ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالى بېسىپ چىقىرىش
خىزمەتتە ياكى ئۈگىنىشتە بولسۇن، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالى قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە ماتېرىياللىرىمىزنى بېسىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلارغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالىنى قاچىلانغان بولسىمۇ، لىكىن ماتېرىيالىمىزنىڭ خەت نۇسخسىنى تونۇيالماي، ھەرپلەر ئۇلاشماي چىقىۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا جىددىيلىشىپ ئىككىلىنىپ قالماڭ، دەرھال تۆۋەندىكى ئەپچىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، سىزگە چوقۇم ئەسقىتىپ قېلىشى مۇمكىن.ئاۋال كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە Word ماتېرىيالىڭىزنى ئېچىپ ctrl+a نى بېسىپ بارلىق مەزمۇننى تاللايسىز، ئاندىن ( 工具(Tنى بېسپ 选项 تۈرىنى ئاچىسىز.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل كاتەكچىدىكى تۈرنى تاللاپ، ئاخىرىدا 确定 نى بېسىپ جەزىملەشتۈرىسىز. ئاندىن ماتېرىيالىڭىزنى بارماق دېسكىغا ساقلىۋىلىپ، كېرەك بولغاندا ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان ھەر قانداق كومپيۇتېرغا تونۇتۇپ بېسىپ چىقىرىش مەقستىگە يېتەلەيسىز.

خەت شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىشخانىمىزدا بەك كۆپ ئىشلىتىمىز. باشقا كومپۇيوتۇردا نورمال كۆرۈنەمدۇ ؟ بولىدىغان چارىدەك قىلىدۇ . ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بېسىپ چىقىرىشقىلا بۇلىدۇ.
3- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بېسىپ چىقىرىشقىلا بۇلىدۇ.
باشقا كومپيۇتوردا نورمال كۆرۈنمەيدۇ دىمەكچىما ؟ نورمال كۆرۈنىدۇ، بېسىپ چىقىرالايسىز خالاس، ئەمما ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ شۇ. ماشتاق دىمەكچى.
6- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماشتاق دىمەكچى.
ھىس قىلدىم، كاتىپلىققا يارىغىدەكمە قانداق كومپىيۇتېرلار ئۇيغۇرچە تونىمايدىكەن؟
مەن ئادەتتە بىر نەچچە خىل ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ياكى ئەلكاتىپ يۇمتالىنى بارماق دېسكا ، نۇر دېسكا دىگەندەك قاتتالغا كۆچۈرۈپ يانچۇغۇمدا ئېلپ يۈرۈيمەن.
-fonts--windows--- ---Disc Cدىن قوللانغان خەت شەكلىنى تاللاپ ئېلىۋېلىپ، بېسىپ چىقارماقچى بولغاندا پىرىنتىرغا ئۇلانغان كومپيۇتىردىكى يەنە مۇشۇ ھۆججەت خالتىسغا قويۇپ قويسىلا خەت شەكلى نورمال كۆرۈنىدۇ، ئۆزگەرتكىلىمۇ بولىدۇ
بۇ مەن بىلىدىغان ھەم قولاي، ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
خەت نۇسخسىنى سىڭدۈرۋېتىش ھەقىقەتەن بىر قەدەر قولايلىق ،يامان يىرى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ...پىدايى خېنىمنىڭ ئۇسۇلى بىر قەدەر ياخشى....
8- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قانداق كومپىيۇتېرلار ئۇيغۇرچە تونىمايدىكەن؟
بۇ گەپتىن تۇرۇپلا مۇنداق خىيالغا كېلىپ قالدىم،
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولۇپمۇ كىرگۈزگۈچلەر پايدانغا كەلگەن چاغلاردا باھاسى ئۇنچە يۇقۇرى بولمىغان بولسا خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ تارقىلىشى تېخىمۇ كەڭ بولامتىكىن...
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمتالىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ئەلپىدا خەت كىرگۈزۈش يۇمتالى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دىتالى بولغاچقا كۆپلىگەن ئىدارە، ئورگانلار، شەخسىيلەرنىڭ كومپيۇتېر خىزمەتخانىلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كومپيۇتېرىلىرىدا ھىلىھەممۇ قوللىنىۋاتىدۇ. يۇقىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ماتېرىياللىرى ئەلكاتىپ نۇسخىسىدا ئەۋەتىلگەچكە خەت نۇسخسى ئۆزئارا قوللىمىغانلىقىتىن خەتلەر ئۇلاشماي چىقىۋالىدىغان ئەھۋاللار دائىملا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىشنى كۆپلىگەن كىشى بىلمەيدۇ، بىلسىمۇ يۇمتالنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلايدۇ.جىددى خىزمەت ئىشى بىلەن باشقا بىر يېزىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىشلەتمەكچى بولۇپ، ماتېرىيالنى كيۇ كيۇ ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ، ئېچىپ قارىساق ئەلپىدە خەت نۇسخىسى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرىمدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئەلكاتىپ نۇسخىسىنى يۇيۇۋىتىپ ئەلپىدا يۇمتالىنى قاچىلىدىم، لېكىن پەقەتلا قاچىلانمىدى، باشقا ئىشخانىلارنىڭكىگە قاچىلاپ باقساقمۇ بولمىدى. مۇشۇنداق قىلىپ بىر ھازا ھەپىلەشسەكمۇ قىلالمىدۇق.
ئويلاپ قالدىم: خۇددى يۇقارقى ئەھۋالغا ئوخشاش ئومۇم ئۈچۈن بىرەر نەرسە كەشىپ قىلىنغاندا ئەڭ ئاۋال ئوتتۇرا ياكى باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنى ئويلاش كېرەك ئىكەن، بولمىسا بىھودە ئاۋارچىلىققا يولۇقىدىكەنمىز. تۈرلۈك قايمۇقۇشقا ئۇچرايدىكەنمىز. گەرچە ئەلكاتىپ ۋە باشقا كىرگۈزگۈچلەر ئەلپىدادىن ئىلغار بولسىمۇ، لىكىن 1-ئەۋلاتنىڭ ئورنىنى ئالالمىدى، تولۇقلىيالمىدى. ۋەھاكازالار....
دېمەك، ئەجدات بىلەن ئەۋلات ئۆز ئوتتۇرىسىدا ئۆزۈكچىلىك پەيدا قىلىش ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدىكەن.
مېنىڭ بىشىمنىمۇ جىق ئاغرىتقان مۇشۇ ئىش.بەزى كومپىيوتېرلارنىڭ سېستىمىسىدا تېخى ئەرەب تىلى رايونىنىمۇ تولۇق قاچىلىمىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.
بۇنداق چاغدا ئەلكاتىپنىمۇ قاچىلىيالماي جىق ئىش ئوشالغان.
10- قەۋەتتىكى Pidayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
-fonts--windows--- ---Disc C
دىن قوللانغان خەت شەكلىنى تاللاپ ئېلىۋېلىپ، بېسىپ چىقارماقچى بولغاندا پىرىنتىرغا ئۇلانغان كومپيۇتىردىكى يەنە مۇشۇ ھۆججەت خالتىسغا قويۇپ قويسىلا خەت شەكلى نورمال كۆرۈنىدۇ، ئۆزگەرتكىلىمۇ بولىدۇ
بۇ مەن بىلىدىغان ھەم قولاي، ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
تەپسىلىيرەك دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . رەھمەت
ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتى خېلى كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ ئىشلەپ، ھەقسىز تارقاتقان كىرگۈزگۈچ ۋە كود ئالماشتۇرغۇچ بار، خەت نۇسقىلىرىمۇ يامان ئەمەس، ئەمما، كود ئۆزگەرتىش قورالى بەك ياخشى، نەچچە مىڭ بەتلىك ھۆججەتنىڭ كودىنى بىر سىكونت ئىچدىلا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھەقسىز تارقاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. قارىغاندا ئومۇملاشمىغان ئوخشايدۇ.
بەت:
[1]