zunhar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-26 22:31:25

يەنە بىر قىتىم ھايات بېرەيلى !



ئۈرۈمچى شىمىگو رايونى ۋېيخۇلىياڭ كۆمۈر كاندا ئولتۇرۇشلۇق ئەخەت ئەمەت ۋە ئايالى خىزمەت ئورنىدىن قالغاندىن بۇيان زىخلىق يىمەكلىك سېتىپ ئۆيىدىكى پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتاربولغان70ياشتىن ئاشقانئانىسى بىلەن ئىككى بالىسىنى بېقىپ كېلىۋاتاتتى. ئوغلى تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ .ئۇلار ئۆيىگە ھارغىن قايتقان چېغىدا 3ياشلىق ئۇماق قىزى ئۆزىنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىراتتى. بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرىدامەۋفۈئە تويۇقسىز ساقسىز بولۇپ مەھەللىدىكى دوختۇرخانىغا كىرگەندە ئۇنىڭغا جىددي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگنۇز قويۇلدى.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەنمەۋفۈئە تېخىمۇ ئاجىزلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئانىسى ئۇنى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىككىنچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.3- دىكابىر دوختۇرخانامەۋفۈئە جىددي خاراكتېرلىكئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ ئېنىق دىئاگنۇز قويدى.شۇنىڭدىن باشلاپ ئاتا ئانىسى قىزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە ئاماللار بىلەن 30000مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزدى.

ئىگىلىنىشىچەمەۋفۈئە نى داۋالىسا ساقىيىش ئېھتىماللىقى%40دىن يۇقىرى ئىكەن.ئۇنى ساقايتىش ئۈچۈن 7باسقۇچتىن 25باسقۇچقىچە داۋالاش كېرەك ئىكەن.بۇنىڭغا 400مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالاش راسخوتى كېتىدىكەن.

مەۋفۈئەنىڭ خۈنۈك كۆزلىرىدىن يەنىلا ھاياتقا ،ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۆزىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئازابىنى ئازىراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

يۈز تۇرانە ياردەم قىغۇچىلار ئاپتونۇم رايونلۇق ئىككىنچى دوختۇرخانا بالىلار بۆلىمى 7-قەۋەت 31~33-ياتاق +5-كارۋات قا كېلىپ ھال ئەھۋال سورىسىڭز بولىدۇ.

تېلفون نومىرى:ئاپىسى:18240977280

سودا سانائەت بانكا كارتا نومىرى :6222023002013422400

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-26 23:00:49

ئاھ خۇدا ..... قېرىنداشلار بىر كۈچەپ قويايلى ، ئەيسا ئاداش ماۋۇ تېمىغا قاراپ قويغىنە . نىمانچە ئوماق قىز بۇ ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىپ .

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-12-26 23:10:37

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن .ئەجەپ ئوماق قىزكەنتۇق.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 00:16:43

بەزىدە جان -جەھلى بىلەن پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرسەك ئۇنچىۋالا قىپ نىم كەپتۇ گۆرىگە ئەكىتەمدىكى دەپ قويىمىز بىراق مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ئۇچراتقاندا بىر تاغار پۇلۇم بولسا بىرىۋەتسەم دىگەن خام خىياللارنى قىپكىتىدۇ ئادەم...

ئاللاھ شىپاسىنى بەرسۇن   \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 00:27:26

پۇل تەييار بولمىسا داۋالىمايدىغان ياكى داۋالاشنى كىچىكتۈرىدىغان گەپ... ئۇنچە كۆپ داۋالاش راسخۇتىنى خېلى ھاللىق ئائىلىمۇكۆتۈرۈپ بولالمايدۇ.قولىمىزدىن كىلىشىچە قانچىلىك ياردەم قىلساق شۇنچىلىك ئامانەت ئەمەسمۇ. مەن ئۆيدىكىلەرگە دەپ پۇل سالدۇراي...



ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 03:39:12

ماۋۇ تېما تازا قالماشماپتۇ ‹‹يەنە بىر قېتىم ھايات بېرەيلى››ھاياتنى ئاللا بېرىدۇ ،بىز بەرمەيمىز !

ياردەم قىلساق قىلايلى گەپ سۆزنى ئويلۇشۇپ قىلساق بوپتىكەن!

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 09:08:07

كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى بولمىسا توردا پۇل سالغىلى بولمايدىكەن ، تولۇقلىۋەتسەڭلار

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 10:21:46

كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى بولمىسا توردا پۇل سالغىلى بولمايدىكەن ، تولۇقلىۋەتسەڭلار

=================

بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىمىغانمۇ ؟ باشقا مۇنبەرلەردە كۆرمىدىم، كەڭ تۇردە تارقىتايلى

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 12:34:22

راس ، كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى قالدۇرۇپ، بولسا باشقا توربەتلەرگىمۇ چىقىرىپ قويساق ياخشى بولاتتى.

hiyal888 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 14:28:31

ئوماق قىزكەن،ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.يەنە بىر ئىش:بىر چاغدا تېلىۋىزوردا ئەلدوست ساغلاملىق شىركىتىنىڭ مەسئۇلىسى ئەلدوست ئوزۇقلۇق ئىچىملىكلىرى ئارقىلىق ئاق قان كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى،پۈتۈن شىنجاڭدىن 100 نەپەر ئاق قان كېسىلى بىمارىنى ھەقسىز داۋالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.ئەلدوست شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسا قانداق بولار؟مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما://www.aldost.com/dos/xirkat/sahna/2011-11-16/201.html

ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى: ئەلدوست بىئو -تېخنىكا تەرەقىيات چەكلىك شىركىتى



تېلغۇن:0991-2565551،2561173

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 14:35:40

كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە ئۆلچەملىك يېزىلىشىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار ، بولمىسا پۇل سالغىلى بولمايدۇ .



پايپاقنىڭ ئىچىدە ساقلىغان بەش يۈز سوم بارتى ، ئاتىدىم .

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 15:04:11

تېلفۇن قىلىپ سورۇدۇم ، كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى 艾海提·艾买提،سودا سانائەت بانكا كارتا نومىرى :6222023002013422400





ئۈرۈمچى قوللانمىسىغىمۇhttp://www.xju114.com   كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم ، ئەمدى خۇتەنلىك ئىككى تاشچى ئاغىنەم بىلەن مەسلەھەت قىلاي ، نەچچە تەڭگە چىقرالايدىكەنبۇ تاشچىلار ....

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2011-12-27 17:19:27

كەڭرەك تەشۋىق قىلايلى.

uqkun77 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-28 10:01:15

11- قەۋەتتىكى ئىنكاسنى يوللىغان تورداشقا رەھمەت. ئىسىم ۋە كارتا نۇمىرى توغرا ئىكەن

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-12-29 22:02:02

http://shop62466815.taobao.com/

تاۋباۋدا كۆڭۈل سوۋغىسى ئەۋەتىش ئاددىرسى

http://shop62466815.taobao.com/
بەت: [1]
: يەنە بىر قىتىم ھايات بېرەيلى !