tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 20:28:53

بۇنداق چۈشنىڭ تەبىرىنى كىم بىلىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


بۇ تۇنجى  تېمام ئۇزۇندىن بۇيانقى  تېما  كۆرىۋېلىپلا  ئىنكاس  يازماي قاچىدىغان  ئېسىل ئادىتىمنى  ئۆزگەرتىپ  تېما  يوللىغۇم كەپقالدى  سەۋەپ بىرلا  نىماندا  قىززىقىلا  جىق يەر بۇ ..بەزى  تېمىغا  قارىسام كۆلۈپ  يىقىلىپ قالغۇدەكلا ،،بۇ مۇنەردىن بىر خىل ئىناق كەيپىياتنى كۆرىمەن


ئەسلى  مەقسەتكە كەلسەم مۇنبەردە  تىۋىپلارمۇ جىق پىسخىكا  ئۇ بۇ  دىگەنلەرنىڭ موللىرىمۇ جىق


مۇشۇ  چۈشۈمگە  بىر  سەۋەپ قىلسا


ئۇزۇندىن  بۇيان بىر  ئىككى ئۈچ  يىلدەك  بوپقالدىغۇ  دەيمەن  چۈش كۆرسەم  سىرلىق  ئوردىغا  ياكى شۇنىڭدەك بىر  قۇرۇلۇشلارغا  كىرىپ قالىمەن


قانداقلا  چۈش  كۆرەي  ئىشىكى  بار  بىر يەردىن كىردممۇ  بولدى  ئىشىك  دېرىزىلەر  يوقاپ ئالمىشىپ پەلەمپەيلەر خاررى پوتتىرنىڭ كىنوسىدىكىدەك ئۇچۇپ  يۈرىدۇ ئىشقىلىپ كىرگەن يەردىن چىقالمايمەن  چىققان يەردىن چۈشەلمەيمەن   شۇنداق گۇپگۇزەل  بىر چۈش  كۆرۇۋاتقان بولسام تۇرۇپلا بىر سىرلىق .وردىغا  كىرىپ قالىمەن  تاڭ ئاتقۇچە  ئازاپ  ئازاپتە  چىقالمايلا  خوزاز  چىللاپ كىتىدۇ ،،،


ھېچ  چۈشەنمىدىم  مۇشۇنداق  چۈش كۆرۈۋاتقىنىمغىمۇ  ئۇزۇن بوپتۇ ..نىمىشقا  سىرلىق ئوردىدىن زادى  چىقالمايمەن ؟



زاڭلىق قلماي مۇشۇنىمۇ  تېما  دەپ يوللاپتۇ دەپ تىللاپ كەتمەي تىللىساڭلارمۇ ئىچىڭلاردا  تىللاپ  بىر  مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار   تىللا  دىگەن  بېشىڭلاردىن ئايلانسۇن  ..




باشقۇرغۇچى  بۇنى تېما  دەپ  قارىمىسىڭىز  ئۆچۈرۋەتسىڭىز  قەتتى رەنجىمەيمەن<  سەمىمى  چىراي ئىپادىسى >

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:24:17

بېزمۇ بېلىپ قالمايلىمۇ؟  {:92:}  بېزمۇ شۇنداق چۈش كۆرۈپ قالساق لازىم بولا \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:25:46

قىسقا ئۇچۇر قىلسا بۇ چۈشكە تەبىر بىرىپ ھەق ئالمايدىغانلا ھە،  بىزمۇ بىلىپ قالايلى،\"\"


ئاشۇ چۈشكە قاراپ بۇ كىشىنىڭ ھازىرقى پىسخىك كەيپىياتىغا باھا بەرگىلى بولىشى مومكىن. مەن ھېس قىلغىنىمنى دەپ باقاي ھە، سىلى تازا رومانتىك بىر پەيتلىرىدە بىرسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن كۆڭۈللىرىدىكى <<ئاق ئاتلىق شاھزادە>>نى ئۇچراتقان. ئۇنىڭ سىلىگە بەرگەن تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرسىلا مەلىكىلەردەك بەخىتكە ئىرىشىدىغانلىقلىرىغا ئىشەنگەن. ئەپسۇس كىيىن تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن غايىلىرىدىكى رومانتىكىنى تۇرمۇشتىن تاپالماي ئىچىلىرى پۇشقان. ھازىرمۇ شۇ ئىچ پۇشۇقىنىڭ دەردىدە <<كىرگەن ئىشىك>> نى تاپالماي، چىقىپ كېتەي دىسىلە تېخى چىقىپ كېتەلمەي رىئال تۇرمۇش قوينىدا خوراز چىللاپ كەتكۈچە ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈپ يۈرۈۋېتىپلا. \"\" بۇ تەبىرىمگە ئىنكاس قايتۇرسىلا بۇنىڭ تەدبىرى ھەققىدە بايان ئەيلەپ باقارمەن.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:32:20

چۈشىڭىزدىن بىرەر كىنونىڭ سىنارېيىسى پۈتۈپ قالىدىغاندەك   {:90:}

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:35:57

بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى ، تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن  رىۋايەت قىلىنىدۇكى:«ھىزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى: ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن، يامانلىققا تەبىر بەرمىسۇن!»

ھەدىسلەردە يەنە شۇنداق دىيىلىدۇكى: «40 يىل چۈش ئۆرىمىگەن بەندەمگەجەننەتتىن ئورۇن بىرىمەن.»

مىنىڭچە بولغاندا ئۇچۇپ يۇرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي!

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:46:29

3- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىسقا ئۇچۇر قىلسا بۇ چۈشكە تەبىر بىرىپ ھەق ئالمايدىغانلا ھە،  بىزمۇ بىلىپ قالايلى،\"\"


ئاشۇ چۈشكە قاراپ بۇ كىشىنىڭ ھازىرقى پىسخىك كەيپىياتىغا باھا بەرگىلى بولىشى مومكىن. مەن ھېس قىلغىنىمنى دەپ باقاي ھە، سىلى تازا رومانتىك بىر پەيتلىرىدە بىرسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن كۆڭۈللىرىدىكى <<ئاق ئاتلىق شاھزادە>>نى ئۇچراتقان. ئۇنىڭ سىلىگە بەرگەن تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرسىلا مەلىكىلەردەك بەخىتكە ئىرىشىدىغانلىقلىرىغا ئىشەنگەن. ئەپسۇس كىيىن تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن غايىلىرىدىكى رومانتىكىنى تۇرمۇشتىن تاپالماي ئىچىلىرى پۇشقان. ھازىرمۇ شۇ ئىچ پۇشۇقىنىڭ دەردىدە <<كىرگەن ئىشىك>> نى تاپالماي، چىقىپ كېتەي دىسىلە تېخى چىقىپ كېتەلمەي رىئال تۇرمۇش قوينىدا خوراز چىللاپ كەتكۈچە ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈپ يۈرۈۋېتىپلا. \"\" بۇ تەبىرىمگە ئىنكاس قايتۇرسىلا بۇنىڭ تەدبىرى ھەققىدە بايان ئەيلەپ باقارمەن.



  تازا  بىر  تەسەۋۋۇرغا  باي  موللامكەنلا ...خاتا بۇ  پەرەزلىرى  ...باشقىنى  دىسىلە

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:47:52

5- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى ، تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:«ھىزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى: ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن، يامانلىققا تەبىر بەرمىسۇن!»

ھەدىسلەردە يەنە شۇنداق دىيىلىدۇكى: «40 يىل چۈش ئۆرىمىگەن بەندەمگەجەننەتتىن ئورۇن بىرىمەن.»

مىنىڭچە بولغاندا ئۇچۇپ يۇرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي!

ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە  رەھمەت  ئەمما مەن ئۇچمىدىم  پەلەمپەي  ئىشىكلەر  ئۇچتى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:51:15

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:00:10

1- قەۋەتتىكى nirvanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر بۇ چۈشنى فرىئۇدىنىڭ چۈش نەزەرىيسى بىلەن چۈشەندۈرسە ،ئىككى خىل ئېھتىمال چىقىدۇ .قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ .

فرىئۇدىنىڭ چۈش نەزەرىيسى بىلەن چۈشەندۈرسە جىنسىيەتتىن نېرىسىغا بارالمايدۇ .


سىز يا مەزى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالدىڭىز ياكىجىنسىي تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزگە كىلىۋاتقان بېسىم بار دەپ تەبىر كىلىدۇ خالاس .


سادىغاڭ كېتەي ، مۇشۇ فىرىئۇد ، نىتىزىي دىگەندەكلارنىڭ سەپسەتىسى بىزدە نىمانچە بازارلىق ھە ؟

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:18:32

.بۇ جەرياندا فرىئۇدىنىڭ كىتابىدا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم .بىراق بۇ ھەرگىز فرىئۇدىنىڭ شان-شۆھرىتىگە قىلچە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ ،چۈنكى ئۇ مەڭگۈ بۇ جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ سېستىملىق ئانالىز ئېلىپ بارغۇچى .





فرىئۇد:-دىگەن كىم؟


atella يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:24:42

مەنمۇ  بىر چۈشنى كۆرىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى،ئۇيقۇدىن ئويغۇنىپ ئەسلىسەم بىر قەدىمي لاي سېپىلغا چۆرسى تېرەكلىك توپلىق يولدا مېڭىپ بارغاندەك...بەك غۇۋا...



نىرۋانا ئاۋۇ فىرۇئىدنىڭ چۈش تەبرى دېگەن كىتابى ئۇيغۇر تىلدا نەشىر قىلنغانمۇ ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:25:07

سىز ئاۋازنى ئانالىز قىلىپ تېكىستقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان بىرەر قۇرۇلما ياكى يۇمشاق دىتال ئىشلىتىۋاتامسىز ؟؟؟ ئىنكاس قايتۇرۇش ، خەت بېسىش سۈرئىتىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . ئەمما بۇ سىزنىڭ يۇقىردا سۆزلىگەنلىرىڭىزگە قايىل بولغانلىقىمنى ئىپادىلىمەيدۇ .

فىرىئۇدنىڭ چۈشىگە ئۇيغۇر دوپپىىسى ، ئوغلاق تارتىش شۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەر ياكى باشقا ئىجتىمائى توپتا سىموۋوللۇق مەنىگە ئىگە شەيئىلەر كىرىپ قالسا قانداق تەبىر بېرىشى مۇمكىن ؟ دېمەك ئۇ پەقەت فىرىئۇد .

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:25:36

20- قەۋەتتىكى nirvanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.بۇ جەرياندا فرىئۇدىنىڭ كىتابىدا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم .بىراق بۇ ھەرگىز فرىئۇدىنىڭ شان-شۆھرىتىگە قىلچە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ ،چۈنكى ئۇ مەڭگۈ بۇ جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ سېستىملىق ئانالىز ئېلىپ بارغۇچى .





فرىئۇد:-دىگەن كىم؟


مەندىن سوراۋاتامسىز ؟








سىزدىن نەقىل ئالغاندىنكىن سىزدىن سورايمەندە؟

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:28:45

22- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز ئاۋازنى ئانالىز قىلىپ تېكىستقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان بىرەر قۇرۇلما ياكى يۇمشاق دىتال ئىشلىتىۋاتامسىز ؟؟؟ ئىنكاس قايتۇرۇش ، خەت بېسىش سۈرئىتىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . ئەمما بۇ سىزنىڭ يۇقىردا سۆزلىگەنلىرىڭىزگە قايىل بولغانلىقىمنى ئىپادىلىمەيدۇ .

فىرىئۇدنىڭ چۈشىگە ئۇيغۇر دوپپىىسى ، ئوغلاق تارتىش شۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەر ياكى باشقا ئىجتىمائى توپتا سىموۋوللۇق مەنىگە ئىگە شەيئىلەر كىرىپ قالسا قانداق تەبىر بېرىشى مۇمكىن ؟ دېمەك ئۇ پەقەت فىرىئۇد .

ئاكا بۈگەن ئىنكاسنىڭ ئارىسىغا كۈمۈلۈپ قالىدىغان ئوخشايسىز..........

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:41:55

ياكى مەن خاتا چۈشىنشكە زورلاپ قويىۋاتامدىم





ماۋۇ گەپ سەل قاملىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:48:51

30- قەۋەتتىكى nirvanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

28- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياكى مەن خاتا چۈشىنشكە زورلاپ قويىۋاتامدىم





ماۋۇ گەپ سەل قاملىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.

ھا...ھا....سەمىمي كۈلۈش جۇما ماۋۇ .بولدى مەن ئارام ئالاي ،بۇ تېمىدىنمۇ يوقىلاي .

چۈش كۆرسىڭز سىزمۇ مۇنبەرگە يولاپ باقارسىز مەنمۇ تەرجىمە قىلىشىپ بېرەي!

hebib يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:49:58

زادى مۇشۇ خاررىي پوتېر فىلىمىدە بىر گەپ بارمىكى.. يۆتكىلىدىغان پەلەمپەيلەر دېگەنگە قاراپ ئېسىمگە كەلدى .ئۈچ-تۆت  يىل بۇرۇن مەنمۇ مۇنداق بىر چۈشنى نەچچە قېتىم تەكرار كۆرگەنتىم :خاررىي پوتېر نىڭ قايسى بىر بۆلىمىدە ئۇ يەر ئاستىدا يوغان بىر يىلان بىلەن ئېلىشىدۇ ~ ھە شۇ يىلان! مىنى چۈشۈمدە دائىم قوغلايتى ، قولامدا قىلىچمۇ ئىشقىلىپ گاللا بىرنەرسە بار ، قاچاتتىم.  ئاندىن پۇرژۇندەك يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرسىدىن ئاۋۋال مەن ،ئاندىن ئۇ يىلان بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قاراشقان پىتى پەسكە چۈشۈپ كىتەتتۇق(慢动作)،  پەسكە چۈشىۋاتقاندا سۈرە تاھە نىڭ بىشىدىن ،ئەسسمائۇلھۇسنە دېگەن يىرىگىچە مىشارىي راشىدنىڭ قىرائىتىنى دوراپ ئوقۇپ چىقاتتىم ...

==========

چۈش تەبىرىنى سوراش توغرا كەلسە قۇرئان،ھەدىستىن ئوبدان بىلىمى بار ،ھەم سورىغۇچىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىنمۇ ئاز-تولا خەۋىرى بار بىر كىشىدىن سوراش كېرەك .

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 01:01:06

مەن چۈش كۆرسەم فىرادو-ئاندىرو دىگەنلەرنىڭ كىتاۋىغا قارىمايمەن.

چۈشۈمدە ئاق،يىشىل رەڭلەرنى كۆرسەم ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى،قارا ياكى قىزىل رەڭلەرنى كۆرسەم يامانلىقنىڭ بىشارىتى دەپ بىلىمەن.

ئىلان ،ئىت ،قارا ئات كۆرسەم بىر نەچە كۈن تالاغا چىقمايمەن.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 01:29:42

بۇدا چۈشىڭىزگە مېنى تولاڭ ھە. \"\"  يۇقرى ئېنىقلىقتىكى ئاپاراتتىن بىرنى تەييار قىلىپ. سىزنى باش پىرسۇناژ،ئۆزۈم رېژىسور بولۇپ فانتازىيەلىك فىلىم تارتايلۇق، سىنارىيەسى يامان ئېسىلكەن ئەمما  \"\"  باي بولۇپ كىتىمىز ئەمما . تەييارلىق قىلىڭ  {:92:}

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 04:18:54

ۋەئەلەيكۇم سالام ،

چۈشكە تەبىر بىرىشكە ئىسلام دىنىمىزدا قانداق كىشىلەر ھوقۇقلۇق بىلمەيمەن ئەمما قانداقلا چۈش كۆرسەك ياخشى چۈش كۆرۈپسەن دىيىش ياخشىكەن،سىزمۇ ياخشى چۈشلەرنى كۆرىۋېتىپسىز  \"\"

غەرپ پىسخىلوگلىرى ئاشۇ چۈشنى كۆرىۋاتقان كىشىنىڭ ئەھۋالى ۋە تۇرىۋاتقان مۇھىتقا ئاساسلىنىپ چۈشىنى ئۆرۈيدىكەن ھەم مەلۇم ئىشلارنى قىلىش، قانداق قانداق ئىشلارنى قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. بەزىدە كۈندۈزى كۆرگەن بىرەر ئىشنى ياكى كاللىمىزدىن ئۆتكەن ئادەملەرنى چۈشەپ قالىمىز شۇڭا بۇ خىل چۈش ئۆرۈشنىڭمۇ مەلۇم ئىلمى ئاساسى ۋە پايدىلىنىش قىممىتى باركەن دەپ ئويلىدىم.

سىزنىڭ چۈشىڭىزنى ئالساق ئۆي ئىچىگە قامىلىپ قېلىپ چىقىپ كىتەلمىگەننى ئاساسلىق ئۈچ ئەھۋالغا يىغىنچاقلاپتۇ:

1.سىز ھەل قىلالمىغان ياكى ئۇزۇندىن ھەل قىلماي تاشلاپ قويغان، شۇ سەۋەبلىك سىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر قىيناۋاتقان  ياكى تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر يىتىۋاتقان بىرەر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن،

2.ئاشكارىلىنىپ كەتسە سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرەر مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىرەر يېقىنىڭىزغا ئاشكارىلاپ قويغان ئەمما سىز ئۇنىڭدىن تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن؛

3.سىز كىرىپ قېلىپ چىقالمايۋاتقان ئۇ ئۆي بەلكىم رېئال ھاياتتا ئۆزىڭىزنى مەلۇم دەرىجىدە بېكىنمە قىلىۋالغان بىر دۇنيايىڭىز بولىشى مۇمكىن.



ئۇچۇۋاتقان پەلەمپەيلەر سىزدىكى قورقۇنچنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە نىمىدىن قورقۇدىغانلىقىڭىزنى،كىمدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىۋاتقىنىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ.



يېڭىچە نەرسىلەرنى سىناپ كۆرۈڭ.مەسىلەن يېڭى بىر پارچە كىتاب ئوقۇڭ،كىنولارغا بېرىڭ،يېڭى بىر خىل قورۇمىنى ئېتىشنى ئۆگىنىڭ،ئۆيىڭىزنىڭ پەردىسىنى ئالماشتۇرۇڭ.ئەگەر رېئال ھاياتىڭىزدا راستىنلا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قاچىدىغان بولسىڭىز ئامال بار ئۆزىڭىزنى زورلاپ دوست تۇتۇڭ،دوستلار يىغىلىشلىرىغا بېرىڭ.ئېھتىياجلىق بىرەرسىگە ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىرەر تىلنى ياكى ھۈنەرنى ئۆگىتىڭ.ئىشقىلىپ ئامال بار خىلمۇ-خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ،خىلمۇ-خىل ئىشلارنى قىلىپ بېقىڭ.
بەت: [1] 2 3
: بۇنداق چۈشنىڭ تەبىرىنى كىم بىلىدۇ