paltahun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 22:19:09

ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى[كۆچۈرۈلمە]

ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى


ۋاقىت: ئاپتور: ئالىم ئەھەت


2011-يىل 22-دېكابىر (پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتوتى يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى بولغان دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاخىرقى قېتىم قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچىلار، ش ئۇ ئا ر ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىلى مۇتەخەسىسلىرى، تىلشۇناسلار، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزلىرى قاتناشتى.




(بۇ يان تېلېفونۇمدا تارتىلغان رەسىم بولغاچقا، مېنىڭ ئورنۇم بوش چىقىپ قاپتۇ، بۇ ئەقلىي تېلېفون SAMSUNG i9100 ئىدى)

بۇ دۆلەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك:


1. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى

2. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يان تېلېفون كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى

3. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يۇمشاق (چەكمە) كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى

4. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر تېخنىكا ئاتالغۇ ئۆلچىمى

5. چاغاتاي تىلى ھەرپ-بەلگىلەر كود ئۆلچىمى

6. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بەت تىزىش قائىدىسى

7. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە شەكىل ئۆزگەرتىش ۋە كونتىرول بەلگىسى قائىدىسى


ھەممە ئۆلچەملەردە ئاساسىي جەھەتتىن پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىندى، پەقەت ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئۆلچىمىدە يەنىلا «يۇمشاق دېتال»، «يۇمشاق بۆلەك»، «يۇمشاق ماتېرىيال»، «يۇمتال» دېگەن ئاتالغۇلار ۋە «كۆڭۈلدىكى قىممەت»، «سۈكۈت قىممىتى» قاتارلىق ئاتالغۇلار قىزغىن بەس مۇنازىرە قوزغىدى، «يان تېلېفون» (يانفون ئەمەس) ئاتالغۇسىنىڭ قېلىپلاشقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى. باشقا ئاتالغۇلار يەنىلا 3-ئايدىكى يىغىن بويىچە بولدى.


http://bbs.bilik.co/thread-23772-1-1.html


ئەلۋەتتە، مېنىڭ پىكىرىم يەنىلا شۇ «يۇمشاق دېتال» ۋە «سۈكۈت» ئىدى، مەن ئۆز پىكىرىمنى ساقلاپ قالدىم، لېكىن، باشقىلار قوشۇلمىدى.


software يەنى 软件 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟

1. يۇمشاق ماتېرىيال

2. يۇمشاق دېتال

3. يۇمشاق بۆلەك


ئىزاھات: يۇمتال ئاتالغۇسى ھازىرقى بار بولغان قائىدىگە چۈشمىگەنلىكتىن مۇۋاپىق دەپ قارالمىدى. شۇڭا، يۇقىرىقى نامزاتقا كىرەلمەيدۇ.


default يەنى 默认 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟

1. كۆڭۈل

2. كۆڭۈلدىكى

3. سۈكۈت


ئەسكەرتىش: بۇ يەردە پىكىر ھاسىل قىلىنغان بىلەن ئاخىرقى قارارنى يەنىلا تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى قاراپ چىقىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە چۈشكەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت!



مەنبە: ئالىم ئەھەد بلوگى


Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 10:09:40

ما ئىش بوپتۇ مانا .... يۇمتال دىگەن خەتنى كۆرسەملا ئىچىم ئېلىشدۇ . ئۆزلىرىچە باشقا مىللەتنىڭ سۆز قىسقارتىش ئۇسۇلىنى ئۇيغۇرتىلىغا سۆرەپ كىرمەكچى بولۇشۇپ قىلىپ كەتكەنلىرىنى نىمە دەي . گەپ قىلسا ئۇيغۇر تىل - يېزىقى ئۈچۈن قىلدىم دەپ يوغان يەردىن چۈشىدۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 10:11:18

ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك يىغىن بوپتۇ!

گەرچە مەن يىغىن سىرتىدىكى ئاددى شەخس بولساممۇ، چولتا بولسىمۇ، ئۆزەمنىڭ ئاتالغۇلارغا بولغان ئانچىكە قاراشلىرىمنى دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.

1. software يەنى 软件 ھەققىدە بۇرۇن كۆپ تالاش-تارتىشلار بولغان ئىدى. «يۇمشاق دېتال» دىگەن سۆز ئېنىقكى سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇدىن ئىبارەتتۇر. مەن بۇرۇن «بوش دېتال» دەپ ئېلىشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان ئىدىم. لېكىن ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. «بوش دېتال»نىڭ تىلىمىزدىكى ئىلمىيلىكى شۇكى، «بوش» سۆزىدىن ئۇ نەرسىنى بوشاتقىلى، ئېلىپ يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. دېمىسىمۇ، 软件 نى قاچىلىغىلى ، چىقىرۋەتكىلى، شۇنداقلا باشقا يەرگە ئاپىرىپ كۆچۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ كومپىيۇتېرنىڭ «بوش دېتالى» ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا 硬件 بولسا، «چىڭ دېتال» دۇر، ئۇ كۆمپىيۇتېر بىلەن چىڭ باغلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى ئاسان يۆتكىلىگىلى، باشقا يەرگە قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ كۆمپىيۇتېردىكى دېتاللارغا نىسبەتەن «چىڭ دېتال» ھېساپلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، «بوش دېتال» سۆزى ئاران 3 بوغۇم بولۇپ، تىلغا كۆندۈرمەك ئاسان. ئېغىز تىلىدىمۇ ياخشى ئوموملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر «يۇمشاق دېتال» دەپ داۋاملىق ئېلىنسا، بۇ ئۇزۇن بوغۇملۇق ئاتالغۇنى تىلغا كۆندۈرمەك تەس. ھازىرمۇ %70-%80 ئۇيغۇرلار سۆزلەپ كېتىپ بېرىپ، «رۈەنجيەن» دەپ ئاتاپ مېڭىۋاتىدۇ.

شۇڭا، يۇقارقى 3 نامزاتنىڭ قاتارىغا «بوش دېتال»نىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەك دەپ قارايمەن.



2. default يەنى 默认 غا كەلسەك، default نىڭ مەنىسى «مەلۇم نەرسىگە ئادەتلىنىش» ياكى «مەلۇم نەرسىنىڭ ئەسلىي ھالىتى» دىگەندەك مەنالارغا چېتىلىدۇ. شۇڭا بۇنى «ئادەت» ياكى «ئەسلى» دىگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشمۇ بىر قەدەر مۇۋاپىق. «سۈكۈت» سۆزىمۇ ئىخچاملىق، خەنزۇچىغا يېقىنلىق سەۋەبلىك، ئويلىشىشقا بولىدىغان نامزاتتۇر.

مەسىلەن: 请把设计默认到重新启动

لاھىيەنى قايتا قوزغىلىدىغانغا ئادەت قىلىپ قويۇڭ.

لايىھەنىڭ ئەسلىسىنى قايتا قوزغىلىدىغان قىلىپ قويۇڭ

لايىھەنى قايتا قوزغىلىدىغانغا سۈكۈت قىلىڭ

لايىھەنى قايتا قوزغىلىدىغانغا تەڭشەپ قويۇڭ

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 11:55:04

تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن دىگەندەك ئىش بۇپتۇ، بۇ يىغىن بەك كېچىكىپ ئېچىلىپتۇ، بۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىش ئۆز-ئۆزىنى سورايدىغان، بەك ئاڭلىق كىشىلەرگە مۇھتاج،،،، ئۇچقاندەك ئىلگىرلەۋاتقان بازار ئىگىلىكىدە ھەركىم ئۆز خاھىشى بىلەن ئىش كۆرىدىغان تۇرسا.....ھە بوپتۇ، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولۇپ قالار،،،



مېنىڭ پىكىرىم:

      1.سىلەر نېمە دىسەڭلار دەڭلار، ئىشقىلىپ مەن يۇمتال دەپ قوللىنىۋىرىمەن. بۇنى كومپيۇتېر ئاساسى بولغان ھەممە كىشى چۈشىنىدۇ.

      2. 默认 دىگەن سۆزنى تەرجىمە قىلىشتا ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن. يەنى

   كومپيۇتېرغا يۇمتال قاچىلغاندا ، مەخسۇس تور بېتى چىقىپ  自定义,默认设置دېگەندەك خەتلەر چىقىدۇ، ئەگەر ئۆزىمىز تاللاپ بېكىتىمىز دېسەك ماس ھالدا مەشغۇلات قىلىمىز، بولمىسا بىۋاستە قاچىلىساق 默认设置  ھالەتتە تور بەت ياكى يۇمتال ئىقتىدارى ئاپتۇماتىك بېكىتىلىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن توربەتنى، ئىقتىدارنى ئادەتلەندۈرۈش، كۆندۈرۈش دىگەن ئىبارە تەبىئىي ھالدا پەيدا بولىدۇ، بۇنى تىلمىزغا مايىل قىلىپ ئادەتلە ياكى كۆندۈر دىگەن جەزىملەشتۈرۈش كۆزنىكى قىلساق بولامدىكىن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 12:48:13

ھە راست!


كومپىيۇتېرىمغا قاراپ باقسام، بىر جىلىتىمگە \"yumtal\" دەپ ئىسىم قويۇۋاپتىمەن. قارىغاندا \"يۇمتال\" سۆزىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئوموملىشىپ قالغان ئوخشايدۇ........


\"\"

mustapa222 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 14:50:39

بۇ ياخشى ئىشلاركەن...

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 15:06:44

4- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە راست!


كومپىيۇتېرىمغا قاراپ باقسام، بىر جىلىتىمگە \"yumtal\" دەپ ئىسىم قويۇۋاپتىمەن. قارىغاندا \"يۇمتال\" سۆزىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئوموملىشىپ قالغان ئوخشايدۇ........


\"\"





软件يۇمتال

硬件 قاتتال

绿色软件يېتال

دەپمۇ يېزىپسىزمۇ؟

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 15:09:40

ئىككى ئورۇن بىرلىكتە ئاچسا نېمە بولاتى ماۋۇ يىغىننى؟


tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 15:10:01

باللا، ھاڭراتقۇ دېگىنىڭلار تۆۋەندىكىنىڭ قايسىسىنى كۆرسىتىدۇ؟

扩音机

扩音器

音响

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 15:11:11

6- قەۋەتتىكى tahir17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

软件يۇمتال

硬件 قاتتال

绿色软件يېتال

دەپمۇ يېزىپسىزمۇ؟



كومپىيۇتېر ئۆزەمنىڭ، خالىسام شۇلارنىمۇ يازىمەن.

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 15:57:40

9- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى tahir17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

软件يۇمتال

硬件 قاتتال

绿色软件يېتال

دەپمۇ يېزىپسىزمۇ؟



كومپىيۇتېر ئۆزەمنىڭ، خالىسام شۇلارنىمۇ يازىمەن.

نېمانداق قانايسىز؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 16:33:01

موشۇنداق ياخشى خەۋەرلەردىن بېزلەرنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز قېرىندىشىم .

uyghun يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 19:24:08

بالدۇرراق قېلىپلىششىغا تىلەكداشمەن .

qingil يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 22:59:22

كېچىككەن بولسىمۇ ياخشى ئېچىلپىتۇ بۇ يىغىن .يەنە پات_پات ئېچىلىپ تۇرسا بولاتتى بۇنداق يىغىنلار.ئۆزگەرتىدىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار تىلىمىزدا.....

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 23:44:53

软件نى بولسا يەنىلا «يۇمشاق دىتال» دەپ ئېلىۋەرسە ياخشى بولارمىكىن، جىق ئادەملەر بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتى. ئەينى چاغدا 软盘نىمۇ «يۇمشاق دىسكا»دەپ ئاپتىكەن، بۇنداق بولغاندا ئازتولا ئىزچىللىق بولغۇدەك.



默认نى «كۆڭۈل، كۆڭۈلدىكى»دىسەك قاملاشمايدۇ، 默认值نى «كۆڭۈل قىممىتى، كۆڭۈلدىكى قىممىتى» دەپ ئالساق، ئۇ چاغدا 自定义值نى نىمە دەيمىز، «ئۆزى بېكىتكەن قىممىتى»دەل كۆڭۈلدىكى قىممىتىمۇ قانداق؟


يەنى توپلام دائىرىسىگە دىققەت قىلساق، يەنى 默认 بولسا، 自定义نىڭ قىسمىي توپلىمى.

«سۈكۈت»نى داۋاملىق ئويلاشساڭلار بولغۇدەك، «سۈكۈت» «كۆڭلىدە قوشۇلغانلىق»تىن باشقا يەنە «قوشۇلمىغانلىق، تاللاشتىن ياكى ھۆكۈمدىن ۋاز كەچكەنلىك» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. ئامال بار سۆزنى ئەمىلىي سۆز-جۈملىلەر ئىچىگە ئەكىرىپ تۇرۇپ ئېنىقلىما بەرسە ياخشىراق بولاتتى.

默认غا «دىلتەستىق»، «بارتەستىق» دىگەنلەرنى ئويلىشىپ بېقىڭلار. Default:an option that is selected automatically unless an alternative is specified بۇنى مۇشۇنداق ئاپتۇ، ئىنگلىزچە ئىزاھى يېڭى پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالامدۇ تېخى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:06:27

شۇنداق قىلىڭلار تورداشلار ، سۆزلەرنىمۇ خەنچىگە سېلىپ قىسقارتىپ يۈرۈپ تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇرىمىزمۇ خەنچە بولۇپ كەتسۇن ، كومپارتىيە ئۈچۈن ئوبدان خىزمەت قىلىشنىڭ يولىنى تېپىۋاپسىلەر .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:10:39

ئويلىساملا مۇشۇ بىتلان دىگەن ئادەمگە شۇنچىلىك ئۆچلىكىم كىلىدۇ .  خېلى خېلى چوڭ بىلدىغان تورداشلارنىمۇ كاللىسى ئوچۇقمىكىن دېسەم بىتلاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ يۈرۈشىدۇ .

ئۇيغۇر تىلى دىگەن ئۇيغۇر تىلى ، خەنچە دىگەن خەنچە ، ئىككى خىل تىل ئىككى سېستىمىغا تەۋە . بىرسىگە قوللانغان ئەندىزە ، ئۆلچەملەر يەنە بىرسىگە چۈشمەيدۇ ، ئوچۇقىنى قىلغاندا ئۇيغۇرچىنى ، خەنچىنىڭ قائىدىسىگە يۈكۈندۈرگىلى بولمايدۇ دەپ ئويلمايدىكىنا بۇ كاللا .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 00:30:29

مۇشۇنداق يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلاندەك تىلىمىزنى قېزىۋاتقان، ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بىرقىسىم سۆزلەرنى قايتىدىن رومانلىرىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقسا ئوبدان بولاتتى.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 03:54:43

بىزنىڭ قازاقلار ۋە قىرغىزلار، ئىككى خىل يېزىقنى ئىشلىتىپ يۈرگىچە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكىلەرنىڭ يېزىقىغا كۆچىۋالسا بولمامدىغاندۇ؟ بىر مىللەت ئىككى خىل يېزىق ئىشلىتىپ يۈرگەن قارىسا.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-25 10:20:43

تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپ مەن تېخى تىل تەتقىقات توغرىسىدىكى يىغىنمىكىن دەپتىمەن، ئەسلى يېزىق توغرىسىدىكى يىغىنكەن ئەمەسمۇ؟

ماۋۇ «默认 ، Default» دېگەن ئاتۇلغۇغا (سۈپەت ھالىتىگە ) مېنىڭچە بىۋاستە تەرجىمە قىلىۋالماي ،  «ئۆلچەملىك ، بېكىتكلىك،  تەڭشەكلىك ›› دەپ ئالساق ياخشى بولارمىكىن دەيمەن ،چۈنكى پروگراممىلاردا بولسۇن ياكى مەشخۇلات سېستىمىلىرىدا بولسۇن   «默认 ، Default»  ھالىتى شۇ قاتتىق دېتالغا ، ياكى شۇ مۇھىتقا نېسبەتەن ئاساسەن ئۆلچەملىك ھالىتى.    مەسلەن :  ئۆلچەملىك لايىھە، ئۆلچەملىك قىممىتى ،  ئۆلچەملىك رەڭگى،  ئۆلچەملىك تەڭشىكى  دېگەندەك.

ياكى بولمىسا ئىېنگلزچە  «Default›› قا ماس كېلىدىغان سۆزمۇ سۆز  تەرجىمىدىن بىرنى ئويلىشىپ كۆرسەك،   ‹‹De›› ئالدى قوشۇمچىسى سۈپەت پېئىللارنىڭ قارمۇ قارشى سۆزىنى ياسايدىغان قوشۇمچە بولۇپ ، ئۇيغۇرچىدىكى  ‹‹سىز ،  بى  ، ....›› دېگەندەك مەناغا ئىگە ،  ‹‹fault›› دېگىنى  ‹‹خات ،  نوقسان ، ئۆتكۈزىۋېتىش ،  ئاشۇۋېتىش، كاشىلا ، گۇناھ ،  قىسقا  ، ئاغرىق ، ...›› دېگەندەك  مەنالارغا ئېگىكەن.

شۇڭا مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹سىز ›  قوشۇمچىسىنى قوشۇپ بىر سۆز ياساپ باقساق بوپتىكەن.



‹ف› مەسلىسى ھەل بولۇپ بولغان ئوخشىمامدۇ. ئېلىپبەدىكى قوسىقى بار ‹ف› مى ئۆزگەرتەمدىكەنمىز ياكى ،  كومپيۇتېردىكى كودىنى Unicode ORG  بەلگۈلەپ بەرگەن بويىچە ئىشلىتەمدىكەنمىز؟
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى[كۆچۈرۈلمە]