ئىزدىنىشنىڭ RSS ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسەڭلارچۇ[تېخنىكا]
(بۇ ئىنكاس. ipad2 دە يېزىلدى) مەن چۈشەنمەيدىغانلا گەپلەر تۇرىدا ،،،،،،،بىلىدىغانلار دەڭلا...بىلىۋالاي...ئۇ قانداق ئىقتىدار بۇ ئىنكاس dell inspiron n4030 دە يېزىلدى
1- قەۋەتتىكى Erzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
RSS دىگەننى جېق ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇ نىمە، قانداق ئىختىدارى بار، نىمىگە ئىشلىتىدۇ ؟ دىگەنلەرنى بىلمىدىم، مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىراق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.
(بۇ ئىنكاس. ipad2 دە يېزىلدى)
http://www.halastan.com/2417.html بۇ ئىنكاسنى WindowsPhone مانگو ياكى تانگودا يېزىش ئۈچۈن ئورۇن ئېلىپ قوياي..
RSS، بەلگىلەنگەن بېكەت، بەلگىلەنگەن سەھىپىنىڭ شولىسىنى سىزنىڭ نىشان ئورنىڭىزغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. تورسىز شارائىتتا دېگەن يېرىنى چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ rss ئۇيغۇرچە داڭلىق تور بەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى قوللىمامدۇ قانداق مەن زادى ئۇقتالمىدىم لىكىن بىلوگلارنى بەك پەچەت ئۇقۇپ قۇيىدۇ ،شۇڭا كۈندە تور بەتلەرنى بىرمۇ بىر ئارلاش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالدىم .ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئاساسەن ئۇقۇمايدىكەن . بىلىك ،ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيئىتى تور بىتىدىن باشقا تور بەتلەر ئۇقۇمىدى...........
مۇنبەر ھەققىدە پىكىر تەكلىپلەر تېمىسىدىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى قايتا قايتا ئىنكاس قىلغان ئىدۇق ،. باشلىقلار « ئويلىشىپ باقايلى ، زۆرۈر گەپكەن ، » دەۋاتقان ، ئەمما ھازىرغىچە ھېچبىر جاۋاپ يوققۇ ... مەنغۇ ئىزدىنىشنى قىيسىيىپ يېتىپ تۇرۇپ ئەمەس قاتتىق ئورۇندۇقتا ئاران ئولتۇرۇپ زىيارەت قىلىمەن، خۇدا بەرگەن بىر كۈنى شۇ ئايفوننىمۇ ئالارمەن، شۇ چاغدا ئاندىن باشقىلار بىلمەيدىغان بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ تېما يازارمەن.
بۇ ئىنكاس ماڭا 5 يىلدىن بېرى ھەمراھ بولۇۋاتقان ئاسۇس ماركىلىق كونا كومپىيوتېرىمدا يېزىلدى {:92:} ئىشقىلىپ ئىزدىنىشنى سۆيدىغانلار جىق جۇمۇ. كۆيىمەن مەنمۇ ئىزدىنىشقا ئىزدىنىشنى ئايفوندا ئون قېتىملا ئاچساق بىر ئايلىق ئېقىم مىقدارى 30mb پاك-پاكىزلا توشىدىكەن، مەن 150mb لىق ئېقىم مىقدارىنى كۆپ دەيتىم،بۇ ئاينىڭ بېشىدا تور يوق يەردە كۆپرەك تۇرۇپ،ئىچىم پۇشۇپ كىتىپ كۈندە 2،3 قېتىم ئىزدىنىشنى ئېچىپ قوياتتىم. 11-چىسلا ئۇچۇر كەپتۇ،145mb مىقدارىڭ تۈگىدى دەپ،بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.ئۇنى تەكشۈر،بۇنى تەكشۈر ئاخىرى ئىزدىنىشنى بىر قېتىم ئاچسام كەم دىگەندە بەش يۈزگە يېقىن ھۆججەتنىڭ ئىجرا بولىدىغانلىقىنى بىلدىم.ھازىر ئېقىم مىقدارىم ئېشىپ 188mb بوپتۇ،بۇ خەقمۇ كارتىدا پۇللا بولسا قىزارماي تۇتۇۋېرىدىكەن 1mb غا بىر كويدىن..تىزراق ياسىساڭلا يا يانفون نۇسخىسىنى يا rss شەكلىنى.
بۇ ئىنكاس شىياۋلىڭتۇڭ 87 دا يىزىلدى.
شۇڭا ئايدا ھەقسىز بىرىدىغان M330 لىق تور ئىقىمىم تېزلا تۈگەپتىكەندە.
13- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
dell inspiron m4010 دا بىر پارچە يىزىپ قوياي. Android تا يازاي دىسەم ماۋۇ ئايدا 150M ئېقىمنى تۈگىتىپ، بىر مۇنچە قەرىزدار بولۇپ كەتتىم. كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغان سىمسىز يىتەكلىگۈچتىن بىرنى ئالماي بولمىدى.
نىمە ئۇ ؟ قانداق ياخشى تەرەپلىرى با ؟، ياخشى نەرسە بولسا بىزمۇ بىلىپ قالايلى، تەپسىلىرەك بى دىمەيلىما ...
ئىزدىنىشنىڭ RSS ئېقتىدارى ۋە يانفۇن نۇسخىسىنى ئشلىسەڭلار بولغۇدەك ،Deel latitude D610 دا يېزىلىپ بىقىلدى ... {:90:} ئېقىم لازىم بولسا مەن بېرەي.مىنىڭ بىر ئايلىق توختىماي،كېچە ھەم كۇندۇز ھەقسىز..ھەقىقىي3Gجىما.ئۇنداق GPRSچۇشۇرۇپ يۇرمەيمىز..
يوغان كومپىيۇتىرىم تۇرسا ،كىچىك تېلفۇندا يېزىپ نىمە قىلاي..
ئەرىشكە تەڭداشAcer Aspire 5755تە يېزىلدى..
16- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېقىم لازىم بولسا مەن بېرەي.مىنىڭ بىر ئايلىق توختىماي،كېچە ھەم كۇندۇز ھەقسىز..ھەقىقىي3Gجىما.ئۇنداق GPRSچۇشۇرۇپ يۇرمەيمىز..
يوغان كومپىيۇتىرىم تۇرسا ،كىچىك تېلفۇندا يېزىپ نىمە قىلاي..
ئەرىشكە تەڭداشAcer Aspire 5755تە يېزىلدى..
مەن بۇ تېمىنى بىۋاستە ئايفوندا يېزىپ يوللىغىنىم ئۈچۈن iPhone 4s تە يېزىلىپ يوللاندى دەپ ئەسكەرتكەن
باشقىلىرىڭلارنىڭ ئىچىگە ئوت كېتىپتۇ - دە قارىغاندا سىلەرمۇ نوچى بولساڭلار ماڭا ئوخشاش تېما-ئىنكاسلارنى ئەقىلفونلىرىڭلاردا يوللاپ باقمامسىلە
راشىتكامنىڭ شۇ دىگىنى ئۈچۈن motorola me525 دا بىر يوللاپ قوياي. .ئىزدىنىشنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارى بولغان بولسا، ماۋۇ رەسىمىنىمۇ motorola me525 دا يوللىۋەتمەكچى ئىدىم. {:181:}
@mohsin :نىمە ئۇ ؟ قانداق ياخشى تەرەپلىرى با ؟، ياخشى نەرسە بولسا بىزمۇ بىلىپ قالايلى، تەپسىلىرەك بى دىمەيلىما ...
كەپتەرخانىدىكى ماۋۇ يازمىدا دىيىلگەن ئوقەت شۇ.
http://www.kokkaptar.com/blog/540.html
بۇنى ئىشخانىدىكى ۋاقىتتا تور سىمى چىتىپ سىملىق تورنى سىمسىزغا ئايلاندۇرۇپ، سىرىتتا ۋاقىتتا تىلگرافنىڭ 3G كارتىسىنى سىلىپ قويۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفونىدا wifi ئويناۋاتىمەن، نوچى يىرى باتارىيە چۈشىدۇ بۇ كاساپەتكە.