koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 11:43:54

چاغاتاي يېزىقىدىكى توربەتلەرنى كۆرۈپ قويۇڭ!

ئۆزەمچە قىزىقىپ، ئازراق چاغاتاي يېزىقى ئۆگەنگەن ئىدىم. بۈگۈن گۇگۇلدىن ئاختۇرسام، چاغاتاي يېزىقىدىكى بىر توربەت چىقىپ قاالدى. بۇ ئافغانىستاندىكى ئۆزبەكلەر ئىشلىتىدىغان يېزىق ئىكەن. خەت قۇرۇلمىسى چاغاتاي يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن ياكى چاغاتاي يېزىقىنىڭ دەل ئۆزى شۇ (چاغاتاي تىلىنى يېڭى ئۆگەنگەچكە، ئاشۇنچىلىك ئىلغا قىلالىدىم)، ھېچ بولمىغاندا، بىر ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن يېزىقنىڭ ۋارىيانتى.


مەنزىل: http://www.bbc.co.uk/uzbek/afghanistan/2011/12/111228_ar_sharani.shtml


مەن يەنە چاغاتاي يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركمەنچە توربەتلەرنىمۇ كۆرگەن ئىدىم.



ئەگەر بىز يېزىقىمىزنىڭ ئىسلاھ قىلماي، شۇ بويىچە ئىشلەتكەن بولساق، يۇقارقى توربەتنى بىمالال ئوقۇيالىغان بولاتتۇق. ئەگەر دىيارىمىزدىكى قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزمۇ يېزىقىنى ئىسلاھ قىلمىغان بولسا، ئۇلار بىلەن گەرچە ئوخشىمىغان شىۋىدە پاراڭلاشساقمۇ، ئوخشاش يېزىقنى ئىشلەتكەن . ماقالە ۋە كىتاپلىرىدىن ئورتاق پايدىلانغان، توربەتلەردىمۇ ئورتاق مۇنازىرىگە چۈشەلىگەن بولاتتۇق........

artibaliq يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 23:13:04

ب ب س رادىيوسىنىڭ ئافغانىستان ئۆزبىكلىرى ئۈچۈن قۇرغان ئۆزبىكچە تور بېتى ئىكەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 08:32:38

مەن كۆرۈپ باقتىم،  قىسمەن گەپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسى جەھەتتىن چۈشەندىم ،   ھەپتىيەكتىن ساۋادى بار ئادەم بولسىلا قىينالماي ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىكەن ،  پەقەت ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە ھەرىپلەرلا بارغۇ شۇ ،



باش بەتتىكى خەۋەردە  « ئافغانىستاننىڭ سېرىل فەرياب ۋىلايىتىدىكى نېفىتلىكلەرنىڭ نېفت قىزىش ھوقۇقى ھەققىدە جۇڭگۇنىڭ CNPCI  نامىدىكى بىر نېفىن شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىگىنى ، بۇ نېفىتلىكلەردە تەخمىنەن 87 مىليۇن تۇڭدىن كۆپرەك نېفىت زاپىسى بارلىقى مۆلچەرلەنگەنلىگى ، بۈگۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىر يىلدىن كىيىن ئىجرا بولۇشقا باشلايدىغانلىغى ،    ئېرىشىلگەن ساپ پايدىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئافغانىستان ، 30 پىرسەنتىنى جۇڭگۇ شىركىتى ئالىدىغانلىغى ، ۋە بۇ 30 پىرسەندىنمۇ يەنە ئافغان ھۆكۈمىتىگە باج تۆلەيدىغانلىغى ، دىگەندەك مەزمونلار  باركەن ، يەنە بۇ توختام نەتىجىسىدە ئافغانىستان خەلقى ئۈچۈن خېلى كۆپ ساندا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولىدىغانلىغى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە زور مىقداردا مالىيە كىرىمى يارىتىپ بېرىدىغانلىغى ھەققىدە ئىكەن ،  توختام مۇددىتى 25 يىل ئىكەن ،

ياندىكى يەنە بىر خەۋەردە  « جىنسى زوراۋانلىققا ئۇچرىغان گۈلناز كابول تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى  » دىيىلىپتۇ .   



پەرىق پەقەت بىر نەچچە ئوخشىمايدىغان  ئەرەب ھەرىپلىرىدە ئىكەن ،  ئەمما  « ھەپتىيەك » ئوقۇغانلارغا ئاسان بۇ ،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 08:51:30

facebook, twitter, youtube ھەممىسىگە چىقالايدىكەن ھە ئۇلار..

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-1-2 01:36:43

مۇشۇنداق توربەتتىكى مەزمۇنلارنى داۋاملىق ئوقۇپ بەرسە ،كىيىنچە ، قازان باسمىسىدا بېسىلغان ئەسەرلارنى شارىلداپ ئوقۇشقا ياردىمى تېگىدۇ . قوليازما شەكلىدىكى كىتاپلاردىكى ئىجىر-مىجىر خەتلەردىن سىقىلىپ تۇرغاندا ، بۇ توربەتتىكى خەت نۇسخىسى ھەجەپ خوشياقتى .





http://www.bbc.co.uk/uzbek/afghanistan/2011/12/111224_ar_video_gulnaz.shtml

ئۇ توربەتتىكى ماۋۇ ئۇلانمىدا  ئافغانىستاندىكى ئۆز باجىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچىراپ كېسىمگە ھۆكۈم قىلىنغان گۈلناز ئىسىملىك ھىلىقى ئايالنىڭ ھەپتە بۇرۇن دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن تۈرمىدىن چىققانلىق خەۋىرى باركەن .  

NBCنىڭ كېچىلىك خەۋەرلىرىدىمۇ بەرگەن مۇشۇ ئايال توغرىلىق .  زورلانغان ئايالنى 12يىل كەسكىنى ئەقىلگە سىغمايدۇ . بىرىنچى سوتتا 2 يىللىق ، ئىككىنچى سوتتا 12يىللىق كېسىلدىم ، قازى ھەققىمگە زۇلۇم قىلدى دەيدۇ ئۇ ئايال . ھەقىقىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ.  بالىغا ئىچىم ئاغرىدى. تۈرمىدە تۇغۇلۇپ...ھازىر 2 ياشتىن ئىشىپتۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 13:16:39

ئەگەر بىزگە مەكتەپتە بولسىمۇ چاغاتاي يېزىقىنى قوشۇپمچە ئۆگەتسە، بەزى خەلقئارلىق خەۋەرلەرنى «تەرجىمە» قىلىش 5 مىنۇتلۇق ئىش بولۇپ قالىدۇ.ھەتتا تەرجىمە قىلىشمۇ كەتمەيدۇ.

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2012-1-4 13:21:17

زىر-زەبەرلىرى بولغان بولسا راۋان ئوقۇيالايتىم. \"\"  ،  بۇ ھالەتتە ئوقۇشتا ئازراق  قىينالدىم!
بەت: [1]
: چاغاتاي يېزىقىدىكى توربەتلەرنى كۆرۈپ قويۇڭ!