ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 17:42:24

ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ؟

ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ؟







شەيخ مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇف

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى









Shayx Muhammad Sodiq Muhammad Yusuf




«ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» دەب ئاتالمىش شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە كەڭ مىقياسدا مۇھاكىمە قىلىش باشلاندى. بۇ رۇبائىيلار دۇنيانىڭ كۆپلەپ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ھەممە جايلاردا ئوقۇش باشلاندى. ئۇ رۇبائىيلارغا مەشھۇر بەستەكارلار كۈي بەستەلەب، خانەندەلەر ناخشا قىلىب ئېيتىشتى. مەزكۇر رۇبائىيلارنىڭ ئادەملەرنى ئۆزىگە رام قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى: بۇ رۇبائىيلاردا مەيخورلۇقنىڭ مەدھىيەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ھاياتلىقتا ئىلاجى بارىچە لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ بارەدە ھېچ كىمگە، ھېچ نەرسىگە ئېتىبار بەرمەسلىك كەبى نەرسىلەر ئىدى.

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خەلق ئاممىسىغا كاتتا تەسىر قىلىشى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – ئىنسانلارنىڭ مەنەۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت. دەرھەقىقەت، ئەدەبىيات كىشىلەردە يۇكسەك ئىنسانىي قەدىرىيەتلەر، ئەخلاق-ئەدەب، ياخشى سۈپەتلەرنى شەكىللەندۇرۈش، بارلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كەبى ئېزگۇ نىيەت ۋە ئىشلارغا خىزمەت قىلمىقى دەركار. ئىسلامىي ئەدەبىيات ئەينەن ئەنە شۇ مەقسەدلەرگە خىزمەت قىلىش بىلەن باشقىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ھەممە ساھەلەردە بۇزغۇنچىلىك بولغاندەك، بەزى ئىنسانلار ئەدەبىياتتىن مەزكۇر ئالىي قەدىرىيەتلەرگە ئېرىشىش يولىدا ئەمەس، بەلكى ئەدەبسىزلىك، ناچار ئىشلار، دەھرىيلىك ۋەھاكازالەرگە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇب، بۇزغۇنچىلىك قىلغانلەر ۋە قىلماقتىلەر.

مۇسۇلمان دۇنياسى ئۆزىنىڭ بۈيۈك شائىرلىرى بىلەن ھەم مەشھۇردۇر. ئادەتتە، مەزكۇر شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇكسەك مەنەۋىي ئەسەرلىرى بىلەن نام قازانغانلەر. دۇنيادا مۇسۇلمان شائىرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا، ھىكمەتكە باي، ئىنساننى يۇكسەك ئەخلاقىي ۋە مەنەۋىي چوققىلارغا باشلىغۇچى شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە سۆزلەشنى ھەممە چۈشىنىشىدۇ.

ئەمما، بەزى ھاللاردا ئەدەبىي دۇنيادا ئىسلامىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بۇزۇلدى.

ھەممە «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» دەپ ئاتالمىش شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە كەڭ مىقياسدا مۇھاكىمە قىلىش باشلاندى. بۇ رۇبائىيلار دۇنيانىڭ كۆپلەب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ھەممە جايلاردا ئوقۇش باشلاندى. ئۇ رۇبائىيلەرگە مەشھۇر بەستەكارلار كۈي بەستەلەب، خانەندەلەر ناخشا قىلىب ئېيتىشتى. مەزكۇر رۇبائىيلارنىڭ ئادەملەرنى ئۆزىگە رام قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى: بۇ رۇبائىيلاردا مەيخورلۇقنىڭ مەدھىيەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ھاياتلىقتا ئىلاجى بارىچە لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ بارەدە ھېچ كىمگە، ھېچ نەرسىگە ئېتىبار بەرمەسلىك كەبى نەرسىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ رۇبائىيلاردا كۇفر، دەھرىيلىك ۋە بىر قانچە بۇزۇق مەزھەبلەر مەفكۇرەسى ھەم ئۆز ئورنىنى ئالغان ئىدى. مەزكۇر مەفكۇرەگە بېرىلگەن ۋە ئەيشۇ-ئىشرەت، مەيخورلۇققا مايىل كىشىلەر ئۆمەر ھەييامدەك «كاتتا ئۇستاز» تاپقانلىرىدىن خۇرسەن بولۇب، ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ئۆز مەقسەدلىرى يولىدا ئىشلىتىشەر ئىدى. بۇ بىئەدەبلىككە قارشىلەر بولسا، ئۆمەر ھەييامنى «كافىر، دەھرىي، باتىنىي، شەرىئەتنى ئاياق ئاستى قىلغۇچى» دەب فەتىۋا چىقىرىشار ئىدى. ئۈچىنچى بىر تائىفە بولسا، «ئۆمەر ھەييامدەك ئادەمنى بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ سوفىيلىق مەزھەبىدە ئىكەن، يازغان شېئىرلىرى رەمزىي، بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارگەرلىك كىرەك» دېيىشەر ئىدى. ئەمما بۇ پىكىرگە ھېچكىم ئېتىبار بەرمەس، ھەممە ئىسلام دىنى بەلگىلىگەن چىگرادىن چىققان شائىر تېپىۋالغىنىدىن خۇرسەن بولۇب، ئۇنى كۆكلەرگە كۆتۈرۈب ماختاش بىلەن بىرگە، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى» دەب ناملانغان ئەسەرلەرنى كەڭ تارقىتىشقا، ئۇلاردىكى چاقىرىقلارغا ئەمەل قىلىشقا ئاشىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلامىي ئەدەب-ئەخلاق دائىرىلىرى پارچىلىنىب بارار ئىدى.

«رۇبائىيات» ئەسكى سوۋېت ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ھەم كەڭ تەرغىب قىلىندى. قايتا-قايتا چاپ ئېتىلدى. چۈنكى، بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى ئەڭ ھاراقخور جەمئىيەت ئىدى. رۇبائىيلاردىكى مەيخورلۇق ماۋزۇسى ئۇلارغا بەك ياقاتتى. شۇنداق قىلىپ، ھاراقخور جەمئىيەتنىڭ، ئەڭ ھاراقخور شائىرلىرى «ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى» دەب ئاتالمىش ئەسەرلەرنى تۈرلۈك تىللارغا، جۇملىدىن، ئۆزبەك تىلىغا ھەم تەرجىمە قىلىشتى. ھېچكىم بۇ رۇبائىيلار ھەققىدە جىددىي ئويلىماس، ئىلمىي ئاساستا بەھس قىلىشنى خىيالىغا ھەم كەلتۈرمەس ئىدى.

ئەمما، ۋاقتى كېلىپ ئەنە شۇنداق ئىنسان ھەم تېپىلدى. بۇ ئىنسان بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەندىشىمىز، ئەللامە ئەبۇ نەسر مۇبەششىر تەرازىي ئىدى. ئۇ كىشى بىرىنچى بولۇب « بۇ ‹رۇبائىيات› – ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەس، بەلكى باشقىلار تامانىدىن توقۇلۇپ، ئۇ كىشىگە نىسبەت بېرىلگەن» دەب چىقتى ۋە بۇ پىكىرنى «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەتى ئۆمەرۇل ھەييام»، يەنى: «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن پەردەنى ئېچىش» ناملىق ئەرەب تىلىدا يېزىلغان كىتابلىرىدا ئىلمىي ئاساستا بايان قىلىب بەردى. ئەللامە تەرازىي بۇ كىتابىنى ھىجىرىيە 1375-يىلى جامادىيەل-ئاخىرنىڭ 13-كۈنى، مىلادىيە 1956-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (پەيشەنبە كۈنى) يېزىپ پۈتتۈرگەن ئىدى.

ئۇ كىشى ئۆمەر ھەييام ھەققىدە، ئەۋۋەل ئېيتىلغان پىكىرلەرگە ئېتىبار بەرمەي، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىنى ئەۋۋەل باشتىن، ئاساسىي ۋە ھەقىقىي مەنبەلەردىن ئۆگىنىپ چىقىپ، ئۆمەر ھەييامنى مەشھۇر قىلغان رۇبائىيلار ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

ئەبۇل فەتھ غىياسىددىن ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم ھەييام نىشاپۇرىي بىلەن ئەسرداش، ساۋاقداش بولغان ۋە ئۇندىن كېيىن ياشىغان بارچە تارىخچى ۋە ئالىملارنىڭ، جۇملىدىن، ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ھەسەن ئەھمەد ئىبن ئۆمەر ئىبن ئەلى ئەن- نىزامىي ئەل-ئەرۇزىي سەمەرقەندىي ئۆزىنىڭ «چاھار مەقالە»، شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبن مەھمۇد شەھرزۇرىي «نەزھەتۇل ئەرۋاھ ۋە رەۋزەتۇل ئەفراھ» ئەسەرىدە، زەھرىددىن بەيھەقىي «ھۇكامائۇل ئىسلام» كىتابىدا يېزىپ قالدۇرۇشلىرىچە، ئۇ كىشىنىڭ تەقۋا بىلەن ياشاپ، ئاقىۋىتى ياخشى ھايات ئۆتكەزگەنلىكى، ئۇلۇغ ۋە مۆتەۋەر بىر ئىنسان ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۆمەر ھەييام كاتتا ئىلىم ئىگىسى، فەلەكىيات، رىيازىيات، تىب كەبى ئىلىملەردە ئۆز زامانىسىنىڭ پىشقەدەمى بولغان.

مەشھۇر ئىنگلىز تارىخچىسى گىبان ۋە نېمىس ئالىمى كەرل براكەلمەنلەر ئۆمەر ھەييام تۈزگەن تەقۋىم-كالىندار ھازىرقى ئەمەلدىكى «گىئەرگىي كالىندارى»دىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقان. شۇنىڭدەك، باشقا ئىلىملەردە ھەم ئۆمەر ھەييام نادىر ئەسەرلەر ياراتقان.

«كەشفۇل لىسام» كىتابىنىڭ مۇئەللىفى ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرى يۇقارىدە زىكر ئېتىلگەن دەلىللەرنى ئۆز كىتابىدا ئېنىق ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئۇ كىشى شۇ بىلەن بىرگە، ئۆمەر ھەييام ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭغا ئەسرداش كېيىنكى ۋاقىتتا ياشىغان ئالىملەردىن بىرەرسى ئۇنىڭ شائىر بولغانلىقى، رۇبائىيلەر يازغانلىقىنى زىكر قىلىشمىغىنىنى ھەم، مەزكۇر نامەلۇم «رۇبائىيات» ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ئەللامە تەرازىينىڭ پىكرىچە، ئۆمەر ھەييام بوش ۋاقىتلىرىدا كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن شېئىر مەشق قىلىپ كۆرگەن بولۇشى مۈمكىن، لېكىن ئاساسىي ئىشى شائىرلىق بولمىغان.

تەرازىي ھەزرەتلەرى مەزكۇر رۇبائىيات ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىگە يەنە باشقا دەلىللەرنىمۇ كەلتۈرىدۇ. ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن بولغان، پادىشاھلار، ئەمىرلەر، ئۆلەمالەر، فازىللار بىلەن دائىما بىرگە بولغان، ئەگەر ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىۋاتقان رۇبائىيلارغا ئوخشاش بىرەر نەرسە يازغان بولسا، دەرھال ھەممىگە مەشھۇر بولار ئىدى. ئىسلامغا غەيرەتلىك كىشىلەر بولسا، بۇنى ئېتىبارسىز قالدۇرماستىن، رەددىيە بېرەر ئېدى. ھالبۇكى، ئەرۇزىي سەمەرقەندىي، ئەللامەئىي زەمەخشەرىي، قازى نەسەۋىي، ئىمام ئەبۇ ھەسەن ئەل-غەززالىي ۋە خۇسۇسەن، ھۇججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي كەبى كىشىلەر ئىسلامغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر بىر پىكىرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىشلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇلار ئۆمەر ھەييام بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ۋە ئۇ كىشى ھەققىدە پەقەت ياخشى گەپلەرنى ئېيتىشقان.

ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرى ئۆمەر ھەييامنىڭ پاكلىغىنى، «رۇبائىيات» ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن يەنە بىر كۈچلۈك دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئۆمەر ھەييامنىڭ ھەقىقىي پىكرى، پەلسەپەسى ۋە ئېيتقان گەپلىرىنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن كەلتۈرۈپ، ئۇلار رۇبائىيلاردا كەلگەن پىكىرگە تامامەن زىت، بەلكى ساپ ئىسلامىي پىكىرلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ.

تەبىئىيكى، «ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىپ ئۆمەر ھەييام شائىر سۈپىتىدە تونۇلۇپ، رۇبائىياتى پۇتۇن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەتكەن؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ. بۇ سۇئالغا ئەللامە تەرازىي ئۆز كىتابىدا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ يېزىشلىرىچە، ئۆمەر ھەييام ھەققىدە بىرىنچى بولۇپ ئىنگلىز ئالىمى، ئوكسفورد دارۇلفۇنۇنىنىڭ ئۇستازى تەمىس گەيد مىلادى 1700-يىلى، كېيىنرەك فەن گەمىر بىرگىستىل ۋە مىمى نىكەلەسلەر يازىدۇ.

1856-يىلى ئىنگلىز شائىرى ئىدۋارد فىتس جەرەلد يەتمىشچە رۇبائىينى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئامىللار سەۋەبلىك، ھەممىگە مەشھۇر بولۇپ كەتتى. جەرەلد بۇ تەرجىمە ھەققىدە ئۆز ئۇستازى گاۋلغا يازغان مەكتۇبىدا، «مەن بۇ رۇبائىيلارنى ئۆز ئەسلىدەك تەرجىمە قىلمىدىم، بەزى جۇزئىياتلىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتىم»، دەب تەكىتلىگەنلىكىنى ھەم ئەللامە تەرازىي دەلىل كەلتۈرىدۇ. بۇ تەرجىمىگە غەربتە شۇنداق ئەھمىيەت بېرىلدىكى، ئۇ بارچە يۇرتلاردا قايتا-قايتا چاپ ئېتىلدى. ئۇ رۇبائىياتنىڭ ئەسلى دەپ قوبۇل قىلىندى. سۆڭرە ئەرەب، ئۇردۇ، تۈرك ۋە باشقا شەرق تىللىرىغا ھەم ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى.

غەربتە «ئۆمەر ھەييام كۇلۇبلىرى» تۈزۈلدى. رۇبائىي ئوقۇپ، مەي ئىچىش يولغا قويۇلدى. تەرجىمان جەرەلد ۋاپات ئەتكىنىدە، ئۆمەر ھەييام قەبرىسى ئۇستىدە ئۆسىۋاتقان گۈلدىن كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە تىكىشتى ۋە قەبرە تېشىغا مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى يېزىشتى. غەربنىڭ شەرقتىكى دۇملەرى بۇ بارەدە ئۆز ئۇستازلىرىدىن ھەم ئۆتۈپ كېتىشتى. بۇ «رۇبائىيلار» دىنسىزلىك، ھاراقخورلۇق، فاھىشە قاتارلىق ئىشلارنىڭ شۇئارى بولۇپ قالدى.

«كەشفۇل لىسام» كىتابى مۇئەللىفىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئادەملەرنى، خۇسۇسەن، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەربتە ئويلاپ چىقىلغان ئويۇن ئىدى. ئەگەر غەربلىكلەر ھەقىقەتتە، غەرەزسىز رەۋىشتە شەرق شېئىرىيىتى بىلەن تونۇشماقچى بولسا، نىمە ئۇچۇن فىردەۋسىي، فەرىدىددىن ئەتتار، ھافىز شەرازىي ۋە باشقا شەرق-فارس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ نەمايەندىلىرىنىڭ ئىجادىگە قىزىقمايدىلەر؟ ئەينەن، ئەسلىنىڭ تايىنى يوق رۇبائىيلەرنى تېپىپ، ئۆمەر ھەييامدەك مۆتەۋەر ئىنسانغا نىسبەت بېرىب، سۆڭرە ئۇنى تەشۋىقات قىلىدىلەر؟.

ئۆمەر ھەييام ئۇلارغا نىمە ئۇچۇن كىرەك بولۇپ قالدى؟

مەلۇمكى، غەربلىك شەرقشۇناسلار ئىسلامغا زەربە بېرىش ئۇچۇن ھەر بىر قولاي پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدىلەر. ئۇلار ئۆمەر ھەييامدەك ئېنىق پەنلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى، ئۆزى مۇسۇلمان سانالسا ھەم، ئىسلامغا، ئۇنىڭ ئەقىدەلىرىگە قارشى چىققان، دېيىش ئۇچۇن شۇنداق قىلغانلەر. ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاش قارىغۇلارچە ئىتىقاد قىلمىغىنى ئۇچۇن، ئىلىم ساھىبى بولغىنىدىن شۇنداق قىلغان، دەپ كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلەر، ھەمدە ئىسلامغا ئىلىمسىز، ساۋاتسىز كىشىلەرلا ئىشىنىدۇ، دىگەن پىكىرنى شۇ يول بىلەن ئالغا سۈرۈشكەن. شۇنىڭ ئۇچۇن ھەم ھەييامنى ئۇلۇغ ئالىم دېيىشكەنۇ، ئىلمىي ئەسەرلىرىنى چاپ ئەتمەستىن، ئۇنىڭغا يالغاندىن نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلارنى بولسا راۋاجلاندۇرغانلەر، ھەتتا بىلىم يۇرتلىرىدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشكەن. بۇ ھەم ئىسلامغا قارشى كۆرەشنىڭ ئەڭ مەككارانە ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. «غەربلىكلەر مەزكۇر رۇبائىيلارنى قەيەردىن ئېلىشتى؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئەللامە تەرازىي كۆپلەپ مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. ئەۋۋەلا، رۇبائىيلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر يوقلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى ئون بىر دىگەندىن تارتىپ، تا بىر مىڭ ئىككى يۈز ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، دىگەن سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ دەلىل كەلتۈرىدۇ.

سۆڭرە ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم نىيسەبۇرىيگە(نىشاپۇرىيگە) زامانداش ۋە ئۇ كىشىنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىقتىباسلار كەلتۈرۈپ، ئۆمەر ھەييام ئەسلىدە «ئۆمەر ھەيامىي» ئىكەنلىكى، «ھەييام» بولسا، ئەلائۇددىن ئەلى ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن ھەلاف ئەل-خۇراسانىي ناملىق فارس شائىرىنىڭ لەقەبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. خۇددى شۇ جايدا ئالماشتۇرۇش بولغان بولسا كىرەك، دەيدۇ. ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرىدە باتىنىيلەرگە قارشى قاتتىق كۆرەش ئېلىب بارغان ھۆكۈمدار نىزامۇل مۇلكنىڭ يېقىن دوستى ئىدى. ئۇشبۇ ئىتىباردىن باتىنىيلەر ئۇندىن ئۆچ ئېلىش مەقسەدىدە تۈرلۈك رۇبائىيلەرنى يېزىب، ئۆمەر نىيسەبۇرىيگە نىسبەت بەرگەن بولۇشلىرى ھەم مۇمكىن، دەيدۇ.

بۇ پىكىرنىڭ دەلىلى سىۈپىتىدە، رۇبائىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوليازمىسىنى نەشر قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرى تەن ئېلىشلىرىچە، ئۆمەر ھەييامنىڭ ۋاپاتىدىن سوڭ ئۇچ يۈز ئەللىك يىل كېيىن يېزىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

دىمەك، غەربلىك شەرقشۇناسلار، سىياسەتنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى سۈپىتىدە مەدەنىي مۇستەملىكە بابىدا، ئەسلىنىڭ تايىنى يوق رۇبائىيلارنى ئېلىپ، ئۆمەر ھەييامغا نىسبەت بېرىب كىشىلەرنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، فىسقۇ-فەساتقا باشلاشقا ئۇرۇنغانلەر. ھازىرقى كۇندە برىتانىيە كۇتۇبخانىسى مۇزىيىدا جەرەلد تەرجىمەسىنىڭ 153 خىل چاپ ئېتىلگەن نۇسخىلىرىنىڭ قويۇلغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرىنىڭ «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەت ئۆمەرۇل ھەييام» كىتابىنى يېزىپ چىقىشى ئاشۇ دەۋردىكى جامائەتچىلىك پىكرى، ئالىم ۋە شائىرلار، تارىخچىلار، شەرقشۇناسلار، شۇنداقلا، مەدەنىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كاتتا ئىنقىلاب ئىدى.

مۇئەللىفنىڭ ئوغۇللىرىدىن دوكتور ئەبدۇللاھ مۇبەششىر تەرازىينىڭ ئېيتىشلىرىچە، ئاتىسى بۇ كىتابنى يېزىشتىن ئالدىن قاھىرەدىكى ئىلمىي ئەنجۇمەنلەردىن بىرىدە خۇددى شۇ مەۋزۇدا مەرۇزە قىلغان. ئۇ كىشى گەپلىرىنى تۇگەتگەندە، ھەممە جىم تۇرىۋەرگەن. چۈنكى، مەرۇزەچىنى قوللايلى دىسە، ئۇ ھازىرغىچە بولغان گەپلەرگە پۇتۇنلەي قارشى گەپلەرنى ئېيتتى. تەنقىد قىلايلى دىسە، ھۇججەتلىرى شۇنچىلىك كۇچلۈككى، ئۇنىڭغا قارشى ئېغىز ئېچىپ بولمايتى. پەقەت باشقا يەردە قىلىنغان ئىككىنچى مەرۇزەدىن كېيىنلا، ئەللامە تەرازىينى قوللاشقا باشلىغان ۋە ئۇ كىشىدىن بۇ بارەدە كىتاب يېزىشنى ئىلتىماس قىلىشقان.

ئەللامە تەرازىي كىتابىنىڭ نەشر ئېتىلىشى ئىسلام ئالەمى مەدەنىي ھاياتىدا كاتتا ۋەقەگە ئايلاندى. كۆپچىلىك ئۇ كىشىنى قوللاپ كىتابلەر، ماقالىلەر يازدى. ئىرانلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى ئالىم ئەلى دەشتىي، ئۇستاز سەئىد ئەل-ئەمۇدىي، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي، ئۇستاز ئەبدۇللەتىف ئەل-جەۋھەرىي ۋە باشقىلار شۇلار جۇملىسىدىندۇر.

بەزى ئالىملەر ئەللامە تەرازىينىڭ «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەت ئۆمەرۇل ھەييام» كىتابىنى يېڭى ئەسىردىكى ئىسلامىي ئويغىنىشقا سەۋەب بولغان ئوتتۇز كىتابنىڭ بىرى، دەب ھىسابلايدۇ.

ئىلمىي تەجرىبەلەر ھەم ئەللامە تەرازىينى قوللاب چىقتى. قاھىرەدە چىقىدىغان «ئەل-ئەھرام» روزنامەسى ئۆزىنىڭ 1978-يىلى 6-دىكابىر سانىدا: «لوندوندىكى ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى قوليازمىسى ساختا ئىكەن» دىگەن خەۋەرنى باستى. خەۋەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنىدۇ: «ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر لوندوندىكى كەمبرىدج دارۇلفۇنۇنىدا ساقلىنىۋاتقان ‹ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى› دېيىلگەن قوليازمىلار ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قوليازمىلەر 1200-يىلى يېزىلغان، دەب ئىلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بىرى ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئاساس بولغان ئىدى. ئەمدى بولسا، پەقەت يۈز يىل ئەۋۋەل يېزىلغانلىقى مەلۇم بولدى. كەمبرىدج دارۇلفۇنۇنى بۇ قوليازمىلارنى ئۇلارنى ئىراندىن تاپقان مەرھۇم ئۇستاز ئارتۇر ئەربارتىستىن سېتىۋالغان ئىدى».

ئىھتىمال، ئۇشبۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ھەم ئەللامە تەرازىينىڭ كىتابى سەۋەب بولغاندۇر. شۇ جايدا «ھەر بىر نەرسىدە ئېنىقلىق بولۇشىنى دەۋا قىلىدىغان غەربلىكلەر، ئۇشبۇ رۇبائىياتنى نەشر قىلىپ، شاۋ-شۇۋ كۆتىرىشتىن ئالدىن تەكشۈرۈشسە بولماسمىدى؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولار. ياق. ئۇلار ئېنىقلىقنىڭ پەقەت ئۆز پايدىلىرىغا بولۇشىنى خالايدۇ.

جۇكاۋسكىي باشلىق رۇس شەرقشۇناسلىرى، كېيىنرەك سوۋېت شەرقشۇناسلىرى، شائىرلىرى ھەم ئۇشبۇ يالغانغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ ھەسسىلىرىنى قوشقانلەر. لېكىن يالغان پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئادەتلىرىچە، ئۇنى ئىتىراپ ئەتكەنلىرى، خەلققە ھەقىقەتنى يەتكەزگەنلىرى يوق. شۇنىڭدەك، تۇركىستاندا، خۇسۇسەن، ئۆزبەكىستاندا ھەم قايتا-قايتا، رەڭلىك بىزەكلەر بىلەن چاپ ئېتىلگەن، قوشاق قىلىب كۈيلەنگەن بۇ يالغان رۇبائىيلار ئۇچۇن خەلقتىن ئۆزرە سوراش، ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ۋاقتى كەلمىدىمىكىن؟

ئىلىم ئامانەت نەرسە، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماسلىق زۆرۇر.



★★★★★

http://ketmenbay.blogbus.com/logs/173464543.html

★★★★★

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 15:26:35

ياخشى ماقالە بوپتۇ . كاللام ئېچىلدى . يەنىمۇ مۇكەممەلرەك بولغان بولسا بوپتىكەن . دىمەكچى بولغىنىم تىخىمۇ تەپىسىلى .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 18:37:44

مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ ماقالىسى ئىكەن، ئۆزبەكچىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىغاندەكلا تۇردىغۇ؟!!!

ئەسكى سوۋېت ئىمپىرىيەسى...باشقىلار تامانىدىن توقۇلۇپ، ...



سۈيقەستچى شەرقشۇناسلارنىڭ ئۆمەر ھەييام نامىدا توقۇپ چىققان رۇبائىيلىرىنى مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقاتقان ئىكەن. شەرقشۇناسلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناش دېگەن ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ فىرانسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ناملىق رومانىدا نەسىردىن ئەپەندىنى 007 فىلىملىرىدىكى قەھرىمانلاردەك كېچىلىرى گۈزەل نازىنىنلار بىلەن ئىشرەت پەيزىنى سۈرىدىغان، كۈندۈزلىرى كوچىلارغا چىقىپ ئەمەلدار، بايلارغا قارشى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يەپ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى دېگەندەك بايانلار بار ئىكەن، ئۇندىن باشقا يېقىندا ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان ‹‹سەمەرقەنت››› دېگەن كىتابنىڭ شەرقشۇناس يازغۇچىنىڭ قولىدىن چىقىپ ئۆمەر ھەييامنى داۋاملىق مەس يۈرۈيدىغان ھەم خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان قىلىپ سۈپەتلىگەنلىكىنى قەيت قىپتۇ. مەن ئۇ روماننى سېتىۋىلىپ 20 بەتتەك ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولالماپتىم...

erturk يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 18:54:54

شۇنداق، ئىلمىي ھەقىقەتلەر بارغانچە ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرى «كروران»ژۇرنىلىدا بىر ياخشى ماقالە چىققان بولۇپ، ئۆمەر ھەييام روبائىيلىرىنىڭ ئاشۇ سۈيقەستچى ئىنگىلىز تەرجىمان تەرىپىدىن ئوينىتىلىپ چېلىنغانلىقى، شەرق ئەللىرىدىكى ساۋاتسىز، دەرگۇمان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەييام مەستانىسى بولۇپ كېتىشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ھاراق سورۇنلىرىدا:

مەي نەغمە ھۈر كەبى ئۈلپىتىڭ بولسا،

سۇ بويى چىمەندە سۆھبىتىڭ بولسا،

ھوزۇرلان بۇنىڭدىن ئويلىما دوزاخ،

بۇنچىلىك بولغاي ئۇ جەننىتىڭ بولسا.



مەي ئىچسەڭ قەلبى نۇر دەنا بىرلە ئىچ،

ياكى سەن بىر گۈزەل رەنا بىرلە ئىچ،

كۆپ ئىچمە، ئىچ ئۇنى بەزى بەزىدە

مەخپىي ئىچ، چىرايلىق ھايا بىرلە ئىچ.

دېگەندەك روبائىيلار ئېيتىلىپ كەلدى. مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەت ئېركى ئاشۇ ھەييام روبائىيلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا قالتىس ئاغدۇرۇۋەتكەن، ئۇنى ئاز كەلدى دەپ شائىر ئوسمانجان ساۋۇت«ھەييام روبائىيلىرى»نى يەنە بىر قېتىم تولۇق تەرجىمە قىلىپ، قايتا نەشر قىلدۇردى. شائىرلىرىمىز قالتىس-ھە! ئىلگىرى نەشر قىلدۇرۇلغان «ئۆمەر ھەييام روبائيىلىرى»دا ” ھەييام روبائىيلىرىدىكى مەي، شاراپ پەقەت مەجازى ۋاسىتە، ئەمەلىيەتتە ئۆمەر ھەييام ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ھاراق ئىچىپ باقمىغان“ دېگەندەك گەپلەر بار. مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئۇيغۇر ئايدىڭلىرىنىڭ كاللىسىدا ھەييام ئوبرازى ناھايىتى شوخ، ئەسەبىي، مۈجمەل، زامانىۋى، ئەبجەش... ئىشقىلىپ، ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن قىلچە خەۋەرسىز... ئەللامىلەرنى ھەقىقىي تونۇش جەھەتتە بىزلەر يەنىلا جاھىلىيەت قوينىدا. شۇڭا شەخسلەرگە قايتا ئېنىقلىما بېرىش بارىسىدىكى ئېسىل ماقالە، كاتتا مەلۇماتلارغا بەكمۇ ئېھتىياجىمىز بار.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 19:00:16

ئۆيدە  دادامدىن قالغان ئۆمەر ھەييام  رۇبائىيلىرى دىگەن بىر توپلام بار...1984 يىلى  نەشىر قىلىنغانغۇ  دەيمەن  ھازىر تاپالمىغاچقا توغرا دىيەلمىدىم..

ئۇنىڭدا  ئۆمەر ھەييامنىڭ تەرجىمالىدا   ئۇنى پەقەت مەي ئىچىپ باقمىغان  سوپى ئادەم دىگەندەك  گەپلەر باركەنتۇق...،،ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئىنكاستا دىيىلگەندەك

كىچىكىمدە  ئوقۇغاچقا ئېسىمدە ئېنىق قالماپتۇ  ئەمدى ئىزدەپ تېىپىپ قايتا  ئوقۇپ باقسام بولغىدەك..

ماۋۇ ماقالە قارىسام بەزى يەرلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندەك ئەمەسقۇ ئۆزبىكچە گەپنى ئۇيغۇرچە يازسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلىقما ؟

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 19:21:22

ئۆمەر ھەييام ياكى ناۋايى بولسۇن ،ئەسەرلىرىدە دىيىلگەن مەي ،ئىچىدىغان مەينى كۆرسەتمىسە كىرەك دەپ ئويلايمەن.چۈنكى شۇنچە چوڭ سەللە ۋە پەرەنجىنى كىيىپ ،دىنىي كەيپىيات شۇنچە قۇيۇق شۇزامانلاردا ‹‹مەي ئىچ››دەپ يۈرسە ،باشقىلار شۇكىشىنى شۇنچە كۈتۈرۈپ ،شائىر دەپ يۈرەرمىدى.يېقىنغىچە سىرتتا تاماكا چەككەننى ،ھاراق ئىچكەننى قاتتىق ئېيىپ ئالىدىغان تۈركىي مىللەتلىرى، بۇنى قۇبۇل قىلىپ كىتىشى ناتايىن جۇمۇ.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 19:44:54

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ ماقالىسى ئىكەن، ئۆزبەكچىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىغاندەكلا تۇردىغۇ؟!!!

ئەسكى سوۋېت ئىمپىرىيەسى...باشقىلار تامانىدىن توقۇلۇپ، ...



سۈيقەستچى شەرقشۇناسلارنىڭ ئۆمەر ھەييام نامىدا توقۇپ چىققان رۇبائىيلىرىنى مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقاتقان ئىكەن. شەرقشۇناسلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناش دېگەن ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ فىرانسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ناملىق رومانىدا نەسىردىن ئەپەندىنى 007 فىلىملىرىدىكى قەھرىمانلاردەك كېچىلىرى گۈزەل نازىنىنلار بىلەن ئىشرەت پەيزىنى سۈرىدىغان، كۈندۈزلىرى كوچىلارغا چىقىپ ئەمەلدار، بايلارغا قارشى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يەپ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى دېگەندەك بايانلار بار ئىكەن، ئۇندىن باشقا يېقىندا ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان ‹‹سەمەرقەنت››› دېگەن كىتابنىڭ شەرقشۇناس يازغۇچىنىڭ قولىدىن چىقىپ ئۆمەر ھەييامنى داۋاملىق مەس يۈرۈيدىغان ھەم خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان قىلىپ سۈپەتلىگەنلىكىنى قەيت قىپتۇ. مەن ئۇ روماننى سېتىۋىلىپ 20 بەتتەك ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولالماپتىم...


ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، يەنى ئىككى تىلغا ئورتاق بولغان سۆزلەر، ياكى ئۆزبەكلەر ئۆزبەك بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن، «قەدىمقى، كونا» دىگەندەك مەنالاردىكى «ئەسكى» دىگەندەك سۆزلەر ئەينەن ئېلىندى. كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى كۆپرەك ئوقۇپ تۇرىدىغان تورداشلىرىمىزغا، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا مەن ساقلاپ قالغان سۆزلەر ۋە جۈملە ئۇسلۇبى يات بولمىسا كىرەك.


مېنىڭ ئۆزبەكچە ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپىم: ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋىتىشتىن ساقلىنىش. ئىككى تىلنىڭ تارىختىن بېرى ئەمەلىيەتتە بىر تىل ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 19:56:18

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا مۆھتىرەم ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى مەي، جانان قاتارلىقلارنى مەجازى ۋاستە، بۇنى ھازىرقى مەنىسى بويىچە چۈشىنىۋالساڭلار بولمايدۇ دېگەنىدى.

semerqent يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 20:35:51

شائىر ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمە قىلغان ‹‹ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ›› دىگەن كىتاب مەندە بار . قارىسام تەرجىمالدا ئوسمانجان ساۋۇتمۇ ‹‹ مەي ›› ، ‹‹ مەسجىد ›› ، ‹‹ چىركاۋ ›› ، ‹‹ بۇتخانا ›› قاتارلىق ئىبارىلەرنى ئۆمەر ھەييام ئىماگ ئورنىدا ئىشلەتكەن ، دەپتىكەن . ئەمما مەن ئوقۇش جەريانىدا بۇ ‹‹ مەي ›› ، ‹‹شاراپ ›› دىگەن سۆزلەرنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ھاراقتىن باشقا يەنە زادى قانداق ئىماگنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھېچ بىلەلمىدىم . راست گەپنى ئېيتسام بۇ كىتابدىكى تۆۋەندىكىدەك رۇبائىيلاردىن ھەقىقەتەن ھەيران قالماي تۇرالمىدىم .



                                                       ئەۋۋەلدە لېيىمنى ئەتكەندە خۇدا ،

                                                       بىلەتتى پەيلىمدىن نە بولۇر پەيدا .

                                                       ھۆكمىدىن تاشقىرى ئەمەس گۇناھىم ،

                                                       خوش ، نېچۈن مەھشەردە بېرىدۇ جازا ؟



                                                       يارەب ! كەرەمسەن ، كەرىمى كېرەم ،

                                                       نېچۈن گۇناھكارغا پېپىق باغ ئېرەم .

                                                       ئېگىلسەم كەچۈرسەڭ بۇ كېرەم ئەمەس ،

                                                       گۇناھىم كەچۈرسەڭ كېرەمدۇر كېرەم .



                                                      بۇ دۇنيادا بىگۇناھ كىم بار ؟

                                                      قانداقمۇ ياشايدۇ ئۆتكۈزمەي گۇناھ ؟

                                                      قايتۇرساڭ يامانلىقىمغا يامانلىق ،

                                                     پەرقىمىز نېمە بولدى ؟ ئېيت ، پەرۋەردىگار .

                                         

   مەن ھەتتا ئۆمەر ھەييام ئىسلامنىڭ نۇپۇزى كۈچلۈك شۇنداق بىر دەۋىردە ياشاپ تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق رۇبائىيلارنى قانداقمۇ يازالىغاندۇ ؟   ئۆزى بىر دىنىي ئۆلىما تۇرۇپ ئاللاھقا قانداقمۇ بۇنداق سوئال قويۇشقا جۈرئەت قىلغاندۇ ، دەپ ئويلاپ ھېچ تېگىگە يېتەلمىگەنىدىم . بەلكىم بۇ يازمىدا ئېيتىلغاندەك بۇلار ئۇنىڭغا قىلىنغان تۆھمەتتۇر .

  

    ھەراست مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ، بۇ مۇنبەرگە نېمە مەسىلە بار ؟  باشتا سەمەرقەند دەپ تىزىملانغان ئىدىم ئەپسۇس ، ئەتىسىلا  بۇ  ئىسىمدا پەقەت كىرەلمىدىم . ‹‹مەغلۇپ بولدى ›› دەپلا تۇرىۋالدى . شۇڭا بۈگۈن مانا سەمەرقەنت دىگەن ئىسىمدا تىزىملاندىم ، كېيىنكى قېتىمدا  بۇ ئىسىمدىمۇ كىرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن . شۇڭا سىلەردىن قانداق قىلغاندا مۇنبەرگە نورمال كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم .

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 22:12:51

ئۆتكەندە بىرى ئاغىنىمىز ئۈمەر ھەييامنى فىرانسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدە فىرانسىيەچە ئىشرەت خورلۇق قىلدۇرغانلىقىنى سۆزلەپ كەتكەن ئىدى .

يەنە بەزىلەرنىڭ ئۈمەر ھەييامىنى قاتتىق سۆككەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم .

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 06:27:29

‹‹ ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ( ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ) بىلمەستىن بىرەر قەۋمىنى رەنجىتىپ قويۇپ ، قىلمىشىڭلرغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن (ئۇ خەۋەرنى) ئنىقلاپ كۆرۈڭلار››سۈرە ھۇجۇرات،6- ئايەت



تىلىمنىڭ پاساھىتى مۇشۇنداق كىلاسسىك ئۇسلۇبدا يىزىلغان ئەسەرلەردە تېخىمۇ خۇش پۇراق چېچىپ روھىمنى مەستخۇش قىلىپ خىيال قۇشلىرىم باللىق چاغلىرىمدىكى بۇلاق، مىراس كەبى گۈلىستانلاردىن ئالغان گۈلدەستلەرنىڭ ئىپار ھىدلىرىنى قايتا ھىدلاۋاتقاندەك مۇئەمما تۇيغۇلار كۆكىدە يىراق -يىراقلارغا قاراپ ئۇچماقتا...

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 06:34:02

ئايەتنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق يۈز بىرىپ قاپتۇ ئۆزۈرمەن. ‹‹ ئېنىقلاپ››- دەپ ئوقۇلغاي!






pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 06:48:03

بەستىكار دېگەننى سازەندە،خانەندىلەر دېگىننى ناخشىچى، كۆيچى-دەپ چۈشەنسە توغرىمۇ؟ ‹‹مەرۇزە›› چىرايلىق سۆزكەن لېكسىيەدەك يات تۇيغۇدا بولمايدىكەن يېقىملىقكەن

umidhalid يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 09:31:52

5- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ ماقالىسى ئىكەن، ئۆزبەكچىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىغاندەكلا تۇردىغۇ؟!!!

ئەسكى سوۋېت ئىمپىرىيەسى...باشقىلار تامانىدىن توقۇلۇپ، ...



سۈيقەستچى شەرقشۇناسلارنىڭ ئۆمەر ھەييام نامىدا توقۇپ چىققان رۇبائىيلىرىنى مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقاتقان ئىكەن. شەرقشۇناسلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناش دېگەن ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ فىرانسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ناملىق رومانىدا نەسىردىن ئەپەندىنى 007 فىلىملىرىدىكى قەھرىمانلاردەك كېچىلىرى گۈزەل نازىنىنلار بىلەن ئىشرەت پەيزىنى سۈرىدىغان، كۈندۈزلىرى كوچىلارغا چىقىپ ئەمەلدار، بايلارغا قارشى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يەپ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى دېگەندەك بايانلار بار ئىكەن، ئۇندىن باشقا يېقىندا ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان ‹‹سەمەرقەنت››› دېگەن كىتابنىڭ شەرقشۇناس يازغۇچىنىڭ قولىدىن چىقىپ ئۆمەر ھەييامنى داۋاملىق مەس يۈرۈيدىغان ھەم خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان قىلىپ سۈپەتلىگەنلىكىنى قەيت قىپتۇ. مەن ئۇ روماننى سېتىۋىلىپ 20 بەتتەك ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولالماپتىم...


ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، يەنى ئىككى تىلغا ئورتاق بولغان سۆزلەر، ياكى ئۆزبەكلەر ئۆزبەك بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن، «قەدىمقى، كونا» دىگەندەك مەنالاردىكى «ئەسكى» دىگەندەك سۆزلەر ئەينەن ئېلىندى. كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى كۆپرەك ئوقۇپ تۇرىدىغان تورداشلىرىمىزغا، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا مەن ساقلاپ قالغان سۆزلەر ۋە جۈملە ئۇسلۇبى يات بولمىسا كىرەك.


مېنىڭ ئۆزبەكچە ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى پىرىنسىپىم: ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋىتىشتىن ساقلىنىش. ئىككى تىلنىڭ تارىختىن بېرى ئەمەلىيەتتە بىر تىل ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش.




200 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۆزبىك مازىرىنى قازسا ئۇيغۇرنىڭ چاپىنى چىقىدۇ دىمەكچىكەنسىزدە . ئىككىمىز بىر كۆز قارشتا ئىكەنمىز .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 10:02:38

مېنىڭچە مەي دىگەن ھاراق دىگەن گەپ ئەمەسمىكىن،مەسىلەن مىۋە ھاراق باغلاپ پىشىتى دىمەيمىز،مەي باغلاپ پىشتى دەيمىز.مۇشۇ مەي دىگەن سۇ بويىدا دىگەن كىنونېڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى  بىلەنلا ھاراققا ئۆزگەرگەن.ۋۇسۇڭ مانچە ئاپقۇر مەي كەلتۈر دىگەندەك.

mahmud يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 18:41:16

ئەلا باھادىن بىرى كەتتى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2012-1-2 11:44:40

تاراتقۇلاردا ئۆمەر ھەييامنى مۇنداق سۈرەت بىلەن داغدۇغا قىلىپ، مۇسۇلمان بولمىش بىر داڭلىققا    زەھەرخەندە نىيىتىنى ئاشكارلاپ ئۈلگۈرگەن

\"\"


\"\"





\"\"


\"\"




ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-1-2 12:09:28

继承者 (2005)

The Keeper: The Legend of Omar Khayyam  ما ئېسىم بىلەن كىنوسىنى كۆرۇڭلار . 2005 ئىشلەنگەن .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-1-2 13:00:42

http://www.verycd.com/topics/2814558/ بۇمۇ شۇكەن .


奥马·海亚姆



  奥马·海亚姆(Omar Khayyam) 1048年(?)
5月15日生于霍腊散(Khorāsān,今伊朗东北部一省)内沙布尔(Nīshāpūr,即Neyshābūr);1131年(?)12月4日卒于内沙布尔.数学、天文学、哲学、诗歌.



  奥马·海亚姆的全名是吉亚斯丁·阿布·法斯·奥马·本·伊卜拉欣·内沙布里(Ghiyāth
al-Dīn abu\"l-Fath\"Umar ibnIbrāhīm
al-Nīsābūrī).从他的名字可以知道他的家族大致情况①.父亲是伊卜拉欣,有一个儿子名法斯,奥马(\"Umar也拼作Omar)是他自己的名字,吉亚斯丁(Ghiyāth
al-Dīn)原意是“信仰的帮助”,是后来获得的尊称,内沙布里表明他来自内沙布尔或籍贯是内沙布尔.西方人更多地称他为奥马海亚姆或海亚米(al-
Khayyāmī),“海亚姆”是制造或经营帐篷的职业,说明他的父亲或祖辈是从事这种工作的.



  奥马出生之前,西亚地区政局动荡不安.11—12世纪,塞尔柱(Seljuk)突厥人(Turk)在那里建立一个庞大但不稳固的军事帝国,占有两河流域和现在的伊朗、叙利亚、巴勒斯坦、格鲁吉亚、亚美尼亚等地.奥马早年在家乡受教育,以后成为一名家庭教师,生活是清苦的,没有很多闲暇去从事科学研究.奥马在他的《代数学》中写道:“我不能集中精力去学习这种\"代数学\",时局的变乱阻碍着我,…….”尽管如此,奥马仍然写出了颇有价值的《算术问题》(Problems
of
arithmetic)和一本关于音乐的小册子.



  1070年左右,奥马来到撒马尔罕(Samarkand,今属乌兹别克).在当地统治者阿布·塔希尔(Ab&T1hir)的庇护下,奥马写成他的主要代数著作《还原与对消问题的论证》

  (Ris1la
fi\"l-bar1hīn\"al1 mas1\"il aljabr wa\"l-muq1bala,Treatise on demonstration of
problems of algebra and
almuqa-bala),简称《代数学》.不久,他又接受塞尔柱苏丹(Sultan,最高统治者的称号)杰拉勒丁·马利克沙(Jal1l al-Dīn
Malik-sh1h,1055—1092)和他的大臣尼赞·穆勒克(Niz1m
al-Mulk)的邀请,前往伊斯法罕(lsfahan,今伊朗西部),管理那里的天文台,进行历法改革.他在那里工作了18年之久.这是他一生中最安谧的日子.



  1092年,政治气候突变,马利克沙去世,庇护人尼赞·穆勒克遭到暗杀,奥马备受冷遇.马利克沙的第二个妻子土坎·哈通(Turk1n-Kh1t&n)接替执政二年,对奥马很不友善,撤消了天文台的资助,研究工作被迫止,历法改革半途而废.奥马虽已失去昔日的恩宠,但仍留在塞尔柱的宫廷里,尽力劝说马利克沙的继承者重新支持天文台和开展一般的科学研究.他描述伊朗古代的统治者宽宏大量,尊重学者,致力于兴办教育,发展科学,为文化事业立下不朽的功勋.



  奥马始终未能说服当权者.1118年,马利克沙的第三子桑贾尔(Mu\"izz
ad-Dīn
Sanjar,1084?—1157)登上王位.奥马离开伊斯法罕,到塞尔柱王朝的新首都梅尔夫.他和弟子们一起写了《智慧的天平》(Balance
of
wisdoms)等书,研究如何利用金属比重去确定合金的成分,所用方法是纯粹代数的.这问题源出于阿基米德的研究.



  奥马是一个渊博的科学家,但在西方却以诗人而闻名.他写了很多四行诗(quatrain),其中透露出无神论的自由思想.这在他的一生中导致很多麻烦.晚年的时候,他甚至到麦加去朝觐,力图洗刷人们对他的无神论的指控.



  历法改革

  奥马在伊斯法罕期间,领导一批天文学家编制天文表,为了纪念庇护人,定名为《马利克沙天文表》(Zīj
Malik-sh1hī,Maliksh1hAstronomical
Tables),现在只有一小部分流传下来,其中包括黄道坐标表和100颗最亮星的星表等.



  天文台更重要的工作是进行历法改革.波斯地区自古以来就使用阳历,公元前1世纪施行琐罗亚斯德教(Zoroaster,中国史称祆教、拜火教)的阳历,定一年为365天,分12个月.萨珊(S1s1n)王朝(公元226—621年)定阳历为官历。阿拉伯人征服这个地区以后,实行伊斯兰教的阴历.这种历分一年为12个月,6个大月,6个小月,大月30天,小月29天,全年354天.闰年增加一个闰日成为355天,30年加11个闰日.阴历一年和实际的回归年365.2422日相差约11天,因此和四季是不合拍的,这对农业很不方便.奥马时代,波斯人继续使用传统的阳历,但因置闰的方法不精,渐渐产生误差.有识之士看到,历法要符合天时,必须进行根本的改革.



  马利克沙执政后,在伊斯法罕兴建天文台,聘请以奥马为首的一群天文学家去完成改革的任务.奥马提出在平年365天的基础上,每33年365.2422
日仅相差19.37秒钟,积4460年才差1天.而现行的公历(格里历)400年置97个闰日,历年长365.2425日,3333年差1天.



  值得注意的是,如将0.2422展成连分数,可知各个渐近分数是128年差1天.第2个分数是29年7闰,1218年差1天.根据有理逼近的理论,比奥马闰法
(33年8闰)更精密的闰法有95年23闰,1万年以上才差1天.如果限定周期小于95年,那么33年8闰就是最佳的选择.这表明奥马有较高的理论水平.他以1079年3月16日为历法的起点,定名为“马利克纪元”(Malik9era)或“杰拉勒纪元”(Jal1l9
era).可惜改历工作随着领导人的死亡而夭折.



  伊斯兰教的阴历主要用于宗教,它最大的缺点是和寒暑完全脱节,夏天有时在1月,有时在6月.而奥马改革后的阳历和四季是一致的.他对此颇感欣慰,曾作四行诗以咏其事:



  啊,人们说我的推算高明,

  我曾经把旧历的岁时改正——

  谁知道那只是从历书之中

  消去未生的明日和已死的昨晨.



  开高次方根

  奥马在《代数学》一书中写道:“印度人有他们自己的开平方、开立方方法,……我写过一本书,证明他们的方法是正确的.我并加以推广,可以求平方的平方、平方的立方、立方的立方等高次方根.这些代数的证明仅仅以《几何原本》的代数部分为根据.”



  这里所说他写的书可能就是《算术问题》.现在莱顿大学藏有奥马著作的手稿,但只有《算术问题》的封面,内容已遗失.



  奥马所了解的“印度算法”,实际来自两本较早的书.一本是吉利(Kushy1ribn
Labb1n al-J9l9)的《印度计算原理》(Princi-ples of Hindu reckoning);另一本是奈塞维(\"Al9 ibn
Ahmadal-Nasaw9)的《印度计算必备》(Things sufficient to understandHindu
reckoning).然而这些书所记述的开平方、开立方法和印度文献所载的相去颇远,倒是和中国古代的方法密近.中国的《九章算术》早已给出开平方、开立方的完整法则,并推广用于方程的数值解.伊斯兰数学很可能受到中国直接或间接的影响,因为自古以来丝绸之路就是中国和中亚的交通要道.不过由于他们使用了10个印度数码,于是被误认为“印度算法”.



  在现存的阿拉伯文献中,最早系统地给出自然数开高次方一般法则的是纳西尔丁(Nasir
ad-D9n al-T&9,也称图斯)编纂的《算板与沙盘算术方法集成》(Collection on arithmetic by meansof
board and
dust).他没有指出发明者,但他非常熟悉奥马的工作,故很可能来自奥马.



  用圆锥曲线解三次方程

  中世纪的阿拉伯数学家对圆锥曲线作了很多探索.最值得称道的是奥马海亚姆用圆锥曲线来解三次方程.这种方法可以溯源于希腊的门奈赫莫斯(Menaechmus),事实上他就是为了解决倍立方问题(相当于三次方程x3=2a3)而发现圆锥曲线的.后来阿基米德在《论球与圆柱》(On
the sphere and
cylinder)卷2命题4提出这样的问题:用一平面把球截成两部分,使这两部分的体积成定比.这问题导致三次方程



  x2(a-x)=bc2.



  解法的要点是求两条圆锥曲线的交点,一条是双曲线(a-x)y=ab,另一条是抛物线ax2=c2y.



  阿基米德的“平面截球问题”引起阿拉伯数学家的极大兴趣.巴格达的马哈尼
(al-M1h1nī)最先试图用代数方法去解,但没有成功.后来哈津(Abū Ja1cfar
al-Kh1zin)用圆锥曲线来解.研究这问题的还有库希(al-Kuhi)、伊本·海塞姆(Ibn al-Haytham)、艾布尔·朱德(Abu\"l
Jud)等.



  奥马的功劳,在于考虑了所有形式的三次方程.由于他只取正根,系数也只限于正数,因此三次方程有各种不同的类型.他将一、二、三次方程归结为25类,属于三次方程的14类:缺一、二次项的x3=a;缺二次项的3
类:x3+bx=a,x3+a=bx,bx+a=x3;缺一次项的3类:x3+cx2=a,x3+a=cx2,cx2+a=x3;不缺项的7
类:x3+cx2+bx=a,x3+cx2+a=bx,x3+bx+a=cx2,cx2+bx+a=x3,x3+cx2=bx+a,x3+bx=cx2+a,x3+a=cx2+bx.



  每一类都给出几何解法,即用两条圆锥曲线的交点来确定方程的根.奥马在《代数学》中,专门阐述了方程的几何解法.1851年,F.韦普克(Woepcke)将此书从阿拉伯文译成法文,书名为《奥马海亚姆代数学》(L\"algèbre
d\"Omar Alkhayyāmī).以后又有D.S.卡西尔(Kasir)英译校订本《奥马海亚姆代数学》(The algebra of Omar
Khayyam,1931).下面取出其中的一个例子,用现代术语和符号来分析奥马的方法(文献,
p.75).



  奥马曾探索过三次方程的算术(代数)解法,但没有成功.他在《代数学》中写道:“对于那些不仅含有常数项、一次项、二次项的方程,也许后人能够给出算术解法”.经过几百年的努力,三、四次方程的一般代数解法直到16世纪才由意大利数学家给出,五次以上方程的可解性问题到19世纪才解决①.



  奥马发展了欧几里得的几何代数学,使几何与代数更紧密地联系起来,这是一项重要的贡献.可惜在1851年韦普克的译本出现之前,欧洲人几乎完全不知道他的工作(尽管在18世纪已有一些零星的介绍)、否则解析几何的发现和推进会更加迅速.



  对《几何原本》的研究

  奥马在欧几里得几何的研究方面有两项贡献,一是对平行公设的试证,二是对比与比例提出新的见解.



  早在9世纪,当欧几里得《几何原本》传入伊斯兰国家后,第五公设就引起学者们的注意.所谓第五公设或平行公设就是在《原本》中提出的公理:“如果一直线和两直线相交,所构成的两个同旁内角之和小于两直角,那么,把这两直线延长,它们一定在那两内角的一侧相交.”这公设不论在词句或内容方面都比其他四个公设复杂得多,而且也不那么显而易见.人们自然会发生是否可以证明的疑问.



  阿拉伯学者对此公设进行试证的有焦赫里(al-Jawharī),塔比伊本库拉(Thābit
ibn Qurra),伊本海塞姆(Ibn
al-Haytham,即Alhazen),奥马海亚姆等人.实质上他们并没有证明了公设,而是采用另外一与之等价的公设来代替它.



  奥马在1077年撰写了《辩明欧几里得公设中的难点》(Explanation
of the difficul-ties in the postulates of
Euc-lid)一书,讨论了两个难题,一是平行公设,二是比的问题.他考察四边形ABCD,DA与CB同垂直于AB且DA=CB(图2).无需用平行公设,很容易证明∠C=∠D.而∠C,∠D的大小有三种可能:(1)等于直角;(2)等于钝角;(3)等于锐角.若采用平行公设.可以证明∠C,∠D等于直角.反之,若能证明∠C,∠D等于直角,便可推出平行公设.奥马用反证法,“证明”钝角、锐角假设必导致矛盾,因此只有直角的情形成立,这就无异证明了平行公设.但他的证明是有缺陷的,实际是引入下述假设来代替平行公设:两条直线如果越来越接近,那么它们必定在这个方向上相交.所以他也未解决平行公设问题.



  18世纪时,G.萨凯里(Saccheri)重新研究这个四边形(后人常称之为“萨凯里四边形”),由此得出一系列互不矛盾的命题.他和前人虽然未建立(也未意识到)非欧几何,但已为非欧几何的诞生铺平了道路.



  比与比例也是奥马研究的中心问题.早在公元前5世纪,毕达哥拉斯学派就建立过比例论,不过只限于可公度量.如果A,B两个量可公度,即存在正整数m,n,使得mA=nB,则

  就是一个数.但若A,B不可公度,他们便认为A与B无法相比.这样就很难建立一切量的比例论.欧多克索斯(Eudoxus
of Cni-dus)为了摆脱这一困难,另立“比”的定义:如果一个量加大若干倍之后就可以大于另一个量,则说这两个量有一个“比”.接着定义“比例”:设有
A,B,C,D4个量,A与C,B与D分别乘以同样的倍数m,n,如果

  则说两个比A∶B与C∶D相等,即4个量可构成比例A∶B=C∶D.



  欧多克索斯采取这一定义是煞费苦心的,这样可回避无公度的麻烦,由此出发完成了适用于一切量的比例论.欧几里得将欧多克索斯的理论编入《原本》成为卷V.伊斯兰学者并不怀疑比例论的真理性,而是对其立论的出发点即比例的定义持有异议.最先提出新定义的是马哈尼(al-M1h1n9,他的思路可用现代术语表述如下:将A/B及C/D展开成连分数,A/B=(q1,q2,…,qn,…),C/D=(q
′1,q′2,…,q′n,…),其中qi,q′i(i=1,2,…)是各个偏商.如果qi=q′i(i=1,2,…)则称A,B,C,D成比例,即
A/B=C/D.马哈尼认为这定义能更好地揭露比例的本质.它适用于可公度量与不可公度量,在可公度的情况,n是有限的.



  奥马论证了这种定义和《原本》中比例定义的等价性,进而研究比及比例的若干性质,对伊斯兰数学和西方数学都有重要的影响.



  另一方面,希腊人虽然承认无公度的两个量A,B有比,但始终不承认A/B是一个数(即无理数),这就大大妨碍了数学的发展.奥马勇敢地冲破这一桎梏,主张扩大数系,将无公度量的比接纳在内.例如2的平方根,圆周长与直径的比等等,应该考虑为一种新的数.这在思想上是一次不寻常的飞跃,是建立实数系的先声.然而直到19世纪才真正实现了他的理想.



  四行诗

  四行诗很像中国的绝句,每首四行,第一、二、四行押韵.奥马究竟写了多少首四行诗,没有准确的数字.剑桥大学图书馆藏有最早的(1208年)手抄本,收入252首.而在他名义下出版的波斯文诗集多达1069首.但有人考证只有一百多首确实是他作的.1859年,英国诗人菲茨杰拉德(Edward
Fitz Gerald)将75首译成英文,取名“Rubáiyát of Omar
Khayyam”,广为流传.郭沫若于1928年将英译本译成中文,题名《鲁拜集》.(鲁拜是阿拉伯语,意为四行诗.)



  奥马曾写过几种哲学著作,他的四行诗也包含很多哲理,其中表露的思想相当复杂.很难作出一致的评价.一方面,诗作的可靠性问题众说纷纭;另一方面,在官方的示意下有时很难畅所欲言.因此对他的议论褒贬不一,毁誉参半.总的来说,他不囿于伊斯兰教所宣扬的真主创造世界的观点,对窒息学术探讨的社会环境表示不满.正统的穆斯林不喜欢他,但广大读者爱读他的诗,从中得到启迪,进而探索人生的真谛.后人为了纪念他,1934年由多国集资,在内沙布尔为他修建了一座高大的陵墓

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-2 17:47:01



يارالدىم رازىلىق بۇڭا يوق ئىدى ،

ھاياتتا پەقەتلام ھەيرىتىم ئارتتى ...

يەنە مەن نارازى قايتتىم ، بىلمىدىم ،

كەلمەك ھەم ، تۇرماق ھەم ،يانماق مەقسىدى.



قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى ،

بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى .

دىيىشەر ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ ،

بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى .



ئۆچۈرگەي ئىسمىمىز ئۆمۈر دەپتىرى ،

بىر زامان يوق ئېتەر ئەجەل قوللىرى .

ئەي گۈزەل ، شاراپ بەر ، بەك گۈزەل ،گۈزەل .

تۇپراققا ئايلانغاي ھەممە ياش--قېرى .



بۇ ئۆرتەڭ ، \" ئالەم\" دەپ ئاتالمىش ئېتى ،

كۈن ۋە تۈن --ئاق ،قارا ئاتلار مەنزىلى ،

نەچچە يۈز جەمشىتتىن قالغان بەزمە بۇ ،

قانچە يۈز بەھرامنىڭ بۇ قونالغۇسى ~؟



چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دىدى :

ئۇيقۇدا بەخىتتىن گۈل ئېچىلمىدى ،

سەن نىچۈن ئولۇمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟

ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى !



ئەسكىگە ئېيتمىغىن ، ساقلىغىن سىرنى ،

بىر قاراپ كۆزىگە ، بىل مۇغەمبەرنى ...

كىشى ئۆز جېنىغا نى قىلغانغا باق ،

يوشۇرۇن ئىپلاستىن تۇتمىغىن پىرنى ~



كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟

كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .

بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :

ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل !



كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ .رەببىم !

ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى ، سەن ئۇرۇپ رەببىم !

گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن ،

قالدىڭمۇسەن ياكى مەس بولۇپ رەببىم ؟!



بىر جامكى ، ئەيلىمىش ئىختىيار ئەقىل ،

قەدىرلەپ شۇ جانغا يۈزنى سۇندى،بىل...

\"پەلەك \"نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ ،

ئارقىدىن يەرگە ئۇ ، ئۇرىدۇ سىجىل .....



بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا ،

بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا ....

ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق ،

چۇراتتىم بىر پەلەك ----بىر يىڭى دۇنيا .



كېچە مەن تۇيغۇندا ساماغا چىقىپ ،

دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ .

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ ، دوزاق ھەم بىھىش ،

ئۆزەڭدە!---دىدى ئۇ،---يۈرمىگىن ئېزىپ~!



ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش ،

ئاقمىغاي ئاەمدە بىرىيا بولۇش ،

قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم ،

كەتكۈزدى ، ئاھ-قازا ،تەدبىرىمنى بوش .



خوشال ئۆت ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم ،

بۇ تۇپراق---تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم .

قىل قىياس بىر خىيال ، ئالدىنىش يا چۈش .

ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم



دۇنيانىڭ تېلىكى – مىۋىسىدۇربىز،

ئەقىل كۆز قارىسى – جەۋھىرىدۇربىز.

يۇمىلاق جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،

شەكسىز شۇ ئۈزۈكنىڭ گۆھىرىدۇربىز.



گەر ئۆلۈم دەپتىرى قولۇمغا ئۆتسە –

يازاتتىم مەن ئۇنى قىلىپ باشقىچە.

دۇنيادىن قايغۇنى يوقىتالىسام،

غورۇردىن كۈلەتتىم تازا تاشقىچە.



زاماننىڭ سىرىنى بىلمەس ھىچ ئادەم،

بۇ تۈگۈن يېزىلمەس سەندە، مەندە ھەم.

پەردىنىڭ ئىچىدە تۇرار بارچە سىر،

بۇ پەردە ئېچىلسا تۇرمايمىز بىردەم.



باش ئەگمە بۇ دۇنيا ئەسلىدىن فەرياد،

ئۆتكەنلەر غېمىنى قىلمىغىن سەن ياد.

دىل بەرمە بوستان چاچ ھۆردىن بۆلەككە،

ئۆمرۈڭنى شارابسىز قىلمىعىل بەرباد.



سەن، مەندىن بۇرۇنمۇ تۈن- كۈن بار ئىدى،

ئايلانغان پەلەكمۇ پۈتۈن بار ئىدى.

تۇپراققا ھەر قاچان ئاۋايلاپ دەسسە،

ئۇ ئەسلى قارا كۆز بىر نىگار ئىدى.



جېنىمىز بۇ تەننى تەرك ئېتىپ كېتەر،

ئىككى خىش قەبرىنىڭ ئاغزىنى ئېتەر.

باشقا بىر قەبرىگە خىش قويماق ئۈچۈن،

بىزنىڭ توپىمىزدىن ئېزىپ لاي ئېتەر.



قۇش ئىدىم ئۇچتۇممەن، سىر دۇنياسىدىن،

يېتەي دەپ يۈكسەككە، ئۆتۈپ پەردىدىن...

تاپمىدىم بۇ جايدا سىرداش بىر كىشى،

چىقتىممەن ئاستا ئۇ كىرگەن ئىشىكتىن.



تېنىڭدا بار ئىكەن تومۇر ،سۆڭەك ،پەي .

ياشاۋەر تەغدىرنىڭ ئۆيىدىن كەتمەي .

باش ئەگمە دۇشمىنىڭ رۇستەم بولسىمۇ ،

يېلىنما ئاغىنەڭ بولسا ھاتەم تەي .



ھەرقانچە سۆزلىسەم مەن نادانلىقتىن ،

دىل شۇنچە تەڭ بولۇر ناتىۋانلىقتىن .

باغلىغۇم كېلىدۇ بېلىمگە زۇننار ،

نومۇس قىپ شۇ ئاجىز مۇسۇلمانلىقتىن .



دىل ئەلنىڭ دەردىگە تولسا ياخشىدۇر ،

باش يولۇڭ تۇپراقتا بولسا ياخشىدۇر .

گەر دوستۇڭ غەم تىغى ئاتسا رەنجىمە ،

ھەر نەرسە دوستۇڭدىن كەلسە ياخشىدۇر .



كۆزىتىشىمچە ئۆمەر ھەييام توغۇرلۇق غەرىپ تەتقىقاتچىلىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى تەتقىقاتچىلارغا قارىغاندا بەكرەك ئىزدىنىپتۇ. بۇنىڭغا بەلكىم ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ خىلى بۇرۇنلا ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى، غەرىپتىكى دىندىن خالى پىكىر ئىقىمدىكى زىيالىلارغا ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىسيانكار روھى يىقىپ قالغان بولىشى مومكىن ۋە ياكى ماۋۇ ماقالىدە دىيىلگەندەك ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان زەربە بىرىش مەقسىتىدە ئالاھىدە كۆپتۈرۈلگەن بولىشى مومكىن.   بىز ئۇيغۇرلارمۇ چۈشەنچىمىزدا ئۆمەر ھەييامنى شارابقا ئائىت رۇبائىيلارنىلا يازىدىغان، كەيىپ ساپانى مەدھىلەيدىغان، ئاتىئىزمچىمۇ ياكى سوپىمۇ بىلىگىلى بولمايدىغان دەرجىدىلا چۈشىنىپ كەپتۇق.ئەمما ئۇنىڭ پەلسەپىسىنىڭ ئىنتايىن چۇڭقۇرلىقىنى، يەنە شۇ دەۋىردىكى ئەڭ داڭلىق ماتىماتىك،پەيلاسوپ، ئاستورنوم، تىۋىپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىبىن سىنا، فارابى قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملار بىلەن بىر قاتاردا ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان بىر تالانىت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز.
بەت: [1] 2
: ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ؟