hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 08:16:15

كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش[تەرجىمە]

كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش



سدر نىڭ لۇغەت مەنسىى كۆرۈشنىڭ پاراكەندە بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىسەلنىڭ نامى «چوقۇم بولىدىغان ئالامەت» نامى بىلەن قويۇلغان. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش مۇشۇنداق ھالەتتۇركى بۇ پەيدا بۇلۇشى بىلەن ئادەم ئۆز بېشىدا قاتتىق ئېغىرلىق ھەم ئۆز كۆزلىرىنىڭ قاراڭغۇلاشقانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. بەزىدە قۇلاقلىرىغا ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. بەزى مېڭىدە قاتتىق سوغۇق ۋە سىزىمسىزلىق بۇلغان ھالەتتە بىمارنىڭ ئەقلىمۇ كېمىيىدۇ. مۇشۇنداق سىزىمسىزلىق بۇلدىغان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش *1 بولىدۇ. تاياق تېگىشتىن بولغان توسالغۇدا ئەقىلسىزلىق پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى مېڭە ئەزىيەتنىڭ سەۋەبىدىن ئۆز ھەرىكەتلىرىدىن پەرىشان بولىدۇ. ئۆز-ئۆزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلىرىدىن توختايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسان سىزىمسىز ۋە ھەرىكەتسىزمۇ بولۇپ قالىدۇ.


جالىنوس: كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش بىلەن باش قېيىش كىسىلىنى ئازراقمۇ پەرىقلەندۈمىگەن.


رازى باش قېيىش ئىنسان ئۆز ئەتراپىدىكى نەرسىلەر چۆرگىلەۋاتقاندەك كۆرىدىغان ھالەتتۇر. ھەمدە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش باش قېيىشدىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. باش قېيىش ئۆتكۈرلۈشۈپ شۇ قەدەر يۇقىرىقى پەللىگە يىتىپ بارغاندا بىمار يىقىلىپ چۈشىدۇ دەپ ئېيتقان.


ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا بۇ قاراشنى ئېيىتقانكى «كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش بىر ھالەتتۇركى ئىنسان ئۆرە بولغان ھامان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدۇ ۋە يىقىلىپ چۈشىدۇ، بۇ باش قېيىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ».


سەۋەبلىرى: كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشنىڭ سەۋەبى مېڭىنىڭ سەزگۈسى ۋە مېڭە كۈچىنىڭ مېڭە بوشلۇقى، قان تومۇرلىرى ۋە ماددىنىڭ ئۆتۈش يوللىرىدا ئۆزىنىڭ تەبئىي ھەرىكىتىدىن توختايدۇ. ئۇنىڭدىن مېڭە سوغۇق ۋە سېزىمسىز بولىدۇ. مۇشۇنىڭدەك باشقا ئەزالارنى باغلاش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ھالەتتە مېڭىنىڭ سەزگۈسىنىڭ كىلىشى توختاش سەۋەبىدىن سىزىمسىزلىق پەيدا بولىدۇ.


سىزىمسىزلىق بولىدىغان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش: مېڭىدىكى نىرۋا خاراكتىرلىك سىزىملەرنىڭ يۈزلىنىشىنىڭ توختاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى بەزىدە سوغۇق، قۇيۇق خىلىتلار بولىدۇ. بۇ مىقداردا ناھايىتى ئاز بۇلىدۇ. ھەمدە روھنىڭ بەزى يوللىرىنى توسۇپ قويىدۇ. سوغۇق، قۇيۇق خىلىتلارنىڭ مىقدارى ئەگەر كۆپ بولسا سەكتە پەيداقىلىدۇ.


ئەگەر بۇ خىلىتلار سۇيۇق بولسا ۋە ئۇنىڭدا يەنى روھلاردا ھەرىكەتلەر پەيدا بولغان بولسا باش قېيىش پەيدا بولىدۇ. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدىغان بۇ خاس قىسىمنىڭ نامى سىزىمسىزلىق بولىدىغان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشتۇر. چۈنكى بۇنىڭدا سېزىمسىزلىق بولىدۇ.


رازى ئېيتقانكى «جالنوس كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش سوغۇق خىلىتلاردىن بولۇدىغانلىقىنى ھەرگىز ئېيتمىغان» ھەمدە بۇنىڭدا ئۇنىڭدىن باشقا ئازراقمۇ بايان قىلىنمىغانكى « كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش باشنىڭ گازسىمان يەللىرىدىن پەيدا بولىدۇ. باش ئاپتاپ، ئوت ياكى يوتقان ۋە باشقىلار بىلەن ئىسسىغان چاغدا» لېكىن تىۋىپلەر بۇ جايدىن بۇنىمۇ چۈشىنىپ ئالىدۇكى «كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش باشتىكى سوغۇق خىلىتلاردىنمۇ پەيدا بولىدۇ» بۇ مېڭىدە ئىسسىش بولغان ۋاقىتتا گازلار شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ.


ئالامەتلەر: باشتا سوغۇق ۋە قويۇق خىلىتلار توپلانغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى باش ئايلىنىش ۋە باش ئاغرىقىدا مەزكۇردۇر.


داۋالاش: تەدرىجىي كۈچلۈك كىلىزمىلار بىلەن دەسلەپتە بەدەننى پاكىزلاش تاكى تەدرىجىي كۈچلەر يوقىلىپ بىھۇشلۇق پەيدا بولمىسۇن، ئاندىن كېيىن ئايارەجلەر، غەر-غەرىلەر، چۈشكۈرۈك كەلتۈرگۈچى دورىلار، پۇرۇتۇلما دورىلار، بۇرنىغا تېمىتىلىدىغان دورىلار ھەمدەئىسسىق ئۆتكۈزۈشلەر ھەممىسى بەلغەنمدىن بولغان مېڭە ۋە مېڭە پەردە ياللۇغىدا سۆزلەنگەن. مېڭىنى پاكىزلاش.


تاياق تىگىشتىن بولغان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش: بەزى سىزىش كۈچىنىڭ تەبىئىي يۆنىلىشىدىن توختىشىنىڭ سەۋەبى باش ئۈستىگە بىرەر نەرسە چۈشۈش ياكى باش ئۈستىگە زەپەر تېگىشتىن بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش پەيدا بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن مېڭە پەردىلىرىگە يېقىمسىزلىق يېتىدۇ. ياكى ئۇنىڭ سەۋەبى، ماددىلارنىڭ يۈزلىنىشىدىن ياللۇغلۇنۇش بۇلۇشتىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن نەپسانىي كۈچلەر ئۆزىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلىرى ۋە ئەسلدىكى يۈزلىنىشىدىن توختايدۇ. بۇ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشنىڭ نامى تاياق تىگىشتىن بولغان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشدۇر.


داۋالاش: قان ئېلىش تاكى ماددا ئىككىنچى تەرەپكە مايىللاشسۇن. باشنى ئىسسىق گۈل مېيىغا غەرىق قىلىش بۇ ئۇسۇلنى باشنى غەرىق قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. موم ۋە ياغلاردىن زىماد تەييارلاپ باشقا چېپىش. باشنى ئاپتاپ ۋە چاڭ توزاندىن ساقلاش، تاكى چۈشكۈرۈك كەلمىسۇن، شۇنىڭ ئۈچۈنكى چۈشكۈرۈك بۇ ھالەتتە بىھۇشلۇق پەيدا قىلىدۇ.


ئالاھەزەل ئەگەر مېڭە ئاجىز بولسا ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇلغان باش ئاغرىقى پەيدا بولۇشتىنمۇ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش پەيدا بولىدۇ، چۈنكى مېڭىنىڭ قاتتىق پەردىلىرىدە قاتتىق ئاغرىق بولىدۇ. مۇشۇنىڭدەك ئۇرۇلۇش ۋە تاياق تىگىشتىنمۇ پەيدا بولىدۇ.


داۋالاش: بۇ باش ئاغرىقىنىڭ خاس قىسىمىدىكى چارىلەر بىلەن داۋالاش.


پەرىقلەندۈرۈپ دىئاگىنۇز قويۇش: كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش تۇتقاقلىق كىسەل بىلەن بىمارنىڭ يىقىلىپ چۈشىشى ۋە مېڭىنىڭ ئىختىيارى پائالىيەتلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئوخشاش بۇلىدۇ.


بىرىنچى پەرقى: كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشتا تەشەننۇج، بەدەندە تارتىشىش، پەرىشانلىقلىق ھەرىكەتلىرى بولمايدۇ. )مۇشۇنداق تۇتقاقلىق كىسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ) چۈنكى كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشنىڭ سەۋەبى تۇتقاقلىق كىسەلنىڭكىگە قارىغاندا ئاجىزراقتۇر.


ئىككىنچى پەرقى: كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش باش قېيىشتىن كېيىن بولىدۇ. سەرئى تۇيۇقسىزلا بۇلىدۇ. ھەمدە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشتا ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقمايدۇ، خاخىرغان ئاۋاز بولمايدۇ.



ئەمەلىي داۋالاش



بۇ كىسەلنى ئەمەلىي داۋالاش باش قېيىشنى داۋالاشتىن كۆرۈلسۇن.



ئىزاھات



*1-سىزىمسىزلىق بۇلدىغان كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش-بۇ سوغۇق ۋە قويۇق خىلىتتىن پەيدا بۇلىدۇ.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 12:26:28

ئىنسان ئىزدىنىشنىڭ مەركىزى ساغلاملىقتۇر. ساغلام بولغاندىلا مۇۋەپپەقيەت قازانغىلى بولىدۇ.مەنمۇمۇشۇ ساغلاملىق ،تىبابەت ،ئوزۇقلۇق توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى. تېما ئىگىسى ،ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.
بەت: [1]
: كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش[تەرجىمە]