مەسچىت تۇرسا يۈتمەس دەپتىمەن
مەسچىت تۇرسا يۈتمەس دەپتىمەن
قايناپ چىقتى مەسچىت ئىچىدىن ،
بىزلەر بىلەن تەڭتۇش بىر بالا .
قۇلاق سېلىپ قايناشلىرىغا ،
ياقا چىشلەپ دېيىشتۇق توۋا .
چاپىنىنى سېلىپ نامازغا ،
تۇرغان ئىكەن بۇرادىرىمىز .
قوپقىنىدا دۇئادىن كىيىن ،
يوقىلىپتۇ چاپان دېرەكسىز .
كارى چاغلىق بىرەر چاپاننىڭ ،
توۋا دەيمەن ياراتقان ئاللاھ .
نېمە بولدى ئادەملىرىڭگە ،
مەسچىتتىمۇ ئوغۇرلۇق قىلسا .
ئۇ ئايلىنىپ مەسچىت ئىچىدە ،
بىلەلمەپتۇ يىغلاش-كۈلۈشنى .
جامائەتمۇ دەپتۇ :ئوغرىلار ،
ئۇنتۇشتۇڭمۇ بىر كۈن ئۆلۈشنى !
بۇ ئىشلاردىن نامازخانلارنىڭ ،
بولۇپ قاپتۇ كۆڭلى بىر قىسما .
سېسىتىدۇ ئەمەسمۇ پۈتۈن -
-بىر يەشىكنى بىر سېسىق ئالما .
ساقلاپ باققىن بۇرادەر دېدۇق ،
بىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ .
بولدى دەپلا ماڭدى چاپانسىز ،
سومكىسىنى دوۋلىغا ئېسىپ .
مەسچىت تۇرسا يۈتمەس دەپتىمەن ،
دەپ ماڭدى ئۇ توۋا -مىڭ توۋا .
"توۋا "،"نەپرەت" دېگەن سادالار ،
سىڭىپ كەتتى كونسۇل كوچىغا .
2011-يىل 28-دېكابىر مۇشۇ تاپ :شەھرى ئۈرۈمچىدە يېزىلىپ بېقىلدى .
ئۇ بالا سومكىسىنى دوۋلىغا ئېسىپ مايكىلىق ھالدا كونسول كوچىسىغا سىڭىپ كەتتى ،ئۇنىڭ گەپلىرىنى ،سومكىنى ئېسىپ سوغاقتا مەردانە ماڭغان قىياپىتىنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن.. مىنىڭمۇ ئايىقىم يۈتۈپ كەتكەن نوغاي مەسچىتىدە. ياۋۋۋۋۋ، بىر كۈننىڭ ئىچىدە شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ بوپسىز ھە

4- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن زادىلا ئۇچراپ باقمىدىم دېسە ئۇنداق ئىشلارغا ...
سىلە ئىككى ھېيىت نامزىدىن باشقا ۋاقىتتا مەسچىتكە كىرمەيدىغان تۇرساڭلا،ئۇچرامتىڭلا ئۇنداق ئىشلارغا
مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىگە كامېرا ئورنىتىلغان، كىرگەنلەرنى سىنغا ئېلىپ تۇرىدۇ دەۋاتقانتى.
ئايتۇغ ئوغرى تۇتقاندەك، ئوغرىنى تۇتۇپ قاتتىق جازالىسا بولمامدىغاندۇ؟!
ياكى كىشىلەرنى مەسچىتكە كەلمىسۇن دەپ ئەتەي ئوغرىلارنى ئىشقا سېلىۋاتقان ئىشمۇ بۇ؟!

9- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىگە كامېرا ئورنىتىلغان، كىرگەنلەرنى سىنغا ئېلىپ تۇرىدۇ دەۋاتقانتى.
ئايتۇغ ئوغرى تۇتقاندەك، ئوغرىنى تۇتۇپ قاتتىق جازالىسا بولمامدىغاندۇ؟!
ياكى كىشىلەرنى مەسچىتكە كەلمىسۇن دەپ ئەتەي ئوغرىلارنى ئىشقا سېلىۋاتقان ئىشمۇ بۇ؟!![]()
نەچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئاياق ئوغرىسىنى تۇتىۋىلىپ ئۇرۇپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بەرگەن ،ساقچىلار سىلەر گە كىم ئادەم ئۇرۇش ھوقوقى بەردى دەپ ساقچىغانىغا ئاپىرىپ بەرگەنلەرنى ئەپ قالغانىڭ گىپى بار.شۇ ۋاقتىدا ئاياق ئوغرىسىنىڭ يىنىدىن 20مىڭ سوم پۇل چىقانتى.
ئاندارنىڭ سۆزىگە قارىتىپ دېگەن سۆز ئىدى. بىر كىشىنىڭ دوزىقى جەننىتىلىكىنى بىز ئايرىيالمايمىز. نوغاي مەسجىد ئوخشايدۇ، كامېراغۇ بار ، لېكىن ئوغرىنى يەنىلا تاپقىلى بولمايدۇ...
4- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن زادىلا ئۇچراپ باقمىدىم دېسە ئۇنداق ئىشلارغا ...
مەسچىتكە كىرسەڭ ئاندىن ئۇچراسە جۇيۇت گۇي.
____
بىزنىڭ بىر ساۋاقداشمۇ مەسچىتتە ئايقىنى يۈتتۈرۈپ، نوغاي مەسچىتتىن بازارغا يالاڭئاياق چىقىپ ساپما كەش ئېلىپ، ش ج ئۇ غا ساپما كەش بىلەن كەپتىكەن.

14- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوغرىنى تېپىشقا يارىمىغان كامېرا نېمىگە يارايدۇ؟
====================
قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى نازارەت قىلىشقا...
مەن بىرسىنى يامان تەستە كۆندۇرۇپ،مەسچىتكە ئاپارسام كەشىنى ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەرگىز بارغىلى ئۇنمىدى.شۇ كۇنى يەنە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ بالىسى ئىكەن.شۇنىڭ كەشىنىمۇ ئېلىپ كىتىپتۇ.تېلفۇنۇمنى بىرىپ تۇرسام بىرسىگە تېلفۇن قىلۋالدى.ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولغان.بىر نەرسە يوققاپ كەتسە ئۇنىڭ كارى چاغلىق.ئەمما شۇنداق ئىسىل يەردە يوقاپ كەتسە يامان ئىچىگە ئۇتۇپ كېتىدىكەن.
14- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوغرىنى تېپىشقا يارىمىغان كامېرا نېمىگە يارايدۇ؟
كامىرانى ھۆكۈمەت بىكىتكەن ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغىنى بەك ئاز.
ﺩﺍﯕﻘﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ .
ﻧﻪﺩﯨﺴﻪﻥ !ﺋﺎﮬ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﺧﯘﺭﯗﻡ ﺋﺎﻳﺎﻕ ؟
ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ، ﻗﻮﻳﺪﺍ ﻗﺎﻳﺪﺍ ؟
ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﺪﻯ ،
ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ.
ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﺯﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،
ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻳﯧﺘﯩﻤﺴﯩﺮﺍﭖ ،ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺩﺍﻏﺪﺍ .
ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﻳﯩﻐﻼﺷﻨﻰ ﻳﺎ ﻛﯜﻟﯜﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .
ﺳﻪﺑﺮﻯ ﻗﯩﻞ ﺩﯦﺪﻯ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﯘﻡ ﺳﯩﻘﯩﭗ ،
ﻛﯩﻢ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ،ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻛﯘﭘﺎﺭ ﺗﻮﻧﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ........
ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯘ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺟﺎﻱ ،
ﺑﻪﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺋﯚﻱ ﻳﯜﺗﺴﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ .
ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﺰﯨﭗ ،
ﻗﻮﻳﺪﯨﻜﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ،ﻧﺎﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ...
ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﻡ ﺗﻮﻻ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ،
ﺳﺎﻟﺪﯨﻐﯘ ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ .
ﺷﯜﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﻣﯘﺭﺩﺍ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﺎﻟﻼ ﺋﯩﮕﻪﻡ ،
ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ .........
ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺧﯘﺭﯗﻡ ﺋﺎﻳﺎﻕ ! ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ،
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﯙﺕ ﺳﯧﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﻐﺎ !
ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻧﻐﯘ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،
ﭘﻪﻧﺪﯨﻴﺎﺕ ،ﺳﯧﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯘﻣﻐﺎ !
2007-يىلى 16-ﻣﺎﺭﺕ 9ﺩﯨﻦ 21ﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻡ
ﺷﻪﮬﺮﻯ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ