بىلكان ئۈچۈن ھۇرررااا (بىرزات)
كەچتە دۇكاندىن يېنىپ ئۆيگە كىرسەم ئوغۇللىرىم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىشىدۇ، بىلال: << دادوو، ھۇ ئاللا (مېنى كۆتۈرۈپ قوي دېگەن مەنىدە) دادوو، ھۇ ئاللا>> دەپ پاچىقىمغا ئېسىلىيدۇ. چوڭ ئوغلۇم ئۆمەرھەييارلىق قىلىپ :<< دادا نىمدا ئەمدى كەلدىڭ، بالدۇيياق كەسەڭ بولمامدا؟! دادا، ئىسسىپ كەتتىڭ، چاپىنىڭنى سىلىۋېتە.....!>> ۋاي تاتلىق بالام ، دۇكاندىن مىڭىپ كىلىپ 5-قەۋەتكە چىقىپ بولغۇچە راس سەل ئىسسىپ قالدىم، سىلىۋىتەي مانا دەپ چاپاننى قويۇپ بولغۇچە يانچۇقنى كولاپلا تېلفۇننى ئىلىۋالىدۇ. ئەسلى مەقسىدىك شۇمىدى دەپ يالغاندىن ھومۇيۇپ قويسام ، ئەركىلەپ :<< دادا، مەن بى ئويناپ باقاييي...>> HTC نى قولىغا بىر ئىلىۋالسا بىرەرسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالمىغۇچە بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. ھىلى ئۇ يانغا سىيرىپ، ھىلى بۇ يانغا سىيرىپ ئۆزى ئامراق ئويۇن، ناخشىلارنى چىقىرىپ ئويناپ كېتىدۇ. ئاندىروئىد سىستېمىسىدا ئوينايدىغان - ئەجدىھا بالىسىنىڭ تاغلاردىن ھالقىپ ئانىسىدىن قاچىدىغان بىر ئويۇننى بىلىسىلەر، ئۇ ئاشۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە ئوينىغاندا ئەجدىھا بالىسىنى تىز-تىز قاچۇرماي قاراپ تۇرىدۇ، ھەي، بولە چاققان، ئانىسى كىلىپ قالىدۇ، تېز قاچ ، دېسەم، - ھە شۇ، ئانىسى كىلىۋالسۇن، دەيدۇ. كۈلۈپ كىتىپتىمەن. تېلفۇننى ئويناۋاتقاندا بىرەرسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالسا قولۇمغا بىرىپ سۆزلىشىپ بولغۇچە يىنىمدا قاراپ تۇرۇپ تېلفۇننى قويغاندا، دادا، چىمىكەن؟!! دەيدۇ. ھە بالام، ئۇ خىرىداكەن دېسەم، ھە دەپ قويۇپ يەنە ئويۇنغا چۈشۈپ كىتىدۇ. بىردەمدىن كىيىن يەنە تېلفۇن سايراپ قالسا ئۆزى بىر سىيرىپلا تېلفۇننى ئىلىپ: <<ئەسلاملەيكۇم، خيدا ئاكا، دادامغا بىيەي، خوش ئاللاغا ئامانەت>> دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ ئەكىلىدۇ، كىمىكەن دېسەم، خيدا ئاكامكەن دەيدۇ، كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن. 3 ياشلىق بالىنىڭ تەپەككۇرى قانچىلىك بولماقچىدى دەپ سەل قارايدىكەنمىز، ئەمەلىيەتتە مەن ئۆمەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى، ئەتراپىدىكى موھىت، چوڭلارنىڭ سۆزلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىغا قاراپ 3 ياشلىق بالىنى كىچىك دەپ تەربىيلەشكە سەل قارىساق بولمايدىكەن دەپ قالدىم. تېلفۇننى كۆپ ئوينىسىمۇ رادئاتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ سەل ئەنسىراپ قىلىۋاتىمەن. ئوينايدىغانغا مەخسۇس مۇئەللىم ياكى ئىرپاننىڭ چەكمە ئوقۇتقۇ كىتابلىرىدىن ياكى بولمىسا بىلكان ئايپەد (تاختا كومپيۇتېر) دىن ئىلىپ بىرەي دەپ نىيەت قىلىپ يۈرگىلى خىلى بولدى، لىكىن چول تىگىپ بولالماي تېخىچە ئىلىپ بولالمىدىم. بۇ قېتىمقى بلوگ باھالاشتا 1-2-بولغانلارغا بىلكان ئايپەد مۇكاپات بىرىلەرمىش دەيدۇ. يىللاردىن 80خالتا بلوگى 1-بولۇپ كىلىۋاتقاندا بۇنداق ئىسىل مۇكاپاتلار يوق. بۇ يىل رىقابەت كەسكىن، 80خالتا بلوگى 1-بولالمايدىغاندەك تۇرغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ گېپى چىقىپ قالدى (ئىزدىنىشتا بىلەت سانىم سەل ئالدىدا بولغان بىلەن باشقا مۇنبەرلەردە كەينىدە قالدىم دېمەيسىلە
. ) ماڭا (80خالتا بلوگى)غا كۆپرەك بىلەت تاشلاپ قويۇڭلار جۇما ئاغىينىلە، 1-بولۇپ ئوغلۇم ئۈچۈن بىلكان تاختا كومپيۇتېر مۇكاپات ئىلىپ بىرەي
بىلكان تاختا كومپۇتېرنىڭ ئىقتىدارلىرى ئالامەتمىش، بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش دىتاللىرى قاچىلانغان دەيدۇ. باشقا بلوگېر بۇرادەرلەرمۇ تىرىشىڭلار! بىلكان مۇكاپات ئالساڭلار باللىرىڭلارنى خوش قىلىسىلەر، بىلكان مۇكاپات ئالساڭلار باللىرىڭلار تېلفۇنىڭلارنى تالاشمايدۇ. بىلكان ئۈچۈن ھۇررراااا
بلوگلارغا بىلەت تاشلاش ئادرىسى مۇنۇ تېمىدا:
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44460&Page=2
باللىرىنىڭ يۈزى...بىر بېلەت كەتتى ، {:92:} ...بىلكانغا ئېرىشىپ قالسىلا ما بىزلەرنىڭ سالامىنى بالىلىرىغا يەتكۈزسىلە ..مۇشۇ ئاچىلىرىڭ بولمىسا ساڭا قالمايتى بۇ تاختپەر دەپچۇ........... مۇشۇ يازغانلىرىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ بىر بىلەت تاشلىۋەتتىم .بىلوگىڭىزنىڭ تېىخىمۇ ئېسىل مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . رەھمەت جۇما ئەزىزلەر. بىلكان مۇكاپات ئالسام، مۇشۇ تېما بىلەن ئاخىرىدا چۈشكەن ئىنكاسلارنى يىغىپ ساقلاپ قويۇپ چوڭ بولغاندا ئوقۇيدىغانغا بىرىمەن ئوغلۇنغا {:92:} مەن تاشلاپ بولاپتىكەنمە

7- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوخخو، ئوغال ئىككى دەڭلا تېخى. چاققان.
ئوغال 3


www.tizlik.com
www.kompas.cn
qq;124465678 گەرچە ھەر يىلى ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنى پۈتتۈرىدىغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ باشقىلارغا ئۇنىۋېرسال نەپ بەرگۈدەك دەرىجىدە خىزمەت قىلالىغانلار ساناقلىقلا. مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندىم، سىزمۇ مۇشۇ تور ئارقىلىق خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتىسىز، بۇمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.بالام ئۈچۈن، دەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان روھىڭىز ئۈچۈنمۇ بىر بېلەت تاشلىدىم. ھارمىغايسىز... مەنمۇ تاشۋەتكەن ئىدىم بىلىكتە بىر بېلەت. ما يەدىمۇ يەنە بى بىلەت تاشلاپ قوياي جۇمۇ ئۆمەرجاننىڭ بىلكان ئويناۋاتقان ھالىتىنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ 80خالتا ئۈچۈن بىر بىلەت تاشلىدىم.

19- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىرزات ئەپەندىم، ئۆتكەنكى ئىلى سەپىرى توغرىسىدىكى چاتما ساياھەت خاتىرىڭىز ياخشى چىقىپتىكەن. شۇنىڭ ئىچىدە «راۋغاچ» دەپ بىر ئۈسۈملۈكنىڭ قايسى ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، دېگەندەك گەپىنى قىلغانلىقىڭىز يادىمدا. بۈگۈن شۇ گەپ ئېسىمگە كېلىپ ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.ئۇ بىزنىڭ تېبابىتىمىزدە كۆپ ئىشلىتىدىغان «رەۋەن »شۇ! ئۇنىڭ يىلتىزىنىڭ رەڭگى خۇددى قىزغۇچ سەۋزە ياكى تاتلىق ياڭيوغىمۇ ئوخشايدۇ. دوراپۇرۇچلار ياكى ئۇنى بىلىدىغان مالچىلار كولاپ ئېلىپ توپىسىنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن يالپاقداپ توغراپ، سالقىن يەردە قۇرۇتۇپ ئادەم ياكى چارۋىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىلا ئەمەس يەنەغۇلجا،ئالتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىمۇ تەبىئىي دورا ئۈسۈملۈكلىرى ناھايىتى مول.
مۇنداق دېسىلە... مەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇ تېمىنى يوللاپ قوشلاپ پايدا ئالدىممۇ نېمە مەن؟!
