lutun2009 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:13:56

بىر لىدىردا بولۇشقا تېگىشلىك 21سۈپەت (1)[كۆچۈرۈلمە]


مەزكۇر ماقالە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقتىن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.


بىر لىدىردا بولۇشقا تېگىشلىك 21سۈپەت (1)


-كىشىلىك خاراكتېر—چوڭ تاشنىڭ بىر پارچىسى بولۇش (Character)



بۇ ھەقتە ئىشلىتىلگەن ئىنگلىزچە سۆز « Character » بولۇپ، ئۇنىڭ يۇلغۇن لوغۇتىدىكى مەنىسى «خاراكتېر، مىجەز، خۇسۇسىيەت، ئەخلاق، پەزىلەت، ئالاھىدىلىك، ئۆزگىچىلىك، پېرسوناج، بەلگە» ئىكەن.  يەنى، بۇ سۆز جون ماكسىۋېل ئەپەندىنىڭ كىتابىدا «كىشىلىك خاراكتېر» دېگەن مەنىدىمۇ، ھەمدە «ئەخلاقلىق» دېگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەنمۇ ئىنگلىزچە «چاراكتەر» دېگەن سۆزنى ئاشۇنداق ئىككى خىل مەنىدە ئالىمەن.



بۇ يەردىكى كىشىلىك خاراكتېر دېگىنىمىز بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىي سۈپىتىگە، سەمىمىي بولۇش ۋە جۈرئەتلىك بولۇش قاتارلىق كىشىلىك سۈپىتىگە قارىتىلغان.  بىر لىدېرنىڭ ھاياتتىكى ھەر خىل ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ياكى پەزىلىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كرىزىس بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئادەم بىر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا، مۇنداق ئىككى خىل يولدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرى بولىدۇ: ئەخلاقلىق بولۇش ياكى مۇرەسسە قىلىش. ھەر قېتىم ئەخلاقلىق بولۇشنى تاللىغان ئادەم، بۇنداق تاللاش بىر سەلبىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەقدىردىمۇ، ھەر قېتىم بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ ماڭىدۇ. ئۆزىمىزدە ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۆزىمىزنى بىر لىدېر قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزىمىزنى بىر ياخشى ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زۆرۈر.



سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.  سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىز سىزنىڭ نېمىنى كۆرۈدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.  سىزنىڭ نېمىنى كۆرىدىغانلىقىڭىز سىزنىڭ نېمە ئىشنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.  شۇڭلاشقا بىر لىدېرنىڭ قانداق ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.  ئەگەر بىر لىدېرنىڭ نىيىتى بىلەن ھەرىكىتى داۋاملىق ئۆز-ئارا قارىمۇ-قارشى بولۇپ ماڭىدىكەن، سىز ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقىيالايسىز.



ئادەمنىڭ بىر قىسىم تالانتلىرى تۇغما بولىدۇ، ئەمما كىشىلىك خاراكتېر خۇسۇسىي تاللاشتۇر.  بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن يۇرتىنى، ۋە ئۆزىمىزنىڭ تالانتلىرىنى ئۆزىمىز تاللىيالمايمىز.  ئەمما ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزىمىز تاللىيالايمىز. يەنى بىز ھەر قېتىم بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر خاراكتېرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىمىز.  بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



ھەقىقىي لىدېرلىق باشقا كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ—ئەگەر ھېچ كىم سىزگە ئەگىشىپ ماڭمىسا، سىز باشقىلارنى يېتەكلەپ ماڭغان بولمايسىز، بەلكى ئۆزىڭىز يالغۇز مېڭىپ كېتىۋاتقان بولىسىز.  كىشىلەر ناچار خاراكتېرلىك ياكى ناچار ئەخلاقلىق لىدېرلارغا ئەگەشمەيدۇ.  بۇرۇن ئەگەشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ ياكى ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىنى بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن توختايدۇ.



لىدېرلار ئۆز خاراكتېرىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر پەللىگە يېتەلمەيدۇ.  بەزى ناھايىتى تالانتلىق كىشىلەر مەلۇم دەرىجىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ بولۇپلا ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ.  بۇنداق بولۇشتىكى ھالقىلىق ئامىل كىشىلىك خاراكتېردۇر.  ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستىۋىن بېرگلاس (“Steven Berglas “) نىڭ دېيىشىچە، ئۇنداق ئادەم تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋالدىن كام دېگەندە بىرسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ: ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىش، بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىدە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش، ۋە زىنا قىلىش.  بۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئاجىز خاراكتېرلىك كىشىلەر تۆلەيدىغان ئېغىر بەدەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



ئەگەر سىزدە يۇقىرىقىدەك تۆت خىل ئەھۋالنىڭ بىرسى كۆرۈلسە، چوقۇم قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى توختىتىپ، بىر ئاز ئارام ئېلىڭ.  ھەمدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر چارە تېپىڭ.  ئەگەر خاراكتېردىكى ئاجىزلىقلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنداق ئاجىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ.  سىز ئائىلىڭىزدە، خىزمىتىڭىزدە ۋە جەمئىيەتتە باشقىلارنى يېتەكلىگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بايلىقنىڭ كىشىلىك خاراكتېر ياكى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.



لۇتۇن تورىدىن


tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:25:33

ساقلاپ قۇيۇپ لىدىر بولغاندا ئوقاي

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:46:26

خوش ياقاما ئاشۇ ۋاقىتتا ؟ \"\"

muqeddes يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 14:31:23

ئېنگىلىزچە چارەكتەر ئەمەس .

character   [\"kæriktə  كەرىكتېر دەپ ئوقۇسىڭىز مۇۋاپىق بولار .  تىرناق ئىچىدىكىسى بۇ سۆزنىڭ ئوقۇلۇشى .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 20:00:25

قوماندان بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس، دەپ. كىم ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشسا، ئەجىر قىلسا شۇنىڭغا يېتەلمىگەن ھالەتتىمۇ ھەر ھالدا تىرىشمىغانلارغا قارىغاندا پەرىقلىق ياشايدىغىنى ئېنىق.بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك بازار ئىگىلىكى، تاۋار ئىگىلىكى، بىلىم ئىگىلىكى شارائىتىدا ئىقتىسادىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ھېچ بولمىسا نەزەرىيىۋى بىلىم جەھەتتىن بولسىمۇ ئىقتىسادقا دائىر مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، چۈشىنىپ تۇرغاننىڭ پايدىسى بولسا باركى ھەرگىز زىيىنى يوق! ياخشى تېمىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 12:53:45

كىتابنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىلەر: {:181:}



http://www.tilhumar.biz/?p=374
بەت: [1]
: بىر لىدىردا بولۇشقا تېگىشلىك 21سۈپەت (1)[كۆچۈرۈلمە]