tugimas يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 11:19:06

ھاۋانى توغرا نەملەڭلار! ھاھاھا


ئۆتكەندە بىرزاتجىنكام قىش پەسلىدىكى پار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق بىر تېما يىزىپتىكەن،دىيىلىشىچە قىش پەسلىدە ئائىلىلەردىكى قۇرغاق ھاۋا ھەرخىل كىسەللەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنكەنمىشلەر.


مەنمۇ قىش كىرگەندىن بىرى ھاۋا نەملىگۈچ(空气加湿器)دىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، خېلى يامان ئەمەسكەن.


تورنى ئارلاپ باقسا مۇشۇ ئوقەتنى توغرا ئىشلىتىش ، توغرا ئىشلەتمىسە ئاغرىپ قېلىش دىگەندەك نەرسىلەر باركەن،مەركىزى ئىدىيىسى تۆۋەندىكىچىكەن، سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار.



1. بوغۇم ياللۇغى، دىئابىت بىمارلىدى ھاۋا نەملىگۈچ ئىشلەتمەسلىك كىرەككەن. ھاۋا نەملىگۈچ بوغۇم ياللۇغى، دىئابىت بىمارلىدىنىڭ كىسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدىكەن.


2.ھاۋا نەملىگۈچ ئىشلەتكەندە چوقۇم قەررەللىك تازلاپ تۇرۇش كىرەككەن. ئۇنداق قىلمىغاندا ھاۋا نەملىگۈچ ئىچىدىكى باكتىرىيە ، ۋىرۇس دەيدىغان نەرسىلەر ھاۋاغا تارقىلىپ نەپەس يولىغا كىرىپ ،加湿器肺炎 دەيدىغان بىرخىل كىسەلنى پەيدا قىلىدىكەن.


3.ھاۋا قانچە نەم بولسا شۇنچە ياخشى دەپ گەپ يوقكەن، قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىگە ئەڭ مۇۋاپىق نەملىك 50% بولسا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، نەپەسقىيىنلىشىش دىگەندەك ئىشلار يۈز بىرىدىكەن.


4.نەملىگۈچ ئىشلەتكەندە سۇغا 1:20نىسبەتتە بەنلەنگىن(ئۇيغۇرچە نىمە دەيدۇ مۇشۇنى؟ ئوسما يىلتىزى بىرنىمىسىمىتى؟) قوشۇپ قويسا،قىش پەسلىدىكى يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.


5.سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ قويسا، ھاۋادىكى باكتىرىيەلەرنى ئۆلتۈرگىلى بولىدىكەن.


6.ئازراق تۇز سۈيى تېمىتىپ قويسا، كاناي ئاغرىش، ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارغا پايدىسى باركەن.


7. پىياز توغرىغاندا نەملىگۈچنى ئىچىپ قويسا كۆزدىن ياش ئاقمايدىكەن. ماۋۇ دەھشەتكەن دىسە.


8.كومپىيۇتىر ئىشلەتكەندە ئىچىپ قويسا ، زەرەت(静电)نى يوقىتىدىكەن.(ماۋۇ جۈملىنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمىدىم).


ھاۋا نەملىگۈچ، سىزمۇ ئىشلىتىپ تۇرىۋاتقانسىز؟ ئىلاننى دوراپ قويۇپ كالچىيىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى.


tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 11:40:03

دوختۇركەندە بۇ نەرسە....نىمىدىگەن كۆپ ئىقتىدارلىق\"\"

428 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 12:02:25

مەن سەككىز - ئون تەشتەك گۈل ، يۇغانراق بىر بېلىق قاچىسى بىلەنلا بۇ ئۈنۈمگە يىتەلەيدىكەنمەن ھەم يەتتىم دەپ ئويلايمەن

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 14:25:55

ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن توختىتىپ قويغۇلۇق ، بولمىسا يۆتەل قىلىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 15:45:22

ئۆتكەندە ماتېرىيال كۆرۈپ بايقىدىمكى، ئېلېكتىر ماگىنىت دۇلقۇنى پەيدا قىلىدىغان، كونكىرىت دىگەندە خۇددى كومپيۇتېردەك زىيانلىق دۇلقۇن تارقىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە، ئەجەپلىنەرلىك ھالدا دەل مۇشۇ نەملىگۈچ بار ئىكەن.

نىمىشقا ئۆينىڭ نەملىكىنى شاپلاقتەك يوپۇرماقلىرى بار گۈللەر ئارقىلىق ساقلىمايمىز @428 دەك؟

tugimas يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 16:13:57

@baqka راستلا، توردا ئېلېكتىر ماگىنىت دۇلقۇنى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر دەپ تېلفون، تېلۋىزۇر،كىرئالغۇدىن تارتىپ ساقال ئالغۇچقىچە تىزىۋىتىپتۇ دىسە؟

senewer يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 19:00:16

5- قەۋەتتىكى tugimasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@baqka راستلا، توردا ئېلېكتىر ماگىنىت دۇلقۇنى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر دەپ تېلفون، تېلۋىزۇر،كىرئالغۇدىن تارتىپ ساقال ئالغۇچقىچە تىزىۋىتىپتۇ دىسە؟

    توك ئۆتىۋاتقان ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئەتراپىدا ئېلېكتىر ماگنېت مەيدانى ۋە ئېلېكتىر ماگنېت دولقۇنلىرى --- رادىيو مەۋجۇت .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2011-12-30 17:04:10

ھاۋا نەملىگۈچنىڭ ئىچىگە بۆرەك شورپىسى قۇيۇپ ھاۋانى نەملىسىڭىز مەززى بېزى كېسىلىگە شىپا بولارمىش.

شۇم بۇيا بىلەن شۇنى 1:6نىسپەتتە ئارلاشتۇرۇپ ھاۋانى نەملىسىڭىزئەر-ئاياللاردىكى تۇغماسلىقكېسىلىگە شىپا بولارمىش.

كۆك سىياھنى ئارلاشتۇرۋەتسىڭىز مەۋسۇملۈك ئىمتىھاندىن يۇقىرى نەتىجە ئالغىلى بولدىكەن.{:92:}

مابەت تاپالمىغانلار ھەسەل بىلەن ئەتىرگۈل جەۋھىرىنى1:5نىسپەتتە ئارلاشتۇرۇپ ھاۋانى نەملىسىڭىز كىلەر يىلى كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپالايدىكەنسىز.


gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-7 08:49:53

ما گەپلەر بېلىشكە تىگىشلىك گەپلەركەن. دورىنى قاينىتىپ پارلاندۇرمىساقمۇ، مۇشۇ نەرسىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدىكەنغۇ.



tugimas ئەپەندىم، ئىزدىنىشقا ئوڭ كۆزىڭىز بىلەن قاراپ، تۈگىمەس پاراڭلاردىنمۇ قىلىپ تۇرغايسىز{:92:}
بەت: [1]
: ھاۋانى توغرا نەملەڭلار! ھاھاھا