RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 09:59:57

ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنىڭ سىرى

  ئالدىنقى قېتىم ئىزدىنىش مۇنبىردە «ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش» ھەققىدىكى دەسلەپكى ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى، بۇ قېتىم بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ باقايلى، ئۇنداق بولسا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى سىرلىق سودا جەريانىدا بولسۇن!


ۋاكالىتەن بالا تۇغدۇرۇش: چىرايىغا ئوقۇش تارىخىغا قاراپ باھا بېكىتىلىدۇ ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگەندە بىر قېتىمدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ.

ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىدىغان ئايالنى تېپىپ بېرىشكە ئەڭ ئاز بولغاندا 280 مىڭ يۈەن ئالىدۇ، ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچى بىر قېتىمدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ. گېزىتنىڭ مۇخبىرى بىر ئايغا يېقىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ خىل سودىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى.









7-ئاينىڭ 11-كۈنى

كۈنمىڭ شەھىرى

ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىنى تونۇشتۇرغۇچى ۋاستىچى شىركەت ئاۋات بىنانىڭ مەلۇم قەۋىتىدىن ئىشخانا سېتىۋېلىپ، سودا شىركىتى نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ چىرايى ۋە ئوقۇش تارىخىغا ئاساسەن باھا بېكىتىدىكەن، ئوپراتسىيە كۆپىنچە ۋۇخەن، گۇاڭجۇدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئىككى تەرەپ يەنە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش توختامى ئىمزالايدىكەن.

تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان شىياڭگاڭلىق ئارتىس ئامېرىكىغا بېرىپ ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچىنى ئىزدەش جەريانىدىكى ۋەقەلىكلەر كۆرسىتىلگەن بىر كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىدا، بالا تۇغۇپ بەرگۈچى جۈەن زى ئىسىملىك قىزنىڭ ھېكايىسى بەكمۇ تەسىرلىك. ئىككى ئايغا قالمايلا ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا يەرگە چۈشۈپ قىقىلداپ يىغلاشقا باشلايدۇ، بىراق ئۇ قورسىقىدىكى بالا بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقىغا پەقەتلا ئىككى ئاي ۋاقىت قالغانلىقىنى، ھازىر ئۇنىڭ تومۇرى بالىنىڭ تومۇرى بىلەن تۇتىشىپ تەڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ، بىراق، ھازىر ئۇلارنى باغلاپ تۇرىۋاتقىنى پەقەتلا ئارىلىقتىكى ۋاستىچى شىركەت ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ بالىنى خەققە تۇغۇپ بەرمەكچى...

مۇبادا سىز تورغا «كۈنمىڭ + ۋاكالىتەن بالا تۇغقۇچى (昆明+代孕妈妈)» دەپ كىرگۈزسىڭىز ئاز دېگەندىمۇ نەچچە يۈز مىڭ ئۇچۇر چىقىدۇ، ئەڭ ئالدىغا تىزىلغىنى «بوۋاق پىلانى ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش تورى» ناملىق تور بېكەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى «جۇڭگودىكى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋاكالىتەن تۇغۇت تور بېكىتى» دەپ ئاتايدۇ، ھەم ھازىر ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئېلانى بار. ئۇلارنىڭ باش شىركىتى دەل كۈنمىڭ شەھىرىدە.

ئۇنداقتا ئۇلار زادى ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش سودىسىنى قانداق پۈتتۈرىدۇ؟ بۇنىڭ سىرىنى يەنىلا شۇ مۇخبىر يەشتى.



«سودا شىركىتى» ۋىۋىسكىسىنى ئېسىپ قويۇپ، شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە يوشۇرۇنۇش

7-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇخبىر تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، شىركەت خادىمى خۇاڭ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ 4 سائەتتىن كېيىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كېلىشىنى ئېيتىپ ئادرىسىنى دەپ بېرىدۇ. 4 سائەتتىن كېيىن مۇخبىر ئادرېس بويىچە ئاران تەستە كۈنمىڭ شەھىرىنىڭ خەلق يولى 289- نۇمۇرلۇق جى دا مەيدانى 15- قەۋىتىگە كېلىپ، مەخپىي زىيارەتنى باشلايدۇ. بۇ بىنا كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇلۇڭراق يەرگە جايلاشقان بولۇپ، شىركەتنىڭ ھېچقانداق ۋىۋىسكىسىمۇ يوقكەن. قاتتىق ئېتىلگەن ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش ئېشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە كىرگەندە، 40 كۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇ ئاتالمىش ئىشخانا ئۈچكە بۆلۈنگەن بولۇپ، تېلېفون، كومپيۇتېر، كىرىسلو، ئۈستەلدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە يېرىمۇ يوقكەن، مېھمانخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە شىركەت ۋىۋىسكىسى ئېسىلغانىكەن.

30 ياشلار ئەتراپىدىكى قارا كىيىملىك بىر كىشى ئۇنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، مۇخبىرغا ئاستى ئۈستى بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، «سىز نېمىشقا ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچى بولۇپ قالدىڭىز؟» دەپ سۇئالنى باشلىغاچ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ۋە ئۇنىڭدىن يېشى، كەسپى، ئوقۇش تارىخى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىجتىمائىي ئورنى، تەكلىپ قىلىش شەرتى قاتارلىقلارنى سوراشقا باشلىدى. ئىشتىن ئاۋۋال ئويلىشىۋالغىنى بويىچە مۇخبىر ئاتا ئانىسىنىڭ كۇنمىڭدا ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى يوقلىقىنى، چەتكە چىقاي دېسە يېتەرلىك پۇلى يوقلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇخبىردىن ئىلگىرى تۇغۇپ باققان باقمىغانلىقىنى، ئوغۇل دوستى بار يوقلىقىنى، ساۋاقداش دوستلىرى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىدىغان ئالاقىلاشمايدىغانلىقىنى سورىدى. قايتا-قايتا سوئال- سوراقتىن كېيىن ئۇلار ھۆججەتنى ئېلىپ، مۇخبىرغا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش ئىشىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.



چىرايى ۋە ئوقۇش تارىخىغا قاراپ ھەق بېرىلىدۇ بىر قېتىم تۇغۇپ بەرسە كام دېگەندە 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ

ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟



قارا كىيىملىك بۇ ئەر كىشىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بولىدىكەن، بىرىنچى خىلى ئەر ئايالنىڭ تۆرەلمىسىنى كۆچۈرۈش، يەنى كىشىلەر ئېيتىدىغان پروبىركىدا يېتىلدۈرىلىدىغان بوۋاق، ئۇرۇق، تۇخۇم ھەر ئىككىلىسى خېرىدار بولغان ئەر ئايال ئىككىسىدىن كېلىدۇ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئارىيەتكە ئېلىنىپ، قورساق كۆتۈرگۈزىلىدۇ. بۇ سودىدا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى 100 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە ھەقكە ئېرىشىدۇ.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇلى سۈنئىي ئۇرۇق ئېلىش، ئۇرۇق خېرىدار تەرەپنىڭ ئەر تەرىپىدىن ئېلىنىدۇ، تۇخۇم ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچى ئايالدىن ئېلىنىدۇ، ئىككى تەرەپ بىۋاستە ئۇچراشمايدۇ، بۇ سودىدا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى 120 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە ھەق ئالىدۇ. مۇبادا خاس تۇخۇم تەقدىم قىلسا 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە ھەقكە ئېرىشىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئىككىلىسىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولغاندىن باشقا ئوپراتسىيىگىلا 60 مىڭدىن 80 مىڭغىچە پۇل كېتىدىغان بولۇپ، تەننەرخى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل «تەبىئىي» ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش. يەنى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچىنى ئىزدەۋاتقان خېرىدار ئەر تەرەپ بىلەن ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بەرگۈچى ئايال بىر ئۆيدە تۇرۇپ، بىۋاسىتە ھامىلىدار بولۇش. بۇ نۆۋەتتە ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى بىر قېتىمدا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە ھەقكە ئېرىشىدىكەن. بىراق بۇنداق «تەبىئىي» ھامىلىدار بولۇشنى خالايدىغان ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچى ئايالنى تاپماق ناھايىتى تەسكەن. شۇڭلاشقا شىركەت ھازىر ئاساسەن ئالدىنقى ئىككى خىل ئۇسۇلنى كۆپرەك تاللايدىكەن. مۇخبىر ئۆزىنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، قارا كىيىملىك كىشى دەرھاللا :«ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچىغا چىرايى ۋە ئوقۇش تارىخىغا قاراپ ھەق بېرىلىدۇ، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپتىكەنسىز، بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز، بىز سىزگە ئاز بولغاندىمۇ 120 مىڭ يۈەن ئېلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، مۇبادا ئوغۇل ياكى قوشكېزەك تۇغۇپ قالسىڭىز، 15 مىڭ يۈەن قوشۇپ بېرىمىز» دەيدۇ.



يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىر يەنە ئويلىنىپ بېقىشنى ئېيتىپ، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتمەكچى بولىدۇ. قارا كىيىملىك كىشى ئۇزىتىۋېتىپ ئۇنىڭغا مۇبادا قارار قىلىپلا قالسا يېنىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقنىى، ھەر زامان ۋاكالىتەن تۇغدۇرماقچى بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى كۈتۈشىنى، بۇ خىل مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقنى قايتا قايتا تاپىلايدۇ.



ئوپراتسىيە گۇاڭجۇ، ۋۇخەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۈننەن بولسا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ ماكانى

«مۇبادا سىز ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىشنى قارار قىلسىڭىز، بىز ئەتىلا سىزنى تەكشۈرۈشكە ئاپىرىمىز، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چاتاق بولمىسىلا، سىزنى ۋۇخەنگە ئاپىرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرىمىز» دەيدۇ قارا كىيىملىك كىشى.

نېمىشقا كۇنمىڭدا قىلدۇرمايمىز؟ بۇ سۇئالغا ھېلىقى قارا كىيىملىك كىشى ئىككى سەۋەب كۆرسەتتى، بىرىنچى، كۈنمىڭ دوختۇرخانىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، ۋاكالىتەن تۇغدۇرۇش ئوپراتسىيىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋۇخەننىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇ گەپ قىلىۋىتىپ كۈنمىڭدىكى بۇ شىركەتنىڭ 2008-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ۋۇخەندىمۇ بىر تارماق شىركەت ئاچقانلىقىنى، 3 يىلدا، 100 دىن ئارتۇق تۇغۇتنى ۋاكالىتەن تۇغدۇرغانلىقىنى، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋۇخەندە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب كۇنمىڭدا ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولىدىغانلارغا ئېھتىياجلىقلار كۆپ ئەمەسكەن، ھازىر پەقەت بىرلا كۇنمىڭلىق خېرىدار ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بەرگۈچىنى ئىزدەۋېتىپتۇ. بىراق باشقا جايلاردا نۇرغۇن كىشى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بوپ بەرگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىقكەن.

ئۇنداقتا نېمىشقا شىركەتنى كۇنمىڭغا قۇرىدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرۈپ ھېلىقى كىشى مۇنداق دەيدۇ:« ئاساسلىقى يۈننەندىن ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى خالايدىغانلارنى ئىزدەشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن».





uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 13:43:39

ئىمانسىزلارنىڭ قىلمايدىغان ئىشى قالماپتۇ، ئەتگەن تېخى بىرمۇنچە خىزمەتداشلار مۇشۇ مەسلە توغرىسىدا پاراڭلارشقىلى تۇرۇپتىكەن.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 14:25:36

ئاخشام ئاڭلىسام گۇۋاڭجۇدىكى بىر جۇپ دولەتمەن ئەر-خوتۇن ئۇزۇنغىچە بالىلىق بولالمىغاچقا، مۇشۇ «ۋاكالىتەن ھامىلدار» لىق تاللىغان. ئەر-خوتۇننىڭ ئۇرۇق- تۇخۇملىرىدىن 8 پروبىركىدا سۇنئى ئۇسۇلدا ھامىلە يىتىشتۇرگەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ 8 پروبىركىدىكى ھامىلە نىڭ ھەممىسى مۇۋەققىپىيەتلىك بولغان. بۇنىڭدىن بەكلا خوش بولۇپ كەتكەن دولەتمەن 2 نەپەر ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۇچىنى تاپقان ھەم ئوز خوتۇنى بىلەن قۇشۇلۇپ 3 ئايال ئوزلىرىنىڭ 3تال بالا ياتقۇسى بىلەن 2+3+3 شەكىلدە ھامىلە كوچۇرگەن، شۇنداق قىلىپ ئالدى - كەينى بۇلۇپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ 8 بوۋاق 4 قىز، 4 ئوغۇل ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان.

نوۋەتتە بۇ بوۋاقلار 14 ئايلىق بولغان بولۇپ ، 11 بالا باققۇچى (8 بوۋاققا بىردىن 8 بالا باققۇچى، 2 تازىلىقچى،1 ئاشپەز ) ۋە1 شوپۇر بۇ بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن.

بۇلار سىرتقا چىقماقچى بولسا 1 ئانا، 8 بالا ۋە باققۇچىسى، 1 شوپۇر جەمئى 18 ئادەم بىللە چىقىدىغان گەپكەن.

تىڭ تىڭلاشقا قارىغاندا بۇ بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش خىراجىتى 1 مىليون، بېقىلىش، تەربىيەلىنىش خىراجىتى تەخمىنەن ئىيىغا 100 مىڭ كوي.

Sal_man يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 15:40:28

بالا، ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ، دادىسىنىلا بىلىدۇ دېگەن گەپ .

merwayit يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 15:44:51

توۋا خۇدايىم ، بىر چاغدا كورىيەنىڭ شۇنداق بىر كىنوسىنى كۆرگەنىدىم .

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 15:50:02

قورقۇنىچلۇق.............موھتاجلىقتىن  قىلدۇدە ئۇلارمۇ

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 16:15:31

مەن بەك زاماننىڭ ئارقىدا قالدىممۇ نېمە؟ بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئەمدى ئاڭلىشىم.   قىلمايدىغان قىلىقى يوقكەن بۇلارنىڭ. بۇمۇ ئەمدى زامانىۋى تېخنىكىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟؟

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 16:22:47

شۇ تاپتا سەھىيە ساھەسىدىكى قىززىق نۇقتا خەۋىرى ھېسابلانغان گۇاڭجۇدىكى 8 كېزەك بوۋاق ۋەقەسىنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن كۆرۈڭ!


مەنزىل: http://news.eldawa.com/exposure/2011/1223/1495.html

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-23 17:45:34

ۋاكالاتەن «تۇغۇپ »بەرگۈچە ،  ۋاكالاتەن تۇغۇپلا بەرسىچۇ.

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 00:10:01

ئىلگىرى «بالىياتقۇنى ئىجارە بېرىش» دەيدىغان گەپ بار ئىدى ... يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ گەپ مودا بولىدۇ ياكى يېڭى ۋارىيانتى چىقىدۇ

erdewil يوللانغان ۋاقتى 2011-12-24 10:59:41

قانۇنسىز قىلىمىش قاتارىغا كىرىپ بولدى بۇ ئىش! ھۆكۈمەت قاتتىق چەكلىمەكچى بۇنداق ئىشلارنى!!!
بەت: [1]
: ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنىڭ سىرى