hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 15:05:38

رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنى ۋە مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە[تەرجىمە]

رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنى ۋە مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە




ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنى

ئېلېكتىر ماگىنىتلىق بولغىنىش ھازىر كىشلەر تەرىپىدىن، ھاۋا بۇلغىنىشى، سۇ بۇلغىنىشى، ئاۋازلىق بۇلغىنىشدىن قالسىلا ئېغىر بولغان بۇلغىنىشلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار مۇھىتى يىغىندا ، ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى، چوقۇم تىزگىنلەش زۆرۈر بولغان بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ بىرى دەپ بىكىتىلدى . خەلقئارادىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەنبەلەرنىڭ بىرى ئىكەن. 1988- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان بەش تۈرلۈك زىيىنىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1. ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، قەنت سىيىش كېسىلى،راك قاتارلىقلارنى ئاساسلىق پەيدا قىلغۇچى سەۋەب.

2. ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى ئادەمنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قاتارلىقلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

3. ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى بويىدا بار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى، تۇغماسلىق، غەيرى تۆرەلمە قاتارلىقلارنى پايدا قىلغۇچى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

4.ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جىگەرنىڭ قان ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

5. ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سېستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ھەيز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولىدۇ.




ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىش


1. يان تېلېفۇن

تېلېفۇن قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى تېلېفوننى بەدىنىڭىزدىن يىراق تۇتۇپ قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن قۇلىقىڭىزنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ سۆزلىشىڭ، بۇنىڭدىن باشقا ئامال بار تېلېفوندا چ چ دا پاراڭلاشماڭ، ئۇخلاشتىن ئاۋال تېلېفوننى ياستۇقىڭىزنىڭ ئاستىغا قويماسلىققا ئادەتلىنىڭ.

تېلېفوننى بوينىڭىزغا ئېسىۋالماڭ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تېلېفوننى كۆكرەك ئالدىغا ئېسىۋالغاندا، يۈرەك ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرى بولىدىغان بولۇپ، رادىئاتسىيە ئىنتايىن كىچىك بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئادەم بەدىنىگە تەسىرى بولىدىكەن. يۈرەك ئىقتىدارى تۇلۇق بولمىغان، يۈرەك سوقۇشى تەرتىپلىك بولمىغان كىشلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.


تېلېفوننى ئامال بار بەدىنىڭىزدىن نېرى تۇتۇڭ، ئادەتتە سىرتقا چىققاندا، تېلېفوننى يانچۇققا تىققاننىڭ ئورنىدا سومكىغا سېلىڭ، ئادەتتە تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقىتتا تىڭشىغۇچ ئىشلىتىڭ،بىر قېتىمدا يېرىم سائەتتىن كۆپ سۆزلەشمەڭ.

2.كومپيۇتېر


كومپيۇتېرنىڭ يىنىىغا بىرنەچچە تەشتەك ئالىقانسىمان كورپۇس قويۇپ قويۇڭ، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا رادىئاتسىيىسى سۈمۈرۈش رولى بار.

ھەر كۈنى ئەتتىگەندە2~3 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىشقا ئادەتلىنىڭ،كۈندەبىر تال ئاپېلىسىن يېيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.


كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن،ئادەمنىڭ يۈزىگە ئاز بولمىغان ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسى دانىچىلىىرى يېپىشىقلىق بولىدۇ،شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا سۇ بىلەن يۈزىڭىزنى يۇيىۋىتىڭ، بۇنداق بولغاندا يۈزىڭىزگە يېپىشىۋالغان دانىچىلەرنىڭ 70% كۆپرەكىنى پاكىزلىيالايسىز.

كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغان ۋاقتىڭىزدا ، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان رادىئاتسىيىنى ئازايتقۇچى ئېكران قوغدۇغۇچىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئۆينىڭ ئىچىگە بەك زۆرۈر بولمىغان مېتال بۇيۇملارنى جىق قويماڭ. كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە ئېكراننىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسىنى ياخشى تەڭشەڭ. يۇرۇقلۇق دەرىجىسى بەك چوڭ بولسا رادىاتسىيەمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەمما بەك ئاجىز تەڭشىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيانلىق. ئامال بار يېڭى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىڭ، ئىشلەتكەن كونا كومپىيۇتېرلارنى ئىشلەتمەڭ، چۈنكى ئىشلەتكەن كومپىيۇتېرلارنىڭ رادىئاتسىيىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئوخشاش تىپ، ئوخشاش ئارىلىق شەرتى ئاستىدا ،ئادەتتە يېڭى كومپيۇتېررلارنىڭكى بىر ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

كومپيۇتېرنى قويغان ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم. ئامال بار كومپىيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئارقا تەرىپىنى ئادەم بار تەرەپكە قاراتماڭ، چۈنكى كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تەرەپ بولسا ئېكراننىڭ ئارقا تەرىپى.ئۇنىڭدىن قالسا ئوڭ سول تەرەپ بولۇپ ، ئېكراننىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ رادىئاتسىيىسى ئەڭ ئاجىز بولىدۇ. خەتنى كۆرەلىگەن شەرت ئاستىدا ،ئېكران بىلەن ئارىلىقىڭىز ئەڭ ئاز دېگەندە50~75 سانتېمېتىر ئارىلىقىدا بولسا،ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىننى ئازايتالايسىز.

ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئېتىبار بېرىڭ. تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىنىشىچە، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى بىر خىل راكىنى پەيدا قىلىدىغان ماددىنى ھاسىل قىلىدىكەن. شۇڭا كومپيۇتېر بار ئۆيگەئامال بار ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئورۇنلاشتۇرسا ئەڭ ياخشى.


رادىئاتسىيىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىغا ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا داۋاملىق كومپيۇتېر مەشخۇلاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشى تېخىمۇ زۆرۈر. بىر قىسىم كىشلەر رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى ئارقىلىق رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى دەپ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان .ئەمما مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا قويغان بىر پروگراممىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، كىيىمنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئادەمگە تەسىر قىلىدىغان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتىدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ بەس مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى راستىنلائادەمگە تەسىر قىلىدىغان رادىئاتسىيىسى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتەمدۇ؟

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنىڭ بىر نۇقتىدىن كەلگەن رادىئاتسىيىنى توسۇشتا ئۈنۈمى بارلىقىنى، مەلۇم بىر تەرەپتىن كەلگەن رادىئاتسىيىنى توسۇش ئۈنۈمىنىڭ يوق بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ ئەكسىچە، رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، ئىچىدىكى رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى چوڭايتىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى،رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى كىيگەندە رادىئاتسىيە ،كىيىمنىڭ ئاستى تەرىپى، يېڭى قاتارلىق يوچۇقلاردىن كىرىپ، قايتىپ چىقىپ كېتەلمەي، رادىئاتسىيە تېخىمۇ كۈچىيىپ ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن.


ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆز قاراش خاتا بولۇپ، خىزمەت جەريانىدا داۋاملىق كۆمپىيۇتىر مەشخۇلاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلەنسە بولىدۇ.



تەرجىمە مەنبە


orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 20:43:33

توغرا ئۇسۇللاركەن . \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-12-31 08:27:09

ئا رەسىم ئاجايىپ رەسىمكەن، ئىككى- ئۈچ يىل بۇرۇن مەن بىر قىستۇرغانكەنمەن.
بەت: [1]
: رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنى ۋە مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە[تەرجىمە]