adil731 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 19:55:19

كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا [كۆچۈرۈلمە]

                                     كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا


                                                         


ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان
كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك
تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان
ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس
بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ
«توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى
ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى،
دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ
ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا
قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار
تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك
سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش
ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى
دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ
ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا
زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.


     خوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان، باشقىلار
بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان، باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، باشقىلار بەرسە
موك-موك يەپ يوغان سۆزلەيدىغان، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە نەتىجە كۆرسەتسە ئۆزى قۇرغان
تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شالۋاقايدىغان، خەلقىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىپ جوڭسەنپۇ
كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئىنتايىن ياسالما، پارىخور ھاكىمىيەتنى قانداقمۇ
سوتسىيالىزم دېگىلى بولسۇن؟! بۇ كىم ئېرسېننىڭ ئەۋلادلىرى سوتسىيالىزم دېگەن
تۈزۈمگە تەڭداشسىز ئۇۋال قىلدى. ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت ھەرگىزمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس،
ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق قەبىلە تۈزۈمىدىنمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ھاكىمىيەت تەشكىلىي
شەكلى. ناۋادا ماركس ھايات بولغان بولسا، «سەن دىگەن سوتسىيالىزم مۇشۇمۇ» دەپ
ئۆزىدىن سوراپ باقساق بولاتتى، بىراق بۇ رەھمەتلىك ھايات ئەمەس، ئۇنىڭ جەننەتتە
بولۇش ئېھتىمالىدىن دوزاقتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. بىراق ئۇ يازغان كىتاب
ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان
بىر ھاكىمىيەت بولغان بولسا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى…

     ماركسىسىزملىق
پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش
ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن
مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ
ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا
جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…

     چاۋشيەندىكى ئەخمەقلەر
قۇرغان ھاكىمىيەت. ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك سوتسىيالىستىك ئىلغار تۈزۈلمە بولسا، نېمە
ئۈچۈن بىر مىللەت تۇرۇپ كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ئەركىن
پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرمەيدۇ؟ ئەڭ ئالىي رەھبەر بولغان كىشى نېمە ئۈچۈن دۇنيا
يىغىلىشلىرىغا بارالماي، يەر ئاستى ئۆيلەردە مۆكۈپ ياشايدۇ؟ مىليونلاپ ئەسكەر
بېقىپ، خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدۇ؟ گەپ قىلساق گەپ تولا، قىسقىسى ئۇ قۇرغان
ھاكىمىيەت سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەڭ مۇستەبىت
تۈزۈم، خالاس!

     چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن،
ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا
ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ.
ئەگەر بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىگىسى يەنە ھايات بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى
ئۆزىنىڭ سوبىيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن بىر ئەلنى
خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.

     ئەمەلىيەتتە، سوتسىيالىزىم
دېگەن شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنىڭ ئۆزى شۇ.
بەزىدە سوتسىيالىزم دەپ بەك شالۋاقىغان تۈزۈمنىڭ سوتسىيالىزم بولۇشى ناتايىن،
كاپتالىزىم دەپ بەك تىلاپ كەتكەن تۈزۈمنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن.
بۇ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ، قانداق كۆرۈشكە، قانداق تەھلىل قىلىشقا باغلىق.

  
   كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

     چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق،
ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!





     يازما ئاپتورى: قىسمەت بلوگىدىن
كۆلتېكىن


     مەنبەسى: قىسمەت بلوگى

     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/kim.html  


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 08:39:12

ھەجەپ ئەپچىل يېزىپتا..

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 08:51:09

ياخشى يېزىپسىز!

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 09:58:05

ھېي يەنىلا ئوخشاش جۇما... ئوغلى چىقتىغۇ

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:09:26

ئۆلگەننىڭ كەينىدىن  غەيۋەت قىلمايلى ھەي،،،،ھايات ۋاقتىدا دىيەلمەي  {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:17:13

جېنى چىڭ تازكەن ھېلىمۇ.

تەخىتكە چىققىنىدىلا ئەتىسى ئۈلۈپ قالسا ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان دەرىجىدە سالامەتلىكى ناچاركەنتۇق.

ahunbag يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 14:06:01

چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ.

------------------------------------------------------------

چاۋشىيەن 2006- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى 2- قېتىملىق يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارغان.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 15:18:09

سوتسىيالىستىلىك دۆلەت چوقۇم ماركىس دىگەندەك بولۇشى كىرەكمۇ ، ماركىس دىگەندەك دۆلەت قۇرمىسا ماركىسنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى كىلىپ سوتسىيالىستىلىك دۆلەت دىگەن قالپاقنى ئىلىپ تاشلامدۇ.

  ماركىس ئىشچى دېھقانلارغا ياريۈلۈك بولۇپ ماركىسىزىم، سوتسىيالىسىزىم نەزىرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، بۇ لەنىتى سوتسىيالىزىم قالپىقىنى كىيىۋىلىپ چىكىدىن ئاشقان مۇستەبىت تۈزۈمىنى قاتتىق قورال كۈچى ئارقىلىق بىقىپ كەلمەكتە،

  ئاتالمىش دۇنيا ساقچىسى بولۋالغان ئامرىكا بۇدۆلەتتە چاشقان پاتقۇچىلىك يوچۇق تاپالمىدىمۇ ياكى مۇستەبىتلەرنىڭ پىشمىغان پېسخىكىسىدىن (يادىرو قورالىنى بىزگە قارتىپ قويۋىتەرمۇ دەپ)ئەنسىرەپ قالدىمۇ تېخىچە قاتتىقراق چىكىپ باققىنى يوق .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 18:26:20

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 22:37:38

ئاپتۇر ماركىسىزىمنى خاتا چۇشنىۋاپتۇ ، سوتسىيالىزىم چاۋشەندىكىدەك بولمىسا قانداقمۇ سوتسىيالىزىم بولدۇ ،

terjime يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 22:57:37

سوتسىيالىزىم - چاۋشەنچە ، جۇڭگۇچە ، كۇباچە ...دەپ ئايرىلىدىغان چىراي ،  ئىشقىلىپ ماركىسقا ئارتىپ قويۇپ قىلىدۇ قىلغۇلىقنى ... بەك ياخشى يېزپتۇ ماۋۇ تىمىنى . گەپلەر مېغىزلىق ، ئۆتكۈر چىقىپتۇ .

janjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 23:34:12

تەپەككۈر كېمىڭىزگە كۆزتەگمىسۇن...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 10:07:33

ب د ت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرۈپتۇ، تەزىيە بىلدۈرمىگەن بىزلا قالغان ئوخشايمىز  {:92:}

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 11:03:32

تۇرۇپ بۇ رەھمەتلىك كىم ئەپەندىنى بەك خاسىيەتلىك ئادەممىكىن دەپ قالىمەن، يا خەلىقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشمايدىكەن، يا دۇنيادىكى ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ پەتىلەپ كەلمەيدىكەن(ھىچ بولمىسا كاستىرو بىلەن چاۋىسىنىڭ ئۆيىگە بولسىمۇ)، ئامىرىكىنى، ياپۇننى، كۇرىيەنى ئىشقىلىپ جىق خەقىنى  تىللاپ تۈكۈرۈپ  تۇرىدىكەن، بەرگەن نەرىسنى رەھمەتمۇ دىمەي(خۇددى ئۇلارنىڭ چاۋشىيەنلىكىنى بېقىش مەجبۇريىتى باردەك)ئالىدىكەن.

يەنە شۇنىڭغا ھەيرانمەن، كىشلىك ھۇقۇقىنى قوغداش تەرەپدارلىرى، بۇ خەقكە قاتتىقراق ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمايدىكەن، خەلىقىنى ئىپدائى قەبىللەردىنمۇ ئۆتەر قىينچلىق، نامراتلىق ئاستىغا تاشلىغان،  ئۇ كشىلەرنى تېخى بېقىپ سەمىرتىدىكەن، خۇددى ئۇنىڭ قىلغان مۇستەبىتلىكىنى مۇكاپاتلىغاندەك.  لىكىن ھەر ھالدا خەلق ئاز تولا سۆزلىيەلەيدىغان، بىلەت تاشلاپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئاتوم بومبىنى كۈرۈپمۇ باقىمغان،  دىمكۇراتىيە بولمىسىمۇ ھىچ بولمىسا ئۇنىڭ پۇرىقى بار ئەللەرگە قۇرال تەڭلەيدىكەن.

ب د ت يىغىندىكى 1مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇشتا دىمكۇراتىيەنىڭ بايراقدارلىرىمۇ باردۇ ھەقاچان

\"\"
بەت: [1]
: كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا [كۆچۈرۈلمە]