېڭە پەردە ياللۇغىدىن بۇ قىسمىدا يۈزى بىر ھالەتتە تۇرماسلىق. ئۇيقۇسىزلىقمۇ بۇلۇش. كۆزلىرى ئۇچۇق تۇرۇش. ھەم كۆزىنى يۇمالماسلىق. ئۆتكۈر قىزىتما بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن پەرىقلەندۈرىلىدۇ. ئىسسىقتىن بولغان سەرسامدىن پەرقى-بۇنىڭدا ئۇيقۇمۇ بولىدۇ. جۆيلۈش ئاز بولىدۇ.


ھىسترىيەدىن پەرقى: ھىسترىيە بىمارلىرى مەزكۇر كىسەلگە گىرىپتار بولسا سۆزلىيەلمەيدۇ. چىرايى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆز ھارارىتىدە تۇرىدۇ.


داۋالاش: غالىپ خىلىتىنى باشتىن يوقۇتۇش ۋە ئىككى خىلىتلاردىن بۇنىڭ كۆپ بولغىنىنى مۇقەررەر قىلىش. شۇڭلاشقا ئەگەر بەلغەم غالىپ بولسا ئايارەج، غارىقون، تۇربۇت بىلەن خىلىتنى سۈرۈپ چىقىرىش. ئەگەر سەپرا غالىپ قىلغان بولسا ھېلىلە قاينىتىلمىسى، « مەجۈن خىيارشەنبەر، سوقمۇنىيا »، قاتارلىقلار بىلەن ئىچىنى سۈرۈش، تازىلاشتىن كېيىن مىزاجنى تەڭشەش، يەنى پۇرۇرۇتۇلما دورىلار سۇيۇق چېپىلما، نۇتۇل ۋە باشقىلارنى ئەھۋالغا قاراپ ئىشىلىتىش.



ئىزاھات


*1-مۇشۇنداق ھالەتتە بۇنىڭ نامى سۇبات سەھىرى قۇيۇلىدۇ. يەنى سۇبات ئەرقىمۇ دېيىلىدۇ.


*2- ساھىب جەۋامىئ ئىسكەندەر ئىبنەينى، « نەبىز »دا ئىنىق يازغانكى مېڭىنىڭ ياللۇغىنى ئىسسىقتىن بولغان سەرسام دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭدا سەپرا بولغان شەرت ئاستىدا. سوغۇقتىن بولغان سەرسام دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭدا بەلغەم بولغان شەرت.


*3-بىز نېمە ئۈچۈن بۇ كېسەلدە مېڭىدە ياللۇغمۇ بولىدۇ دەيمىز؟


چۈنكى جالنوس ئېيتقانكى ئەگەر ئىككى ماددا بىرىكىپ ئۇلاردىن مېڭىدە ياللۇغ پەيدا بولغان بولسا ئىسسىقتىن بولغان سەرسام ۋە سوغۇقتىن بولغان سەرسامنىڭ بىرىكشىىدىن مۇشۇنداق كېسەل بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككى خىلىتلار بەزىدە ئوخشاش بولىدۇ. بەزىدە بەلغەم غالىپ بولىدۇ. بۇنىڭ نامى سۇبات سەھرى بۇلىدۇ. بەزى سەپرا غالىپ بۇلىدۇ بۇنىڭ نامى سەھرى سۇباتى بۇلىدۇ. سەپرا ۋە بەلغەمنىڭ غەلبە قىلغانلىقى بىرلا ۋاقىتتا بولسا ئەگەر بەلغەم غالىپ بولسا ئۇيقۇ، ئېغىرلىق، سۇسلۇق ۋە بەلغىمى سەرسامنىڭ بارلىق ئالامەتلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر سەپرا غالىپ بولسا جۆيلۈش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىسسىقتىن بولغان سەرسامنىڭ باشقا ئالامەتلىرى غالىپ بولىدۇ.


ئىبنى سەرافىيون ئېيتقانكى: بۇ كىسەلنىڭ نامىنى بەزى كىشىلەر مۇرەككەپ ئۇنۇتقاقلىق بىلەن بىرلەشكەن مېڭە ياللۇغى دەپ قويغان، ۋە بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ نامىنى مېڭە ياللۇغى بىلەن بىرگە كەلگەن قاتما دەپ قويغان، لېكىن بىزنىڭ زامانىمىزدىكى تېۋىپلار بۇنى سۇبات سەھرى دەپ ئاتىغان. ئۇ بۇ كىسەلنىڭ ئەگەشمە كىسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئالامەتلىرى بىلەن ئېيتىلغان)نەفىيس).

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 09:43:40

يەنى ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى تەبىئەت ئۇيقۇدىن زىيادە ئۇزۇن بولىدۇ.

.........................................................................

تەبىئى ئۇيقۇدىن زىيادە ئۇزۇن بولىدۇ دىيىلەمدۇ قانداق؟

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 09:54:43

مەن بۇ ئېغىر ئۇيقۇ كېسەلىكىگە گىرىپتار بولغان ياش بىر ئىمامنىڭ موتۇسىكىلىت ھەيدەپ كىتىۋېتىپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى، يولدىن چەتنەپ يىقىلىپ چۈشسىمۇ تۇيماي ئۇخلىغانلىقىنى، باشقىلار ئويغىتىپ قويسىمۇ ئۇيقىغا تويماي بىر ھازا ئۇخلىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە يولغا راۋان بولغانلىقىنى، بىز مەزگىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 09:58:46

مەنمۇغۇ ياشقا چوڭراق بىرەيلەننىڭ قولىدا تاماقتى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇخلاپ قالىدىغىنىنى، قولى سىلكىنىپ تاماق تۆكۈلۈپ كىتەي دىگەندە دەرھال ئىسىگە كېلىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتىكەنمە، كىچىكلىك قىلىپ كۈلۈپمۇ ساپتىكەنمەن تېخى.ھەيران قالماي توۋا دىگۈلۈككەنتۇق ئەسلى.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 12:23:08

مەنمۇ مۇشۇ ساغلاملىق توغىرىسىدا كۆپ ئىزدىنىۋاتىمەن.ساقلاپ قۇياي ماۋۇ تېمىنى .راۋۇرۇس كېرەك بولغىدەك.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 16:19:45

تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىدا «تەرجىمە» دەپ يازىدىكەنسىز- يۇ، ئاخىرىدا ھېچقانداق مەنبە قالدۇرمايدىكەنسىز. بۇ ئەسەر ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ئىش، دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 20:21:00

مەنمۇ بەك ئېغىر ئۇخلايمەن. بىراق كۈندۈزى ئاساسەن ئۇخلىمايمەن. سەھەردە سائەت قانچىلىك ئۇزاق ،قانچىلىك كۈچلۈك جىرىڭلىسىمۇ تۇيماي ئۇخلايدىغان ئىشىم بار. ئىشقىلىپ ئۇيقۇم بەك ئېغىر، ناھايتى تەستە ئويغۇنىمەن.ياتاقداشلىرىمنىڭ بەك پىكىرى بار ماڭا. بۇمۇ كىسەللىكمۇ؟

قىممەتىلىك تەكىلىپىڭىزنى ئايىمىغايسىز؟

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 21:27:00

تولۇقسىزغا چىققان يىلى ئىدى. بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئاپام بىلەن سىڭلىم سىرتقا چىقىپ كەتتى.تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ يالغۇز زېرىكىپ  كىتاب ئوقۇپ قىڭغىيىپلا  ئۇخلاپ قاپتىمەن . بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام بېشىمدا ئاپام،سىڭلىم،قوشنىلار قاراپ تۇرىدۇ،ھەممىسىنىڭ چىرايى بىر قىسمىلا.ۋاي نىم بولدى؟ئاچقۇچ يوق قانداق كىردىڭلار؟دىگەچ تۇرۇپ قارىسام دېرىزىنىڭ ئەينىكىگە دەز كىتىپتۇ،سىرتتىكى ئىشىكنىڭ قۇلۇپلىرى سۆكۈك...ئاپامنىڭ دەپ بىرىشىچە شۇ چاغدا قايتىپ كىلىپ ئىشىكنى مۇشتلاپ،تىپىپ ئاچقۇزالماي،ياتاق ئۆينىڭ دېرىزىسىگە تاش ئېتىپ بېقىپتۇ،ئاخىرى بولماي ئىشىكنى تىپىپ ئېچىپ كىرىپ قارىسا ئۇخلاپ ياتقۇدەكمەن؛ۋارقىراپ،نوقۇپ،سىلكەپ ئاران ئۇيغۇتۇپتۇ.ئىشىكنى ئاچقۇزالماي مېنى گازدىن زەھەرلىنىپ قالغانمىدۇ ھەتتا ئۆلۈپ قالغانمىدۇ دەپ بەكلا ئەنسىرەپ كىتىپتۇ. ئۆزەمگە يېرىم سائەتلەر ئۇخلىغاندەك تۇيۇلغان ئەمەلىيەتتە ئۈچ سائەتتەك ئۇخلاپتىمەن. ئۇنداق ئىش ئۆمۈر تارىخىمدا شۇ بىر قېتىملا يۈز بەردى،ئۇندىن كىيىن يۈز بىرىپ باقمىدى. بۇ كېسەل دائىم كۆرۈلەرمۇ ياكى مەندەك بىرەر قېتىم قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنلەرمۇ مۇشۇ كىسەلنىڭ بىمارلىرى ھىسابلىنارمۇ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 09:40:34

ساقلاپ قوياي ماۋۇ تېمىنى .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 05:25:54

ئۇنداق دېسەڭلار مېنىڭمۇ شۇنداق ئۇخلاپ قالغان تارىخىم بار . بىرەر قېتىملىققا ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھېسابلانماس ئەمدى .  {:107:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 23:10:58

مەن ئوتتۇز نەچچە سائەت ئۇخلىماي نورمال پائالىيەت قىلىپ ئاندىن بىر يېتىپ يىگىرمە ئالتە سائەت ئۇخلاپ باققان.

ماۋۇ ئاڭلىمىغان كېسەللىككەن.
بەت: [1]
: قاتتىق ئۇيقۇ كىسىلى[تەرجىمە]