gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 14:15:02

سۇزۇلما راكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى بىمارلىرىنىڭ كۈتۈنۈش ئۇسۇلى

سۇزۇلما راكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى بىمارلىرىنىڭ كۈتۈنۈش ئۇسۇلى




بۇ خىل كېسەلدە ئۈچ ئۈلۈش داۋالىنىپ يەتتە ئۈلۈش كۈتۈنۈشنى ئاساس قىلىش،پەرھىزلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن چەكلەش لازىم.ئۇنداق قىلمىغاندا ساقايغان ھالەتتىمۇ ناھايىتى تېزلا قايتىدىن قوزغىلىۋالىدۇ.تۆۋەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردىن:



1. ھاراق-تاماكىدىن دەرھال قول ئۈزۈش، خۇشال-خۇرام روھىي ھالەتنى ساقلاپ ئامال بار ئاچچىقلانماسلىق، قايغۇرماسلىق كېرەك.


2. تاماقنى ھەدىدىن زىيادە قاتتىق تۇيۇپ يېمەسلىك، ئىچىملىك ئىچمەسلىك،ئولتۇرۇش، مېھماندارچىلىقتا تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش،يېمەك-ئىچمىكى قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.


3. ھەر كۈنىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئاشقازان تەرەپنىڭ ئۈستىدىن يېنىك ئوڭ-سولنى ئايلاندۇرۇپ، نۋەتلەشتۈرۈپ ئۇۋىلاپ بېرىش، ناشتا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق، يېنىك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش بولسا 10-20مىنۇت بوش يۈگرۈپ ياكى پىيادە مېڭىپ بېرىش كېرەك.


4. ئەتىگەنلىك تاماقتا ئۈچ خىل يېمەكلىكنى يېمەسلىك يەنى،شېكەر تەركىبلىك يېمەكلىكنى يېمەسلىك،مايلىق يېمەكلىكنى يېمەسلىك،قاتتىق-يىرىك يېمەكلىكنى يېمەسلىك كېرەك.پەقەت سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلاردىن ئۇماچ،شۋىگۈرۈچ،سۇيۇقئاش،خولۇپئاش،خانئېشى قۇرۇپ، قىزىرىپ پىشقان يېڭى نان، زەنجىۋىل ، ئىگىر مۇراببالىرى ياكى قىزىلگۈل گۈلقەنتى ياكى پىننە گۈلقەنىتى يەپ بېرىش ۋە ياكى سۇدا بەك پىشقان، يېنىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش، ئامال بار ناشتىدا بىر بۇردا نان بىلەن چايدا ناشتا قىلىۋېتىپ ئاندىن باشقا تاماقنى يېيىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا كېچىچە ئاشقازانغا يىغىلغان ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى نان سۈمۈرۈۋېلىپ ئاشقازاننى ئېچىشتۇرۇشنىڭ ياكى مەيدىسى ئېچىشىپ زەرداپ تۈكۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


5. قېنىق چاي ئىچىشتىن ساقلىنىش بولۇپمۇ ئاچ قورساققا قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەسلىك كېرەك.


6. يىرىك ۋە زىيادە يەللىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك مەسىلەن، كۈدە، كەرەپشە،ھەرخىل گۆشلەر، گۈرۈچ تاماقلىرى، تۇخۇمغا ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.


7. ئىنچىكە تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش يەنى، تۇرۇپ(لوبۇ) ،سۇيۇقئاش قاتارلىق.


8. مېۋە-چېۋىلەردىن ھالۋابىدىت(،ئەبنوس柿子)،نەشپۈت، تاۋۇز،ئۈزۈم،يەرلىك شاپتۇل،قوتۇر ئامۇت قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.قوغۇن، قارا ئۈرۈك،ئانار قاتارلىق مېۋىلەرنى ئاز يېيىش بولسا يېمەسلىك كېرەك.


9. كىيىمنى قېلىن كىيىش، پەسىل ئۆزگەرگەندە ياكى ھاۋا ئۆزگەرسە كەنجە كىيىۋېلىش، ئاشقازان-ئۈچەيگە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ياشلار قىسقا بەللىك، كىندىكى ئۇچۇق كىيىملەرنى قەتئىي كەيمەسلىك كېرەك.


يۇقارقىلاردىن باشقا يەنەبەك سوغۇق، قاتتىق، تۇزلۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، تاماقنى قىزىق ۋە تېز يىمەي كۆپرەك چايناش، لوقمىنى ئالدىرىماي يۇتۇش كېرەك.



يۇقارقىلاردىن باشقا ئاشقازىنى تۆۋەنلەپ كەتكەن بىمارلار يەنە ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بويىچە پاختا ياكى يىپەك رەختلەردىن بەلباغ ياكى پوتا تاقىۋالسا ئەڭ ياخشى.



يۇقىرىقى ماقالە« شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ2011.10-سانىدا ئېلان قىلىنغان


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 16:20:03

گۈلھەكىم ھالۋا بېدىت دېگەن زادى قانداق مېۋە ؟ تەلىم بەرگەيلا!

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 17:32:13

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈلھەكىم ھالۋا بېدىت دېگەن زادى قانداق مېۋە ؟ تەلىم بەرگەيلا!

شىزىدەپ قويىمىزغۇ خەنسۇچە،،،،ئۇرۇقىيوق ئۇرۇقنىڭ ئورنىدا يوغان شىرنىدەك بىر نەرسىلەر بار،،ئاپلىسىن رەڭدىكى مېۋە شۇ،،،ھازىرقىش قېقى كۆپرەكمىكىن بازاردا ..ھۆل پىتىم يىسىلە سۇلىرى ئېقىپ بىر ئاۋارچىلىق ،،قېقىبەلەن

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 17:34:09

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈلھەكىم ھالۋا بېدىت دېگەن زادى قانداق مېۋە ؟ تەلىم بەرگەيلا!

لوغەتنى ئاختۇرسام (ئۇيغۇر سوفىت 2008تۆت تىللىق )مۇنداق چىقتى




ھالۋابىدىت


shì











كۆكتات
ناملىرى


ھالۋابىدىت


柿子

shì











ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت


ھالۋابىدىت


persimmon











ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت


ھالۋابىدىت


persimmon
【医】 kaki;
persimmon


gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 18:39:02

توغرا، دەل شۇ.



يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە بىرىنچى تۈگمەن ھېسابلانغان ئاشقازاندىكى ياللۇغ ئېغىرلاشسا ئېغىز پۇراش، چىشلىرى سارغىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندىن باشقا يەنە ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال ئىقتىدارىنىمۇ ماس ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. مەسىلەن، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت،مېڭە...قاتارلىقلاردىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاشقازاننى ئاسراش، مۇچ،ئاچچىقسۇ، ھاراق، تاماكا...قاتارلىق زىيادە غىدىقلايدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن ئۆزىنى تارتىش، ئاچچىقنىڭ ئۈستىدىن تاتلىقنى ياكى تۇزلۇقنى زورۇقۇپ يېمەسلىك لازىم.تېبابىتىمىزدىكى«ئاشقازىنىمىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا ئاش تۇرسۇن، ئۈچتىن بىر قىسمىدا سۇ تۇرسۇن، ئۈچتىن بىر قىسمى بوش تۇرسۇن» دېگەن ھېكمەتنى ھەر زامان ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك. بۇ بارلىق ئەزالار ساغلاملىقىنىڭ ئاساسىدۇر.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 19:08:19

2- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈلھەكىم ھالۋا بېدىت دېگەن زادى قانداق مېۋە ؟ تەلىم بەرگەيلا!

شىزىدەپ قويىمىزغۇ خەنسۇچە،،،،ئۇرۇقىيوق ئۇرۇقنىڭ ئورنىدا يوغان شىرنىدەك بىر نەرسىلەر بار،،ئاپلىسىن رەڭدىكى مېۋە شۇ،،،ھازىرقىش قېقى كۆپرەكمىكىن بازاردا ..ھۆل پىتىم يىسىلە سۇلىرى ئېقىپ بىر ئاۋارچىلىق ،،قېقىبەلەن



مۇشۇ كۈنلەردە مېۋە-چېۋە دۇكانلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.ئۇرۇقى بار، ئەمما ئۇششاق سىيادانغا ئوخشاپ قالىدۇ.


http://www.nipic.com/show/1/42/404c924697e80c10.html




yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 19:34:15

5- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈلھەكىم ھالۋا بېدىت دېگەن زادى قانداق مېۋە ؟ تەلىم بەرگەيلا!

شىزىدەپ قويىمىزغۇ خەنسۇچە،،،،ئۇرۇقىيوق ئۇرۇقنىڭ ئورنىدا يوغان شىرنىدەك بىر نەرسىلەر بار،،ئاپلىسىن رەڭدىكى مېۋە شۇ،،،ھازىرقىش قېقى كۆپرەكمىكىن بازاردا ..ھۆل پىتىم يىسىلە سۇلىرى ئېقىپ بىر ئاۋارچىلىق ،،قېقىبەلەن



مۇشۇ كۈنلەردە مېۋە-چېۋە دۇكانلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.ئۇرۇقى بار، ئەمما ئۇششاق سىيادانغا ئوخشاپ قالىدۇ.


http://www.nipic.com/show/1/42/404c924697e80c10.html






\"\"
بەت: [1]
: سۇزۇلما راكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى بىمارلىرىنىڭ كۈتۈنۈش ئۇسۇلى