UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:32:26

جەسەتنى چىرىتمەي ساقلاش-بىر مەيدان پۇل كۆيدۈرۈش ئويۇنى[تەرجىمە]




ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن ،ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يوقۇلۇپ،ئادەم بەدىنىدىكى باكتىريەلەر ئادەمنىڭ جەسىتىنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ ،چەكلىمىسىز ھالدا ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ ھەمدە جەسەتنىڭ تىز سۈرئەتتە چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆلگەندىن كىيىن جەسەتنى چىرىتماسلىق جەسەت تېنىدە باكترىيە ئۆلتۈرۈش، مۇقىم تېمپېراتۇرىدا ساقلاش،سىرتىقى دۇنيادىن ئايرىش قاتارلىقئاجايىپ زور تېخنىكا، پۇل سەرپىياتى ئاستىدا روياپقا چىقىدۇ.

ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىكى باكتېرىيە 2 كىلوگرام ئەتراپىدا كىلىدىغان بولۇپ، جەسەتنىڭ چىرىشى دېگىنىمىز جەسەت تەركىبىدىكى ئاقسىل قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئانئورگانىك ماددىلارغا ئايلىنىش جەريانى بولۇپ، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئادەم بەدىنىدە ئىزچىل ياشايدىغان باكتىرىيىدىن ئىبارەت.فرانسىيىلىك ئىرسىيەتشۇناس ئەرۋېسنىڭ دېيىشچە ئادەم بەدىنىدىكى باكتىريەلەر تىرە يۈزى ،ئېغىز بوشلۇقى،نەپەس يولى ،ھەزىم قىلىش يولى قاتارلىق جايلاردا كۆپ مىقداردا ياشايدىغان بولۇپ، ئادەمئېغىزبوشلىقىدا پارازىت ياشايدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ تۈرى80خىلدىن،ئادەم تىرىسدە ياشايدىغانلىرىنىڭ تۈرى بولسا 125خىلدىن ئاشىدىكەن .ئىستاستىكىغا قارىغاندا ھەر كۋادرات سانتىمېتىر تېرىمىزدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10مىليون دانە باكترىيە، ھەر كۋادرات سانتېمېتىر ئۈچەي يۈزىدە بولسا 100مىليارد دانە باكترىيە بولىدىكەن .

باكتېرىيىنىڭ دۇنيادا يوق يېرى بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئىممونىتېت سىستېمىسى قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق باكتىريەلەرنى يوقتىدىكەن ياكى ئورتاق ياشايدىكەن . ئىممونىتېت سىستېمىسى بۇزۇلسا باكتىريەلەر زور مىقداردا ،چەكسىز كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن .

ئادەم جەسىتىنىڭ70%ى سۇ بولۇپ، سېمىز ئادەملەرنىڭ جەسىتى تەركىبىدە سۇ مىقدارى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئورۇق ئادەملەرگە قارىغاندا جەسىتىنىڭ چىرىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ.ئۆلگەن ئادەمنىڭ يېشى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارمۇ جەسەتنىڭ چىرىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئادەم جەسىتىنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەقەت باكتېرىيەلەرنىڭ چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئېغىرلىقىنىڭ50%نى ئىگىلەيدىغان ئاقسىلنىڭ باشقا ماددىلارغا ئايلىنىشىنى كونترول قىلىش كېرەك.

نۆۋەتتە جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش ئۇسۇللىرى ئاساسلىقى فورمالىن تۆكۈش ئۇسۇلى، قۇرغاق ھالەتتە چىرتىشتىن ساقلاش،ئىنېرت گازلار ئارقىلىق چىرتىشتىن ساقلاش، ۋاكۇئۇمدا چىرىشتىن ساقلاش، ئالاھىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چىرىشتىن ساقلاش قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرغاق مۇھىتتا چىرىشتىن ساقلاشنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ . قەدىمكى مىسىرلىقلار ۋە قەدىمكى پىرولىقلارنىڭ مومىيالىرىنى مۇۋاپىق مۇھىتتا ھەتتاكى نەچچە مىڭ يىل ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما جەسەت ئاللىقاچان سۇسىزلانغانلىقى سەۋەبىدىن جەسەتنىڭ سىرتىقى شەكلى ۋە رەڭگىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ . فورمالىن تۆكۈپ ساقلاشتا جەسەتنى ئۇزۇن مەزگىل چىلاپ قويۇپ، ئاقسىلنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاقسىلنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما مۇقىملاشتۇرۇلغان ئاقسىلنىڭ رەڭگى سېرىق رەڭگە كىرىپ قالىدۇ. ئالاھىدە سوغۇق ئالاھىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاشنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، نۇرغۇن ھۈجەيرىلەر مۇشۇنداق مۇھىتتا ساقلىنىپ، قايتا ئېرىتىلگەندىن كىيىن يەنىلا ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ،ئەمما بۇنداق ئۇسۇلنىڭ شارائىتقا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مۇزلىتىلغان جەسەت دائىم سوۋۇتۇش رولىغا ئىگە سۇيۇق ئازوت( نېيتروگېن)غا چىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.




ئادەمنىڭ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرى ناھايىتى كۆپ مىقداردا تۇراقسىز ئاقسىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تۈپەيلى،ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاسان چىرىيدىغان ئورۇن .شۇڭلاشقا ئەڭ ئاۋال جەسەتنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىش ،قانلىرىنى تارتىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.ئەمما ھەممە ئەزالارنىڭ چىرىش سۈرئىتى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت جەسەتنىڭ چىرىشىنىڭ قىسمەن ھالدا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . روسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ،دۆلەت دۇماسى پارلامىنېت ئەزاسى ۋىلادىمىر مىجىنىسكى 2009-يىلىنىڭ بېشىدا لىنىن جەسىتىنىڭ پەقەت 10%نىڭلا لېنىننىڭ قەبرىسىدە قالغانلىقىنى، جەسەتنىڭ 1943-يىلىدىن باشلاپ چىرىشكە باشلىغانلىقىنى 1961يىلى ستالىن لېنىننىڭ قەبرىسىنى يۆتكىگەندە چىرىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى دېگەن ئىدى(مەن مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشقا تىما يازغان )

جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، جەسەتنى دەسلەپكى بىر تەرەپ قىلىشقا 1مىليون دوللار ،ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇشقا بولسا 800مىڭ دوللار كېتىدۇ .ئەينى ۋاقىتتا سوۋىت رەھبىرى لېنىننىڭ قەبرىسىنى لايىھىلەش تۈرىلا 117خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، كەتكەن تەننەرخ ھەددى ھېسابسىز. لېنىننىڭ جەسىتىنى ساقلاش،بىر تەرەپ قىلىش ۋە چىرىشتىن ساقلاش تېخنىكىسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ1-دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا جەسەت ھەپتىدە 2قېتىم ئاسرىلىدىغان بولۇپ،بۇ خىزمەت16سېلسىيە گىرادۇس،نەملىكى70%لىك باكتىريەسىز مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلاتتى.ھەر 18ھەپتىدە بىر قېتىم جەسەت ئالاھىدە سۇيۇقلۇققا ئىككى ھەپتە چىلىناتتى .لىنىن جەسىتىنى ساقلاش ھەيئىتى4-نۆۋەتلىك مەسئۇلى باكۇفنىڭ دېيىشچە لىنىن جەسىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر يىلىغا 1مىليون دوللار كېتىدىكەن . سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن ئاندىن جەسەتنى ساقلاش پۇلى تارقىتىش توختىتىلغان .لىنىن جەسىتىنى ساقلاش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى ۋېيتنام، ئانگولا ،چاۋشىيەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە ياردەملىشىپ جەسەتنى ساقلاش ئىشلىرىنى قىلغان بولۇپ ، بۇگورىپپىنىڭ تېخنىكىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىقى قاتاردا تۇرغان .

جەسەتكە كەيدۈرۈپ قويغان كىيىملەرنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم رولى بولۇپ ،ئىچكى ئەزالارنى ئالغاندىكى پىچاق ئىزى، باشقا يارا ئىزى قاتارلىقلارنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكتىن باشقا،كىيىمگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەيچىلەردىن توختىماي چىرىشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئېقىپ تۇردۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا جەسەتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلار جەسەت ساقلىنىش مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ،مۇشۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ سانى ۋە تازىلىقىغا قاتتىق چەكلەش قوللىنىشنىڭ سەۋەبى.ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا يېقىلغان چىراقمۇ جەسەتكە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ .شۇڭلاشقا جەسەت ساقلانغان زالنىڭ چىرىقىمۇ ناھايىتى سۇس بولىدۇ .

مەيلى قانداق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر جەسەتنى مۇكەممەل ساقلاش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما جەسەت ساقلاش تېخنىكىسى ئاددىي تېخنىكىمۇ ئەمەس ،بۇ پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرىدىغان ،غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىدىغان مۇسابىقە بولۇپ، بىزنىڭ بۇ مۇسابىقىدە ئېرىشىدىغىنىمىز پەقەت مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدىكى يۈگرەش مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى خالاس...



مەنبە:ۋاڭيى تورى

ahunbag يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 15:16:21

تۇپراقتىن يارىتىلغان ئىكەنمىز، ئاخىرىدا يەنىلا تۇپراققا قايتىمىز
بەت: [1]
: جەسەتنى چىرىتمەي ساقلاش-بىر مەيدان پۇل كۆيدۈرۈش ئويۇنى[تەرجىمە]