hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 09:41:47

چىش بىلەن بەدەن ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتى[تەرجىمە]

چىشىڭىزدىن سىزنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئەھۋالىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.چىش بىلەن بەدىنىڭىز بىر- بىردىن ئايرىغىلى بولمايدىغان قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆز- ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ئۆز ئارا بىر- بىرىنىڭ ئەھۋالىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزدا مەسىلە بولسا، چىشىڭىزدىمۇ ئاز تولا ئىنكاس بولىدۇ، ئۇ سىزگە يۇشۇرۇن ھالدا سىزنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

چىش مىلىكى قاناش

ئەگەر سىز چىش چوتكىلىغان ۋاقىتتا داۋاملىق چىشىڭىزدىن قان چىقسا، بەزى ۋاقىتلاردا بىر نەرسىلەرنى ئاستا يىسىڭىزمۇ يېگەن نەرسىڭىزنىڭ ئۈستىدە قاننى بايقىسىڭىز، سىز بەلكىم بۇلارنى چىش مىلىكى ياللۇغى دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن.لېكىن چىش مىلىكىدىن قان چىقىشنىڭ بەلكىم جىگەر كېسىلى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەك كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇرنىدىن قان ئېقىش، ھەيز كۆپ كېلىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ئاساسلىقى جىگەر ھۈجەيرىلىرى زەخىملەنگەندىن كىيىن، جىگەرنىڭ قان قاتۇرغۇچى ئامىلنى ئىشلەپ چىقىرىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئادەتتە چىش مىلىكى قانايدىغان جىگەر كېسىلى بار بىمارلار ۋىتامىن C ، ۋىتامىن K ۋە باشقا قان توختىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

چىشى بوشىشىپ كېتىش بولسا سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئىپادىسى

چىشى بوشىشىپ كېتىش ئاساسلىقى ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا كۆرۈلىدۇ. ئۇ ۋاقىت ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىش دەۋرىنىڭ كېلىشىگە باشلىغان ۋاقتى بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشى سۆڭەكنى ئارقىغا چىكىندۈرۈشكە باشلايدۇ، سۆڭەك زىچلىقىمۇ ئاستا ئاستا تۆۋەنلەيدۇ. چىشنىڭ بوشىشىپ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، چىش سۆڭىكىنىڭ مۇستەھكەم بولماسلىقىدن بولىدۇ.پۈتۈن بەدەندە سۆڭەكنىڭ بوشىشىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، چىش سۆڭىكىنىڭ بوشىشىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، بۇنىڭداۋالاشنىڭ بەك ياخشى ئۇسۇلى يوق، ئەمما بىز بۇرۇنراق بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. يەنى بۇرۇنراق كالتسىي تابلېتكىسىنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ .

چىشى چۈشۈپ كېتىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئىپادىسى

ساغلام چىرايلىق بولغان چىش بەدەن سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ چىشىڭىز تۇلۇق تەرتىپلىك بولمىسا،ئۇنداقتا ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالىڭىزنى تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى يىمەكلىك تاللىماڭ، ھەم بەك ئاچكۆزمۇ بولماڭ، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ياكى بەك كۆپ بولۇشنىڭ ھەممىسى چىشنىڭ شەكلىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى،چىش سۆڭىكىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، سەي كۆكتاتلارنى كۆپ يېگەندە چىشتىكى مولىبدېن ماددىسىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، چىشنىڭ قاتتىقلىقىنى ۋە مۇستەھكەملىكىنى ئاشۇرىدۇ .سېللۇلوزا تەركىبى كۆپ بولغان سەي كۆكتاتلار قوشۇمچە چىشنى تازىلاش رولىغا ئىگە.

چىشنى غۇچۇرلىتىش كەيپىياتىڭىزنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ

چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئۈچەي يوللىرىڭىزدا پارازىت قۇرت بارلىقىنىڭ تىپىك كېسەللىك ئالامىتى، پارازىت قۇرتنىڭ زەھىرى نېرۋىنى غىدىقلاپ، چىشىڭىزنى غۇچۇرلىتىشىڭىزغا سەۋەب بولىدۇ. ئەمما ھازىر تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈستۈنبولۇپ پاكىزلىققا، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، شۇڭا ئۈچەي يوللىرىدا پارازىتقۇرت بولۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىھتېمالدىن ئىنتايىن يىراق.شۇڭا چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئادەتتە كەيپىياتىڭىز جىددىيلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.كىلىنىكىدا ئادەتتە چىشىنى غۇچۇرلىتىش، ئۇخلاۋېتىپ مېڭىپ كېتىش، ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش،يامان چۈش كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇلمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللارغا يولۇققان ۋاقتىڭىزدا، ئامال بار ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇشقا، كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

چىشىڭىز ئىششىپ ئاغرىسا ئىچىڭىزنى بەك ئىسسىق ئېپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى


چىشىڭىز ئىششىپ ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئىچكى ئەزا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئېلىپ ئېيتقان ۋاقىتتا، ئادەتتە ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋىتى كۆپرەك بولىدۇ. ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ.

چىشىنىڭ ئۇزۇراپ قېلىشى قەنت سىيىش كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

نۇرغۇنلىغان قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ چىشى ئۇزۇراپ قالىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ شۆلگەيدىكى قەنتنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مۇھىت باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق،بۇنىڭ بىلەن بىرگە شۆلگەي تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ ھەم ئاسانلا تاشقا ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چىش ئەتراپى كېسىلى،چىشىنى قۇرت يېيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ خىل ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە سىز بەلكىم چىشىڭىزنىڭ ئۇزىراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ چىش يىلتىزىنىڭ زەخىملىنىپ يىگلىشىشىنىڭ نەتىجىسى.


مەنبە: سىنا تورى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 13:40:14

بىر ھەپتە بولدى چىش مىلىكىم ئىششىپ ئاغزىمغا پاتمىغىلى تۇردى.... \"\" كالپۇكۇمنىڭ قۇرۇپ گەز باغلىغىنىدىن قارىغاندا راسلا ئاشقازىنىمدىن چاتاق چىققان چېغىۋا...دېمىسىمۇ يېقىندىن بېرى ئىككى قاچا لەغمەن يىسەم تويىدىغان بولۇپ قالغانتىم{:90:}

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-1 08:21:08

ياخشى يازما ئىكەن!

بۇ يەردە «قەنت سىيىش كېسىلى »نى «دىئابېت» دەپ ئېلىشقىمۇ بولارمۇ؟
بەت: [1]
: چىش بىلەن بەدەن ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتى[تەرجىمە]