بىرلىشىپ 3د كارتون ئىشلىمەيلىمۇ
ئىزدىنىشتىكى 3د ھەۋەسكارلىرى بىرلىشىپ ئاددى بر كارتون ئىشلەپ باقمايلىمۇ ،بەلكىم بۇ يەردىمۇ مىنىڭدەك ئۆزى ئۇگىنىپ چوڭراق بىر ئىجادىيەت قىلىشقا يالغۇزلۇق قىلىپ قالغانلار بۇلىشى مۇمكىن.مەن ھازىر بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە بىر مەسەلنى ئىشلىۋىتىدىغاندەكلا تۇيۇلىمەن.لىكىن ئەمەلى قىلىپ باقاي دىگەندە قىلىپ ئاخىرىغا چىقارلارمەنمۇ دەپ ئىككىلىنىپ مۇقىم بىر كارتوننى پۇتتۇرۇپ باقمىدىم.بەلكىم مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەسان ئەمەستۇ،نىمىلا بولمىسۇن مەنمۇ مەخسۇس بىر كارتۇن شىركەتلىرىدە تۇرۇپ باقمىغان .ئۇزۇم توردىن ئۇگەنگەن.بەلكىم مەن بىلمەيدىغان ۋە بەلكى تېخى ئاڭلاپمۇ باقمىغان تەرەپلەر بۇلىشى مۇمكىن.ئىزدىنىشتا مەندەكلەر بولسا ياخشى بىر سىنارىيە تاللاپ ،ئىش تەقسىماتىنى مۇۋاپىق ئايرىۋىلىپ مەسىلەن ئۇقۇم لاھىيەسىنى بىرسى سىزسا ،مودىلنى بىرسى قۇرۇپ،ھەركەت ۋە چىراينى يەنە بىرسى ،چاپلاقنى بىرسى،چىراقنى بىرسى ئاخىرقى چىقرىشنى بىرسى دىگەندەك بۆلىشىۋىلىپ ئاخىرىغىچە بىر پۇتتۇرۇپ باقمامدۇق.ھىچ بولمىغاندا بۇنىڭغا قىززىققۇچىلار ئۇچۇن بىر مەشىق بۇلۇپ قالار.ئەپلىشىپ قالسا ئىقدىسادى ئۇنۇمنى كۆزلىگەن ھالدا تېخىمۇ ھەمكارلىشىپ بىرەر شىركەتچاق بۇلۇپ قالامدۇق تېخى.ئەسلى بىر توپ قۇراي دىگەن .ئاۋال مۇشۇ يەردە قانچىلىق ئادەم بار ئاۋال بىر دىيىشىپ ئاندىن قىلساقمۇ بۇلىدىغۇ.
مەندە تېخنىكا يوق، لېكىن سىنارىيىسىنى يېزىپ بەرسەم قانداق بولار؟ مەندەكۆرۈپباھابېرىدىغانراۋرۇس بىر جۈپ كۆز بار {:92:} CGئۇنداق ئاسان ئويلىماڭلار . . ئۆلچەملىك ئىشلەشىكە بىر يىل كېتىدۇ . پىكرىڭىز ئورۇنلۇق، مەن بۇ بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە ئەزا بولدۇم، ئەمما مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئوبراز ئىشلەش، بىرلىشىپ ئۆزىمىزنى دۇنياغا دېسەك بەك چوڭچىلىق بولاپ كېتىدۇ، ئىزدىنىشقا تونۇتىلى سىنارىيە يازىدىغانلارمۇ چىقتى مانا سىناپ بىقىڭلار. پىلانىڭلارغۇ ناھايىتى ياخشىكەنبىرەر شىركەت بىلەن دېيىشىپ نوچىراق ئېلاندىنلا بىرەرنى ئىشلىمەمسىلەر ، ‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئارمان ، ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى ›› دېگەندەك ئىشلەڭلا ~ بالىلارغا يارىسا مەن ئازبولسىمۇ مىڭ كوي مۇكاپات بىرىمەن .ماقۇل كەلسە ئەفرۇز دېگەن لوگورىمنى ئاخىرىغاكىچىككىنە قىلىپ قوشۇپ قويىسىلەر. خالىسانە ئىلان ياكى تەسىرلىك قىسقا فىلىملەر بىلەن بىز ئوبرازىمىزنى تىكلەيمىز ،سىلەرمۇ قوشۇمچە كىرىم قىلىسىلەر . ئىشلەۋەرسەڭلار تېخنىكاڭلارمۇ ئاشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ كۆپ شىركەتلەر ئىزدەيدۇ .... ئىشلار مۇشۇنداق باشلىنىدىغان گەپ. دويەن لازىم بوسا ھايت دەڭلا، مەنمۇ توردىن ئۆگىنىۋالغان، كات - پات دەپ تولايمەن. ئاۋۋال ئاۋۇ (ئاخىرلاشتۇمىغان ) ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى چۈشۈرۈڭە ، ئاندىن ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئېلان چىقارمىسىڭىزمۇ سىزنىئىزدەيدىغانلاردىن نەچچىسى چىقىدۇ .
« رېتسار » نى ئىشلەمدۇق ؟ ئاخىرى يوق تۇرسا .... ۋاي بەك كاتتا خىيالكەن بۇ!مىنىڭمۇ ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىنى كارتۇن قىلىپ ئىشلەش ئارزويۇم بارئىدى ،لىكىن ئارزۇ پىتى قىلىۋەردى. بىر باشقا چىقىرالىشىڭزغا تىلەكداشمەن!
مۇنبەردىكى گومپىسى بارلار ،ماھارىتىڭلەرنى چىقرمامسىلەر~ بەك ياخشى ئويلاپسىز. باشلاشقۇ ئاسان لىكىن ئاخىرىغىچە بەل قويىۋەتمەي پۈتۈرۈش كىرەك (مەيلى ياخشى چىقسۇن ياكى ناچار چىقسۇن). لىكىن ئاسان ئەمەس. estami توغرا دىدى . بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار بارغانچە جىقلاپتۇ مانا.
ھەمكارلىقنىڭ بېشى چوقۇم تەپسىلى بولسا، ئاخىرى كۆڭۈللۈك چىقىدۇ. ئوبراز لاھىيلەيدىغانغا كارتون بار ئىكەن.
مەن مودىل قۇرۇشنى ،چىراي ئىپادىسى،سۆڭەك باغلاش ۋە سۆڭەك ھەركىتى،دىنامىكا قاتارلىقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن دەپ ئويلايمەن،قىلىدىغانغا ئادەم چىقماي قالسا چاپلاق ۋە زەرىچىگە ئائىتنى قىلساممۇ بۇلىدۇ،لىكىن چىراق ۋەxuanranقىسمىغا ئاجىزراق.بولسا جىقراق ئادەم كىلىپ ئوبدان بىر بۆلىشىۋالساقياخشى بۇلاتتى.ئاندىن سىنارىيەنىڭ گىپىنى دىيىششەكبۇلاتتى.
14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار بارغانچە جىقلاپتۇ مانا.
ھەمكارلىقنىڭ بېشى چوقۇم تەپسىلى بولسا، ئاخىرى كۆڭۈللۈك چىقىدۇ.
بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قارلۇق ئاللىبۇرۇن تۇتۇش قىلغن چېغىۋا
ئەمىسە بىز قىلمىساقمۇ بۇلىدىكەندە.مەن بىر سىنارىيە ئويلاپ قويغان.3-4ئادەم بولسا بىزمۇ باشلاپ كەتسەك بۇلاتتى شۇنىڭغا لايىق سىزدە ئىقتىساد بارمۇ ؟ بۇنىڭغا مەخسۇس زېھنىنى قارىتىدىغان ئادەملەر بولمىسا ئاندا مۇنداقلا قىلىپ قويسا ياكى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قىلسا ۋاقىت ئۇزۇن كەتكەندىن باشقا ياخشى ئۈنۈمگىمۇ ئېرىشكىلى بولماسمىكىن ...
16- قەۋەتتىكى tarim222نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار بارغانچە جىقلاپتۇ مانا.
ھەمكارلىقنىڭ بېشى چوقۇم تەپسىلى بولسا، ئاخىرى كۆڭۈللۈك چىقىدۇ.
بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قارلۇق ئاللىبۇرۇن تۇتۇش قىلغن چېغىۋا
قايسى كىتابنىڭ بېتى ئۇ؟ ئاۋۇ ئەرفان دېگەننىئېرپان دېسىلا بولمىدىمۇ؟