ھەقلىق تۈركچە تەرجىمان لازىم.[كۆچۈرۈلمە]
تۇرانىم تور بېتى تۈركىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى كۇرتلار ۋادىسى نى خەتلىك تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىپتىكەن،( بىر نەچچە قىسىم تەرجىمە قىلىنىپمۇ بوپتۇ. ) شۇڭا تەرجىمانغا ئېھتىياجلىقكەن، ئىزدىنىشتىمۇ بۇ فىلىمنى كۆرۈۋاتقانلار شۇنداقلا تۈركچىسى ياخشى تورداشلار كۆپ بولغاچقا شارائىتى بارلار ياردەملەشسەڭلار...
=============
تور بېتىمىزدىكى بۇغرا ئەپەندىمنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن kurtlar vadisi pusu تەرجىمە قىلىنماقچى، شۇڭا بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشقا تۈركچە تەرجىمان كېرەك بۇلۇپ قالدى. تەرجىمانلارغا ھەر بىر قىسىم ئۈچۈن 50 يۈئەندىن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ، مۇشۇ مۇنبەردە تۈركچە بىلىدىغانلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار، يوق بولسا تۇنۇش بىلىشىڭلار بىلەن ئۇقۇشۇپ بىزگە ياردەملىشىپ تۈركچە تەرجىمان تېىپشىپ بەرسەڭلار ، بولسا تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ بۇ فىلىمنى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرسەك !
ئەگەر تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا كونكىرىت ئىشلارنى بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .
ئېلخەت :turanim@qq.com
_ تۇرانىم مۇنبىرىنى مەسئۇلى

50-60 مىنۇت چىقار بىر قىسىمى، بۇنىڭغا 50 كوي دېسە ئۇۋال كېتىدۇ. پاختا تەرسەكمۇ كۈنىگە بولمىغاندا 100 كويغا ئىشلەيدىغان تۇرساق.

لېكىن يالغۇز بىر ئادەم بولغاندىكىن شۇنچىلىك چىقارغان ئوخشايدۇ، 150 قىسىم دېسەكمۇ 8-7 مىڭ كوي پۇل


بۇ كىنونىڭ 40-نەچچىنچى قىسملىرىگىچە كۆرىپ توختۇتۇپ قويغانتىم.سەۋەبى تىلىنى چۈشەنمەي كۆرىش خوش ياقماي قويغان.
بۇ كىنونى تېرورلىقنى تەشۋىق قىلىدىكەن دەپ تەرجىمە قىلىشنى چەكلەپتۇ دەپ بىر گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك قىلىۋىدىم،يالغان ئوخشىمامدۇ؟ بىر يىرىم سائەتتىن ئارتۇق تۇرسا بىر قىسمى، 50 يۇئەن بەك ئاز ئىكەن،
ۋاقتىم يار بەرگەن بولسا ھەقسىزلا ياردەملىشەتتىم، خىزمەت بەك ئالدىراش، بوش ۋاقتىم ئاساسەن يوق مۇشۇ تەرجىمە ئىشىنى باشلىغان تۇرانىم مۇنبىرىگە كىرىپ قاراپ باقتىم. بۇنىڭغا بۇغرا ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز خالىس مەبلەغ سالغان ئوخشايدۇ.
ئۇلار بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ سېتىپ پۇل تاپمايدىكەن. تىجارەت قىلمايدىكەن. شۇ كەڭ تورداشلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە توردا ھەقسىز تارقىتىۋېتىپتۇ.
مېنىڭ ئەسلى بۇ تەرجىمىگە قاتنىشىش خىيالىم يوقتى. ئەمما يۇقىرىدا بەزى تورداشلارنىڭ 50 يۈئەننى ئاز كۆرۈپ يازغان ئىنكاسلىرى ئوغامنى قايناتتى.

خەنزۇچە نۇرغۇنلىغان تەرجىمە خەتلىك فىلىم گۇرپىلىرى بار، ئاساسەن 90% ھەقسىز تەرجىمە قىلىدىغان پىدائىيلار.
بىر قىسىم تەرجىمە قىلىشقا بەلكىم بىر كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئاشۇ بىر كۈننى بەزىدە بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتسەكمۇ ئۆتۈپ كېتىدىغۇ...ئازراق بولسىمۇ خالىس ئىشلەپ قويساق، نېمە زىيىنى بولا؟!...
بىزنىڭ قابىلىيەتلىكلەر پۇل، پۇل دەپلا ئولتۇرىدىغان بولساق، ....

ئەگەر تۈركچىنى ئاڭلاپ يېزىپ، ئاندىن ئاستىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يېزىپ بېرىدىغان ئىش بولسا، مەن بىر قىسىم تەرجىمە قىلاي. ئەمما پۇل ئالمايمەن.
ئەگەر تۈركچە خېتى تەييار بار بولسا، ئاستىغا ئۇيغۇرچىسىنى يېزىپلا بېرىدىغان ئىش بولسا، ئىككى قىسىم ھەقسىز تەرجىمە قىلاي. تۇرانىم تەرجىمە گۇرپىسىدىكى قېرىنداشلارنى قوللىغىنىم بولۇپ قالسۇن.
ئىلگىرى كەڭساي تورىدا مۇشۇ فىلىمنىڭ 121-قىسمىنىڭ 6 مىنۇتلۇق يېرىگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈپ سىناپ باققانتىم.
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-12385-uid-5216.html
يائاللا مانداقراق دەيدىغان ئادەممۇ چىقىدىكەن. ھە راست، دىلارە خانقىز ، مەن سىزگە كىتاب سېتىۋېلىش توغرىلىق مۇنبەردە ئۇچۇر قىلغانتىم ، جاۋاب بەرمىدىڭىز؟ كىنۇنىڭ يىزىق شەكلى بار بولسا ،ئاستىغا ئۇيغۇرچىسىنى ئۆرۈپ ماڭساق ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەقسىز ياردەملىشىمەن، ئەمما بىر تەرەپتىن كۆرۈپ بىر تەرەپتىن تەرجىمىسىنى يازغاندا بەك قول تۇتىدۇ، ۋاقىتنىڭ قېسلىقىدىن بىر قولىمىزنى ئىككى قىلالماي قالغاندا بۇ ئىش ئېغىر كېلىدۇ ئادەمگە،ئەمما بوش ۋاقتى بارلار بولسا ياردەم قىلسا بولىدۇ

ۋاقىت ئوقى ياساش بەك قول تۇتىدىغان ئىش. مەن 4مىنۇتلۇق بىر ناخشىنىڭ ۋاقىت ئوقىنى 3سائەتتە ياسىغان ئىدىم

غەيرەت قىڭلار ،توختاپ قالماڭلار، مەنمۇ ئالاقە قىلىپ باقاي .
