چېنىقىش كۇلۇبىغا بارىدىغانلار بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لۈكچەكلەر:
كىچىك ۋاقتىمدا شىۋاشىنگىرنىڭ رول ئالغان كىنوسىنى ياقتۇرىشىمدىنمۇ ياكى رامبونىڭمۇ بۇنى بىلمىدىم،لېكىن مۇسكۇل چىقىرىشقا بۆلەكچىلا ھېرىس قىلاتتىم.شۇ سەۋەپتىن نەچچە قېتىم چېنىقىشنى باشلاپ،تاشلاپ،يانا باشلاپ دېگەندەك ئالىي مەكتەپكىچە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن چېنىقىش كۇلۇبىغا يىللىق تىزىملاتتىم. چېنىقىۋاتقىلى مانا ھەش-پەش دېگۈچە 4 ئايچە بولۇپ قالدى
.بەدەن شەكلىم گەرچە يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك بولمىسىمۇ لېكىن ھەر ھالدا ئەل قاتارى.
ئەسلى چېنىقىش كۇلۇبىغا دەسلەپتە كەلگەندىلا كۈندە يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا يۈگۈرەيتتىم، كېيىن ئاشۇ يەردە چېنىقىدىغان بىرەيلەن (خېلى مۇسكۇللۇق) بۇنداق ئۇزۇن يۈگۈرىۋەرسەم ،كۈچ مەشىقى قىلىدىغاندا تازا ياخشى ئۈنۈمى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيىتتى. شۇڭا مەن پەقەت بەدەن قىززىغۇچىلا يۈگۈرىدىغان بولدۇم. لېكىن يەنىلا ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس
.بەزىلەر « ئاقسىل يېسەڭ بولىدۇ» دەيدۇ. ئىزدىنىشتا يامان ئىشتىن باشقا ھەممە ساھەدىكىلەر بار دەپ ئويلايمەن
.شۇڭا چېنىقىش كۇلۇبىغا بارىدىغانلار مۇشۇ توغرىسدا ماڭا ياخشىراق مەسلىھەت بەرسەڭلار. ئەگەر ئاقىسىل تولۇقلىماقچىبولسام،قايسى ماركىدىكىنى يېسەم بولار؟
40- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
flashboyئاشۇ چىنىقان بەدەن بولدىما ،تازا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ رەسىمىڭلارنى يولاپ.
ھاھاھ ،باش سۈرىتىڭىزدىكى رامبو بەدىنىگە سىلىقلاش مېيى سۈركىۋالغان ،شۇڭا بوغۇملار ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ،مېنىڭ تەبىئىي سۈرەت ....مەن تېخى ئەتراپىمدىكى ئىسكىلىتلار ياكى پىۋا قورساقلاربىلەن سېلىشتۇرۇپ ، ئۆزەمنىڭ بەدىنىنى خېلى چىنىققان بەدەن دەپ ئويلاپ يۈرۈيمەن ،قېنى جۈرئىتىڭىز بولسا يوللاپ كۆزىمىزنى ئېچىپ قويۇڭە،سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى ،لېكىن باش سۈرىتىڭىزنى يوللىسىڭىز ئىناۋەتسىز ھە ....
بەدەن شەكلىڭىز ئىسكىلىتتەك ياكى پىۋا قورساق بولسىڭىز بولدى خىجىل قىلماي .....
39- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن مۇسكۇلنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق. ئەمدى سىلەر مەخسۇس ئاشۇ مۇسكۇل چىقىردىغان، بوكسورچىلىق ياكى چېنقىش كۇلۇبىنىڭ تېرنېرلىرى ۋە ياكى ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ياكى ئالاھىدە ساقچى بولمىساڭلار نىمە پايدىسى ئۇنداق مۇسكۇل چىقارغاننىڭ. بەدەن ئېغىرلىقنى مۇئاپىق ساقلاپ ،بەدەن شەكلىنى چىرايلىق ساقلاپ قالسىلا بولدى. ئەمدى ئانچە مۇنچە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرىلىسە بولىدۇ. مەن ئادەتتە قەۋەتكە چىقىش ئۇسۇلى ۋە پىيادە يول مېڭىش ئۇسۇلى بىلەن چېنىقىمەن. چېنىقىش كۇلۇبىغا بېرىپ قاتتىق چېنىقىپ مۇسكۇلنى مەجبۇرى چىقرىپ كېينى تاشلىۋەتسە پايدىسى يوق. نورمال مۇئاپىق چېنىقىپ بەرسە بولىدۇ ئوغۇل بالا دېگەن.
ئەھمىيتى يوق دىۋەتسەك بولماس.ھەممە ئادەمنېڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ.سىۋاشىنگىر،سىتەيلونلار ئەھمىيتى يوق ئىشلارنى قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانمىغان.ئوغولبالا مۇنداق چىنىقسۇن،قىز بالا ئۇنداق چىنىقسۇن دىگىلىمۇ بولماس.گەرچە ئالاھىدە ساقچى ياكى شەخسى قوغدىغۇچى بولمىساقمۇ ھەر ھالدا بەدەن ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرسەك شۇمۇ بىرگە ھىساپ.مۇشۇ گەپلەر چىنىقىپمۇ داۋامىنى چىقىرالمىغانلار تاپتىمىكىن دەيمەن. {:181:}
42- قەۋەتتىكى flashboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
40- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
flashboyئاشۇ چىنىقان بەدەن بولدىما ،تازا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ رەسىمىڭلارنى يولاپ.
ھاھاھ ،باش سۈرىتىڭىزدىكى رامبو بەدىنىگە سىلىقلاش مېيى سۈركىۋالغان ،شۇڭا بوغۇملار ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ،مېنىڭ تەبىئىي سۈرەت ....مەن تېخى ئەتراپىمدىكى ئىسكىلىتلار ياكى پىۋا قورساقلاربىلەن سېلىشتۇرۇپ ، ئۆزەمنىڭ بەدىنىنى خېلى چىنىققان بەدەن دەپ ئويلاپ يۈرۈيمەن ،قېنى جۈرئىتىڭىز بولسا يوللاپ كۆزىمىزنى ئېچىپ قويۇڭە،سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى ،لېكىن باش سۈرىتىڭىزنى يوللىسىڭىز ئىناۋەتسىز ھە ....
بەدەن شەكلىڭىز ئىسكىلىتتەك ياكى پىۋا قورساق بولسىڭىز بولدى خىجىل قىلماي .....
خىجىل بولىدىغان نېمە با؟سىز خىجىل بولماڭ ماۋۇ رەسىمىمنى كۆرۈپ
نەچچە ۋاقتىن بىرى تىرەككە چامما ئاتمىدۇق،چىنىقتۇق
ھاھاھ ..مانا ماۋۇ ئىشىڭىز بولىدۇ ... مۇسكۇلىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن .... ئۇيغۇر ئەركەكلىرى چىنىقىشىمىز كېرەك ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن سۈپىتىمىز ھېلىمۇ يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ ،ياشلار ئىسكىلىتتەك ،چوڭلار پىۋا قورساق بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ...قىزلار بولسا كورىيىنىڭ سېرىق ئاشتەك يىگىتلىرىنى چوڭ بىلىپ كېتىۋاتقان ...بىز دىگەن ئوغۇز،تۈرك نەسلى ..ئاتا بوۋىمىز قەھرىمان چەۋەندازلار ...چېنىقىش بىزنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىمىزغا كۆپ پايدىلىق ...ئىزچىلار ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىدىن ۋە جاسارىتىدىن مەمنۇن بولدۇم ..
بولسا چىنقىش ئۇسۇلىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ۋە باشقا چىنىقىۋاتقان تورداشلارمۇ سۆزلىسە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرساق .... تۇخۇم ۋە سۈتنى كۆپىرەك ئىستىمال قىلىڭ . دوختۇر بۇيرۇمىسىلا ئۇيغۇرلار ئاقسىلنى تەبئى يىمەكلىكتىن تولۇقلاپ تۇرغىنى ياخشى ، بولمىسا ئاقسلدىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ . ماڭا ئۇزۇن يىل بولدى چىنىقۋاتقىلى،لىكىن ئىككىمىزنىڭ چىنىقىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىكەن.
يۈگۈرۈش ماشىنىسىنى كىرگەن ۋاقتىدا 15مىنىۇت يۈگۈرۈپ بەدەن قىززىتۋالساق بۇلىدۇ.ئۇنۇڭدىن كىيىن پەينى بىرەر قۇر سوزۇپ،ئېغىرلىق ھەركىتىگە ئۈتىمىز .ھەر بىر ھەركەتنى 4قېتىم ئورۇندايمىز ،بىر قېتىمىدا 8-12كۈچەش ھەركىتىنى تەكرارلايمىز.چىنىقىش ۋاقتى ئىككى سائەت ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ خىل ھەركەتنى بىر گۇرۇپا قىلىمىز.كۈندا بېرۋالساقمۇ تازا ئۈنىمى بولمايدۇ،ئىككى كۈندە بىر بارساق مۇۋاپىق،چۈنكى مۇسكۇلارنىمۇ ياخشى ئارام ئالغۇزمىساق بولمايدۇ.چىنىقىش ئۇسۇلىنى چۇقۇم ئۆلچەملىك توغرا ئىشلەيمىز،خاتا ئىشلىسەك تۈمۈرگە كەتكەن كۈچ قايتىپ كەلمەيدۇ.مەن چىنىقاندا دارا ئاقسىل دىگەندەك بىر نەرسىلەرنى يەپ باقمىدىم،نوچىسى يېرىم كىلو كالنىڭ قۇيرۇق قىسىمىنىڭ گۈشى بىلەن سەۋزنى قاينىتىپ يەپ بەرسە ياخشى.يەنە يېرىم كىلو سۈت،ئىككى تال ئالما قالغىنىغا ئۈچ ۋاق تامىقىمىز جايىدا بولسا بولدى.
2- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا ئۇزۇن يىل بولدى چىنىقۋاتقىلى،لىكىن ئىككىمىزنىڭ چىنىقىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىكەن.
يۈگۈرۈش ماشىنىسىنى كىرگەن ۋاقتىدا 15مىنىۇت يۈگۈرۈپ بەدەن قىززىتۋالساق بۇلىدۇ.ئۇنۇڭدىن كىيىن پەينى بىرەر قۇر سوزۇپ،ئېغىرلىق ھەركىتىگە ئۈتىمىز .ھەر بىر ھەركەتنى 4قېتىم ئورۇندايمىز ،بىر قېتىمىدا 8-12كۈچەش ھەركىتىنى تەكرارلايمىز.چىنىقىش ۋاقتى ئىككى سائەت ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ خىل ھەركەتنى بىر گۇرۇپا قىلىمىز.كۈندا بېرۋالساقمۇ تازا ئۈنىمى بولمايدۇ،ئىككى كۈندە بىر بارساق مۇۋاپىق،چۈنكى مۇسكۇلارنىمۇ ياخشى ئارام ئالغۇزمىساق بولمايدۇ.چىنىقىش ئۇسۇلىنى چۇقۇم ئۆلچەملىك توغرا ئىشلەيمىز،خاتا ئىشلىسەك تۈمۈرگە كەتكەن كۈچ قايتىپ كەلمەيدۇ.مەن چىنىقاندا دارا ئاقسىل دىگەندەك بىر نەرسىلەرنى يەپ باقمىدىم،نوچىسى يېرىم كىلو كالنىڭ قۇيرۇق قىسىمىنىڭ گۈشى بىلەن سەۋزنى قاينىتىپ يەپ بەرسە ياخشى.يەنە يېرىم كىلو سۈت،ئىككى تال ئالما قالغىنىغا ئۈچ ۋاق تامىقىمىز جايىدا بولسا بولدى.
مەنمۇ دەل سىزگە ئوخشاش كۈچ مەشىقى قىلىمەن.سىزنېڭچە بەدەندىكى ئارتۇق ماينى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ،ھەقىقى مۇسكۇللۇق بەدەنگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن يەنە قانداق قىلىش كىرەك؟كۈچ مەشىقىلا يىتەرلىكمۇ؟مەسىلەن چىنىقىشتىنبۇرۇن تاماق يىۋالسا ياخشىمۇ؟بەزىلەر ياخشى دەيدۇ،بەزىلەر بولمايدۇ دەيدۇ.
1- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇخۇم ۋە سۈتنى كۆپىرەك ئىستىمال قىلىڭ . دوختۇر بۇيرۇمىسىلا ئۇيغۇرلار ئاقسىلنى تەبئى يىمەكلىكتىن تولۇقلاپ تۇرغىنى ياخشى ، بولمىسا ئاقسلدىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ .
بېزنىڭ كۇلۇبدا ئاقسىل يەۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارمۇ بار.

ما بىزنىڭ مەھەللىدە چېنىقىش كۈلۈبى يوق، ماڭا بىر چېنىقىش پىلانى تۈزۈپ بەرسەڭلارچۇ؟ ئۇرۇقلاي دېگەن، مۇسكۇللۇق ھەيۋەت يۈرگۈممۇ بار ئەلۋەتتە. مەن كۈندە ئىككى تال تۇخۇمنى ئىللىتىپ ئىچەتتىم، ئوبدانلا مەشىق قىلىۋاتقان. قىش بولغاندىن بېرى بېرىش ئېغىر كېلىپ بارمىدىم، ئۆيدە ئانچە-مۇنچە ھەرىكەت قىلىپ قويىمەن. ئاقسىل يەپ چېنىقىپ نىمە كەپتۇ؟مەقسەت ساغلام بولۇشقۇ ئاخىر . مەن كۈندە يېرىم سائەتچە يۈگىرىۋەتكەندىن كېيىن باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىمەن، ئاقسىل،تۇخۇم..دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالاھىدە يەپ كەتمەيدىكەنمەن
يېقىننىڭ ياقى ئىشتىن كېلىپ بېرىش ئانچە خوشياقماس بولىۋالدى

بېلىمنىڭ بوشلىقىدىنغۇ ھېچ باشلاپ بولالمايۋاتىمەن. تەنتەربىيەنىڭ مەلۇم بىر تۈرىنى ھاياتنىڭ بىر قىسمى قىلىش ياخشى ئىش.
چىنىقىش كۇلۇبلېرى يوق يەردە چىنىقىشنىڭ ئانىسى يۈگىرش ،كۈندە ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ كىلومىتېر،يۈگىرەش ئورنىمىز ھاۋاسى ساپ يەرلەر بۇلۇش كېرەك،ھاۋاسى مەينەت،ئىستۈتەك،توپا -چاڭ ،يەرلەردە يۈگىرسەك ئەكسىچە تەسىر بېرىپ ئۆپكە كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.
6- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چىنىقىشنى تاماق يەپ بۇلۇپ يېرم سائەتىنكىيىن ئەپ بارىمىز ،ئاچ قوساق چىنىقساق ئۈنىمى بولمايدۇ،ھەم ئۆزىمىزگىمۇ خوش ياقمايدۇ. چىنىقىش ئارقىلىق بەدەندىكى كېرەكسىز مايلارنى يوق قىلغىلى بۇلىدۇ.چىنىقىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاز دىگەندە بىر يېرىم يىل ئەتىراپىدا بىلگىلى بۇلىدۇ،بىر يېرىم يىدىن كىيىن بىر ئادەم تاشقى قىياپىتىڭزدىنمۇ چىنىقانلىقىڭزنى بىلەلەيدۇ.ھەر قېتىم ئېغىرىق ھەركىتىنى 4گۇرۇپا داۋاملاشتۇرىمىزغۈ ،ئەگەر ھەركىتىمىزتوغرا بولسا بەشىنچى قېتېمدا ھەركەتنى داۋاملاشتۇرماق تەس كىلىدۇ.
تاماق تۈرىدىنچۇ؟بېزنېڭ مەكتەپنېڭ تامىقىنى پەقەت يىگۈم كەلمەيدۇ،سىرىتتىن تاماقنى داۋاملىق يىگىلى بولمايدۇ {:181:} بولسا چىنىقىشقا پايدىلىق يىمەكلىك بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز،سۈت بىلەن تۈخۇمدىن باشقا.
تاماق تۈرىدىنچۇ؟بېزنېڭ مەكتەپنېڭ تامىقىنى پەقەت يىگۈم كەلمەيدۇ،سىرىتتىن تاماقنى داۋاملىق يىگىلى بولمايدۇ {:181:} بولسا چىنىقىشقا پايدىلىق يىمەكلىك بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز،سۈت بىلەن تۈخۇمدىن باشقا.
مەن شەخسەن ئۆزەم ئۇن تامىقىنى ياخشى كۆرمەيمەن،كۆپىرەك پولو،گۈرۈچ تامىقى دىڭىز مەسۇلاتلېرىنى دىگەندەك ئاندىن قالسا مېيى يوق قارا گۆش ،قالغىنىغا مىۋە-چىۋە.
بەزەن تاماقلارنى مەن ياقتۇرمايمەن،كالىنىڭ ئالدىغا بىر سىۋەت سامان بىلەن بىر كىلو قۇناقنى قۇيۇپ قويسا سامانغا يۈگىرەيدىغۇ،بىز كالا بولمىغاندىنكىن ئارقا-ئارقىدىن،تەخسە-تەخسىلەپ ياۋالمىساقمۇ ئوزۇقلۇق قىمىتى يۇقۇرى بولغان يىمەكلىكەرلەرنى ئىستىمال قىلغانغا يەتمەيدۇ.چىنىقان ئادەم كەيىپ ساپادا بولسا تازا ئۈنىمىنى كۆرەلمەيدۇ.
ئەلكۈيىدە بىر بالا پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلۋاتىدۇ،ئۆزىنى ئەيسا پەيغەمبەر دەۋاپتۇ.