Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 10:26:25

باسقۇچلۇق موتور

باسقۇچلۇق موتور


باسقۇچلۇق موتور دىگەن بۇ نەرسە پىرىنتېرنىڭ ئىچىدىن تارتىپ ئاپتوماتىك كەپشەرلەش قوللىرىغىچە ماشىنىلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت.


  خىزمەت پىرىنسىپى:

  باسقۇچلۇق موتور بولسا بىر خىل ئىندۇكسىيىلىك موتور، ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا ئېلېكتىرونلۇق توك يولىدىن پايدىلىنىپ، تۇراقلىق توكنى ۋاقىتقا بۆلۈپ تەمىنلەپ، توك ئېقىمىنى كۆپ فازىلىق تەرتىپ بويىچە كونترول قىلىپ، بۇ توك ئېقىمى بىلەن باسقۇچلۇق موتورغا توك تەمىنلەيدۇ، باسقۇچلۇق موتور شۇندىلا نورمال ئىشلەيدۇ، قوزغاتقۇچ بولسا باسقۇچلۇق موتور ئۈچۈن ۋاقىتقا بۆلۈپ توك تەمىنلەيدىغان كۆپ فازىلىق تەرتىپ كونتروللىغۇچ.

  گەرچە باسقۇچلۇق موتور كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلسىمۇ، ئۇ ئادەتتىكى تۇراقلىق توك موتورى، ئۆزگىرىشچان توك موتورىغا ئوخشاش ئادەتتىكى شارائىتتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ چوقۇم قوش ھالقىلىق ئىمپۇلىس سىگنالىق، قۇۋۋەت قوزغاتقۇچ توك يولى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن كونتروللاش سىستېمىسى بولغاندىلا ئاندىن ئىشلەيدۇ. شۇڭا باسقۇچلۇق موتورنى ئىشلىتىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇ مىخانىكا، ئېلېكتىرموتور، ئېلېكتىرون ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي بىلىمگە چېتىلىدۇ.

  باسقۇچلۇق موتور ئىجرا قىلىش زاپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماشىنا ئېلېكتىر بىر گەۋدىلەشكەن ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بىر خىلى، ھەر خىل ئاپتوماتىك كونتروللاش سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. مىكرو ئېلېكترون ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، باسقۇچلۇق موتورغا بولغان ئېھتىياج بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ، ھەر قايسى ئىقتىسادىي ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

تۈرلىرى:

  ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان باسقۇچلۇق موتور بولسا، ئىندۇكسىيىلىك باسقۇچلۇق موتور (VR)، مەڭگۈلۈك ماگىنىتلىق باسقۇچلۇق موتور(PM)، ئارىلاشما تىپلىق باسقۇچلۇق موتور(HB)، يەككە فازىلىق باسقۇچلۇق موتور قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

مەڭگۈلۈك ماگىنىتلىق باسقۇچلۇق موتور

بۇ ئادەتتە ئىككى فازىلىق، ئايلاندۇرۇش كۈچى ۋە ھەجىمى كىچىكرەك، باسقۇچلۇق بولۇڭى 7.5 ياكى 15 گىرادۇس؛

ئىندۇكسىيىلىك باسقۇچلۇق موتور

بۇ ئادەتتە ئۈچ فازىلىق، ئايلاندۇرۇش كۈچى چوڭ، باسقۇچلۇق بولۇڭى 1.5 گىرادۇس، بىراق شاۋقۇن ۋە تەۋرىنىشى چوڭ. ئىندۇكسىيىلىك باسقۇچلۇق موتورنىڭ پىرقىلىغۇچىنىڭ ماگىنىت يولى يۇمشاق ماگىنىتلىق ماتىرىيالدىن ياسىلىدۇ، سىتاتورىدا نۇرغۇن فازىلىق يۈرگۈزگۈچى سىم ئورام بولۇپ، ماگىنىت يېتەكلەش ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئايلىنىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ.

ئارىلاشما تىپلىق باسقۇچلۇق موتور

بۇ مەڭگۈلۈك ماگىنىتلىق بىلەن ئىندۇكسىيىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئىككى فازىلىق ۋە بەش فازىلىققا بۆلۈنىدۇ: ئىككى فازىلىقنىڭ باسقۇچلۇق بولۇڭى 1.8 گىرادۇس بولىدۇ، بەش فازىلىقنىڭ ئايلىنىش بولۇڭى 0.72 گىرادۇس بولىدۇ. بۇ خىلدىكى باسقۇچلۇق موتورنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ.


ئالاھىدىلىكى

1. موتور ئايلانغان بولۇڭى ئىمپۇلىس سانى بىلەن نىسبەتلىك؛

2. موتور ئايلىنىشتىن توختىغان چاغدا ئەڭ كۈچلۈك ئايلاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ (سىم ئورام ماگىنىت پەيدا قىلغاندا)؛

3. ھەر باسقۇچنىڭ ئېنېقلىقى يۈزدە ئۈچ پىرسەنتتىن يۈزدە بەش پىرسەنتكىچە، ھەمدە ھەر قەدەمنىڭ خاتالىق پەرقى كېيىنكى قەدەمگە يىغىلىپ قالمىغاچقا، ياخشى بولغان ئورۇن ئېنىقلىقى ۋە ھەرىكەت تەكرارلىقىغا ئىگە؛

4. توختاش مېڭىش ۋە تەتۈر ئايلىنىش ئىنكاسى ئىنتايىن ياخشى؛

5. ئېلېكتىر چوتكىسى بولمىغاچقا، ئىشەنچىلىكلىكى يوقىرى،شۇڭا، ئېلېكتىر موتورنىڭ ئۆمرى پەقەت شارىك قازاننىڭ ئۆمرى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛

6. ئېلېكتىر موتورنىڭ ئىنكاسى پەقەتلا رەقەملىك ئىمپۇلىس سىگنالى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا ئايلانما كونتروللاشقا بولىدۇ، بۇ موتورنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددى ۋە كونترول تەننەرخىنىڭ تۈۋەن بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ؛

7. يۈكنى موتورنىڭ ئوقىغا بىۋاستە چېتىش ئارقىلىقمۇ ناھايىتى ئاستا بولغان ماس قەدەملىك ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

8.ئايلىنىش سۈرئىتى ئىمپۇلىس چاستوتىسى بىلەن نىسبەتلىك بولغاچقا، خېلى كەڭ بولغان ئايلىنىش سۈرئىتى دائىرىسىگە ئىگە.



كەمچىللىكى

1. كونتروللاش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا رىژونانىس شەكىللىنىدۇ؛

2. يوقىرى تېزلىكتە ئايلىنالمايدۇ.


ئادەتتىكى ئېلېكتىر موتورلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكسىز ئايلىنىدۇ، باسقۇچلۇق ماتور بولسا بىر قەدەم- بىر قەدەم ئايلىنىدۇ. ھەر قېتىم بىر ئىمپۇلىس سىگنال كەلگەندە، ئۇ بەلگىلىك بۇلۇڭدا ئايلىنىپ توختايدۇ.

باسقۇچلۇق موتورنىڭ ئايلىنىش گىرادۇسى  30 گىرادوسلۇق، 3 گىرادوسلۇق، 1.5 گىرادوسلۇققىچە ھەر خىل.



باسقۇچلۇق ماتورنىڭ كونتىروللىغۇچىنىڭ تۈزگۈچى قىسىملىرى


ئىمپۇلىس تەقسىملىگۈچ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى؛


ئىمپۇلىس تەقسىملىگۈچ ۋە توك ئېقىمى دۇلقۇن بوغقۇچىدىن تۈزۈلگەن كونتروللاش توپلاشتۇرۇلغان توك يولى؛


پەقەت قۇۋۋەت قوزغاتقۇچ (توك ئېقىمى كونتروللىغۇچ، قوغداس توك يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانمۇ بولىدۇ) تىن تۈزۈلگەن كونتروللاش توپلاشتۇرۇلغان توك يولى؛


ئىمپۇلىس تەقسىملىگۈچ، قۇۋۋەت قوزغاتقۇچ، توك ئېقىمى كونتروللىغۇچ ۋە قوغداش توك يولى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوزغىتىش كونتروللاش توپلاشتۇرۇلغان توك يولى.



















(بىر قىسىم ئاتالغۇلار يۇلغۇن لوغىتىدىن تەرجىمە قىلىندى. dict.yulghurn.com  )

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 10:52:20

كومپىيۇتېر بۇيرۇق بەرگەن توك بىلەن ئايلىنىدۇ

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 11:07:56

baqkaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

باسقۇچلۇق موتور


باسقۇچلۇق موتور دىگەن بۇ نەرسە پىرىنتېرنىڭ ئىچىدىن تارتىپ ئاپتوماتىك كەپشەرلەش قوللىرىغىچە ماشىنىلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت.


  


مەزمۇن ئەتراپلىق ،ئاممىباپ قىلىپ ياخشى سۆزلىنپتۇ \"\"


ئوقۇپ خىلى بىر يەرگە كەلگەندە چۇشەندىم  ، ئەسلى 步进机 دېگەن ئوقەت شۇكەن ئەمەسمۇ ، مەن بۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە ئېدارنىڭ تولۇق ئاپتۇماتىك بىسىم مۇقىلاشتۇرغۇچى بىلەن تونۇشقان ۋاقتىمدا تونۇشقان ئدىم ، بىسىم مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغان سىم ئوراملارنىڭ سانىنى مۇشۇ باسقۇچلۇق موتور كونتىرول قىلىدىكەن ، ...


مۇشۇ نەرسىنى (步进机) ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىكىن دەپ بىشىم قاتقان  ئېدى ، رەھمەت باچكا  \"\"


Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 11:27:34

باسقۇچلۇق موتور - 进步电机-Step Motor  



asynchronous motor异步电机 غەيرى ماس قەدەملىك موتۇر ؟



同步电机 synchronous motorماس قەدەملىك موتۇر ؟



伺服电机 servo motor سېرۋو موتور (سەرۋو موتور) ؟



变频器 Frequency Inverter چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ (موتور كونتروللىغۇچ )؟



AC Driver    AC驱动器                    قوزغاتقۇچAC



伺服驱动器 Servo Driver سېرۋو (سەرۋو) قوزغاتقۇچ ؟



逆变器  inverter ئۆزگەرتكۈچ ؟





نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇلارنىڭ ئاتالغۇلىرىنى تاپالماي يۈرىمەن....



مۇشۇنداق يازمىلارنى كۆپرەك يوللىمامسىلەر دەيمەن. رەھمەت.

Patigul يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 13:02:12

باچكا ئىمزىڭزايىڭىزدىكى مىڭ خىل كىتاپلار نى بىزمۇ بىلىپ قالايلى قايسى كىتاپلار ئۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 13:46:34

4- قەۋەتتىكى patigulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باچكا ئىمزىڭزايىڭىزدىكى مىڭ خىل كىتاپلار نى بىزمۇ بىلىپ قالايلى قايسى كىتاپلار ئۇ؟



تۈرلىرىنى ISO، GB نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن باشلاپ بىر يازاي ھە ئالدىرىماي..

function يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 14:13:03

داۋامىغا قاراپ قالدۇق...

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 14:35:46

مەندىغۇ بىرنەچچىسى بولىدىغان بىراق كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇشنى بىلمەيمەن .  \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 11:13:16

باسقۇچلۇق موتور (قەدەملىك موتور) يەنە ئىككى خىل نەرسىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەركەت قىلىدىغان ئوخشايدۇ، قوزغاتقۇچ ۋە كونتروللىغۇچ.


http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.29.LulyWD&id=19101519751


\"\"


http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.38.ZQjbvY&id=12735457088



مۇشۇ كەسپنىڭ بالىلىرى، ياكى بالىسىغا مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۆگەتمەكچى بولغانلار ھەپىلىشىپ قويۇڭلار.


http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z0k.1000775.1.84.mPYWlq&id=17086196878&_u=oi29cu42fe7


\"\"

بەت: [1]
: باسقۇچلۇق موتور